تېمىسى: قاتتىق دىسكىدىكى UBUNTU غا تەقسىم قىلىنغان سىغىمنى چوڭايتىش ئۇسۇلى
majeed
رەسىمي ئەزا
Rank: 2



UID 38
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 59
يازما 59
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-5-23
ئورنى ürümchi
ھالىتى توردا يوق
قاتتىق دىسكىدىكى UBUNTU غا تەقسىم قىلىنغان سىغىمنى چوڭايتىش ئۇسۇلى

linux ubuntu نى ئىشلىتىۋاتقانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنى دەسلەپ قاچىلىغاندە بەزى كىچىك ھالقىلارغا دىققەت قىلىغانلىق سەۋەبىدىن بەزىبىر  ئاۋارىگەرچىلىككە دۇچ كېلىپ قالىمىز .
مەسىلەن : ۋىندوۋىس شارائىتىدا  مەلۇم بىر دېسكىغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ سىناپ بېقىشنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلايدۇ ۋە قاچىلىغان چاغدا UBUNTU  سېستىمىسى ئۈچۈن 5،6 گېگا بايتىلىق سىغىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ ( قاچىلاش جەريانىدا سىغىم چوڭ -كىچىكلىەىنى سۇرايدۇ) ، ئۇبۇنتۇ قاچىلىنىپ بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا دائىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ  نەشرىنى كۆتۈرۈش  سەۋەبىدىن بۇرۇنقى 5-6 گېگا بايىتلىق ھەجىم توشۇپ قالىدۇ دە، يۇمشاق دېتاللارنىڭ نەشرىنى ئۆرلىتىش ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ،
سېستىمىنى قايتا قاچىلاش ئارقىلىق سىغىمنى قايتا تەڭشەش  ئاۋارىگەرچىلىك بولغاچقا، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن بۇ نۇقساننى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
ئاۋۋال ئۇبۇنتۇ شارائىتىدا تۇرۇپ  مۇنۇ دېتالنى توردىن چۈشىرىپ قاچىلايمىز : http://lubi.sourceforge.net/lvpm.html
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن( بۇ دېتال ئىسمى LVPM   )    سېستىما قۇرالى ئىچىدىن تاپالايسىز  ( 应用程序 -- 系统工具 ) .
ئۇنى قوزغىتىپ،
رەسىمدىكى resize  نى بېسىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشىسەك بولىدۇ ، ( ئادەتتە 5 گېگا بايتى مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى ئەسلىدىكى سىغىم بىلەن قۇشقاندا خېلى كۆپ بولغان بولىدۇ )
شۇنىڭ بىلەن ئۇبۇنتۇ دېسكا رايۇنى قايتىدىن تەڭشىلىشكە باشلايدۇ، بۇ تەڭشىلىش سۈرئىتى بەكمۇ ئاستا بولۇپ ، سىزنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ( باشقا خىزمەتلەرنى قىلىۋېرىڭ ، بىراق كومپىيوتېر سۈرئېتى سەل ئاستىلىۋالىدۇ )
بۇنىڭ تاماملىشى ئۈچۈن، 2-3 سائەت كېتىشى مۈمكىن، بىراق بۇ تۇراقلىق ئەمەس،
مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ، تاماملاندى،... دىگەندەك(ئېنگىلىزچە )  ئۇچۇر چىقىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ۋەزىپىنىڭ بىرىنجى قىسمى تۈگىگەن بولىدۇ،
ئەمدى كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ، WINDOWS قا كىرىپ، ئۇبۇنتۇ قاچىلانغان قاتتىق دېسكىدىن disk دىگەن ھۆججەتنى تاپىمىز، ئۇ ھۆججەتتە new.disk، root.disk، swap.disk دەپ 3 دانە ھۆججەت بار، بىز ئاۋۇ root disk نى كېسىپ ئېلىۋېتىپ  ( ياكى ئۆچۈرۈۋېتىپ) new.disk  ئىسمىنى root.disk  قا ئۆزگەرتىپ قويساقلا ئىش تامام بولىدۇ.

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: majeed ، ۋاقتى: 2009-2-3 08:03 ]


ئەڭ يېڭى باھا خاتىرىسى
Perhat_k   2009-2-4 08:26  شۆھرەت  +5   قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن




www.ukij.org/teshwiq
چوققا
Eltekin (تەشۋىقات بۆلۈمى)
مۇنبەر باشقۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9



UID 25
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 149
يازما 182
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-22
ھالىتى توردا يوق
  چوڭ ئوتتۇرا كىچىك
يوللىغان ۋاقىت: 2009-6-20 17:54  ئارخىۋى  BS بېتى  قىسقا ئۇچۇر  دوستلاش  Eltekin نى MSN دوستى قىلىش MSN ئارقىلىق Eltekin  بىلەن پاراڭلىشىش
ھازىر لىنۇكىس لارنىڭ يېڭىلىنىشى تىز بولماقتا....
مىنىڭچە لىنۇكىس بىلەن ۋىندوۋس نىڭ  رىقابىتىنى  firefox  بىلەن   IE نىڭ رىقابىتىگە ئوخشاتساق قانداق بۇلاركىن، يېقىندا Firefox نىڭ 3.5 نۇسقىسى تارقىتىلىدۇ... موزىللانىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە 3.5نۇسقىسىدا 5000خىل يىڭى ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن بۇلۇپ تارىختىكى ئەڭ كۆپ ئىقتىدارلار قۇشۇلغان ھەم يېڭىلانغان جاھاننامە دەپ قاراۋاتىدۇ...





-تەشۋىقات بۈلىمىدىن
چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT+6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 2010-9-10 20:41

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - UKIJ مۇنبىرى - Archiver - WAP