[دىققەت] Ubuntu Linux نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » شەنبە ماي 10, 2008 4:13 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۆپچىلىك بىلىك كۇلۇبىدىكى بۈركۈت ئەپەندىمۇ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. (بۈركۈت ئەپەندىنىڭ UKIJ تور بىتىدە ھېساباتى بولمىغاچ
بىلىك كۇلۇبىدىلا ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.)
پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەن بۇيەرگە چاپلاپ قويدۇم.
[quote]
مەن ئۇ مەزمۇنلارنى ھازىر كۆرۈپ باقتىم. ياخشى تەۋسىيە بوپتۇ.

بىز Google, Microsoft قاتارلىقلار بىلەن كومپيۇتېر مەسىلىسىدە ئالاقە قىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۆزىمىزنىڭ بىرەر ئورگىنى، تەشكىلى نامىدىن ئالاقە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى، باشقىلار ئەسكەرتمەستە تونۇپ يەتكەن. شۇڭا بىلىك كۇلۇبىدا Google ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشىدىن بۇرۇن، ئەلتېكىن ئەپەندىم ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا UKIJ نامىدىن ئالاقە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن بۇرۇنلا FinalFantasy ئەپەندىم ۋە مەن شۇنداق قىلىشنى ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈمىزگە پۈكۈپ بولغان ئىدۇق ۋە شۇنداق قىلغان ئىدۇق.

FinalFantasy ئەپەندىمنىڭ UKIJ نى Mozilla دەك بىرەر ئورگان قىلىپ چىقساق دەيدىغان ئارزۇسى بار ئىكەن، مېنىڭكى بولسا، ئۇنى IEEE Computer Society, ACM, Unicode جەمىيىتى ۋە تەشكىلاتىدەك بىرەر ئورگان، جەمىيەت قىلىپ چىقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.

لېكىن توردا ھەمكارلىشىپ، چوڭ كۆلەملىك ئەمگەكنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىن بۇرۇن، بىز بىلىك كۇلۇبىدا «شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرىستېتى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش قوللانمىسى» نى تەرجىمە قىلىش ۋە Google نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، Ubuntu نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشتەك 6 ئايلارغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغان بۇنداق زۆر كۆلەمدىكى ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىن بۇرۇن، UKIJ ۋە ئۇنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، ئۇنى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە بىرەر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق.

Linux سىستېمىسى 2005-يىللىرىدىن باشلاپ، توردىكى بىر قىسىم ئوت يۈرەكلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش باشلانغان بولسىمۇ، ئاخىرى داۋاملىشالماي توختاپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىممۇ بۇنىڭ تاماملىنىپ چىقىشىغا ھازىرچە تېخى كاپالەت يوق. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەممىمىزنىڭ ۋاقتىمىزنىڭ قىسلىقى، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئالدىراشلىقى بىر پاكىت.

شۇڭا Ubuntu مەسىلىسىگە قول تىقىشتىن بۇرۇن، UKIJ ھەققىدە، ئۇنى ياخشىلاش ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىۋالساق، UKIJ نى ياخشىلاش Ubuntu نى تەرجىمە قىلىپ چىقىشتىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. شۇڭا ئاۋال بۇ مەسىلىدە بىر پىكىر بىرلىكىگە كەلسەك.

[/quote]
ئەسلى ئادېرسى: [url=http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=17958&page=1#pid134946]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=17958&page=1#pid134946[/url]



hazirat
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 10, 2008 3:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان hazirat » شەنبە ماي 10, 2008 4:58 am

شۇنداق بۇ بەك ياخشى ئش بوپتۇ ،بىراق سىزدىن سوراپ باقسام ،بۇ سىستىمىدا windows سىستىمىدا ئىشلەتكەن سىستمىلارنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ قانداق ؟

aldanish
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 10, 2008 5:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان aldanish » شەنبە ماي 10, 2008 6:08 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !..
مەنمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ، ھازىرچە بىر تەرجىمان سۈپىتە قاتنىشىپ تۇراي ، ئاللاھ خالىسا كيىنچە بىرەر تىىخنىك بولۇپ قالامدىم تىخى!..:lol

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ماي 10, 2008 6:18 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]uyghurix[/i] ، ۋاقتى: 2008-5-10 09:31 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1544&ptid=329][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقىمسا چىڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس دىگەن گەپ بار مۇمكىن بولسا بۇ ئشنى خالايدىغان دوسلار ئۆز تىمىڭىلار ئارسىغا ئالاقىلىشش ئادىرسىڭىلارنى يەنى qq,email,skype,talk دىگەندە ئادىرسڭىلارنى قالدۇرۇپ قويۇشۇڭىلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .... [/quote]
8- قەۋەتتىكى ئىنكاسقا قاراڭ.

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » شەنبە ماي 10, 2008 1:13 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]uyghurix[/i] ، ۋاقتى: 2008-5-10 09:31 [url=http://ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1544&ptid=329][img]http://ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇ بەك ياخشى ئىش بولاپتۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشقا مەنمۇ شەخسەن ئۆزۈم تۇتۇش قىلغىلى خىلى كۈنىلەر بولغان ئىدى بىز ... [/quote]
سىز توككىدە بىر يەردىن پەيدا بولۇپلا بۇ گەپنى قىلىپسىز . ئاۋۇ ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇپ يازىدىڭىزمۇ ياكى ئوقۇمايلا يازدىڭىزمۇ ؟ سەل سەۋرىچان بولۇڭ دوستۇم .

uyghurix
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 6:15 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurix » شەنبە ماي 10, 2008 4:34 pm

ھا ھا مەن بىر يەردىن پەيدا بولاپ قالمىدىم ، مەن بىلىك كۇلۇبىدىكى ئۇچقۇن بولىمەن ،ukij دىكى a_uqkun بولۇمەن ،ukij دا تۇرۋاتقىنىمىغىمۇ تۆت يىللار بولاپ قاپتۇ ،كونىلار تۇنۇيدۇ < ئەسلى تەھىرلەپ قوياي دىگەن ئىدىم ،لىكىن ھوقۇقىم يەتمەيدىكەن .> مەن بۇ ئىنكاسىلارنى تولۇق ئوقۇپ بۇ تىمىنى يازىدىم قارغاندا ئۆزڭىز سەل ئالدىراقسانلىق بىلەن تىما يىزىپ قويغان ئوخشايسىز . مەن بۇ يەردە ھىچ كىمنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالمىدىم مەن 1- ئايىلاردا غەيرەت ئەپەندىمگە بۇ تەرجىمە توغىرسىدىكى ئويلىرمنى ئىيتقان ھەمدە سىرتتىكى ئشلىرمنى تۈگۈتۈپ بىر 2- ئايىلارنىڭ ئوتتۇردىن باشلاپ بۇ ئويۇم بويچە تەييارلىقىلارنى باشلىغان ئىدىم . سەۋرچان بولمىغان بولسا 1 - ئايدا پىلان قىلغان ئشنى 5 - ئايدا ئۇشبۇي تىما مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىمىغان بولاتتىم . تىخىمۇ سەۋرە قىلىپ 6- 7- ئايىلارغا سۆرەپ بارغان بوللاتتىم . ;P ;P ;P

uyghurix
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 6:15 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurix » شەنبە ماي 10, 2008 7:04 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]kulke0997[/i] ، ۋاقتى: 2008-5-10 19:13 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1562&ptid=329][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

سىز توككىدە بىر يەردىن پەيدا بولۇپلا بۇ گەپنى قىلىپسىز . ئاۋۇ ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇپ يازىدىڭىزمۇ ياكى ئوقۇم ... [/quote]

ھەي بۇ تىمىنى كۆرگەنسىرى سەل قوسقىم كۆپىۋاتىدۇ ، مۇمكىن بولسا تورداشىلارنىڭ مانداق پۇتىقى بار ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمە ، بولمىسا بىر ئوپتان قىزغىنلىققا سۇ سىپىلىپ قالدىكەن .
1- مەن بۇ uyghurix دىگەن ئسمنى تىزمىلاتقىلى يانا ئىككى ھەپتە ئۆتسە ساق بىر يىل بولدىكەن ، مەن ھەرگىزمۇ بىر يەردىن توككىدە چۈپ قالمىدىم .
2- مىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى نەۋرۇز،ئنىتل قاتارلىق ئۇستاز تورداشلار تازا ئوپتان بىلىدۇم .
3- مەن يۇقۇردىكى ئىنكاسنى ئۇشبۇي تىما مۇناسىۋەتلىك بالدۇر يوللىدىم ، سەۋيەم چەكلىك شۇ سەۋەپتىن ئۇستازلارنىڭ باش بولۇشنى سوراپ يازدىم .
4- مەن بىر قىسىم تەييارلىقىلارنى شەخسى ئشلىگەن بولسسامۇ ھەرگىزمۇ ئۆز بىشمچىلىك بىلەن قىلمىدىم بۇ توغىرسىدا غەيىرەت ئەپەندى بىلەن كۆپ قىتىم پىكىرلەشكەن .
5- مەن ئەزەلدىن بۇ ئشقا باش بولۇش نىيتىدە بولۇپ باقمىدىم ، مەن شۇ دەسلەپكى بىر قىسىم تەييارلىقىلارنى ئشلەشنى شەخسەن ئۈزۈم يالغۇز ئىلىپ باردىم خالاس .
6- مەن ھازىرچە تەرجىمىگە ئائىت باشقا چوڭ تەييارلىقىلار ئشلەنمىدى ، ھازىرچە ئشلەنگىنى شۇ تەرجىمە قىلىش ئوبۇكتى ، تەرجىمە نامى ، ئۇيغۇرچە linux نىڭ logo ، شۇنداققىلا تەرجىمە گورپىسغا ئشلەنگەن تور بەت (linux نى تەشۋىق قىلىش ، ئۈگۈتۈشكە ئائىت بۆلەكىلەرمۇ بار ) بۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز بىشمىچىلىك بىلەن ئشلەنمىدى ، غەيىرەت ئەپەندى بىلەن كۆپ قىتىم پىكىرلەشتۇق . logo مۇ شۇنداق ياخشى ئىشلەندى دەپ قارايمەن ، ۋاىتى كەلگەندە تورداشلارغىمۇ يارايدىغانلىقىغا ئشىنىمەن .
7- يىغىنىچاقىلاپ ئەيتىقاندا بۇ تىمىغا ئاۋاز قوشۇش ھەمدە تورداشىلار بىر يەرگە يىغىلايلى دىگەن شۇئارنى توۋلاش ئۈچۈنىلام يازىدم .
[color=Red]ئەسىلى بىر ئوپتان تىمىغا بۇنداق ئىنكاسىلارنى يازماسلىغىم كىرەك ئىدى تورداشلارنىڭ كەچۈرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . [/color]

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » شەنبە ماي 10, 2008 7:17 pm

ھاي ھاي بولدى قىلىڭلارچۇ .... كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق خالاس ....
Ubuntu نى تەرجىمە قىلىش جەريانى ۋە تەرجىمە قىلىش WINDOWS قا قارىغاندا ماھىيەتلىك پەرق ئەتسە كىرەك دەپ ئويلايمەن . ئالدىنقى قېتىم بىر قانچە قېتىم Linux نى ئىشلىتىپ باققان بولساممۇ قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك Windows قا بېقىنىپ قالغاچقا ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە Windows قا ئۆتىۋالغان ئىدىم . شۇڭا Linux ئائىلىسى توغىرلىق جىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمەن .

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » شەنبە ماي 10, 2008 10:43 pm

سالام قېرىنداشلار،

قارىغاندا كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى بار ئوخشايدۇ. بۇ مېنى بەكمۇ خۇشاللاندۇردى. ئۆز ۋاقتىدا (2 يىل بولدىغۇ دەيمەن) uyghurix پىلانىنى دېسەم ھېچ كىم قىزىقمىغان ئىدى. قارىغاندا ئەمدى بۇ ئىشنى قىلىدىغان پەيت كەلگەن ئوخشايدۇ.
بۇ توغرۇلۇق ئۇچقۇن ئەپەندى بىلەن نەچچە قېتىم پىكىرلەشكەن. ئۇچقۇن ئەپەندى خېلى جىق تەييارلىقلارنى قىلدى. بىز uyghurix نى قىلىمىز دېسەك شۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىسەك بولىدۇ.
مېنىڭ ئويۇم، uyghurix نى ئىشلەشلا ئەمەس، مۇشۇنى ئىشلەش ئارقىلىق بىر تۈركۈم ھەۋەسكارلارنى Linux نىڭ مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندۇرۇش. شۇڭا uyghurix نى ئىشلەشنىڭ جەريانىنى پۈتۈنلەي يازمىچە ماتېرىيال سۈپىتىدە، ئەڭ ئاممىباب تىلدا توردا ئېلان قىلىپ مېڭىشتۇر. شۇڭا ئۇچقۇن ئەپەندى بىلەن uyghurix نىڭ بېتىنى ئامال بار wiki سىستېمىسىدا ياساشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم.

مېنىڭ uyghurix نى 6 ئاي ئىچىدە تاماملاشقا بولىدۇ دېگىنىم، ھەرگىزمۇ ئۇنى 6 ئايدا مۇكەممەل قىلغىلى بولىدۇ دېگەنلىكىم ئەمەس، دەسلەپكى نەشرىنى 6 ئاي ئىچىدە قىلغىلى بولىدۇ دېگىنىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۇنى ئاستا-ئاستا مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئۆزۈمنى ئېيتسام مەن Linux نى بىلىپ كەتمەيمەن. مەسىلىلەرگە يولۇقسام ئىنتېرنېتتىن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيمەن. ئەگەر بۇ تۈر باشلانسا مېنىڭ قىلىپ بېرەلەيدىغانلىرىم، كۆپچىلىككە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ياكى بىر قىسىم ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ بېرىش، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىر قىسىم نەرسىلەرنى قول تۇتۇپ ئىشلەش....؛ قىسقىسى مەن بۇ تۈرنى ئىشلەش جەريانىدا شوتىنىڭ رولىنى ئۆتىمەكچى.....
غەيرەت كەنجى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ماي 11, 2008 4:46 am

شۇڭا دەيتتىم مەن ؛ ھەممە يەردىكى ئىسىم ئوخشاش بولسۇن دەپ. يۇقۇرىدىكى دوستلار ھەر ئىككىڭلار ئەمدى توغرا چۈشىنىشىڭلار.
يۇقارقى ئىنكاسلاردا ئىپادە ۋە تەلەپ يېزىلىپ بولغاچقا قايتا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
مۇشۇ يەردە ئىپادە بىلدۈرگەنلەر مېنىڭچە يىتەرلىك. پىلاننى چوڭ جەھەتتىن ئەتراپچىلىق سوقۇپ ئىشنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بەزى ئىشلارغا ئىش جەريانىدا بىر نەرسە دېيىش كېرەك.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار