[بارلىق ئەزالارغا] ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

[بارلىق ئەزالارغا] ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ھەققىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە ماي 08, 2008 9:03 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك UKIJ ئەزالىرى،

جەمئىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم شۇ ئارقىلىق يېڭى تۈرلەرگە يۈرۈش قىلىش مەقسىتىدە يېڭى پىلان تۈزۈپ چىقتۇق.

بۇ پىلاننى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزىنى UKIJ نىڭ ئەزاسى دەپ قارايدىغان بارلىق دائىمىي ئەزالارنىڭ ھازىرغىچە ئۆزلىرى ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللار ۋە باشقا تۈرلەر ئىچىدىكى «UKIJ نىڭ نەتىجىسى» دەپ قارايدىغانلىرىنى[color=Magenta][url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دېگەن دائىمىي ئەزالار تور بېتىگىمۇ[/color] قويۇشىنى ئۇقتۇرىمىز. بۇ يەردىكى xxx دائىمىي ئەزالار ئىختىيار قىلىپ تاللىۋالغان ئىككىنچى دەرىجىلىك بېكەت ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.[url]http://www.ukij.org/xxx[/url] گە قويۇلىدىغان مەزمۇنلار پەقەت UKIJ نەتىجىسى دەپ قارىلىدىغان مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مۇزىكا، كىنو، ئويۇن ۋە باشقا ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. قويغۇدەك يۇمشاق دېتالى يوق دائىمىي ئەزالار(مەسىلەن: تەشۋىقات بۆلۈمىدىكىلەر) UKIJ ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان ماتېرىياللار توپلىمى، ئۆزى توغرىلىق ئۇچۇرلار ... نى قويۇپ قويسا بولىدۇ.

ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ۋاقىت چېكى 2008-يىل 26-مايغىچە. شۇ ۋاقىتقىچە ئۆز تور بېكىتىنى قۇرمىغان دائىمىي ئەزالار UKIJ دىن چېكىنگەنلەر دەپ قارىلىدۇ.

ئەگەر دائىمىي ئەزا ئەمەس ئەزالار ئىچىدە [url]http://www.ukij.org[/url] تور بېكىتىگە قويغۇدەك نەتىجىسى بارلار بولسا ھەم ئۆز ئىختىيارى بىلەن نەتىجىسىنى «UKIJ نىڭ نەتىجىسى» دەپ قاراپ [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] گە قويۇشنى خالىسا، ئەزالىق تور بېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ئۈچۈن [color=Magenta]ئىسىم فامىلىڭىز، UKIJ مۇنبىرىدىكى تىزىملاتقان نامىڭىز ۋە xxx ئۈچۈن تاللىغان نامىڭىز[/color] نى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندى ([email]muhammad@yulghun.com[/email]) ۋە ۋارىس ئا. جانباز ([email]oyghan@gmail.com[/email]) غا تەڭ يوللاپ بېرىڭ. FTP ھېسابات ئېچىش ۋە مۇلازىمىتىر باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندى مەسئۇل بولىدۇ.

ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىم جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2008-يىل 8-ماي



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 4 ۋە 0 مېھمانلار