تېمىسى: [ئۇقتۇرۇش] سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك شەكىللىرى توغرىسىدا
Admin
مۇنبەر باشقۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9



UID 1
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 24
يازما 8
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-2
ھالىتى توردا يوق
[ئۇقتۇرۇش] سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك شەكىللىرى توغرىسىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

جەمئىيىتىمىزنىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزەش چاقىرىقى (http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=431) ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=436 دىكى تېمىدا تۆۋەندىكى ئۈچ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر بولدى:

1) خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن كود Unicode نىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى(«ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسى؛

2)  Unicode قا كىرگۈزۈلمىگەن «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) دىن ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرىگە ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىپ (خالىغانچە) كود ئورنى بېكىتىپ ئۇلارنى بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسى؛

3) كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى.

يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق UKIJ مۇدىرىيىتى تۆۋەندىكىدەك قارارنى چىقاردى:

1. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرىنى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى (تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ) بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا؛ ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن بولغاچقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق قارار قىلىندى.

2. «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپنىڭ قوشما شەكىللىرىUnicode  قا كىرگۈزۈلىدىغان ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر ھوقۇقلۇق ئورگان بولغان «Unicode   ئىلمىي جەمئىيىتى» (http://www.unicode.org) تەرىپىدىن http://www.unicode.org/charts/PDF/UFB50.pdf دىكى كود جەدۋىلىگە قوشۇلمىغاچقا ئۇلارغا ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىپ خالىغانچە كود بېرىش مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. ھەمدە ئۇلارنىمۇ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق قارار قىلىندى.

3. كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپ-بەلگىلەر فونتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاپتوماتىك شەكىل تاللاشتا (باش، ئوتتۇرا، ئاخىر، يالغۇز) ئىشلىتىدىغان بولغاچقا؛ ئۇلارنى ئىشلىتىش ھەر خىل يۇمشاق دېتاللاردا ۋە توردا ئىزدەش، تەھرىرلەش ... قاتارلىق مەشغۇلاتلاردا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا ئاساسى رايوننى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپ-بەلگىلەرنى بىۋاستە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەمما ئاساسى رايوننى قوللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچە تېكىستنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەرنى ئىشلىتىش خاتا دەپ قارالمايدۇ.

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقىرىدىكى قارارغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇندىن كېيىن ياسايدىغان فونتلىرىغا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرىنى قوشماي، بۇندىن كېيىن تارقاتماقچى بولغان يۇمشاق دېتاللىرىدا 2004 -يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىنى (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ) ئاساس قىلغان ھالدا ئاساسى رايون ھەرپلىرىنى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىشىنى سورايمىز.



ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2008-يىل 6-دېكابىر

(بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)





ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
http://www.ukij.org
admin@ukij.org
چوققا
nurqut
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 685
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 38
يازما 35
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 2008-5-4
ھالىتى توردا يوق
بۇ قارارنىڭ چۈشكىنى بەك ياخشى بولدى . ھېلىمۇ خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ھەرپلەرنىڭ مەسىلىسى .. ..

بۇ قارار  ئىنتىل سەيناسى ۋە نۇرقۇت دۇنياسىغا يوللىنىپ ، مەزكۇر تېما تەۋسىيە قىلىندى

چوققا
afrasiyab
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 161
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 31
يازما 25
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-6-19
ھالىتى توردا يوق
ناھايتى ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ.بۇ كۈننى ساقلىغىلى ئۇزۇن بولغان،رەھمەت.





پالۋان كىرگۈزگۈچلىرى
چوققا
Intil
دائىمىي ئەزا
Rank: 8Rank: 8



UID 22
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 198
يازما 233
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-12
ئورنى قەشقەر شەھرى
ھالىتى توردا يوق
يادىمدادا تەۋسىيە قىلىندى http://www.yadimda.com/viewthread.php?tid=2382





كومپيۇتېر ۋە office بىلىملىرى www.intil.cn
چوققا
Alpsoft
دائىمىي ئەزا
Rank: 8Rank: 8



UID 545
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 45
يازما 51
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-12-18
ھالىتى توردا يوق
مۇشۇ تېمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھېيت مەزگىلىدە، مەن UKIJ Tuz Tom نىڭ بىر قانچە كۈنلەر ئاۋۋال يوللانغان سىناق نۇسخىلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىم ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايون ھەرپلىرىنى ئايرىپ جەدۋەللىدىم، ھەمدە 18 دانە قوشما ھەرپنى چىقىرىۋەتتىم. شۇنىڭدەك، ئالدىنقى ۋاقىتلاردا تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ تۈزىتىلدى.

سىناق خەت نۇسخىسىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ!

Http://www.alpsoft.cn/fonts/ukijtut1215.ttf

چوققا
nurqut
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 685
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 38
يازما 35
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 2008-5-4
ھالىتى توردا يوق
ئەتە يوللايمەن دەپ قۇيۇپ ئەمدى يوللىدىڭىز ھە ؟ بەك ئالدىراشچىلىقتا ھېيتنى تۈگىتەلمەي قاپسىزدە؟  چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي

چوققا
Alpsoft
دائىمىي ئەزا
Rank: 8Rank: 8



UID 545
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 45
يازما 51
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-12-18
ھالىتى توردا يوق
سىناققا قاتنىشىۋاتقان تورداشلار جاپا تارتىدىغان بولدۇڭلار، رەھمەت.

چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT+6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 2010-2-9 09:14

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - UKIJ مۇنبىرى - Archiver - WAP