ئەسلى يوللىغۇچى:
Abdurehim ، ۋاقتى: 2010-7-20 13:53

مېنىڭچە ھازىرقى ۋەزىيتتە بىز Ubuntu نى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك مەسلىسىنى ئويلاشماي ئاۋال يەنىلا Ubuntuنىڭ تەرجىمە خىزمىتىنى قولدىن چىقىرىۋېتەيلى، چۈنكى بىز ئەتىنى، كەلگۈسىنى بىلگۈچى ئەمەس، بىزدە ھازىر بۇ سىستېمىنى قوللانغۇچىلار دەرۋەقە ئاز، بىراق كەلگۈسىدە ئەۋلاتلار ئىشلىتىپ قالار ھېچ بولمىسا تەرجىمىسىدىن بولسىمۇ پايدىلىنىپ باشقا سىستېمىلارغا قوللىنار.
----------------------------------------------------------------------
قىسقىسى مۇكەممەل پىلان بىلەن ئىش قىلايلى، بىر ئىككى كۈنلۈك ھاياجان بىلەن 4،5 مېگابايىتلىق كىچىك قوللىنىشچان دېتاللارنى تەرجىمە قىلىپ تاماملىغىلى بولغان بىلەن مەشغۇلات سىستېمىسى تەرجىمە خىزمىتى ئۇزۇن ۋاقىتلىق، كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت شۇڭا مايمۇن شاپتۇل يېگەندەك ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى چالا تاشلاپ يۈرمەي ئاۋال بىرنى مۇكەممەلرەك قىلىۋالساق ئاندىن شۇ قىزغىنلىقىمىز بىلەن يەنە بىرسىگە ئۆتسەك بولاتتى.
تەرجىمە قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەر، ماڭا ئوخشاش قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ھەھۇچىلار مۇشۇ سۆزىڭىزنىڭ ۋەزنىنى ئوبدان دەڭسەپ باقسا، سۆزىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالماس ئىدى.