تېمىسى: ئۇيغۇرئېدىت ۋە كەنجى كوررېكتور يېڭىلاندى
غەيرەت
مۇنبەر باشقۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9



UID 11
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 91
يازما 91
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-4
ھالىتى توردا يوق
ئۇيغۇرئېدىت ۋە كەنجى كوررېكتور يېڭىلاندى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
ئۇيغۇرئېدىت ۋە كەنجى كوررېكتور يېڭىلاندى يېڭىلىقلار تۆۋەندىكىدەك.
1. http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21514 دىكى مۇزاكىرىلەرگە ئاساسەن سىزىق ۋە سىزىقچىنىڭ كودى ئۆزگەرتىلدى.
2. لاتىن يېزىقىدىكى ئايرىش بەلگىسى «'»  0x0027  نىڭ ئورنىغا «’» 0x2019 ئىشلىتىلدى(Word مۇ مۇشۇ ئىشلىتىلىدىكەن). ئۆزگەرتىشتىكى سەۋەب، بىر قىسىم پروگرامما تىلىدا ھەرپ تىزمىسىنى " بىلەن ئەمەس ' بىلەنمۇ ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، ئايرىش بەلگىسى بار سۆزلەر مەسىلەن Ma'arip دېگەننى ئىپادىلىگەن چاغدا 'Ma'arip' بولۇپ قېلىپ پروگراممىدا خاتالىق كۆرۈلىدىكەن.
3. كۇنۇپكىدىن تىرناق ()، «»، ‹›، لارنى بىرلا بېسىپ كىرگۈزىدىغان قىلىندى.
4. سلاۋىيان ۋە ئورتاق تۈرك يېزىقىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
5. ئىملا ئامبىرىنىڭ سۆزلۈكلىرى 810 مىڭغا يەتتى.
6. ۋەتەندىكىلەرنىڭ سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يۈسۈپجان تۇرسۇن ئەپەندى ۋاكالەتچى بولدى. شۇڭا ۋەتەندىكىلەر مەن بىلەن ئالاقىلىشىشتە قىينالسا بىۋاسىتە :يۈسۈپجان تۇرسۇن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.
تېلېفون:13899227595   QQ:772025559
ئاقسۇ شەھىرى پىيادىلەر كوچىسى جۇڭشىن(中信)كومپيۇتېر شەھەرچىسى 3-قەۋەت B رايون 11-دۇكان ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئاقسۇ باش ۋاكالەتچىلىك ئورنى قۇتيار كومپيۇتېرى

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://kenjisoft.homelinux.com/uyghuredit/
ياكى
http://210.194.205.44/uyghuredit/

چوققا
albert
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 141
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 23
يازما 33
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-6-6
ئورنى بىيجىڭ
ھالىتى توردا يوق
ئۇيغۇر ئېدىيتقا كىچىككىنە تەكلىپ .
ئىملا تەكشۈرۈش كۆرسەتمە رامكىسىنىمۇ ئەرەب يىزىقى ئاساسىدىكى مۇشۇ يىزىقىمىزغا تەڭشىگىلى بولسا.
سۆزلۈك ئامبرىنى سىرىتتىن يىڭىلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا.

چوققا
غەيرەت
مۇنبەر باشقۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9



UID 11
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 91
يازما 91
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-4
ھالىتى توردا يوق


نەقىل:
سۆزلۈك ئامبىرىنى سىرتتىن يېڭىلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا.

بۇ ئىقتىدار ئاللىقاچان بار ئىدىغۇ؟ ئۇيغۇرئېدىت ئورنىتىلغان مۇندەرىجە ئىچىدە Uyghur_User.dic دېگەن بىر ھۆججەت بار، بۇنى ئۇيغۇرئېدىتتا ئېچىپ توغرا بولغان سۆزلەرنى بىر قۇرغا بىر سۆز يېزىپ ساقلىسىلا بولىدۇ. مەن بۇ ئۇسۇلنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلمايمەن.
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل:
ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئۇيغۇرئېدىتتا تەكشۈرۈڭ، ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ئىملا ئامبىرىدا يوق سۆزلەر ئۇچرىسا ئىملا رامكىسى چىقىدۇ، سىز شۇ يەردىن ‹Lughetke QOshush›  نى باسسىڭىز  شۇ سۆز Uyghur_User.dic غا قوشۇلىدۇ.

چوققا
majeed
رەسىمي ئەزا
Rank: 2



UID 38
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 52
يازما 52
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-5-23
ئورنى ürümchi
ھالىتى توردا يوق
مەن يېڭى قۇشۇلغان  ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنى  سىناپ باقسام خاتالىق سادىر بولدى .
شۇڭا بۇنى ئېلىپ تاشلىۋەتسىڭىز ياكى مۇكەممەللەشتۈرگەن بولسىڭىز ناھايىتى ئوبدان بولغان بولاتتى .





www.ukij.org/teshwiq
چوققا
غەيرەت
مۇنبەر باشقۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9



UID 11
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 91
يازما 91
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-4
ھالىتى توردا يوق
قانداق خاتالىق سادىر بولدى؟ سىز ئىشلەتكەن فونتنى تەكشۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز يۇقىرىقى تېكىستنى فونتنى ئۆزگەرتىپ قايتا كۆرۈپ بېقىڭ.
qandaq xatalıq sadır boldı? sız ışlätkän fontnı täkşürüp baqtıñızmu? sız yuqırıqı tekıstnı fontnı özgärtıp qayta körüp beqıñ.
Қандақ хаталиқ садир болди? Сиз ишләткән фонтни тәкшүрүп бақтиңизму? Сиз йуқириқи текистни фонтни өзгәртип қайта көрүп беқиң.

چوققا
majeed
رەسىمي ئەزا
Rank: 2



UID 38
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 52
يازما 52
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 20
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-5-23
ئورنى ürümchi
ھالىتى توردا يوق
ئەسلى « ئەلكاتىپ »نىڭ خەت نۇسخىسى بۇ ئۇيغۇر ئېدىتنىڭ سېستىما فونتىغا توغرىلىپ قالغان ئىكەن، شۇڭا  بەزى ھەرىپلەر  كۆرۈنمەي قاپتۇ، مەن ئۇنى ئۇ ك ى ج نىڭ خەت نۇسخىسىغا توغرىلاپ قويسام ئوڭشالدى .
نىمىشكە ئەلكاتىپنىڭ فونتلىرى ئۇيغۇر ئېدىتنىڭ  سېستىما فونتىدا خاتالىق چىقىۋالىدىغاندۇ؟





www.ukij.org/teshwiq
چوققا
غەيرەت
مۇنبەر باشقۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9



UID 11
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 91
يازما 91
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-4
ھالىتى توردا يوق
ئەلكاتىپنىڭ فونتىدا خاتالىق يوق، پەقەت ئورتاق تۈرك يېزىقىدا ئىشلىتىگەن بىر قىسىم ھەپلەر (تۈركچە ھەرپلەر) كىرگۈزۈلمەي قالغانلىقتىن بولغان. شۇڭا سىز ئۇيغۇرئېدىتنىڭ سىستېما فونتغا Arial, Tahoma دېگەندەك فونتلارنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ.

چوققا
m.erdem
دائىمىي ئەزا
Rank: 8Rank: 8



UID 211
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 16
يازما 10
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 150
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-8-30
ھالىتى توردا يوق
سالام،

UyghurEdit داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرغىنى ۋە يېڭى ئىقتىدارلىرىنىڭ قوشۇلغىنى بەك ياخشى بولۇپتۇ، غەيرەت ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى ئۈچۈن تەشەككۈر!
تەكلىپ:
1.ئورتاق تۈرك يېزىقىغا ئايلاندۇرغاندا ھەربىر جۈملىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلسا.
2.UyghurEdit تا بىرەر تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىپ بېكىتكەندىن كېيىن قايتا قوزغاتقاندا ئاشۇ تەڭشەكلەر ئۆزگىرىپ كەتمىسە.
3.ئىمكان بولسا، كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئاتالغۇلار، ئەسكەرتمە ئۇچۇرلار خاراكتېرىگە ئاساسەن بۇيرۇق شەكىل ئېلىشقا تېگىشلىك جايلار بۇرۇق شەكلىگە ئۆزگەرتىلسە.  مەسىلەن: ساقلا، ياپ، ئاخىرلاشتۇر،چاپلا، كۆچۈر...(يەنى كومپيۇتېرغا بېرىلگەن بۇيرۇقلار پېئىللارنىڭ بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىنسا)
بۇ تەكلىپلەرنى مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ئويلىشىپ كۆرگەيسىز.

ھۆرمەت بىلەن،

مۇھەممەد ئەردەم

چوققا
Apple
يېڭى ئەزا
Rank: 1



UID 694
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 23
يازما 27
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 10
تىزىملاتقان ۋاقىت 2008-5-5
ھالىتى توردا يوق
ئۇيغۇر ئېدىتقا ئىككى تەكلىپ:
1.ئېكران يۈزى تىلىنى خەنزۇچە قىلغاندا ،ئملا تەكشۇرگەندە 省略نى 忽略 دەپ ئۆزگەرتىپ قويسا بولامدۇ؟
2.ئىملا تەكشۈرگەندە كۆرسىتىپ بەرگەن نامزات سۆزنى مائۇس بىلەن قوش چەككەندىن كېيىن شۇ سۆزگە ئالماشتۇرسا.

ئاتالغۇلارنى بۇيرۇق شەكىلدە ئېلىشقا مەن قوشۇلمايمەن!

چوققا
غەيرەت
مۇنبەر باشقۇرغۇچى
Rank: 9Rank: 9Rank: 9



UID 11
نادىر تېمىلار 0
جۇغلانما 91
يازما 91
كۆرۈش ھوقۇق چېكى 200
تىزىملاتقان ۋاقىت 2007-4-4
ھالىتى توردا يوق
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
ئۇيغۇرئېدىتنىڭ تىل ھۆججەتلىرى
uey_res.txt
uky_res.txt
chn_res.txt
eng_res.txt
jpn_res.txt
بولۇپ، بۇلار ئادەتتىكى تېكىست ھۆججىتى UTF-8 دە ساقلانغان.
خاتالىق بايقىساڭلار تۈزۈتۈپ ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار مەن كېيىنكى نەشرىگە قوشۇمەن.
مۇھەممەد ئەردەم ئەپەندىنىڭ تەكلىپدە دېيىلەگەن ئىشلارنى تىىل ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەپ سىناپ كۆرگىلى بولىدۇ. سىناپ كۆرۈپ بېقىڭلار ياخشى بولسا مەن شۇ بويىچە قىلاي.

چوققا
 



ۋاقىت ئۆلچىمى GMT+6، نۆۋەتتىكى ۋاقىت 2010-7-30 21:23

بىلىك مۇنبىرى (Discuz!5.5.0 ئۇيغۇرچە نەشىرى)، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىك (bilik)
Powered by BilikBBS (Discuz!5.5.0) © 2002-2008 WWW.BILIK.CN

Cookies تازىلاش - ئالاقىلىشىڭ - UKIJ مۇنبىرى - Archiver - WAP