Unicode EMI نى قاچىلاش ئۇسۇللىرى

 

ئاۋال ئويغان Unicode IME يۈكلەڭ.
ئاندىن رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە قاچىلاشنى باشلاڭ.


 

 


USP10.DLL ھۆججىتىنى قاچىلاش


Windows98 سېستىمىسىدا ئادەتتە بىۋاستىلا قاچىلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ ئورنى: C:/windows/system دە.
ئەگەر تۆۋەندىكىدەك خاتالىق كۆرۈلسە


USP.DLL ھۆججىتىنى سېستىما  ئالماشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقنى بىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئاماللىرى تۆۋەندىكىچە.
1. Usp10.DLL نى يۈكلەڭ, c: ئاستىغا يۈكلەڭ ئاندىن ۋىندوۋسنى دوس ھالەتتە قايتا قوزغىتىپ كىرىڭ. مانا بۇ دوس ھالەتتە قاچىلاش بولۇپ. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىيىنلىق نۇقتىسى باردۇر.



2. ئىككى سېستىما قاچىلىغان بولسىڭىز بىر سېستىمىدا تۇرۇپ يەنە بىر سېستىمىغا بۇ ھۆججەتنى قاچىلاپ قويۇڭ.
3.مەنبە: پانتەكىن، ئىزدىيارى.چوم ئېلىندى؛ C:WINDOWSsystem32 مۇندەرىجىسىگە كىرىپ, usp10.dll ھۆججىتىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋېتىمىز(rename). ئاندىن يېڭى usp10.dll نى كۆچۈپ قويساقلا بولدى. نامى ئۆزگەرتىلگەن usp10.dll نى ئۆچۈرۈۋىتىشكە بولىدۇ.
4. مەنبە: غەيرەت، ukij.org USP10.DLL ھەققىدە
USP10.DLL Windowsنىڭ ھوججەت قوغداش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قوغدىلىدىغان ھوججەتلەرنىڭ بىرىسى، يەنە كېلىپ ئەكرانگدا ھەرقانداق تەكىستلەرنى كۆرسەتمەكچى بولغاندا ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا بۇ ھوججەتنى Windows ئىجرا قىلىنۋاتقان چاغدا ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر WindosXP ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا Windows XP نىڭ SP2(Service pack2) نى قاچىلىسا ئۇيغۇرچىنى نورمال كورسەتكىلى بولىدىغان USP10.DLL مۇ قاچىلىنىدۇ. مەسىلە ئوڭايلا ھەل بولىدۇ.
ئەگەر Window2000,NT نى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا ھازىرھە ئالماشتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي UEY Unicode نى نورمال كۆرسىتىدىغان USP10.DLL نى ئۆزى ئىشلىتىدىغان پروگىرامما ئورۇنلاشتۇرۇلغان forlderنىڭ ئاستىغا كۆچەرسىلا نورمال ئىشلەيدۇ.
مەسىلەن: Internet Expolorer نى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئىجرا بولىدىغان پروگىرامىسىنىڭ ئىسىمى IEXPLORE.EXE بولۇپ ئادەتتە C:Program FilesInternet Explorer نىڭ ئاستىدا بولىدۇ، شۇڭا USP10.DLL نى C:Program FilesInternet Explorer دېگەن فولدەرغا كۆچۈرۈپ قويساقلا ئۇيغۇرچە نورمال ئۇلىنىپ كورىنىدىغان بولىدۇ.
Word دا نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن, USP10.DLL نى C:Program FilesCommon FilesMicrosoft Sharedoffice10 ياكى office11 دېگەن فولدەرنىڭ ئىچىگە كۆچەرسىلا بولىدۇ.
باشقا پروگىرامىلاردا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىسە شۇ پروگىرامنىڭ ئىجرا بولىدىغان(كەڭەيتمە نامى exe بولغان) پروگىرامىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان فولدەرنى تېپىپ USP10.DLL نى شۇ يەرگە كۆچەرسە بولىدۇ.
DEQQET: يۇقىرقى ئۇسۇل بىلەن بىرگە ئىشلەتكەن فونتنىڭ ئىچىدە چوقۇم OpenType Layout Table بولىشى كېرەك. UyghurEditning Fontلىرى ۋە UKIJ تارقاتقان fontلارنىڭ ئىچىدە بۇ جەدىۋەل بار. بۇ جەدىۋەل بولمىسا يەنە ئۇيغۇرچە نورمال ئۇلىنىپ كورۇنمەيدۇ.
5. سىز ghostتىن پايدىلىنىپ ھازىرقى سېستىمىنى زاپاسلاڭ. ئاندىن زاپاسلىغان ghost ھۆججىتى ئىچىدىكى usp10.dll نى يېڭىلاپ غوستنى ئەسلىگە كەلتۇرسىڭىزلا كۈپايە.
 

6.مەنبە؛ http://www.uusrc.com/ usp10.dll نى قاچىلاش قۇرالى http://www.kljtsd.com/uusc/down/unicode4.zip

UEY نى Unicode كىرگۇزۇش ئۈچۈن، رەسىمدىكىدەك ئەرەب رايونىدىن Uyghur IME نى تاللاپ قويساقلا كۈپايە. نەتىجىدە Unicode قوللايدىغان ھەرقانداق يەرگە UEY (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى)دا خەت كىرگۇزگىلى بولىدۇ.


 

كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرىلىشى.

 

سىز  http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=5464 دىكى سىناپ بېقىش ئۈچۈن قۇيۇپ قۇيۇلغان WinXPنى قاچىلىسىڭىز، ھەممە ئاۋارىچىلىقتىن بىراقلا قۇتۇلىسىز.

ماقالىنى: ئا.س.نەۋرۈز تەييارلىدى. ئەليار 2005.7.3-كۈنى تەھرىرلىدى