(بۇ ماتېريال ULY HTML فورمات، UEY HTML فورمات، PDF فورماتلاردا تارقىتىلدى)

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-- ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لاھىيىنى ئەستائىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاھىيە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومېتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن.

UKY نىڭ بىرلىككە كېلىشى موشۇ بەتتە ساقىت قىلىنغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخىس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. UKY ئېلىپبەسى نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بېكەتلىرى، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەم باشقا ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. UKY ئېلىپبەسى جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە:


(تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن موشۇ رەسىمنى ئىشلىتىڭ)

ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM دا تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.
2. [zh] بولسا «ژ» (ژۇرنال) ھەرپىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تولۇقلىما سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ژۇرنال [zhurnal] .


دىققەت: 2005-يىلىنىڭ باشلىرىدا تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دەپ ئېلىش مۇۋاپىق كۆرۈلگەن . بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت UKY نىڭ كومپيۇتېر تىلى/يېزىقى بولغان 0 ۋە 1 لەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ كىشىلەردە ئاتالغا ياكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. UKY ۋە ULY لار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئارىسىدا قىسقارتىلما ئاتالغۇ شەكلىدە ئىشلىتىلگەندە ماس ھالدا«ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئوقىلىدۇ (يەنى قىسقارتىلغان سۆز «ش ئۇ ئا ر» نى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئوقىغاندەك).


UKY مۇھاكىمە يىغىنلىرى

ۋاقىتلىرى: 2000- يىلى 24- نويابىر (1- نۆۋەتلىك)
2000- يىلى 1- دېكابىر (2- نۆۋەتلىك)
2000- يىلى 14- دېكابىر (3- نۆۋەتلىك)
2001- يىلى 9- ئىيۇن (4- نۆۋەتلىك)
2001- يىلى 3- ئىيۇل (5- نۆۋەتلىك)
ئورنى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى 2
-قەۋەت يىغىن زالى


UKY غا ئائىت خەۋەرلەر ۋە ماقالىلەر ئارخىپلىرى

1. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2000-يىل 16-دېكابىر (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى .jpg فورمات)
2. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى 2000-يىل 25-دىكابىر (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى .jpg فورمات)
٭3. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانال(XJTV-2) دە 2001-يىلىنىڭ بېشىدا تارقىتىلغان UKY غا ئائىت مەخسۇس خەۋەر ۋە شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرنى ئارخىپ سۈپىتىدە تەمىنلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
4. تورىدىكى ئارخىپ: http://www.voy.com/37018
5. An Introduction to Latin-Script Uyghur (by Jean R. Duval, Waris A. Janbaz, 2006).


تەشەككۈرلەر

UKY نىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تۆۋەندىكى ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ياكى پىكىر بېرىش ئارقىلىق قىلغان ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ:

ئابلەت ئابدۇرىشىت (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى سابىق رەئىسى): ھۆكۈمەت نامىدىن UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى ئويۇشتۇرغانلىقىغا رەھمەت.

تۇرسۇن ئەرشىدىن (ش.ئۇ.ئا.ر خەلق قۇرۇلتىيى):  UKY نى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەنقىدىي پىكىرلەرنى بېرىپ، چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت.

مىرسۇلتان ئوسمان (تىلشۇناسلىق ئالىمى): 2001-يىل 20-ئىيۇل بەزى ھەرپلەرنى بېكىتىشتە ۋە    UKY  ئىملاسى توغرىسىدا مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگىنىگە ئالاھىدە رەھمەت.

ھوشۇر ئىسلام، ۋارىس ئا. جانباز (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى): ھەر قېتىملىق UKY ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا دەسلەپكى لاھىيە تەكلىپى تۈزۈپ تەشكىللەش ۋە تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلىگىنىگە رەھمەت.

ئابدۇرېھىم، مۇھەممەد ئەردەم: UKY نى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى تور بېكەتلىرىدە ئىشلىتىش ئارقىلىق توغرا تەشۋىق قىلىش يولىدا 4 يىلدىن بۇيان تەۋرەنمەي ئىزدىنىپ تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستائىدىل جاۋاب بېرىپ كۆرسەتكەن ئەجرىگە كۆپ رەھمەت.

ئىبراھىم مۇتىھى، مۇھەببەت قاسىم، مىرسۇلتان ئوسمان، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، رازاق مەتنىياز، تاھىر ئابدۇۋەلى، ئەنۋەر ئەخمەت، جامىلە ساتتار، ئارسىلان ئابدۇللا قاتارلىق ئالىم، دوكتۇر، پروفېسسور ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىگە رەھمەت

تىلشۇناسلار

ھۇشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم، مىرشات لېتىپ، ئالىم ئەھەد، ياسىن ئىمىن، ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز، پەرھات مۇھەممەد، مىجىت ئابلىمىت، ئەركىن ئىمىر قاتارلىق پروفېسسور، دوتسىنت ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىگە رەھمەت.

كومپيۇتېر مۇتىخەسىسلىرى

تاشپولات تىيىپ (دوكتۇر)، ئارسىلان ئابدۇللا(دوتسىنت)، تۈرگۈن ئىبراھىم(دوتسىنت) يىغىننى قوللىغانلىقىغا ۋە تەشكىللەش جەھەتتە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى

مىجىت خۇدابەردى (پروفېسسور)، ياسىن غۇپۇر، مەمتىمىن غېنى(دوكتۇر)، رازاق مەتنىياز (پروفېسسور)، ئابدۇكېرىم راخمان(پروفېسسور)، قەيسەر قادىر، ئايقىز قادىر، راخمانجانلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىگە رەھمەت.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرى

ئابدۇرۇسۇل كىچىكاخۇن، ھوشۇر ئىسلام، ياسىنجان مەمەت، مۇتەللىپ مامۇتلارنىڭ ماتېريال، يىغىن ئورنى تەمىنلىگەنلىكىگە ۋە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى،
863 تەتقىقات گورۇپپىسى

نىجات، نەجمىدىن، مۇھەممەد ئەردەملەرنىڭ لاتىن يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشى ۋە باشقا جەھەتلەردە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت.

جەمئىيەت ئەربابلىرى

ئابدۇرېھىم، نىياز، «بوران»، ئالىمجان، ئالىجان، «پالۋان»، «قىززىقچى»، تۇرسۇن، دىلمۇرات، ئابدۈشكۈر، «تىلشۇناس»، «ئادىل»، مۇختار ... قاتارلىقلارنىڭ تور ئارقىلىق يىغىندىكىلەرگە قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئايىمىغانلىقىغا رەھمەت. (تەپسىلى پىكىرلەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.)

توردا پىكىر بەرگەنلەر

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى، ئۈرۈمچى كېچلىك گېزىتى (مۇخبىر: نىياز)، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى، مەرھۇم «ماكانىم» تور بېكىتى، مىسران تور بېكىتى، ئويغان تور بېكىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ UKY نى توغرا تەشۋىق قىلىغىنىغا رەھمەت.

مەتبۇئات ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرى

UKY نى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا ئىلمىي يۇسۇندا سەلبىي پىكىرلەرنى بېرىپ، مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلغان ھەم مۇنازىرە مەزمۇنىنى بېيىتقان كىشىلەرگە رەھمەت. UKY نى ئىشلىتىپ تور بېكىتى ياساپ توغرا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، ۋە UKY غا ئائىت يۇمشاق دېتاللارنى ياسىغانلارغىمۇ رەھمەت.

باشقىلار


UKY  ئىملا قائىدىسى


بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا خەت يازغاندا تۆۋەندىكى قائىتىلەرگە بويسۇنۇش كېرەك:

1. جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

2. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى، دۆلەت ناملىرى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi

3. خاس ئىسىملارنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. چەتتىن كىرگەن خاس ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىلىدۇ، ئەسلى شۇ تىلدا يېزىلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن: Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Nyuyork (New York), Béyjing (Beijing), Arman

4. قىسقارتىلغان ئىسىملار چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: AQSh, BDT, UKY

5. خەلقئارا بىرلىكلەر، قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە تاۋار ناملىرى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft

6. قىسقارتىلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە قوشما ھەرپ بولسا شۇ ھەرپنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ يېزىلىپ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ، ShUAR شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

7. مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni

8. يۇقىرىكىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا ھەرپلەر بىردەك كىچىك يېزىلىدۇ.

9. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف (') بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: sen'et, chet'el, qet'iy, jem'iyet

10. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف بىلەن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر گراماتىكىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر بوغۇمدا بىر سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشىنىگ ئۆزىلا بوغۇم ئايرىشنىڭ بىشارىتىدۇر.

مەسىلەن: maarip, muellim, daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet

11. پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن s'h, n'gh, n'g, ng'h لار ئارىسىغىمۇ ئاپوستروف قوشۇپ قويىلىدۇ.

مەسىلەن: Is'haq, Özbékistan'gha, Hin'gan, Cheklen'gen, Ganggirap, Bashlan'ghuch.


UKY رەسىملىك ئېلىپبەسى

ئاپتورى: ئابدۇرېھىم (ھەرپلەرنى چەكسىڭىز مىساللارنى كۆرەلەيسىز)

ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى رەسىملىك ئېلىپبەسى

ئاپتورى: ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز

يۇقىرىدىكى رەسىملىك ئېلىپبەنى A4 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قەغەزگە يۇقىرى ئېنىقلىقتا بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھوججەتلەردىن پايدىلىنىڭ:

1. PSD فورمات (22 مب): باسقاندىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى. ئۇنى ئېچىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزدا Adobe Photoshop ۋە UKIJ Tuz Tom دېگەن فونت بولىشى كېرەك.
2. PDF فورمات (685 كب): باسقاندىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال. ئۇنى ئېچىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزدا Adobe Acrobat Reader بولىشى كېرەك.
3. GIF فورمات (2.08 مب): باسقاندىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرىدىكىلەردىن تۆۋەن.

ئەسكەرتىش: ئەگەر تەشۋىقات قىلىشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى تەپسىلاتلارنى ياخشى ئوقۇڭ. «يېزىق ئۆزگەرتىدىكەنمىز...» ، «ULY نى ئىشلىتىش ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى ئىسلاھا قىلىش...» دېگەندەك خاتا تەشۋىقات ئېلىپ بارسىڭىز ئاشكارا تەنقىد قىلىنىسىز.

© بۇ ماتېرياللار دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن Oyghan.com دىن ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ۋە Misran.cn دىن ئابدۇرېھىم تەرىپىدىن تەييارلاندى. پايدىلانسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى www.ukij.org دىن» ياكى يۇقۇردىكى تور بېكەتلىرىنىڭ بىرىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ، رەھمەت.

بۇ ھۆججەت ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2004 - يىل 10 - ماي
ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2006-10-19 14:30

(بۇ ماتېريال ULY HTML فورمات، UEY HTML فورمات، PDF فورماتلاردا تارقىتىلدى)