[دىققەت] Ubuntu Linux نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە ماي 24, 2008 8:05 am

ھەرقايسىڭلارنىڭ ھەپتىدە بىرەر كۈن بولسىمۇ ئارام ( دەم ئېلىش كۈنۈڭلار) يوقمۇ؟ تۇلىمۇ ھەيرانمەن.......



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە ماي 24, 2008 9:05 am

ئۇنداق قىلمايلى. ئالدىراش دىگەن گەپ بىر ئاقماس باھانە.
ئەمەلىيەتتە غەيرەت ئەپەندىم ، ئۇچقۇن ئەپەندىم، مۇھەممەد ئەپەندىملەرنىڭ بىرى پىلان تۈزۈپ ، گۇرۇپپا تەشكىللەپ بەرسىلا ( ئەمەلىي ئىشمۇ كەتمەيتى. شۇ توردا تېما يوللاشقىلا ۋاقتى كىتەتتى......) قالغان كىچىك گۇرۇپپا بېشى ئەزالارنى رەتلەپ ۋە يىغىپ، ۋەزىپىلەرنى تەخسىملىسە تەخسىملەپ، بولمىسا توردا تەرجىمە قىلالايدىغانلارنى كۈندە ياكى نەچچە كۈندە بىرقىتىم ئالاقە ۋاستىللىرىدىن پايدىلىنىپ تەشكىللەپ قويسا ھەم سۈيلەپ تۇرسىلا بۇلار ئىدى.
ۋاقىت چىقمىدى، ئالدىراشچىلىق.....ھەممىسى قۇرۇق بانا-سەۋەپلەر.
دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىرش خىزمەت قىلىدىغان ئۇرۇن ئامرىكا ئالەم بوشلىقى تەتقىقات مەركىزى NASA دىكى ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندىممۇ ھەر ئىككى ئۈچ ھەپتىدە 7-8 سائەت چىقىرىپ ۋەتەندىكى ياشلارغا ناھايتى ئەھمىيەتلىك ماقالە -تېمىلارنى تەقدىم قىلىۋاتىدۇ. دىمەك ئالدىرشچىلىق ئىچىدىن يەنە ۋاقىت چىقارغىلى بۇلىدۇ. پەقەت ئەمەلىي ئۇرۇنۇپ باقمىغاننىڭ ئىشى.
غەيرەت ئەپەندىم نەچچە يىلدىن بۇيان ئويلاپ كەلگەنىكەن، مۈمكىن بولسا بىر باشقائېلىپ چىقىرۋەتسەك.
بۇ تېما ھەرقايسى تور بىكەتلەردە تەشۋىق قىلىنىپ كەتتى. ئەمدى يەنە جىمىپ كەتسەڭلار بەك سەت تۇرىدۇ. ئۇچقۇن ئەپەندىم باشلاپ بولغان دەۋاتاتتتى. جۇڭگۇدا ھەر ھەپتىدە 2 كۈن قانۇنلۇق دەم ئېلىش ۋاقتى بار. بىر ۋاقىت چىقىرىپ خەلىق ئۈچۈن قلىدىغان ئىش بولسا ۋاقتىدا قىلىپ تۈگىتىۋەتسەك.

heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » شەنبە ماي 24, 2008 9:32 am

بىرەيلەن باش بولۇپ، ھە ئەمىسە ئەمەتجان سىز ماۋۇ بۆلەكنى قىلىڭ، سەمەتجان سىز ماۋۇ بۆلەكنى قىلىڭ دەپ بەرسە ياخشى بولاتتى، بۇنداق قىلمىساق نەدىن قول تىقىشنى بىلمەي قالىدىكەن ئادەم؟!

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » شەنبە ماي 24, 2008 9:22 pm

سالام كۆپچىلىك،
Ubuntu نى قانداق تەرجىمە قىلىش ھەققىدە، مەن ئالدىنقى قېتىمقى يازمامدا دەپ ئۆتتۈم.
يەنە بىر قېتىم دەپ ئۆتەي، Ubuntu نى توردا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم [url]https://launchpad.net/+login[/url] ئارقىلىق تىزىملىتىش زۆرۈر ئىكەن.

[url]https://translations.launchpad.net/ubuntu/hardy/+translations[/url]
ھازىر ئۇيغۇرچىنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ تىزىملاتقانلار(تۆھپىكارلار) 13 كىشى ئىكەن. تەرجىمە قىلىدىغان ئۇچۇر سانى 408615 ئىكەن.

[url]https://translations.launchpad.net/ubuntu/hardy/+lang/ug/[/url]
غا كىرىپلا شۇ يەردىكى خالىغان بىر بۆلەكنى چېكىپلا تەرجىمىنى قىلسىلا بولىدىغان ئىشقۇ؟
توردا تەرجىمە قىلماي، ھۆججەتنى چۈشۈرۈۋېلىپ تەرجىمە قىلىمەن دېسەڭلار ئۇمۇ بولىدۇ.
[url]https://translations.launchpad.net/ubuntu/hardy/+lang/ug/[/url]
دىكى خالىغان بۆلەكنى مەن تەرجىمە قىلىۋاتىمەن دەپ مۇشۇ مەيدانغا يېزىپ قويۇڭلار، بولمىسا تەكرارلىنىش يۈز بېرىدۇ.

ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ بەرمىسە بۇ ئىشنى قىلغىلى بولماسمۇ؟

ئەگەر [url]https://launchpad.net/+login[/url] غا تىزىملىتالماي قىينالغان بولساڭلار قىيىنچىلىقنى دېمەمسىلەر؟ ئەگەر قىيىنچىلىقنى بۇ يەردە يېزىشتىن خىجىل بولساڭلار [email]gheyret@yahoo.com[/email] غا يېزىڭلار. مەن يول كۆرسىتەي.
ئەگەر چۈشۈرۈشتىمۇ قىينالساڭلار، مۇشۇ مەيدانغا

«مەن XXXX بۆلەكنى تەرجىمە قىلاي» دېگەن مەزمۇندا بىر نەرسە يېزىڭلار، ھەم ئېلخەت ئادرېسىڭلارنى، ئۆزۈڭ
لار ياخشى چۈشىنىدىغان تىلنى(مەسىلەن ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ياپونچە... دېگەندەك) قوشۇپ قويۇڭلار.
مەن چۈشۈرۈپ سىلەرگە ئەۋەتىپ بېرەي، تۈگىگەندە يەنە ماڭا يوللاپ بېرىڭلار مەن ئۇنى يەنە تورغا چىقىرىپ قوياي.
قانداق كۆپچىلىك يەنە ئېنىق بولمىغان مەسىلە بارمۇ؟
غەيرەت كەنجى

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » شەنبە ماي 24, 2008 11:43 pm

ubuntu نى سىناپ ئىشلەتمەكچى بولغانلارغا:
قاتتىق دىسكىنى رايونلارغا ئايرىمايمۇ، ھەرخىل مەۋھۇم ماشىنا يۇمساق دېتاللىرى ئارقىلىق Ubuntu نى ئىشلىتىشكە بولىدۇ(Ubuntu لا ئەمەس، باشقا Linuxلارنىمۇ، Windows نىڭ بۇرۇنقى نەشرلىرىنىمۇ).
مەۋھۇم ماشىنا يۇمساق دېتاللىرى بىر خىل ئالاھىدە دېتال بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى پروگراممىلارغا ئوخشاش كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كومپيۇتېرغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئىجرا قىلدۇرسا مەۋھۇم كومپيۇتېر ھاسىل بولىدۇ. مۇشۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا Linux، Windows ... قاتارلىق سىستېمىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مەۋھۇم ماشىنا يۇمساق دېتاللىرىنىڭ سانى يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بېرى خېلىلا كۆپىيىپ قالدى، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى VMware. ئۇنىڭدىن باشقا Microsoft شىركىتىنىڭ VirtualPC؛ Sun Microsystems, Inc نىڭ VirtualBox قاتارلىقلار بار.....

مەن بۇرۇن VirtualPC نى ئىشلەتكەن ئىدىم، ھازىر VirtualBox نى ئىشلىتىۋاتىمەن.
مېنىڭ كومپيۇتېرىمغا ياپونچە WindowsXP ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مەن
[url]https://cds.sun.com/is-bin/INTERSHOP.enfinity/WFS/CDS-CDS_SMI-Site/en_US/-/USD/ViewProductDetail-Start?ProductRef=innotek-1.6-G-F@CDS-CDS_SMI[/url]
دىن VirtualBox نىڭ Windows دا ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، Windows قا ئورۇنلاشتۇردۇم، ھەم VirtualBox نى قوزغىتىپ ئۇنىڭ ئىچىگە بىر قانچە مەۋھۇم ماشىنا ياسىدىم.
ھازىر مەن مەۋھۇم ماشىنا مۇھىتىغا Ubuntu، Debian، خەنزۇچە WindowsXP نى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن. بىرلا ۋاقىتتا ئۇچىنى قوزغىتىپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ(سۈرئەت ئاستا بولىدۇ). ھەم ھەر بىرىنى خۇددى ئايرىم بىر كومپيۇتېرنى .ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئەسلىدىكى ياپونچە WindowsXP غا قىلچە تەسىرى بولمىدى. پەقەت مەۋھۇم ماشىنىنى قوزغاتقاندا سۈرئىتى ئازراق ئاستىلاپ قالدى. مەۋھۇم ماشىنىنى قوزغاتمىغاندا قىلچە تەسىرى بولمىدى.

كۆپچىلىكمۇ ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان مۇھىتىنى ئۆزگەرتمەيلا Ubuntu نى سىنىماقچى بولسا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولىدۇ....
غەيرەت كەنجى

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ماي 25, 2008 7:58 am

تەشۋىقاتنى چامىمنىڭ يېتىشىچە قىلىۋەتتىم، ئەمدە ئۇستازلارنىڭ ھەرقايسى تورلاردىكى مۇناسىبەتلىك ئىنكاسلارغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، بولۇپمۇ بىلىك مۇنبىرىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلار چۈشتى، بۇ ئۇچۇرلار ئىچىدە [url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=18137&extra=&page=1[/url] نىڭ 20-، 22- قەۋىتىگە دىققەت قىلىنغان بولسا.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ماي 25, 2008 4:12 pm

باشقا توربەتتە بۇ خىزمەتكە قارىتا قويۇلغان ئۈمىتسىز پىكىرلەرنى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە كۆرۈپ كۆپ ئەپسۇسلاندىم. شۇنداق تەتۈر تەشۋىقاتلار ئۈچۈن بولسىمۇ غەيرەت ئەپەندىمدىن شۇنى ئىلتىماس قىلاي: بۇنىڭ تىل ھۆججىتىنىڭ خەنزۇچىسى بار بولسا ئېنگىلىزچىسىغا قوشۇپ يوللاپ بەرسىڭىز مەنمۇ بىر قاتنىشاي بۇ ئىشقا. (ئېنگىلىزچىدا ساۋاتسىزمەن)
بۇ سىستېمىنى ئىشلىگۈچىلەرگە ئۇيغۇرنىڭمۇ بۇنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقى، بوش ئەمەسلىكىنى، ئەل سۆيەر ئەزىمەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا ئازراق كۈچ قوشالىسام ئەجەپ ئەمەس.
بۇ يىل ئىچىدە بىر پۈتتۈرىۋېتەيلى بۇ ئىشنى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2008-5-25 22:14 [/i]]

oghuzkb
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 21, 2008 1:30 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuzkb » يەكشەنبە ماي 25, 2008 9:44 pm

بىلىك مۇنبىرىدىكى بەزى ىنكاسلارنى كۆرۈپ باقتىم. تەرجىمىنى قانداق قىلىش مىنى توختىتىپ قويدى. دىمەكچى بۇ يەردە بىر-مۇنچە كەسپى ىاتالغۇ مەسىلىسى بار، نۇرغۇنلىرىنى تىلىمىزغا قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدىم. بەزىلىرىنى ىۇدۇل تەرجىمە قىلسا ياخشى چىقمايدىكەن. server نى مۇلازىمەتتېر دەپ قوللىنىپتۇق، شۇنداق ياخشى كەپتۇ. لىكىن مۇشۇنىڭغا ىوخشاش يىڭى سۆزلەر قانچىلىك بۇنى بىلمىدىم. بۇرۇن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن سۆزلەرنى بىر تىزىپ چىققان بولساق بەك ياخشى بولاتتى...

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ماي 26, 2008 1:07 pm

Intil ئەپەندى، ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز.....، ياكى [email]gheyret@yahoo.com[/email]غا خەت يازسىڭىز
ھۆججەتلەرنى ئېۋەتىپ بېرەي....
غەيرەت كەنجى

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ماي 27, 2008 7:08 am

قايسى كۈنى يۇقارقى يازمىدىكى بويىچە قىلىپ قىلالماي. كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىكى بارلىق نەرسىلەر يوقاپ كەتتى@
ئىسست كەم دىگەندىمۇ 2 ئايلىق پىروگرامما ئىجادىيىتى ۋە باشقا ماتىرياللار پۈتۈنلەي يوقاپ كەتتى @:L :L
راستىنى دىسەم يىغلىۋىتەيلا دەپ قالدىم ! قولامغا ئالمايلا دەۋەتتىمغۇ @ ئىسست !

ھازىر ئىمتاھان ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالدى ئۇنىڭ ئۈستىگە پىراكتىكىمۇ باشلانغىلىۋاتىدۇ ، كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغۇدەك ۋاقتىم پەقەت چىقمايۋاتىدۇ !شۇنداقتىمۇ ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ قاتنىشىمەن !
غەيرەت ئەپەندى مەن خەنزۇچىدىن ئاساسەن دىگۈدەك تولۇق پايدىلىنالايمەن ئىنگىلىسچىدىنمۇ يامىداپ يۈرۈپ پايدىلىنىمەن !
ئىمكان بار خەنزۇچە قىلاي !
[email]omarjan14@qq.com[/email]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار