USP10.DLL ھۆججىتىنى قاچىلاش


Windows98 سېستىمىسىدا ئادەتتە بىۋاستىلا قاچىلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ ئورنى: C:/windows/system دە.
ئەگەر تۆۋەندىكىدەك خاتالىق كۆرۈلسە،


USP.DLL ھۆججىتىنى سېستىما  ئالماشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقنى بىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئاماللىرى تۆۋەندىكىچە.
1. Usp10.DLL نى يۈكلەڭ، C:\ ئاستىغا يۈكلەڭ ئاندىن Windowsنى دوس ھالەتتە قايتا قوزغىتىپ كىرىڭ. مانا بۇ دوس ھالەتتە قاچىلاش بولۇپ. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىيىنلىق نۇقتىسى باردۇر.



2. ئىككى سېستىما قاچىلىغان بولسىڭىز بىر سېستىمىدا تۇرۇپ يەنە بىر سېستىمىغا بۇ ھۆججەتنى قاچىلاپ قويۇڭ.

3.مەنبە: ukij.org غەيرەت ت. كەنجى يازمىسى
تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئىلىكيۇرت ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇش سىستېمىسىنىڭ ئاپتورى غالىپجان شەمشى تەمىنلىگەن:
Windows نىڭ سىستېما ھۆججەتلىرى(font ۋە DLL)نى، مەيلى ئۇلار Windows تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان بولسۇن ياكى ئىشلىتىلمىگەن بولسۇن
http://www3.telus.net/_/replacer

دىكى "Replacer" دىگەن قورال ئارقىلىق يېڭىلىغىلى بولىدۇ. USP10.DLL مۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇ قورالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى چوقۇم "Administrator" بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ھوققۇقا ئىگە بولىشى شەرت.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
http://uyghuredit.oyghan.com/program/replacer.zip دىن "replacer.zip" ھۆججىتىنى چۇشۇرۇپ خالىغان بىر مۇندەرىجىگە يايىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى "setup.cmd" دىگەننى قوش چەكسەكلا بولىدۇ. ئاخىرىدا كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇ ئۇسۇل ياپونچە Windows 2000, XP(SP2 ئورۇنلاھستۇرۇلمىغان) دا سىنالدى. بۇ قورالدا WindowsXP نىڭ SP2 بولىقىدىكى "USP10.DLL" ئىشلىتىلدى.
(باشقا تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز)

4. مەنبە: ukij.org غەيرەت،  USP10.DLL ھەققىدە
USP10.DLL Windowsنىڭ ھوججەت قوغداش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قوغدىلىدىغان ھوججەتلەرنىڭ بىرىسى، يەنە كېلىپ ئېكراندا ھەرقانداق تەكىستلەرنى كۆرسەتمەكچى بولغاندا ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا بۇ ھوججەتنى Windows ئىجرا قىلىنۋاتقان چاغدا ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر WindosXP ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا Windows XP نىڭ SP2(Service pack2) نى قاچىلىسا ئۇيغۇرچىنى نورمال كورسەتكىلى بولىدىغان USP10.DLL مۇ قاچىلىنىدۇ. مەسىلە ئوڭايلا ھەل بولىدۇ.
ئەگەر Window2000,NT نى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا ھازىرھە ئالماشتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي UEY Unicode نى نورمال كۆرسىتىدىغان USP10.DLL نى ئۆزى ئىشلىتىدىغان پروگىرامما ئورۇنلاشتۇرۇلغان folderنىڭ ئاستىغا كۆچەرسىلا نورمال ئىشلەيدۇ.
مەسىلەن: Internet Expolorer نى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئىجرا بولىدىغان پروگىرامىسىنىڭ ئىسىمى IEXPLORE.EXE بولۇپ ئادەتتە C:\Program Fil\esInternet Explorer نىڭ ئاستىدا بولىدۇ، شۇڭا USP10.DLL نى C:\Program Files\Internet Explorer دېگەن فولدەرغا كۆچۈرۈپ قويساقلا ئۇيغۇرچە نورمال ئۇلىنىپ كۆرىنىدىغان بولىدۇ.
Word دا نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن, USP10.DLL نى C:Program FilesCommon FilesMicrosoft Sharedoffice10 ياكى office11 دېگەن فولدەرنىڭ ئىچىگە كۆچەرسىلا بولىدۇ.
باشقا پروگىرامىلاردا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىسە شۇ پروگىرامنىڭ ئىجرا بولىدىغان(كېڭەيتمە نامى exe بولغان) پروگىرامىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان فولدېرنى تېپىپ USP10.DLL نى شۇ يەرگە كۆچەرسە بولىدۇ.
دىققەت: يۇقىرقى ئۇسۇل بىلەن بىرگە ئىشلەتكەن فونتنىڭ ئىچىدە چوقۇم OpenType Layout Table بولىشى كېرەك. UyghurEditning Fontلىرى ۋە UKIJ تارقاتقان fontلارنىڭ ئىچىدە بۇ جەدىۋەل بار. بۇ جەدىۋەل بولمىسا يەنە ئۇيغۇرچە نورمال ئۇلىنىپ كورۇنمەيدۇ.

5. ئەگەر سىز كومپىيوتېر مۇلازمەت خادىمى بولسىڭىز. سىز سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۇرىدىغان زاپاسلانغان ghostنىڭ ئىچىگە قوشۇپ ئەسلىگە كېلىش بۇيرىقىنى بېرىپلا ئىككى مۇنۇتتا ئىشنى تاماملايسىز. ئەگەر سىزدە ghost ھۆججىتى بولمىسا سىز ghostتىن پايدىلىنىپ ھازىرقى سېستىمىنى زاپاسلاڭ. ئاندىن زاپاسلىغان ghost ھۆججىتى ئىچىدىكى usp10.dll نى يېڭىلاپ ghostنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىزلا كۈپايە.
 

6.مەنبە؛ http://www.uusrc.com/ usp10.dll نى قاچىلاش قۇرالى http://www.kljtsd.com/uusc/down/unicode4.zip