ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى(UKIJ) نىڭ 2-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خاتىرىسى

 

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (UKIJ) نىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىن 7-دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دىن ئەتىسى ئەتتىگەن سائەت 1:30 غىچە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىن 10-دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:40 تىن ئەتىسى ئەتتىگەن سائەت 0:30 غىچە مەزكۈر جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئىشلىتىدىغان چايخانىسى http://chayxana.ukij.org غەلبىلىك ئېچىلدى. يىغىنغا UKIJ نىڭ رەئىسى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنغا مەزكۈر جەمئىيەت ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن ئابدۇرېىھم (abdireyim) ، ۋاھىت(newruz)، ۋارىس ئا. جانباز(admin)، ئىزباس ئالىم(Izbas) قاتارلىق ئەپەندىلەر، ئۇيغۇرسوفت شېركىتىدىن ئالىم ئەھەد(uighursoft) ئەپەندى ۋە فونت ئۇستىللىرىدىن ئادىلجان ئابلىز(IMU) ھەم مەمتىمىن(Alyar) ئەپەندىلەر بولۇپ جەمئىي 7 كىشى قاتناشتى (يىغىندا ئىشلەتكەن تەخەللۇسى ئىسمىنىڭ ئاخىرىدا لاتىن ھەرپلىرىدە قوشۇلدى). بۇ باسقۇچلۇق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئۇيغۇرسوفت شېركىتى دىرېكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ UKIJ گە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىردى.

2. ئىسىم تاللارشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن تۆۋەندىكى فونتلارنىڭ نامى مۇقىملاشتۇرۇلدى.

ئادىلجان ئابلىز فونتلىرى: UKIJ Jelliy, UKIJ Diwani, UKIJ Diwani Yantu, UKIJ Esliye Tom, UKIJ Esliye Qara, UKIJ Kufi Yay, UKIJ Kufi Yay Tom

ئۇيغۇرسوفت فونتى: UKIJ Basma

مەمتىمىن: UKIJ Zilwa

(ئىسىم قويۇلغان فونتلارنىڭ تولۇق تىزىملىكى UKIJ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ ھەم شۇ نام ئىشلىتىلگەن فونتلار ھەقسىز تارقىتىلىدۇ)

بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىننىڭ تەپسىلىي خاتىرىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

 

ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىنغا مەزكۈر جەمئىيەت ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن ئابدۇرېىھم (abdireyim)، دىلشاد پەرھاد(Ataman)، غەيرەت توختى كەنجى(Gheyret)، ۋاھىت(newruz)، ۋارىس ئا. جانباز(admin) قاتارلىق ئەپەندىلەر؛ ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىرلىككە كېلىشكە كۈچ قوشۇپ كېلىۋاتقان ئادىلجان ئابلىز(IMU)، ئارسلان (bilik)، ئابلىكىم (Mujahid ئا.ئا. ئۇچقۇن(uchqun ئەركىن(Batur تۇرسۇنجان مەمتىمىن (Dilkesh تۇرغۇن مۇھەممەد (bilge) ، تۇرغان (ALPIDA)، دىلمۇرات(sada قۇربانجان(kurbanjanمەمتىمىن(Alyar مۇھەممەد ئېزىز (uyghurnet مۇھەممەد ئابدۇللا(Muhammad ئوسمان (UUSRC)، ئۆمەر ئابدۇراھمان(uqkun ئىسمائىل نىيار(Alnuri)، ياسىن ئىمىن (Erwah4)... قاتارلىق ئەپەندىلەر بولۇپ(ئىلگىرى-ئاخىرى) جەمئىي 60 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى(يۇقىرىدىكى ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى). بۇ باسقۇچلۇق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

1. بىر قىسىم فونتلىرىغا داۋاملىق نام بېرىلدى.

UKIJ Kufi Uz, UKIJ Kufi Tar, UKIJ Esliye Neqish, UKIJ Ruqi Gul

2. مەزكۈر جەمئىيەت نىزامنەمىسىگە ئەمەل قىلىش ھەم مەزكۈر جەمئىيەت تور بېكىتىدە ھەر ئايدا كەم دېگەندە 4 پارچە خەۋەر ئېلان قىلىش شەرتىنى قوبۇل قىلىدىغان يېڭى ئەزالار قوبۇل قىلىندى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

http://www.bilik.cn/   http://www.yulghun.com/    http://www.bilge.cn/    http://www.uqkun.com/   http://www.yengiesir.com/    http://www.uyghurnet.com/    http://elnuri.oyghan.com/ http://www.ilqi.com/   http://www.nawkiran.net/   http://www.uighurlinux.com/  http://www.uighurwindows.com/ 

يۇقىرىدىكى ئەزالار بۇرۇنقى ئەزالار تىزىملىكىگە قوشۇلۇق موشۇ يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ UKIJ باش بېكىتىگە ئۇلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان ياكى ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ئالدى بىلەن UKIJ تور بېكىتىنى نىزامنامىدە بەلگە ئۇلاپ بولۇپ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3. «ھەمزە» نى كىرگۈزگەندىكى «نورمالسىز كۆرۈلۈپ قېلىش» ھادىسىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 0626 نى داۋاملىق ئىشلەتكەن ئاساستا ئۇنىڭ «ئاخىرى ۋە يالغۈز» شەكىللىرىنىڭ ئورنىغا «باش ۋە ئوتتۇرا» شەكلىنى قويىۋېتىش خاتا دەپ قارالمايدىغان بولدى. بەزىلەرنىڭ «ھ» ھەرپى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كودىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ،  http://uey.ukij.org/modules.php?name=NukeWrap&page=unicode دىكى ئۆلچەملىك كودقا چۈشمەيدىغان ھەر قانداق كودنى ئۆلچەمسىز دەپ قارايدىغانلىق قارار قىلىندى.

4. بارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرنىڭ UKIJ بىرلىككە كەلتۈرگەن فونتلارنى ئىشلىتىشى تەشەببۇش قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، EOT فونت ئىشلەتمەي تور بېكەت ياساشتا ئۈلگە بولۇش قاتتىق تەكىتلەندى، بىراق ئۇنداق قىلىشنىڭ مەجبۇرلاش ئەمەسلىكىمۇ ئەسكەرتىلدى.

5. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەركىن ئەپەندىنىڭ دوكىلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئېلان قىلىنغان فونت ئۆلچەملىرىگە نىسبەتەن ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىش يۈزىسىدىن، UKIJ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش قارار قىلىندى. ھەمدە، UKIJ نىڭ ھەر قانداق تەتقىقات ئورنى ياكى شېركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىقا ۋە ئۆز ئارا نازارەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

6. ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە قىسقىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە فونتلارنىڭ ناملىرىنى ھەرخىللاشتۇرماي ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ناملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەمدە يېڭى تەتقىقات تېمىلىرىغا كۆچۈش، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ لازىملىقى تەكىتلەندى.

7. UKIJ نىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEY) ئىشلەتكەن ياكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY ياكى UKY) ئىشلەتكەن تور بېكەتلەر ئارىسىدا ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ بېرىش تەكلىپى بېرىلدى.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىننىڭ تەپسىلىي خاتىرىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

 

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى

http://www.ukij.org/

2004-يىل 13-دېكابىر

خۇلاسىلەپ خەۋەر قىلغۇچىلار: ۋاھىت (http://www.shehrizat.com/index.php )، ۋارىس ئا. جانباز (http://www.oyghan.com/)

ئەليار (http://bilik.cn)

(بۇ مەزمۇننىڭ  http://www.ukij.org  دىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر قانداق تور بېكەتتە ئۆز پېتىچە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.)

پايدىلىق ئۇلىنىشلار:

 http://shehrizat.com/teshwiq/

 http://www.bilik.cn/teshwiq/

 http://www.oygak.com/teshwiq/

 http://www.diyarim.com/teshwiq/

 http://www.izdinix.com/teshwiq/

 http://www.yulghun.com/teshwiq/

 http://www.alyar.net/teshwiq/

 http://www.nurlan.cn/teshwiq/

 http://blog.aramga.com/teshwiq/

 http://www.yengiesir.com/teshwiq/

 

 

ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى: Uyghur Unicode IME 2.0

تەھرىرلەش قۇراللىرى:Uyghuredit , يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ

تېخنىكىلىق ماتىرياللار بار تور بېكەت ئۇلانمىللىرى:

http://www.oyghan.com

http://www.yulghun.com

http://kenjisoft.homelinux.com/