[ئۇقتۇرۇش] ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Admin
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

[ئۇقتۇرۇش] ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ھەققىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Admin » پەيشەنبە ماي 08, 2008 9:35 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك UKIJ ئەزالىرى،

جەمئىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم شۇ ئارقىلىق يېڭى تۈرلەرگە يۈرۈش قىلىش مەقسىتىدە يېڭى پىلان تۈزۈپ چىقتۇق.

بۇ پىلاننى باشلاشتىن بۇرۇن، بارلىق دائىمىي ئەزالارنىڭ ھازىرغىچە ئۆزلىرى ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللار ۋە باشقا تۈرلەر ئىچىدىكى «UKIJ نىڭ نەتىجىسى» دەپ قارايدىغانلىرىنى[color=Magenta][url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دېگەن دائىمىي ئەزالار تور بېتىگىمۇ[/color] قويۇشىنى ئۇقتۇرىمىز. بۇ يەردىكى xxx دائىمىي ئەزالار ئىختىيار قىلىپ تاللىۋالغان ئىككىنچى دەرىجىلىك بېكەت ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.[url]http://www.ukij.org/xxx[/url] گە قويۇلىدىغان مەزمۇنلار پەقەت UKIJ نەتىجىسى دەپ قارىلىدىغان مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مۇزىكا، كىنو، ئويۇن ۋە باشقا ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. قويغۇدەك يۇمشاق دېتالى يوق دائىمىي ئەزالار(مەسىلەن: تەشۋىقات بۆلۈمىدىكىلەر) UKIJ ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان ماتېرىياللار توپلىمى، ئۆزى توغرىلىق ئۇچۇرلار ... نى قويۇپ قويسا بولىدۇ.

ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ۋاقىت چېكى 2008-يىل 26-مايغىچە. [color=Magenta]شۇ ۋاقىتقىچە ئۆز تور بېكىتىنى قۇرمىغان دائىمىي ئەزالار UKIJ دىن چېكىنگەنلەر دەپ قارىلىدۇ[/color].

ئەگەر دائىمىي ئەزا ئەمەس ئەزالار ئىچىدە [url]http://www.ukij.org[/url] تور بېكىتىگە قويغۇدەك نەتىجىسى بارلار بولسا ھەم ئۆز ئىختىيارى بىلەن نەتىجىسىنى «UKIJ نىڭ نەتىجىسى» دەپ قاراپ [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] گە قويۇشنى خالىسا، ئەزالىق تور بېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ئۈچۈن [color=Magenta]ئىسىم فامىلىڭىز، UKIJ مۇنبىرىدىكى تىزىملاتقان نامىڭىز ۋە xxx ئۈچۈن تاللىغان نامىڭىز[/color]نى مۇھەممەد ئابدۇللا ([email]muhammad@yulghun.com[/email]) ۋە ۋارىس ئا. جانباز ([email]oyghan@gmail.com[/email]) غا تەڭ يوللاپ بېرىڭ. FTP ھېسابات ئېچىش ۋە مۇلازىمىتىر باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندى مەسئۇل بولىدۇ.

ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىم جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
[url]http://www.ukij.org[/url]
2008-يىل 8-ماي

(قوشۇمچە: ئۆرنەك دائىمىي ئەزا بېتى ئۈچۈن [url]http://www.ukij.org/oyghan[/url] غا قاراڭ.)



Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » جۈمە ماي 09, 2008 1:52 am

[url]http://www.ukij.org/xxx[/url] قۇرۇشقۇ ياخشى ئىش كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس دەيدىغان گەپ بار.
مېنىڭ پىكرىم ۋاقىت چېكى قويۇلىشى خاتا(پەقەت كېيىن كەلگەنلەرگە پۇرسەت بولمايدىغاندەك)، دائىمىي ئەزا ھېساپلانمايدۇ دىيىشمۇ خاتا(مەسلىھەتچىلەرچۇ؟ ئۇلارمۇ شۇنداقمۇ؟ نىزامنامىگە شۇنداق مەزمۇننىمۇ تەڭ قوشۇش كېرەك، سىياسەت نىزامنامىنى مىنىۋالماسلىقى كېرەك.).
مەنچە ياخشى نەتىجە ياراتقان تېخى ئەزا بولمىغان، ئىككىلەنگەن ھەۋەسكارلارنى تەكلىپ قىلىپ بېكەت قۇرۇشقا تەكلىپ قىلساق ئىككىلىنىپ تۇرغانلارنى ئاكتىپ پائالىيەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەسلىھىتىم، مەقسىدىم ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىچۈن.

مەسلىھەتچىلەر بۆلىمىدىن: ئا.س. نەۋرۈز

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە ماي 09, 2008 2:54 am

سالام كۆپچىلىك،
سالام نەۋرۇز ئەپەندى، (مەن يۇقاردىكىلەرنى مۇنداق ئويلىدىم:)
ۋاقىت چىكى قويۇلغانلىقى : ھازىرقى دائىمىي ئەزالار گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى پاسسىپ ئورۇندا تۇرغانلارغا بىرىلگەن سىگىنال. (26-چىسلاغىچە، ۋاقىت ھىلىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كىتىپتۇ، نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلار بولۇنسا، UKIJ جىمىپ قالسا، بىر قىسىملىرىمىز كىرىپمۇ قويمىدۇق، كىرمىسەكمۇ، ئالاقە قىلىشىپ، ھە- ھۇ دىيىشىكىدەك بىر [size=5]مىدىراپ[/size] قويمىدۇق، توغىرسىنى ئىيتقداندا بەكمۇ پاسسىپ تۇرغانلار بار، بۇنى مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىۋاتقانلار بىلىدۇ).

ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ، جىم تۇرىۋالماي، مۇنداق مۇنداق ئىشىم بىلەن مۇنداق مۇنداق قىلالمىدىم، دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشى (ياكى ئوچۇق، ياكى ئىلخەت بىلەن دىگەندەك) كىرەك! بوينىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ تۇرىۋالسا، ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ تۇرىۋالسا بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە ھەۋەسكارلارنى تەكلىپ قىلىش ياخشى ئىش، لىكىن بىزمۇ قىلارمىز، ئۇلارمۇ بار بولسا، مانا ئۇقتۇرۇش چىقىرلغاندىكىن ئاكتىپلىق بىلەن ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرسا بولىدۇ. (يۇقاردىكى ئۇقتۇرۇشتىكىدەك).
(بۇ يەردە بىزنى تەكلىپ قىلمىدى، دەپ ئاغرىنىش، ياكى باشقىچە ئويدا بولۇپ قىلىنىمىسا:handshake )

مەن Omer14 ئەپەندىنى دائىمىي ئەزالىققا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشنى تەكلىپ قىلىمەن.
(ئالدىنقى قىتىم ھەممەيلەن بىلگەندەك، بۇ ئەپەندى ئۆزىمۇ ئىلتىماس قىپتىكەن، مۇشۇ قىتىم مۇشۇنداق ئاكتىپ بولغان UKIJ ئەزالىرىدىن مۇشۇ تورداشنى قوشىۋالساق.)

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە ماي 09, 2008 2:58 am

ھە، يەنە بىر ئىش، يۇقاردىكى دائىمىي ئەزالار بوشلۇقى قانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇندى؟
بوشلۇق مەسىلىسىدە قىيىنچلىق بولسا، (بولۇش ئىھتىماللىقى ئەلۋەتتە چوڭمىكىن)، ئازراقتىن ئىئانە قىلىدىغانلار چىقارمىكىن، ...

ئىئانە ھىساۋاتى ھەققىدە نەۋرۇز ئەپەندى (ئايرىم) بىر ئۇچۇر قالدۇرغان بولسا ياخشى بولاتتى.:handshake

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە ماي 09, 2008 7:15 am

[url]http://www.intil.cn[/url] دا ukij نىڭ ئۇلىنىشى بار، مەخسۇس سەھىپە [url]http://www.intil.cn/bbs/ShowForum.asp?forumid=185[/url] دا بار، [url]http://www.yolyar.com[/url] دىكى داڭلىق بەتلەر قاتارىدا ukij نىڭ نامى كۆرۈنەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، [url]http://www.yolyar.com/serxil[/url] دىمۇ ھەم شۇنداق، ۋاقىت چەكلىمىسى بار ئەھۋالدا بۇ ئىشقا كاپالەتلىك قىلالماسلىقىم مۇمكىن؟

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ماي 09, 2008 9:30 am

ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ پىكرىنى چۈشەنمىدىم.
يۇقارقى ئۇقتۇرۇش ياخشى بوپتۇ. ئەمما كىيىن كىرگەنلەرمۇ ئىلتىماس قىلسا مۇزاكىرە ئارقىلىق بىرىدىغان قىلساق. ئۇندىن باشقا بوشلۇقنىڭ ۋاقتىنىمۇ چەكلەپ قويمىساق. ۋاقتى كەلگەندە ئەمەلىي تېخنىكا ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرا.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە ماي 09, 2008 4:01 pm

يۇقارقى خىزمەتلەر بولغاندىكىن ئايرىم بەت قۇرمىساممۇ رۇخسەت بەرسەڭلار دېمەكچىمەن. يېتىشىپ بولالماي ۋاقىتقا رۇئايە قىلالماي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قويارمەنمۇ دەيمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » جۈمە ماي 09, 2008 5:52 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

يۇقرىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشتىن بۇرۇن مۇھەممەد ئەپەندى بىلەن ئىككى سائەتتەك UKIJ نىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق. دائىمىي ئەزالارنىڭ [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دېگەندەك بەت ياسىشىنى تەلەپ قىلغىلى ئىككى يىل بولغان، ئەمما ھازىرغىچە تولۇق ئىجرا بولمىدى. ۋاقىت چېكىنى شۇنداق بەلگىلەش نىزامنامىگە ئۇيغۇن، ۋاقىت چېكى ئۆزگەرتىلمەيدۇ.

ھەر بىر ئەزا ئۆزلىرىنىڭ «UKIJ نەتىجىسى» دەپ قارىغان تۆھبىلىرىنى يىغىنچاقلاپ ئاددىيراق بىر بەت ياساشقا كۆپ بولسا بىر سائەت ۋاقىت چىقارسىلا ئۇ بەتنى ياسىيالايدۇ دەپ قارايمەن. ئەزالار بېتى قۇرۇش دېگەنلىك بېكىتى بار ئەزالارنىڭ بارلىق بېكەت مەزمۇنىنى UKIJ تورىغا ئۆز پېتى قويۇش دېگەنلىك ئەمەس. ئىشىنىمەنكى، «UKIJ نەتىجىسى» دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى UKIJ تور بېكىتىگىمۇ تەڭ قويساق ھەرگىز بېكىتىمىزگە كىرىدىغانلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتمەيدۇ. مىسال: UKIJ بىلەن ماھىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بېكەت [url]http://sourceforge.net[/url] دىكى خالىسەنە ئەزالار ئۆزلىرىنى ئىشلىگەن نەرسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بېكىتىگىلا قويۇۋېلىپ «مېنىڭ بېكىتىمگە بېرىپ كۆرۈڭلار...» دەپ قويۇپ [url]http://sourceforge.net[/url] كىمۇ قويمىغان بولسا ئۇ بېكەت ھازىرقىدەك ھالەتتە بولمىغان بولاتتى...

بېرىلىدىغان بوشلۇقنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى يوق، UKIJ مەۋجۇت بولىدىكەن ئۇ بوشلۇقنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆزلىرىنىڭ login نامىنى ئىشلىتىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كىرەلەيدۇ. «UKIJ نەتىجىسى» دەپ قارالغان ھەم ئەزالار پايدىلىق دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى قويۇشقا يەتكۈدەك بوشلۇق بېرىلىدۇ، يەنى لازىملىق مەزمۇنلارغا بوشلۇق چەكلىمىسى يوق.

قويغۇدەك يۇمشاق دېتالى يوق دائىمىي ئەزالار(مەسىلەن: تەشۋىقات بۆلۈمىدىكىلەر، مەسلىھەتچىلەر) UKIJ ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان ماتېرىياللار توپلىمى، ئۆزى توغرىلىق ئۇچۇرلار، ھازىرغىچە قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇرلار... دېگەندەك مەزمۇنلارنى قويۇپ قويسا بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىشتىكى مەقسەتنى ئەزالار ئۆزلىرى ئويلىشىپ چۈشىنىپ يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەزالارنىڭ [color=Magenta]يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تەپسىلىيرەك ئوقۇپ چۈشىنىشلىك بولمىغان مەزمۇنلار بولسا ئەتراپلىق پىكىر قىلىشىنى، بولمىسا ئەزالار بېتى ياساشقا ۋاقىت چىقىرىشىنى[/color] ئۈمىد قىلىمەن.

Muhammad
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:32 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Muhammad » شەنبە ماي 10, 2008 1:30 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك،

تۆۋەندە دائىمىي ئەزالارغا بېرىلىدىغان بوشلۇق توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچىمەن.

1. بوشلۇققا ماتېرىياللارنىڭ يوللاش ۋاقىت چېكى بېكىتىشتىكى ئاساسىي مەقسەت ھازىرقى ئاكتىپ ئەزالارنى توپلاش ۋە رەتكە سېلىش.

2. ئەزالار بوشلۇققا قويغان ھۆججەتلەرگە ۋاقىت چېكى يوق. ۋارىس ئەپەندى ئېيتقاندەك UKIJ مەۋجۇتلا بولسا داۋاملىق ساقلىنىدۇ.

3. ھەر بىر ئەزاغا بېرىلگەن بوشلۇقنىڭ دەسلەپكى نورمىسى 250 مېگا بايت (250MB). ئەگەر بوشلۇق يېتىشمىسە مۇۋاپىق چوڭايتىپ بېرىلىدۇ.

4. ئەزالار بوشلۇققا يۈكلەيدىغان ھۆججەتلەر UKIJ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر بولىشى كېرەك. UKIJ بىلەن مۇناسىۋەتسىز شەخسىي ھۆججەتلەر يۈكلەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

5. يۈكلەنگەن ھۆججەتلەرگە مۇلازىمېتىردا ئىجرا قىلىش رۇخسىتى بېرىلمەيدۇ. مەسىلەن PHP, Python, Perl, Java ياكى باشقا تىپتىكى مۇلازىمېتىردا ئىجرا قىلىنىدىغان پروگراممىلارنى قوللىمايدۇ. HTML ياكى ھەرخىل چۈشۈرۈشكە قويۇلغان ھۆججەتلەر نورمال ئىشلەيدۇ. توردا قورال ئىشلىگۈچىلەر ئىجرا قىلىدىغان مۇھىت تەلەپ قىلسا ئايرىم ئويلىشىلىدۇ.


UKIJ نىڭ رەئىسىنى ۋە دائىمىي ئەزالىرىنى بېكىتىش مەسىلىسى يۇقىرىقى قەدەملەردىن كىيىن رەسمىي مۇزاكىرە قىلماقچى. ئالدىنقى يىللىق ئەھۋالدىن ساۋاق ئېلىپ دائىمىي ئەزالارنىڭ سانىنى ئوندىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدا ۋارىس ئەپەندى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە سۆزلەشتۇق. ئاساسىي مەقسەت ئەزالارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى كۆتۈرۈش ۋە خىزمەت دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىش.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار توغرىسىدىكى كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سالام بىلەن،

مۇھەممەد ئابدۇللا

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » شەنبە ماي 10, 2008 6:03 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سالام كۆپچىلىك،
بىلىك مۇنبىرىدىن Eagle بىلەن FinalFantsyنى دائىمىي ئەزالىققا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشنى كۆچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
ئويلىشىپ بىقىلسا،

(بىلىك مۇنبىرىدە ئۇ ئىككىسىنى تەكلىپ قىلىپ قويدۇم، سىپىمىزگە قوشۇلۇشىنى چوڭقۇر ئۈمد قىلىمەن.)
[url]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=17958[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار