1. ھەر قانداق تېكىست رامكىسىغا ئۇيغۇرچە(ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى، ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقى) خەت كىرگۈزۈۋاتقاندا ئىملا تەكشۈرۈپ خاتا سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىپ بېرىش
2. خاتا سۆزلەرگە سۆز تەۋسىيە قىلىش
قاچىلاشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى كېلىشىمنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ:
=======Firefox تا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشلىتىش كېلىشىمى =======
بۇ يۇمشاق دېتال ھەقسىز ئەمەس. سىناپ ئىشلىتىپ باققاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشنى خالايدىغان ھەر قانداق كىشى چوقۇم http://www.ukij.org/2007/iane دىكى ئۇسۇللار بويىچە، ۋەتەن ئىچىدىكىلەر 1 سوم، ۋەتەن سىرتىدىكىلەر 1 ياۋرو ياكى شۇنىڭغا باراۋەر باشقا سوممىدا ھەق تۆلىشى كېرەك.
سىناپ كۆرگەندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشنى خالىمايدىغانلار بۇ بەتتە كۆرسىتىلگەن ئۆچۈرۈۋېتىش ئۇسۇلى ياكى ئۆزلىرى بىلىدىغان باشقا ئۇسۇللار بويىچە بۇ يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك.
بۇ يۇمشاق دېتالنى سېتىپ يىغقان پۇللارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
====================================================
ئەگەر يۇقىرىدىكى كېلىشىمگە قوشۇلمىسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئەگەر يۇقىرىدىكى كېلىشىمگە سەمىمىيىتىڭىز بىلەن قوشۇلسىڭىز تۆۋەندىكىلەردىن ئۆزىڭىز ئىشلىتىشنى خالايدىغان يېزىق(ياكى لايىھە) نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ. ئەگەر بۇ بەتنىFirefox تا كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىلارغا چەكسىڭىزلا بىۋاستە قاچىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى
ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى
ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقى
دىققەت: يۇقىرىدىكى ھۆججەتلەرگە بىۋاسىتە ئۇلىنىش قىلماي مۇشۇ بەتكە ئۇلىنىش قىلىڭ.
XPI قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بولغان بولسىڭىز، Firefox نىڭ «ھۆججەت --> ئېچىش» دېگەن تىزىملىكىنى تاللاپ، ياكى چۈشۈرگەن ھۆججەتنى Firefox نىڭ ئىچىگە «سۆرەپ-تاشلاپ» قاچىلاشنى تاماملاڭ. ئاندىن Firefox نى قايتا قوزغىتىڭ.
نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىدىكىدەك تەكشۈرمەكچى بولغان يېزىقنى تاللاپ قويسىلا ھەر قانداق تېكىست رامكىسىدىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارغا قارىتا ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ.
ئەگەر خەت كىرگۈزگەندە Firefox نىڭ ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئىشلىمىسە، ياكى ئۆزىڭىز ئاكتىپسىزلاپ قويغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاڭ.
Firefox نىڭ تىزىملىكىدىكى «قوراللار» گۇرۇپپىسىدىكى «قوشۇلمىلار» نى تاللاپ «ئۆچۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
Firefox تا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ ئىشلەتكەن سۆزلۈك ئامبىرىنى تەمىنلىگەن مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ يۇمشاق دېتال نېمە ئۈچۈن ھەقلىق؟
شۇنداق قىلىشتا ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال بازىرىنى ھەم كىشىلەرنىڭ بۇ تىپتىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالغا بولغان ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كۆزدە تۇتۇلدى. ئۇندىن باشقا UKIJ گە فوند توپلاشمۇ مەقسەت قىلىندى.
نېمە ئۈچۈن بۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلايدىغان XPI ھۆججەتلىرىگە بىۋاسىتە ئۇلىنىش ياسىسام بولمايدۇ؟
«Firefox تا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشلىتىش كېلىشىمى» نىڭ كىشىلەرنىڭ كۆرمەي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن.
نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلمەي «ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى» ئىشلىتىلدى؟
ھەر ئىككىسى ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دېگەن ئاتالغۇ بەزىبىر «ئۇقۇشماسلىق» لارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، ۋاقتىنچە «ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى» (قىسقارتىلمىسىULL) دېگەن ئاتالغۇ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلدى. كۆپچىلىك بۇ ئاتالغۇنى ھەزىم قىلالمىسا ئۆزگەرتىلىدۇ. http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=480 دە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرگە تىلكومدىن قانائەتلنەرلىك جاۋاب ئالالمىغاچقا، 2001-يىلىدىن بۇيانقى ئۆلچەمگە ۋە ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن «ئې» ھەرپى ئۈچۈن داۋاملىق «é» ئىشلىتىلدى.
بۇ يۇمشاق دېتال توغرىسىدا پىكرىمنى ۋە بايقالغان مەسىلىلەرنى قانداق يەتكۈزىمەن؟
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=516 غا جاۋاب يازما شەكلىدە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ.
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى دائىمىي ئەزاسى
www.ukij.org/oyghan
2009-يىل 3-ماي