[دىققەت] Ubuntu Linux نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
uyghurix
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 26, 2007 6:15 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghurix » يەكشەنبە ماي 18, 2008 7:29 am

خىزمەت ئىشى بىلەن سىرتتا بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بىر مەزگىل تورغا چىقالمىغان ئىدىم ، بۈگۈن ئۇستازلارنىڭ يولىغان
ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم .
مەنمۇ ئۆزۈم قىلغان ئىشلاردىن بىر قىسىملىرىنى دوكلات قىلغاچ تۇراي .
1- uyghurix نىڭ logo سىنى مۇنداق لايىھىلىگەن ئىدۇق ، غەيرەت ئەپەندىم كۆرگەن ئەمدى تورداشلارنىڭ باھالىشىغا سۇندۇم .
[img]http://www.uyghurix.com/photo/ok.jpg[/img]
2- uyghurix ئۈچۈن لايىھىلەنگەن تور بەتنىڭ باش بېتى تۆۋەندىكىدەك لايىھىلەندى . (سەۋىيەم چەكلىك تورداشلارنىڭ كۆپرەك پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن )
[img]http://www.uyghurix.com/photo/ok2.jpg[/img]

بىر قىسىم سەۋەبىلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىشلار سەل كىچىكىپ قالغان ئىدى ئاللا خالسا uyghurix ئۈچۈن تۈزۈلگەن تور بەتنىڭ
تىزىراق تورداشىلار بىلەن يۈز كۆرشتۈرۈشكە تىرشىمەن . ۋاختىم سەل قىس بولۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە مۇشۇلارنى
يېزىپ تۇراي

قوشۇمچە : مىنىڭ خىيالىم ، تۆۋەندكىدەك مايكا لايھەلىگەن ئىدىم ، ۋاختى كەلگەندە تەرجىمە گورپسىدىكىلەرگە بىردىن باستۇرۇپ سوغا قىلغىم .بار
[img]http://www.uyghurix.com/photo/ok1.jpg[/img]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ماي 18, 2008 1:24 pm

ئۆمەر14 نىڭ پىكرى ئورۇنلۇق، توپ قۇرۇپ قويۇش كېرەك.
خىزمەتنى بۆلۈپ قىلىپ يولۇققان مەسىلىنى توپتا مۇزاكىرە قىلىش، بىرلىككە كېلەلمىسە مۇنبەردە پىكىرلەشسىەڭلارمۇ بولىدۇ.

aldanish
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 10, 2008 5:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان aldanish » دۈيشەنبە ماي 19, 2008 9:10 am

يۇقىرىدىكى لاھىيە ناھايتى ياخشى بولۇپتۇ، پىنگىۋىننىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئوبراز رەسىمى ناھايتى چىرايلىق بولۇپتۇ.
مېنىڭچە logoنىڭ تەگلىك رەسىمىگە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر مەشھۇرلىرىمىزنىڭ (مەھمۇد قەشقىرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ،... دىگەندەك) لەرنىڭ رەسىمىنى ئىشلەتسەك، ياكى بولمىسا يۇرتىمىزنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان بىرەر داڭلىق بولغان مەنزىرىلىك جايلارنىڭ رەسىمىنى ئىشلەتسەك قانداق؟
بۇپەقەت مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم، قالغىنىنى تورداشلار نىمە دەيدىكىن...

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » سەيشەنبە ماي 20, 2008 8:57 am

ياخشى بوپتۇ. كەچتە 15 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ قۇيۇپ بۇ تىمىغا دىققەت قىلىڭلار. بەك جىمىپ كىتىۋاتىدۇ.

heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » چارشەنبە ماي 21, 2008 5:43 am

بۇنى بولسا شۇ تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق تەرجىمە قىلساق ياخشى بولاتتى :victory:

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » چارشەنبە ماي 21, 2008 5:45 am

ئەسسالام
تۈنۈگۈن Canonical شىركىتى ئىككى تال ununtuنىڭ دىسكىنى ئەۋەتىپتىكەن !
ئۇنى كومپىيۇتېرغا قاچىلاشقا بولمىدى . قاچىلاپ باققانلار ياردەم قىلساڭلار
==============
ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى مەلۇم تور بىكەت ئارقىلىق Canonical شىركىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ قويغانىدىم ئۇلار بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئەۋەتىپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيتقانىدى تۈنۈگۈن خەلىقئارا يوللانمىدىن بىرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم قارىسام جەنۇبى ئافرىقىدىكى Canonical شىركىتى ئەۋەتىپتۇ ئاچسام ئچىدىن Ubuntu نىڭ قاچىلاش دىسكىسدىن ئىككسى چىقتى (نەشىرى :Ubuntu7.10) بۇنى قاچىلاي دەپ كومپىيۇتېرغا سالسام شۇنداق چىرايلىق قوزغالدى قاچىلاي باسقۇچدىن 7سباركەن بۇنىڭ 4-باسقۇچىغا كەلگەندە قاتتىق دىسكىنى رايۇنغا ئايرىش مەشغۇلاتى قىلىمەن دەپ تۇرۋالدى ! ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازېر بار بولغان رايۇنلارغىمۇ قاچىلاشقا بولىدىغان ئوخشايدۇ . مۇشۇ سىستىمىنىڭ ھۆججەت سىستىمىسغا بولغان ئۆلچىمىنى بىلەلمەسلىك سەۋەبىدىن قاچىلاشقا مومكىن بولمىدى ! شۇڭلاشقا ئىلگىرى قاچىلاپ باققانلار مۇشۇنىڭغا بىر مەسلەھەت بەرسەڭلار . قاتتىق دىسكىدا ناھايىتى موھىم ئۇچۇرلار بارئىدى ئۇنى كۆچرۋىلىش مومكىن بولمايدۇ8 @

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە ماي 21, 2008 5:59 am

مەن ئالدىراش بولۇپ قىلىپ بۇ تىمىنى بۈگۈن كۆرۈپتىمەن، قولۇمدىن تەرجىمە ئىشلىرى كەلمىسىمۇ، تەييار ئاشنىڭ تۇزىنى تېتىپ بېقىشنى بىلىمەن، بىرقىسىم سۆزلەرنى «قاملاشتۇرۇپ» قىلىشىم مۇمكىن، بولۇپمۇ تەشۋىقاتنى قىلىپ بېرەلەيمەن، باشقا توربەتلەردە قانچىلىك تەشۋىق قىلىندى بىلمىدىم، لىكىن مەن ھازىر بىلىك، ئىزدىنىش ۋە ئانا تىلىم ۋە دىيارىمدا تەشۋىق قىلىشنى باشلىدىم، ئۇ جايلاردا تەستىقلاپ قالسا ئۇستازلارنىڭ ئىنكاسلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈچۈن ئادىرىسىنى مەزكۇر جايدا قالدۇرىمەن.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە ماي 21, 2008 6:04 am

پىنگىۋىندىكىكى ئۇيغۇر تۈسى بەكلا ياخشى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بەلبىغىدىن بەكلا خۇرسەن بولدۇم، دوپپىسى سەل كىچىك كىلىپ قالغانمۇ نېمە;P
ئەنئەنىمىزدە قىزىل، سېرىق ۋە بىرقىسىم رەڭلىك كىيىملەر پەقەتلا قىزلارغا خاس قىلىنغان، مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئەنەئنىمىزگىمۇ ئىتىبار قىلىنسا.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2008-5-21 12:06 [/i]]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە ماي 21, 2008 7:31 am

بۇ تېما ھازىر
بىلىكتە: [url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=18137[/url]
دىيارىمدا: [url]http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=20558[/url]
ئانا تىلىمدا : [url]http://www.anatilim.com/anatilimmunbiri/showpost.asp?id=900&forumid=23[/url]

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » چارشەنبە ماي 21, 2008 8:55 am

مەنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلىۋاتىمەن، ئەڭ ئاخىرى تورداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ تەرجىمىدىكى خاتا ئىبارە ۋە ئاتالغۇلارنى بىر تۈزىتىپ ئىشلەتسەك دىمەكچىمەن .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار