"Éé, Öö, Üü" لارنى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى


1. "كونترول تاختىسى" غا كىرىپ، "كۇنۇپكا تاختىسى" نى ئىككى چېكىڭ; (ياكى
ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى "EN" نىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، "خاراكتىرى" نى تاللاڭ؛
2. "كۇنۇپكا خاراكتىرى" دىن "كىرگۈزۈش ئۇسۇلى رايۇنىنى بەلگۈلەش" نى تاللاپ "ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى" نىڭ خاراكتىرىنى ئېچىڭ؛

3. كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى "ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى - خەلقئارالىق" قا توغىرلاڭ؛

4. "بېكىتىش" نى بېسىڭ؛


5. بۇ چاغدا "ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى" نىڭ ئارقىسىغا "خەلقئارالىق" دىگەن سۆز قوشۇلىدۇ؛


6. "كۇنۇپكا خاراكتىرى" دىن "بېكىتىش" نى چەكسىڭىز "Windows سىستېمىسى بار دېىسكىنى سېلىڭ..." دىگەندەك ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ، ئۇ چاغدا Windows سورىغان دېسكىنى سېلىپ "بىكىتىش" كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئۇيغۇرچە "é, ö, ü" لەرنى كىرگۈزگىلى بولىدىغان بولىدۇ.



7. مائۇسنى كومپيۇتېر ئىكرانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭىدىكى "EN" دېگەن خەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كەلسىڭىز "ئېنگىلىز تىلى(ئامېرىكا) - ئامېرىكا ئېنگلىز تىلى - خەلقارالىق" دېگەندەك سۆزلەر كۆرۈنىدۇ، بۇ نۆۋەتتىكى كۇنۇپكا خاراكتىرىنىڭ خەلقارالىق ئامېرىكا ئېنگلىز تىلىغا ئۆزگىرىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈدۇ؛



8. ئەمدى ئالدى بىلەن " " "(قوش پەش) نى، ئاندىن "e" نى باسساق نۇر بەلگىسى كۆرسەتكەن ئورۇنغا "é" چىقىدۇ. مەسىلەن:


' + E = É ;             ' + e = é
" + O = Ö;            " + o = ö
" + U = Ü;            " + ü = ü


دىققەت: سىز <"> نى بىر قېتىم باسسىڭىز نۇر بەلگىسى كۆرسەتكەن ئورۇنغا ھېچنىمە چىقمايدۇ، لېكىن يەنە بىر كۇنۇپكا باسسىڭىز <"> قوشۇلۇپ چىقىدۇ.
9. قېنى مەرھەمەت قىلىپ ئۆزىڭىز سىناپ بېقىڭ .

 www.oyghan.com  2001