[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • [ئۇقتۇرۇش] ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ھەققىدە -
جەمئىي2 بەتنىڭ 2 - سى

يېزىلغان: شەنبە ماي 10, 2008 6:14 am
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
ئۇلار ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولاتتى.

يېزىلغان: شەنبە ماي 10, 2008 10:55 am
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Perhat_k[/i] ، ۋاقتى: 2008-5-10 12:03 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1549&ptid=327][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىلىك مۇنبىرىدىن Eagle بىلەن FinalFantsyنى دائىمىي ئەزالىققا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشنى كۆچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
ئويلىشىپ بىقىلسا،

(بىلىك مۇنبىرىدە ئۇ ئىككىسىنى تەكلىپ قىلىپ قويدۇم، سىپىمىزگە قوشۇلۇشىنى چوڭقۇر ئۈمد قىلىمەن.)
[url]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=17958[/url] [/quote]

UKIJ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇشنى خالايدىغان، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىشنى خالايدىغان ھەر قانداق كىشىنى قارشى ئالىدۇ. نىزامنامە بويىچە ئەزا بولۇش ياكى چېكىنىشتە تەستىقلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

شەخسەن مەن، ئەتراپلىق ھەم ئۆتكۈر پىكىر بېرىپ كېلىۋاتقان Eagle بىلەن FinalFantsy ئەپەندىلەرنىڭ ئەزا بولۇپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇندىن كېيىن ئەزالار تور بېتى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتسىز پىكىرلەرنى ئايرىم تېما قىلىپ يازساڭلار...

يېزىلغان: شەنبە ماي 10, 2008 2:46 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
ئەزالار تور بېتىنى قۇرۇش ئىشىغۇ ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتىكەن، لېكىن مەن UKIJغا ئالدىنقى يىلى ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان UKIJ نامىدىن ھىچقانداق ئىش ئېلىپ بېرىلمىدى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى، ھەم مېنىڭ كومپىيۇتېر ھەققىدىكى بىلىملىرىمنىڭمۇ تايىنى يوق، شۇڭا تلەپ بويىچە ياساپ چىقالمايدىغاندەك قىلىمەن، ياسىساممۇ نىمە قويۇشۇمنى بىلمىدىم.

يېزىلغان: شەنبە ماي 10, 2008 3:17 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Asiya
Perhat_k ئەپەندىمنىڭ Eagle بىلەن FinalFantsy ئەپەندىلەرنىڭ Ukij غا دائىمىي ئەزالىققا
تەكلىپ قىلىشىنى قوللايمەن. مەن Ukij غا دائىمىي ئەزا بولغاندىن بېرى Ukij غا تور بېتىمدە تەشۋىق قىلىش
ۋە مەسلەھەت بېرىشتىن باشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشالمىدىم.بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىللىق ھېس قىلىمەن.شۇڭا
Ukij ئۈچۈن ئىقتىساسلىق ، جان كۆيەرلىك بىلەن خىزمەت قىلالايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىش تولىمۇ زۆرۈر.
شۇڭا دائىمىي ئەزالارنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن.
ئەزالار تور بېتى قۇرۇش ئىشىغا كەلسەك Yawuz ئەپەندىم ئېيتقاندەك UKIJ نامىدىن ھىچقانداق ئىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىغاچقا
شەخسى تور بەتكە قايسى مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى قويۇشنى بىلەلمىدىم.
(پىكىرىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئايرىم تېما يوللاشنى بىئەپ كۆرۈپ يوللاۋەردىم.ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر. )

يېزىلغان: شەنبە ماي 10, 2008 5:46 pm
تەرىپىدىن يوللانغان adiljan
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، بىراق ئەزالارغىمۇ ئېچىۋېتىلگەن بولسا ياخشى بولاركەن.
لېكىن بوشلۇق مەسىلىسىنى ئويلىشىدىغان ئىش باردە ھەي.

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 11, 2008 9:09 am
تەرىپىدىن يوللانغان Obraz
راسىت نۆۋەتتە ukij نىڭ تۇغ ئادىرىسى ئەسلى [img]http://www.ukij.org/uey/themes/DeepBlue/images/logo-graphic.gif[/img] ئورۇنغا قۇيۇلۇپتىكەن ، نۇرغۇن بىكەتلەردىمۇ مۇشۇ مەنزىلنى ئۇلىنىش قىپتىكەن ، ھازىر بۇ تۇغ رەسىمى ئورنىدا يوقكەن ، كۆرۈنمەي قاپتۇ . شۇڭا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويسىڭىز . مەن مۇنبەر باش بېتىدىكىنى باشقا بىكەتتىكىنى ۋاختىنچە ئۇلاپ قويدۇم .

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 12, 2008 8:34 pm
تەرىپىدىن يوللانغان hekmat
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
گەرچە UKIJغا نىسبەتەن بىرەر چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ ، ھەر ھالدا كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن.
شۇنداقلا ئۆتكەندە تۈزۈپ ئىشلىتىشكە باشلانغان« ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دېتاللار كاتالوگى » نى داۋاملاشتۇرۇپ باشقا ئېلىپ چىقىشنى خالايمەن.
(بۇ ئىشقا پەرھاد ئەپەندى خېلى كۈچ چىقاردى ) ناۋادا باشقۇرغۇچىلار
تاپشۇرسا مۇشۇ ئىشنى مەن داۋاملىق قىلىپ ، [url]http://www.ukij.org/catalog[/url] ياكى تور ئىسمىم
بىلەن مەلۇم بوشلۇقنى باشقۇرۇپ داۋاملاشتۇرسام . UKIJنىڭ بوشلۇغى قوللىماسلىق سەۋەبىدىن بۇ دېتال
ئۇيغۇر تىببىي تورىنىڭ بوشلۇغىغا قويۇلغان ، ناۋادا بۇ پروگراممىنى phpدا يېزىش زۆرۈر بولسا ، ئۇستازلار-
نىڭ ياردىمىدە قايتىدىن يېزىپ چىقسام ۋە UKIJنىڭ بوشلۇغىغا قويساق بولىدۇ.
باشقا ئىشلار بولسا مەن سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە قىلىشقا تەييار.
(پەرھاد ئەپەندى كاتالوگ ھەققىدە باشقا ئىشلار بولسا ،خەت يازارسىز.)
سالام بىلەن:
ھېكمەت(ھىكمەتيار)
2008-يىلى 12-ماي

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 13, 2008 10:03 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ھېكمەت ياخشىمۇسىز؟

ئاۋاز قوشقانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ئاۋۋال مۇھەممەد ئەپەندى يىڭى بوشلۇقتىن يۇقاردىكى كاتالوگ ئۈچۈن [url]http://www.ukij.org/catalog[/url] ئۇلىنىشىدا ، يىڭى مۇندەرىجە بولغان catalog قۇرۇپ بەرسە (ftp نشىفىرىنى مىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىمغا يوللاپ بەرسە)، مەن سانداننى يۆتكەپ قويسام بولىدۇ.
(ئەگەر، UKIJنىڭ ھازىرقى بوشلۇقمۇ aspنى قوللىمىسا، مىنىڭ بوشلۇقۇمدا تۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. تور بەت بوشلۇقۇم بۇرۇن ئاران 100MBئىدى، 11-چىسلادىن باشلاپ 500MB، كۆپ ئەمەس.)

بۇرۇنقى (يوللىنىپ بولغان ئارخىپتىكى) دىتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ.

ھېكمەت ئەپەندى، يۇقاردىكى ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن بىرلىكتە ئىش باشلاپ كىتەيلى، ئەمىسە.

كاتالوگ بىتىنىڭ باشقۇرۇش پارولىنى مەن كۆپ قىسىم دائىمىي ئەزالارغا مۇنبەر ئۇچۇرى شەكلىدە ئىۋەتىپ بەرگەن. (ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئىيتقانلىرىدىن باشقىلىرىغا.)

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 18, 2008 5:13 am
تەرىپىدىن يوللانغان hekmat
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭچە،1. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى(ئىسىم، مەنىسى، خەنزۇچە يېزىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،2.ئۇيغۇرچە كىتابلار كاتالوگى(مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،3.ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار كاتالوگى(پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتى،مەزمۇننى تولۇقلاش زۆرۈر) قاتارلىق تۈرلەر UKIJ نىڭ ئاستىدا بولسا تورداشلار پايدىلىنىشقا ئاسانلىق يارىتىلامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئەگەر باشقۇرغۇچىلار تاپشۇرسا، بۇ تۈرلەرگە بوشلۇق ئاجرىتىلسا ،ئەزالار تور بېتى قاتارىدا مەن قۇرۇپ چىقسام بولىدۇ.

سالام بىلەن:
ھېكمەت(ھىكمەتيار)
2008-يىلى 18-ماي

<<ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى>

يېزىلغان: جۈمە سېنتەبىر 12, 2008 4:37 am
تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil
بىز <<ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى>> گەرچە ukijبىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولمىساقمۇ(لېكىن فىلىمگە ئىزچىل ukijنىڭ خەت نۇسخسىنى ئىشلىتىۋاتىمىز.....) ئەمما ئۇيغۇر تىل يېزىق تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ،ھەم خەتلىك فىلىم ئارقىلىق فىلىم كىرىشتۈرۈش ھەققىدىكى ئاز بولمىغان تەجرىبە ساۋاقلارنى توپلىدۇق.ھەم مۇشۇ ساھەدىكى قىزىقىدىغان تورداشلار بىلەن توردا پىكىرلەشتۇق....
بىزنىڭ گۇرۇپپىمىز باشتىن-ئاخىرى ukijنى قوللايدۇ،مېنىڭچە بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزنىڭ ukijغا قوشقان تۆھپىسى زور بولمىسىمۇ ئەمما ئانا يېزىق تەشۋىقاتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمىز.بۇنىڭدىن كېيىن فىلىم ئاخىرىغا مەزكۇر تور بېكەت ئۇلىنىشىنى قوشۇپ تەشۋىق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن،بۇ چاغدا ukijتورىغا كىرىپ مەزكۇر بېكەتنى چۈشىنىدىغانلار سانى چوقۇم ئېشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
بىزنىڭ يادرولۇق نىشانىمىز: ئۇيغۇر يېزىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش
بېكەت ئادرېسى:[url]http://www.uyterjime.com[/url] مەسئۇل كىشى:كۈلكە. روك ،ياۋۇز