[ئۇقتۇرۇش] UKIJ نىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش پائالىيىتى توغرىسىدا

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Admin

[ئۇقتۇرۇش] UKIJ نىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش پائالى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Admin » يەكشەنبە نويابىر 16, 2008 11:31 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشى نەتىجىسىدە (تەپسىلاتىنى بىلىك، UKIJ، ئىنتىل قاتارلىق ئەزا تور بېكەتلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدىن كۆرۈڭ)، [url=http://www.ukij.org/fonts]2006-يىلى 2-قېتىملىق فونت تۈزىتىش پائالىيىتىدىن كېيىن تارقاتقان فونتلاردا[/url] 2004-يىلى 17-يانۋاردا [url=http://www.ukij.org/fonts/history/Birlik.htm]بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىدە[/url] كۆرسىتىلگەن ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلاردىمۇ بەزى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىنىپ قوشۇلۇپ قالغانلىقى بايقالدى. جەمئىيىتىمىز تارقاتقان فونتلاردا ئۇ ئارتۇقچە ھەرپلەرنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى [url=http://www.ukij.org/oyghan/unicode/Unicode_FAQ_fichiers/image005.gif]ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ بارلىق شەكىللىرىنىڭ Unicode جەدۋىلىدىكى كود ئورنىنى[/url] ئېنىق بىلەلمىگەن/پەرقلەندۈرەلمىگەن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ خاتا ھالدا ئۇ ھەرپلەرنى ئىشلىتىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى. نەتىجىدە بىلىپ-بىلمەي ئەشۇ ئارتۇقچە ھەرپلەرنى ئىشلىتىپ قالغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قوراللىرىدا كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەر بىلەن تىلكوم، ئۇيغۇرسوفت ۋە ئويغان قاتارلىق 2004-يىلى 17-يانۋاردا بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كودىنى ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىپ يېزىلغان تېكىستلەر «پۇت تېپىشىپ» قالىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. UKIJ فونتلىرىدا ئەشۇ ھەرپلەرنىڭ تەكرار قوشۇلۇپ قېلىشىدا 2-قېتىملىق فونت سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. شۇ سەۋەبتىن، UKIJ بارلىق تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايدۇ. شۇنداقلا، خاتالىقنى بايقىغۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ.

ئۇشبۇ خاتالىقنى تۈزەش ۋە UKIJ فونتلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن 3-قېتىملىق فونت تۈزەش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز. تەپسىلىي ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
[size=4]
1. 2004-يىلدىكى بىرلىككە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى فونتلار بۇرۇنقى نامى، شەكلى/غولى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا تۈزىتىلىدۇ.

2. فونت ياسىغۇچىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قىسمىدىكى ئۇچۇرلار بۇرۇنقى پېتىچە (يەنى [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكىدەك) ساقلاپ قېلىنىدۇ.

3. ئۇ فونتلارنى تۈزەشكە تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى مەسئۇل بولىدۇ. [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=227&extra=page%3D1]تۇرسۇنجان سۇلتان[/url] ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى فونت تۈزەش ئىشىنىمۇ دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالغىنىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

4. فونت سىناش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىشلىرىغا [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] بېتىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بارلىق فونت ئىجاتچىلىرى ۋە ئۆزگەرتىپ فونت ياسىغۇچىلار تەكلىپ قىلىنىدۇ. فونت توغرىلىق بىلىمگە ئىگە ئىسمى يۇقىرىدىكى ئۇلانمىدا تىلغا ئېلىنمىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ.

5. فونت تۈزىتىش ۋە سىناش ۋاقىت چېكى 2008-يىل 28-دېكابىرغىچە؛ 2009-يىل 1-يانۋار تۈزىتىلگەن فونتلار رەسمىي تارقىتىلىدۇ. (بىر قىسىم فونتلار ئاللىبۇرۇن تۈزىتىلىپ بولغاچقا سىناشقىلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر سىناش جەريانىدا ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ).

6. تۈزىتىلگەن فونتلارنى سىناشقا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى ئايرىم تېمىدا تونۇشتۇرىدۇ.[/size]

[size=5]ئۇيغۇرچە فونتلارنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر ساھەسىدىكى كەسىپداشلارنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاممىۋىي مەنپەئەتنى ئەلا كۆرۈپ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.[/size]

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2008-يىل 16-نويابىر

(بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە نويابىر 16, 2008 1:33 pm

تەۋسىيەلەندى [url]http://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=1949[/url]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە نويابىر 17, 2008 6:55 am

بۈگۈن مۇنبەر بەك تېزغۇ؟
ئىنتىلدىكى تورداشلار سىناش ئۇسۇلى ھەققىدە تەپسىلىي تەلەپلەرنى بىلىشكە تەقەززا بولىۋاتىدۇ.

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » دۈيشەنبە نويابىر 17, 2008 8:13 am

بۇ ئىش ھېلىھەممۇ كىچىكمىدى ، UKIJ دىكىلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئەمدى بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلگىنىگە تەشەككۈر
بىز ھەر ۋاقىت UKIJ نى قوللايمىز:victory: :handshake

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » سەيشەنبە نويابىر 18, 2008 4:22 am

بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.
مېنىڭچە پىكىر ۋە كۈچنى چېچىۋەتمەي،ئالدى بىلەن ھەممەيلەن بىر تىپىك فونتنى تاللاپ شۇنى سىناساق.ئاندىن بۇ ئۆلچەملەشكەن فونت ئاساسىدا قالغانلارىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزسەك ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
1.UKIJ Tuz Tom نى تاللايلى.
2.ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ كودىنى تەكشۈرەيلى.
3.ئۇيغۇرچە تىنىش بەلگە،ۋە باشقا قوشۇمچە بەلگىلەرنى تەكشۈرەيلى ،يوقلىرىنى قاتايلى،كودىنى ئېنىق بېكىتەيلى.مەسىلەن : ھەرخىل تىرناق،چېكىت-پەش،سىزىق دىگەندەكلەرنى.
4. خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى باشقا يېزىقلار بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتىمۇ تەكشۈرەيلى.ئاسالىق ئىشلىتىدىغان دېتاللاردا بۇ فونتنىڭ كۆرىنىشى نورمالمۇ تەكشۈرەيلى.
5.بولسا ئۇ،ئى ،ئا قاتارلىقلارنى بىر كونۇپكىدا چىقىرىش مەسىلىسىنىمۇ ئويلىشايلى.بۇنى فونتنىڭ قوشۇمچە ھۈججىتىگە يېزىشقا بولىدىغۇ دەيمەن.
6.بۇ فونت ئىچىگە ئالغان ئېنگىلىزچە ھەرىپلەرگىمۇ چىرايلىق فونتنى ئىشلەتسەك.
7.بىرقىسىم تورداشلار ئىنكاس قىلغاندەك،ö,ü,ë,ä,éلارنىمۇ قوشۇپ قويايلى.ئەڭ چىرايلىق چىقىدىغان قىلىپ.باشقا فونتلاردا بۇلار يىتىم بالادەكلا سەت چىقىپ قالادۇ.
8. ئاندىن ئىككىنجى قەدەمدە ئويغان كىرگۈزگۈچىنىڭ نەشرىنى يۇقۇرلۇتايلى.


مەنىڭ سىناش نەتىنجەم:
1.ۋورد تا 6-نومۇرلۇق خەت نورمال ئەمەس.
2.«-»سىزىق بەك ئاستىغا چۈشۈپ كەتتىمۇ قانداق.ئوتتۇراغا سىزىق بىلەن پەسكە سىزىقنىڭ پەرقى يوقكەن.
3.ئېنگىلىزچە ھەرىپلەرنىڭ ئورنى باشقا فونتلارغا قارىغاندا ئازراق كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك قىلىدۇ.بولسا ،Times New Roman دىگەندەك فونتلارنىڭكىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » سەيشەنبە نويابىر 18, 2008 9:57 am

شۇنداق ! بىز ھەممىمىز بۇ يېڭى خەت نۇسخىلىرىنى كۈتۈپ ككزىمىز تىشىلىپ كىتەي دىدى . ئەمما كەسپ ئەھلى بولمىغاندىكىن ياندا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلىپ بىرەلمىدۇق

Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » چارشەنبە نويابىر 19, 2008 2:45 am

قولىمىزدىن كېلىشىچە يارىدەمدە بولىمىز.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » چارشەنبە نويابىر 19, 2008 4:41 am

بولسا بىرىنجى قەدەمدە پەقەتلا 1-3 كىچە فونت نىلا مەركەزىلىك تەكشۈرۈپ ئۆتكىزەيلى.ئىشىمىز ئاز بولسۇن ساز بولسۇن.ساندىن سۈپەت مۇھىم.ھەممىگە ئېسىلىۋالساق بەزى مەسىلىلەر يەنىلا ساقلىنىشى مۈمكىن.چۈنكى 99%ئىشلەتكۈچىگە شۇ بىرنەچچە فونتلا بولسا كۇپايە.قالغىنىنى ئىككىنجى قەدەمدە ئېلىپ بارساق بولىدۇ.تىكىپ سۆزكىدىغان ئىشنى قىلمايلى.
1.UKIJ Tuz Tom ئالدىن تاللىنىدىغان فونت.بۇ توغۇرلۇق پىكىرلەر بىر يەرگە بېرىپ قالدى.ئاۋال مۇشۇنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ،ھەقسىز تارقىتايلى.
2.قالغان فونتلارنى ھەقلىق تارقىتايلى،بۇنىڭدا مەسئۇلىيەت بولىدۇ،ھەم فونت ئىشلىگۈچىلەرمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ.بولمىسا ئېلان چېكىپ چۈشۈرىدىغان قىلساقمۇ بولىدۇ.لېكىن فونت ئۆلچىمى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈلۈشى كېرەك.بىكارلىق نەرسىنىڭ بەكمۇ ئەتىۋارى بولۇپ كەتمەيدۇ.
3.فونت لارنى ئىخچاملايلى.ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرىنى قىسقارىۋەتسەك بولىدۇ.
4.ئىشلەتكۈچىلەرگە قانچە يېنىك كىرگۈزگۈچ بولسا شۇنچە قولاي بولىدۇ.شۇڭا بىر ئىككى تال فونت بولغان كىرگۈزگۈچنى تارقىتايلى.باشقا فونتلارنى ئايرىم قاچىلايدىغان قىلىپ قويساق بولىدۇ.چۈنكى بۇنىڭغا ئېھتىياجى چۈشۈدىغانلار كۆپ ئەمەس.
ئىشلارنى ئالدىراپ قىلغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق.ساندىن سۈپەت مۇھىم.بولمىسا تىكىپ سۆكۈشلەردىن قۇتۇلغۇلى بولمايدۇ.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە نويابىر 19, 2008 5:48 pm

مەن ئىلگىرى 2000-يىلى ئۇچقۇن خەت كىرگۈزگىچىسىنى 400 يۇئەنگە[u] (جامىگۈسى)[/u] ئىتى بارنى سېتىۋېلىپ[u](ئۇ چاغدا مۇئاشىم ئارانلا 350 يۇئەن ئىدى)[/u] ئىتى بۇزۇلۇپ قېلىۋىدى. كېيىنچە ھەرخىل كىرگۈچ ۋە فونتلارنى ئىشلىتىپ كەلدىم. ئې و ت تىن ئوتكۇزۇپ تور بېتىمنى ئۇ ئە ي ئايلاندۇرۇشنى ئويلاشقان بولساممۇ شۇنىسى فونت ئۆزگەرسە دەپ ئەنسىرەپ ئەڭ ئارقىدا يۇنىكودې مەيدانغا كەلگەندە تورىمنى ئاندىن ئايلاندۇرغان ئىدىم. ئۇ چاغدا ئېئوتقا غەيرەت ئەپەندى، يۇنىكودقا ۋارىسجان ئەپەندى ئالاھىدە كۈچ قوشقان ئىدى. قىزغىنلىق بىلەن يۇنىكودېنى بىرلىككە بىرلىككە كەلتۇردۇق لېكىن، فونت نامى تۇرلۇك تۇمەنخىل بولۇپ كەتتى. يەنىلا بىر قاتار يۇنىكودلۇق كىرگۈچلەر *** لار مەيدانغا كېلىپ 5-6 خىل تۇز توملار ۋە ئەسلىيە خەت نۇسخىلىرى يامغۇردىن كېيىنكى موگودەكلا بەس بەستە خۇددى تۇرلۇك ماركىدىكى قۇۋەت تالقانلىرى، تەييار چۆپلىرىدەكلا مەيدانغا كەلدى. بەزىلىرىمىز سەۋر قىلدۇق، بەزىلىرىمىز گۆھەر تېپىۋالغاندەك فونتىمىزنى يۇنىكوتلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ ئۇ ك ى ج نىڭ بىرلىككە كەلتۇرگەن نامى بويىچە ماڭمىدۇق. ھەممە ئابروي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت سوغاقچىلىقىنىڭ تەسىرىدىن بولدى[u](بەزىلەر شەخسلەرنى ئۇ ك ى ج نى چىشلەپ قانۇنسىز دىگەندەك چەتئەل ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى كومپىيۇتېر ئۇستىلىرىنى باغلاپ تۇرغان ئورۇنغىمۇ دوستانە بولالمىدى قىيدىدى ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىغا مەسئۇلىيەتچان ھەۋەسكارلارغا سوغاق سۇ سېپىپ قويدى. ). [/u]ئالدىن كۆرەر تېخنىك ۋە كارخانىچىمىز ئالپ ئەپەندى فونت ئىشىدا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ كەڭ قاتناشقۇچىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئاممىۋىيلىققا يۈزلەندى. مەن يۈكسەك ھۆرمەتلىرىم بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىدا مۇھىم شەخس قاتارىدا كونا شېركەتلەرنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە تېخنىكا ۋە ئاممىۋى ئاساس كارخانىنىڭ جېنىدۇر. ۋەنكې دىگەن شىركەت لېدىرى خاتا سۆزلەپ قويوپ پېيى چۈشكەننى 2008 -يىلى بايقىغان پايچېكلار مۇندىن كېيىنكى ئۇچۇر دەۋرىدە كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. ھامان كارخانىلار ئاممىي ئۇيۇشمىلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ....ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق بۇنداق مەسىلىلەر بۇ يىل ئەڭ كۆپ يۇز بەردى.
ئەمدى بۇ قېتىمقى فونت ياساش ئىشىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتىردىغىنىغا ئىشەنچىم كامىل. نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەل بولىشى تەبىئىي. بىر قىسىم شىركەتلەتمۇ ئۆز فونتىدىن چېنىپ بىرلىككە كەلگەن بىر نامنى قوللىنىشقا مەجبۇرى بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداق بولغانكەن ياسىغۇچى ئۇستىلار شىركەتلەر ئىشلەتسە ھەق ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق. كۆپىنچە كىشىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ياسالغان فونتنىڭ قەدرىنى ھېس قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. ئەلۋەتتە دۇنيادا ھەرقانداق فونت 100% مۇكەممەل دىگىلىمۇ بولمايدۇ. ئېھتىياجدىن چىقسىلا بولدى. باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇپ ياسايدىغان گەپ. فونت نامىنى ۋە تېخنىكىلىق سۇپەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۇرمەي ئامالىمىز يوق. خەلىقارالىق يۇنىكود فونتى ئەنە شۇنداق دەۋر ئارقا كورنىشىدە مەيدانغا كەلگەندەك ئۇيغۇر يۇنىكود فونتىمۇ ئەنە شۇنداق بىر قاتار قەدەملەرنى بېسىپ ئۆتمەي ئامالى يوق.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-11-20 00:02 [/i]]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » چارشەنبە نويابىر 19, 2008 8:02 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

كوپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت. فونتلار ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزىتىلىۋاتىدۇ، سىناش ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارمۇ تەييارلىنىۋاتىدۇ... كۆپچىلىنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ساقلاپ تۇرغاچ داۋاملىق پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.

[url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى فونتلارنى ياسىغان ياكى ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ تۈزىتىپ ياسىغان تۆۋەندە ئىسمى ئاتالغان كومپيۇتېرشۇناسلارنى مۇنبەردىكى تېمىلارغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى سورايمەن.

ئابدۇرىشىت (قالغاچ)،
ئادىلجان ئابلىز (ئۇچقۇر)
ئالىم ئابدۇللا
ئالىم ئەھەد (ئۇيغۇرسوفت)
ئەخمەتجان رەجەپ
تۇرسۇنجان سۇلتان
تۇرغۇن (Bilge)،
تۇيغۇن ئوسمان
غەيرەت ت. كەنجى
مەمتىمىن (ئەليار)
مۇھەممەد ئېزىز
نىجات
ئى.ن.ئەلنۇرى
(ئىسىملار ئۇيغۇر ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە، ئۇيغۇرئېدىتتا، تىزىلدى)

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار