[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • 2008-يىللىق خىزمەت پىلان،خۇلاسە توغرىسىدا (بارلىق ئەزالارغا)
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

2008-يىللىق خىزمەت پىلان،خۇلاسە توغرىسىدا (بارلىق

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 04, 2008 4:12 am
تەرىپىدىن يوللانغان Newruz
مەن ئۇ ك ئى ج نىڭ ئەزالىرىدىن، ئەزا بېكەتلىرىدىن ئاۋال سوراپ باقايچۇ مۇشۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بېكىتىڭىز ۋە سىز نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز. ئۇ ك ئى ج غا يىللىق خۇلاسىڭىزنى تاپشۇرۇپ بېقىڭچۇ. شۇ ئاساستا بىزمۇ ئۇ ك ئى ج نىڭ يىللىق خۇلاسىسىنى چىقىرايلى. ئاۋال ھەر ئەزانىڭ خۇلاسىسى بولماي تۇرۇپ ئۇ ك ئى ج نىڭ خۇلاسىسىنى چىقارغىلى بولسۇن. كۆپلىگەن پونكىتى بار ئەزالار ئۆز تورپونكىتىدا يىللىق خۇلاسىسىنى چىقارسۇن. ئاندىن بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇنبىرىگە چاپلاپ قويسۇن. ئادەتتىكى ئەزالار مۇنبەرگە يازسۇن. مۇنبەرگە يېزىشتىن قورۇقسا، ماڭا ئەۋەرتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ھەر كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى ۋە شىركەتلەر ئۆز خىزمىتىدىن ئۆز خەلقىغە ۋە خېرىدارلىرىغا جاۋابىنى بېرىپ باقسۇنچۇ؟ مەجبۇرىيەت دىگەن شۇ؟! بۇ يەرگە چاپلاشتىن قورۇقسا ئۆز تورلىرىغا يازسۇن. پىلانلىرىنى يازسۇن. ئاندىن بىز كۆرۈپ قىيىنچىلىق ۋە ئاسانلىقلىرىنى بىلىپ باقايلى. ئۇيغۇرلاردا تارىختىن بۇيان ئۇيۇشقان، كېڭەشلىك چىقىرىلغان پىلان خۇلاسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن. بىر باشلىقى يوقالسىلا سەركىسىز پادىدەك چېچىلىپ كەتكەن. شۇڭلاشقىمۇ داۋاملىق خاتالىقلارغا يول قويغان ۋە ئېغىر كىرزسقا دۇچار بولماقتا. تارىخ ئىبرەت بىلەن تولغان، ھەرگىز خاتالىقنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن تولغان ئەمەس.

خۇلاسە 2007.3.21 دىن 2008.3.21 گىچە، پىلان 2008.3.21 دىن 2009.3.21 گىچە يېزىلسۇن. ئەزا بولساقلا بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتچا بولىشىمىز كېرەك.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-5-4 10:22 [/i]]

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 04, 2008 9:40 am
تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak
ئۆزۈمنىڭ ئوتكەن يىللىق قىسقىچە خىزمەت خۇلاسىسىنى « كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس » دېگەن يازمامدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم . پىلانغا كەلسەك يىل ئاخىرىغىچە ئاز بولسىمۇ ئىككى ئىشنى قىلىشنى پىلانلىدىم :
1 . Ukij تور مۇنبىرىدە « تاماقخانا باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىستېمىسى » ئۇيغۇرچە Unicode يەككە نۇسخىسىنىڭ ئېھتىياج تەھلىلى ، كوللېكتىپ ئىجادىيەت ئىش تەقسىماتى ،ساندان قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەش ، ئىقتىدارلىق بولەكلەرنى ئايرىش ، يۇمشاق دېتال تۈزەش ، يۇمشاق دېتالنى سىناش ، ياردەم ھۆججىتىنى يېزىش ، قاچىلاش پروگراممىسىنى ئىشلەش قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەر توردا ئاشكارا ئىشلىنىدۇ . يۇمشاق دېتال تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن يۇمشاق دېتال ۋە ئەسلى كودى Ukij ۋە ئەزا تور پونكىتلىرىدا ئاشكارا تارقىتىلىدۇ . مەيلى سىزنىڭكى يۇمشاق دېتال تۈزەش ئىقتىدارىڭىز بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇ تۈر ئارقىلىق ئاددىي ساندانغا ئائىت يۇمشاق دېتال تۈزەشنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرى توغرىسىدا مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالىسىز . مەقسەت ساندانغا ئائىت يۇمشاق دېتال تۈزۈشنى ئۆگەنگۈچىلەرنى يېتەكلەش .
2 . Ukij نىڭ Flash شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە ئىلكىتاب نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىقىش . مەقسەت پەسىلدە بىر قېتىم Ukij دىكى كومپيۇتېرغا ئائىت ئېسىل تېمىلارنى توپلام قىلىپ Flash شەكىلدىكى ئىلكىتابتا تارقىتىش .
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئىككى پىلان دائىمىي ئەزالارنىڭكى تەستىقىدىن ئوتكەندىن كېيىن 6 - ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2008-5-4 15:44 [/i]]

يېزىلغان: چارشەنبە ماي 07, 2008 3:09 am
تەرىپىدىن يوللانغان oghuz
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئالدىنقى كۈنلەردە ukij مۇنبىرىگە ئەزا بولدۇم ، ئۆتكەن يىلدىن خۇلاسە چىقارسام ، بۇ جەرياندا ئاساسلىقى ئۆزۈمنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم ۋە پىراكتىكام ئاساسىي ئورۇندا تۇردى ، بىكەت باشقۇرۇشقا ۋاقىت ئاجرىتالماي uyphp تاقىلىپ قېلىشتەك ئەھۋاللارمۇ بولدى ، ئىنشائاللا ھەر نىم بولسا نامنى ساقلاپ قالدىم ، بىكەتنى قايتا ئاچتىم ، مۇنبەر سېستىمىسى Discuz 6.0 گە كۆتۈرۈلدى ...
مانا بۇ مېنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خۇلاسەم.
كىلەر يىللىق پىلانغا كەلسەم ، ئۇيغۇر php تورى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاساسلىقى تەييار خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە بەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ كەلدى ، بىراق بۇ مېنىڭچە بىزنىڭ php جەھەتتىكى تېخنىكا ئىگىلىشىمىزگە زور تەسىر كۆسىتىدۇ ، باشقىلارنىڭ تەييار ياساپ قويغان نەرسىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى چۈشەنمەي بىر تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىۋاتىمىز ... ، بۇ يىل باشلاپ ئۆزۈم php نى ياخشى ئۆگۈنۈشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ، ئۆگەنگىنىم ئاساسىدا بىر سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى تۈزۈپ چىقىش ، ئىمكان بولسا شۇ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىنى يەنە چوڭقۇرلىتىپ بىر cms ياكى مۇنبەر سېستىمىسىگە تەرەققى قىلدۇرۇش ، ئەلۋەتتە بۇ ئاسان ئىش ئەمەس ، بۇنىڭ ئۈچۈن ukij دىكى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئۇيغۇر php تورىدىن ئوغۇز

يېزىلغان: چارشەنبە ماي 07, 2008 1:48 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin
ئۇيغۇر php تورى نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلاردا PHPWind نىڭ ئىشىلتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇمۇ كىچىك تۆھپە ئەمەس.

يېزىلغان: چارشەنبە ماي 07, 2008 5:50 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Newruz
TwoSakئەپەندى
[url]http://www.ukij.org/xxx[/url] داۋامىغا
ئۆز ئەمگەك مىۋىڭىزنى قويسىڭىز ياكى ئاددىي بىر بەت ياسىۋالسىڭىز بولىدۇ. بىلىشىمچە بېكىتىمىز بوشلىقى خېلى كەڭتاشا. مەسىلەن: .ukij.org/oyghan[/url] دىگەندەك. ئېلكىتاب ياسىشىڭىزغا تامامەن قوشۇلىمەن. مەنچە ھەممىسىلا قوشىلىدۇ. تەشۋىقمۇ بولۇپ قالاتتى. بېكەت ساندانىدا بوشلىقىدا كونا مۇنبەرنىڭمۇ يازمىلىرى بار. ئۇنىمۇ ئېلكىتاب قىلغان بولسىڭىز. سىزگە مىڭ مەرتىۋە تەشەككۈر ئېيتقان بولاتتىم.
.............................

ئەزالارنىڭ يازمامنى قوللاپ پىلان، خۇلاسىلىرىنى چوڭ-كىچىك دىمەي تارتىنماي ئىپادە بىلدۇرگەنلىكىگە تەشەككۈر. مۇشۇنداق پىلان، خۇلاسە، كېڭەش بىلەنلا ماڭساق بۇ ئۇ ك ئى ج كۈندىن - كۈنگە روناق تاپىدۇ.

............................

ئويغان ئەپەندىنىڭمۇ ئىلمىي ماقالىلىرىنى باشقىلارنىڭ ئازراقلا ئۆزگەرتىپ ئۇنۋان، تەتقىقات ماقالىسى قىلىۋېلىشتىن قورۇقماي قىسقارتىپ بولسىمۇ ئېلان قىلىپ تۇرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-5-7 23:54 [/i]]

يېزىلغان: جۈمە ماي 09, 2008 5:05 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مېنىڭ 2008-2009 يىلدىكى بوش ۋاقتىمدا قىلىماقچى بولغان ئىشىم [url]http://www.ouigour.fr/dictionnaire[/url] دىكى فرانسۇزچە - ئۇيغۇرچە لۇغەتنى ھەمكارلىشىپ تاماملاش. مەن كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىدىغان نەرسىلەرنى بۇندىن كېيىنمۇ [url]www.ukij.org/oyghan[/url] گە چىقىرىپ قويىمەن.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇن 17, 2008 2:55 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
مەن TwoSak ئەپەندىنىڭ 2پىلانىنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

(مەن نۇرغۇن نۇرغۇن پىلانلىرىمنى ئارقا سەھنىدە نۇرغۇن نۇرغۇن قىتىم دەپ بولغان، شۇڭا بۇ تىيمىغا، يەنە قانچە قانچىلىغان تىيمىلارغا يەنە قانچىلىغان قىتىم چاپلىشىمنى بىلەلمىدىم، شۇڭا بۇ يەرگە يەنە چاپلاپ يۈرۈشنى راۋا كۆرمىدىم. ... ... )