(Bu matéryal UKY HTML format, Kona Yéziq HTML format, PDF formatlarda tarqitildi)
ئۇيغۇر
كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە
ئۇيغۇر
كومپيۇتېر يېزىقى
(يەنى ئۇيغۇر
لاتىن يېزىقى)
كومپيۇتېر
ساھەسىدە ۋە
باشقا مۇناسىۋەتلىك
ساھەلەردە
كونا يېزىققا
يانداش قىلىپ
ئىشلىتىلىدىغان
لاتىن ھەرپلىرىدىن
تۈزۈلگەن يېزىق
بولۇپ، 2001-
يىلنىڭ
ئالدىنقى يېرىمىدا
ئىبراھىم
مۇتىھى، مىرسۇلتان
ئوسمان، مۇھەببەت
قاسىم، ئىمىن
تۇرسۇن،
ئابلىز ياقۇپ،
خەمىت زاكىر،
ئارسلان ئابدۇللا،
ھوشۇر
ئىسلام، تۈرگۈن
ئىبراھىم ..
قاتارلىق
ئالىم، تىلشۇناس،
دوكتور ۋە
پروفېسسورلارنىڭ
قاتنىشىشى
بىلەن 5 قېتىملىق
ئىلمىي مۇھاكىمە
يىغىنى
ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە
ئىشلىتىلگەن
15 خىلدىن ئارتۇق
ئوخشاش
بولمىغان
لاھىيىنى ئەستائىدىل
مۇزاكىرە
قىلىش
ئارقىلىق
2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى
بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن.
شۇنىڭ بىلەن
بىر ۋاقىتتا،
بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن
لاھىيە شىنجاڭ
ئۇنىۋېرسىتېتى
تەرىپىدىن
ئاپتونۇم رايۇنلۇق
خەلق ھۆكۈمىتىگە
ۋە تىل-يېزىق
كومېتېتىگە
يوللانغان.
ئاپتونۇم رايۇنلۇق
خەلق ھۆكۈمىتى
سابىق رەئىس
ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ
تەشكىللىشى
بىلەن شۇ يىلى
باھاردا «ئۇيغۇر
ئىسىم -
فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس
پىكىر ئاڭلاش
يىغىنى»
چاقىرىپ، دەسلەپكى
قەدەمدە ئۇيغۇر
ئىسىم -
فامىلىلىرىنى
قېلىپلاشتۇرۇش،
شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي
ئاساسىنى پۇختىلاش،
ئۇندىن كېيىن
شارائىت
پىششىپ يېتىلگەندە
قايتا مۇزاكىرە
قىلىش
قارارىغا كەلگەن.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى كونا يېزىققا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن.
UKY نىڭ
بىرلىككە كېلىشى
موشۇ بەتتە
ساقىت
قىلىنغان نۇرغۇن
مۇتىخەسىس ۋە
تورداشلارنىڭ
ئىلمىي مۇنازىرىلەر
ئارقىلىق
بارلىققا كەلگەن
ئورتاق نەتىجە
بولۇپ، ئۇ مەلۇم
بىر شەخىس
ياكى تور بېكىتىنىڭ
ئىجادىيىتى ئەمەس. UKY ئېلىپبەسى
نۆۋەتتە نۇرغۇن
تور بېكەتلىرى،
كۈندىلىك
ئالاقە ۋە
ئىلمىي تەتقىقات
ھەم باشقا ساھەتسىدە
كەڭ كۆلەمدە
ئىشلىتىلمەكتە. UKY ئېلىپبەسى
جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە:

(تەشۋىق
قىلىش ئۈچۈن
موشۇ رەسىمنى
ئىشلىتىڭ)
ئەسكەرتىش:
1. ئەگەر "Öö, Üü,
Éé" لارنى
كىرگۈزۈشكە
ئىمكان
بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە
ئاساسەن ماس
ھالدا
"Oo, Uu, Ee" لارنى
ئىشلىتىشكە
بولىدۇ.
2. جەدۋەلدىكى
[zh]بولسا
«ژ» (ژۇرنال)
ھەرپىنىڭ ئوقۇلۇشىنى
ئىپادىلەش ئۈچۈن
تولۇقلىما سۈپىتىدە
ئىشلىتىدىلىدۇ.
مەسىلەن: Jurnal
[zhurnal]
UKY مۇھاكىمە
يىغىنلىرى
ۋاقىتلىرى:
2000- يىلى 24-
نويابىر (1- نۆۋەتلىك(
2000 -يىلى 1- دېكابىر
(2- نۆۋەتلىك(
2000 -يىلى 14- دېكابىر
(3- نۆۋەتلىك(
2001-يىلى
9- ئىيۇن (4- نۆۋەتلىك(
2001-يىلى
3- ئىيۇل (5- نۆۋەتلىك(
ئورنى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى 2-قەۋەت يىغىن زالى
تەشەككۈرلەر
UKY نىڭ
بىرلىككە كېلىشىنى
تۆۋەندىكى
ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ
يىغىنغا
قاتنىشىشى
ياكى پىكىر بېرىش
ئارقىلىق
قىلغان
ياردىمىدىن
ئايرىپ
قارىغىلى
بولمايدۇ:
ئابلەت
ئابدۇرىشىت (شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتونۇم رايۇنى
سابىق رەئىسى):
ھۆكۈمەت
نامىدىن UKY توغرىسىدا
مەخسۇس پىكىر
ئاڭلاش
يىغىنى ئويۇشتۇرغانلىقىغا
رەھمەت.
تۇرسۇن ئەرشىدىن (ش.ئۇ.ئا.ر خەلق
قۇرۇلتىيى): UKY نى
بىرلىككە كەلتۈرۈشكە
تەنقىدىي
پىكىرلەرنى بېرىپ،
چۈشەنچىلەرنى
ئايدىڭلاشتۇرۇشقا
ياردەم
قىلغانلىقىغا
رەھمەت.
مىرسۇلتان
ئوسمان (تىلشۇناسلىق
ئالىمى): 2001-يىل
20-ئىيۇل بەزى
ھەرپلەرنى
بېكىتىشتە ۋە UKY
ئىملاسى
توغرىسىدا مەخسۇس
زىيارىتىمىزنى
قوبۇل قىلىپ
قىممەتلىك
پىكىرلەرنى بەرگىنىگە
ئالاھىدە رەھمەت.
ھوشۇر
ئىسلام، ۋارىس
ئا. جانباز (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى):
ھەر قېتىملىق UKY ئىلمىي مۇھاكىمە
يىغىنىغا دەسلەپكى
لاھىيە تەكلىپى
تۈزۈپ تەشكىللەش
ۋە تەشۋىقات خىزمىتى
ئىشلىگىنىگە رەھمەت.
ئابدۇرېھىم،
مۇھەممەد
ئەردەم: UKY نى بىرلىككە
كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى
تور بېكەتلىرىدە
ئىشلىتىش
ئارقىلىق
توغرا تەشۋىق
قىلىش يولىدا
4 يىلدىن بۇيان
تەۋرەنمەي
ئىزدىنىپ
تورداشلارنىڭ
سوئاللىرىغا
ئەستائىدىل
جاۋاب بېرىپ كۆرسەتكەن
ئەجرىگە كۆپ رەھمەت.
|
ئىبراھىم
مۇتىھى، مۇھەببەت
قاسىم، مىرسۇلتان
ئوسمان،
ئىمىن تۇرسۇن،
ئابلىز ياقۇپ،
خەمىت
زاكىر،
رازاق مەتنىياز،
تاھىر ئابدۇۋەلى،
ئەنۋەر ئەخمەت،
جامىلە
ساتتار،
ئارسىلان
ئابدۇللا
قاتارلىق
ئالىم، دوكتۇر،
پروفېسسور ۋە
تەتقىقاتچىلارنىڭ
قىممەتلىك
پىكىرلىرىگە
رەھمەت |
تىلشۇناسلار |
|
ھۇشۇر
ئىسلام، تۈرگۈن
ئىبراھىم،
مىرشات لېتىپ،
ئالىم ئەھەد،
ياسىن
ئىمىن، ۋارىس
ئابدۇكېرىم
جانباز، پەرھات
مۇھەممەد،
مىجىت
ئابلىمىت، ئەركىن
ئىمىر
قاتارلىق
پروفېسسور،
دوتسىنت ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ
قىممەتلىك
پىكىرلىرىگە
رەھمەت. |
كومپيۇتېر
مۇتىخەسىسلىرى |
|
تاشپولات
تىيىپ (دوكتۇر)،
ئارسىلان
ئابدۇللا(دوتسىنت)،
تۈرگۈن
ئىبراھىم(دوتسىنت)
يىغىننى
قوللىغانلىقىغا
ۋە تەشكىللەش
جەھەتتە
قىممەتلىك
پىكىرلەرنى
بەرگەنلىكىگە
رەھمەت. |
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى |
|
مىجىت خۇدابەردى
(پروفېسسور)،
ياسىن غۇپۇر،
مەمتىمىن غېنى(دوكتۇر)،
رازاق مەتنىياز
(پروفېسسور)،
ئابدۇكېرىم
راخمان(پروفېسسور)،
قەيسەر
قادىر،
ئايقىز
قادىر،
راخمانجانلارنىڭ
قىممەتلىك
پىكىرلىرىگە
رەھمەت. |
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرى |
|
ئابدۇرۇسۇل
كىچىكاخۇن،
ھوشۇر
ئىسلام،
ياسىنجان مەمەت،
مۇتەللىپ
مامۇتلارنىڭ
ماتېريال،
يىغىن ئورنى
تەمىنلىگەنلىكىگە
ۋە قىممەتلىك
پىكىرلەرنى
بەرگەنلىكىگە
رەھمەت. |
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى،
|
|
نىجات، نەجمىدىن،
مۇھەممەد ئەردەملەرنىڭ
لاتىن يېزىقىنىڭ
جەمئىيەتتە
قوللىنىلىشى
ۋە باشقا جەھەتلەردە
قىممەتلىك
پىكىرلەرنى
بەرگەنلىكىگە
رەھمەت. |
جەمئىيەت
ئەربابلىرى |
|
ئابدۇرېھىم،
نىياز،
«بوران»،
ئالىمجان،
ئالىجان، «پالۋان»،
«قىززىقچى»، تۇرسۇن،
دىلمۇرات،
ئابدۈشكۈر،
«تىلشۇناس»،
«ئادىل»، مۇختار
...
قاتارلىقلارنىڭ
تور
ئارقىلىق
يىغىندىكىلەرگە
قىممەتلىك
پىكىرلەرنى
ئايىمىغانلىقىغا
رەھمەت. (تەپسىلى
پىكىرلەرنى بۇ
يەردىن كۆرۈڭ.) |
توردا
پىكىر بەرگەنلەر |
|
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە
ئىستانسسى،
ئۈرۈمچى كېچلىك
گېزىتى (مۇخبىر:
نىياز)،
شىنجاڭ گېزىتى،
شىنجاڭ
ئىشچىلار ۋاقىت
گېزىتى،
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
گېزىتى، مەرھۇم
«ماكانىم» تور
بېكىتى،
مىسران تور بېكىتى،
ئويغان تور بېكىتى
قاتارلىق
ئورۇنلارنىڭ
UKY نى توغرا تەشۋىق
قىلىغىنىغا
رەھمەت. |
مەتبۇئات
ۋە تەشۋىقات
ئورۇنلىرى |
|
UKY نى
بىرلىككە كەلتۈرۈش
يولىدا
ئىلمىي يۇسۇندا
سەلبىي
پىكىرلەرنى
بېرىپ، مەقسەتنى
ئايدىڭلاشتۇرۇشقا
ياردەم
قىلغان ھەم مۇنازىرە
مەزمۇنىنى بېيىتقان
كىشىلەرگە رەھمەت.
UKY نى
ئىشلىتىپ
تور بېكىتى
ياساپ توغرا
تەشۋىقات ئېلىپ
بارغان، ۋە UKY غا
ئائىت يۇمشاق
دېتاللارنى
ياسىغانلارغىمۇ
رەھمەت. |
باشقىلار |
|
UKY
ئىملا
قائىدىسى |
|
ئۇيغۇر
لاتىن يېزىقى
يەنى ئۇيغۇر
كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) بىلەن خەت
يازغاندا تۆۋەندىكى
قائىدىلەر
بويىچە يېزىش
كېرەك. 1.
جۈملىنىڭ
بىرىنچى سۆزىنىڭ
باش ھەرپى چوڭ
ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. 2.
ئادەم
ۋە نەرسىلەرنىڭ
ئىسىملىرى،
دۆلەت
ناملىرى،
مىللەتلەرنىڭ
ناملىرى ۋە يەر-جاي
ئىسىملىرىنىڭ
باش ھەرپى چوڭ
يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi 3.
خاس
ئىسىملارنىڭ
باش ھەرپى چوڭ
ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
چەتتىن كىرگەن
خاس
ئىسىملار ئۇيغۇر
تىلىغا بوي سۇندۇرۇپ
يېزىلىدۇ، ئەسلى
شۇ تىلدا يېزىلىشىنى
تىرناق
ئىچىگە ئېلىپ
قويسىمۇ
بولىدۇ. مەسىلەن:
Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Niyu
York (New York), Béyjing (Beijing), Arman 4.
قىسقارتىلغان
ئىسىملار چوڭ
ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
AQSh, BDT, UKY 5.
خەلقئارا
بىرلىكلەر،
قىسقارتىلما
سۆزلەر ۋە تاۋار
ناملىرى ئۆز
پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft 6.
قىسقارتىلغان
سۆزلۈكلەرنىڭ
ئىچىدە
قوشما ھەرپ
بولسا شۇ ھەرپنىڭ
بىرىنچى ھەرپى
چوڭ يېزىلىپ
ئىككىنچى ھەرپى
كىچىك يېزىلىدۇ. مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا
قوشما
شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن
دۆلەتلەر تەشكىلاتى)
، Sh.U.A.R. شىنجاڭ
ئۇيغۇر
ئاپتونوم
رايونى 7.
مەمۇرىي
ئورۇنلارنىڭ
ناملىرىنىڭ
باش ھەرپى چوڭ
ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: Shinjang Uyghur
Aptonom Rayoni 8.
يۇقۇرىكىلەردىن
باشقا ئەھۋاللاردا
ھەرپلەر
بىردەك
كىچىك يېزىلىدۇ. 9.
مەلۇم
سۆزدە بىر
بوغۇم ئۇزۇك
تاۋۇش بىلەن
ئاخىرلاشسا
شۇ بوغۇمنىڭ
ئارقىدىن كەلگەن
يەنە بىر بوغۇم
سوزۇق تاۋۇش
بىلەن
باشلانسا، بۇ
ئىككى بوغۇم
ئاپوستروف (')
بىلەن
ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
sen'et, chet'el, qet'iy, jem'iyet 10.
مەلۇم
سۆزدە بىر
بوغۇم سوزۇق
تاۋۇش بىلەن
ئاخىرلاشسا
شۇ بوغۇمنىڭ
ئارقىدىن كەلگەن
يەنە بىر بوغۇم
سوزۇق تاۋۇش
بىلەن
باشلانسا، بۇ
ئىككى بوغۇم
ئاپوستروف بىلەن
ئايرىپ يېزىلمايدۇ.
چۈنكى، ئۇيغۇر
گراماتىكىسى
بويىچە يەنى
ئۇيغۇر
تىلىدا ھەر
بىر بوغۇمدا
بىر سوزۇق تاۋۇش
بولىدۇ،
ئىككى سوزۇق
تاۋۇشنىڭ
ئارقىمۇ-ئارقا
كېلىشىنىگ ئۆزىلا
بوغۇم
ئايرىشنىڭ
بىشارىتىدۇر. مەسىلەن:
maarip, muellim,
daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet 11.
پەرقلەندۈرۈپ
ئوقۇشقا
ئاسان بولۇش
ئۈچۈن
s'h, n'gh, n'g, ng'h لار
ئارىسىغىمۇ
ئاپوستروف
قوشۇپ
قويىلىدۇ. مەسىلەن: Is'haq, Özbékistan'gha, Hin'gan, Cheklen'gen, Ganggirap, Baslan’ghuch |
UKY رەسىملىك
ئېلىپبەسى
ئاپتورى:
ئابدۇرېھىم (ھەرپلەرنى
چەكسىڭىز
مىساللارنى كۆرەلەيسىز(
ئەسكەرتىش: ئەگەر تەشۋىقات
قىلىشنى
خالىسىڭىز، يۇقۇردىكى
تەپسىلاتلارنى
ياخشى ئوقۇڭ.
«يېزىق ئۆزگەرتىدىكەنمىز...»
، « UKY نى
ئىشلىتىش ئۇيغۇر
كونا يېزىقىنى
ئىسلاھا
قىلىش...» دېگەندەك
خاتا تەشۋىقات
ئېلىپ بارسىڭىز
ئاشكارا تەنقىد
قىلىنىسىز.
©
بۇ ماتېرياللار
دەلىل
ئىسپاتلارغا
ئاساسەن Oyghan.com دىن ۋارىس
ئابدۇكېرىم
جانباز ۋە Misran.com دىن
ئابدۇرېھىم تەرىپىدىن
تەييارلاندى.
پايدىلانسىڭىز
باشقىلارنىڭ
ئەمگىكىگە ھۆرمەت
قىلىش يۈزىسىدىن
«ئۇيغۇر كومپيۇتېر
ئىلىمى جەمئىيىتى
www.ukij.org دىن» ياكى
يۇقۇردىكى
تور
بېكەتلىرىنىڭ
بىرىدىن ئېلىندى
دەپ ئەسكەرتىڭ،
رەھمەت.
2004 -يىل 10 – ماي
(بۇ
ماتېريال UKY HTML
فورمات، كونا يېزىق
HTML
فورمات، PDF فورماتلاردا
تارقىتىلدى)