[ئۇقتۇرۇش] UKIJ نىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش پائالىيىتى توغرىسىدا

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » سەيشەنبە يانۋار 13, 2009 12:34 pm

مەنمۇ كۈلكە نىڭ تەكلىپىگە قوشۇلىمەن.
بولسا بۇقېتىم يېڭىلىغىنىنى قاچىلىغاندا بىزدىنi386دېگەن ھۆججەتنى سورىماي بىۋاستىلا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولامۇ؟
ئاندىن يەنە بىرسى ۋەزىپە ستونىدا 搜狗ۋەGoogleكىرگۈزگۈچلىرىگە ئوخشاشرەسىم چىقىپ تۇرغان بولسا.



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە يانۋار 13, 2009 1:26 pm

UKIJ ئۇنداق «ئاچچىقى» كېلىدىغان تۆتتال كىشىنىڭ ئەمەس مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرنىڭ.
پەمىمچە، ئويغان ئەپەندىم يېڭى كىرگۈزگۈچنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولدى بۇ چاققا.

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » دۈيشەنبە يانۋار 26, 2009 1:54 am

ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى... مۇشۇ ئويغان كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتمىسەم باشقىسىنى ئىشلىتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ دېسە... :lol قاراپ قالدۇق ئەمسە ئويغان ئەپەندىم...

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » يەكشەنبە مارت 15, 2009 7:08 am

ukij نىڭ جەمىيەتتىكى رولى ۋە فۇنكىسيىسى سەل ئاجىزلاپ قالدى ، پائالىيەتچانراق بىرەرسى بولسا بولاتتى ، UKIJ نىڭ دائىمي ئەزالىرى ئۈچۈن ئايرىم توپ ئېچىپ پات پات پىكىر ئالماشتۇرۇلسا بولاتتى

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » شەنبە مارت 21, 2009 6:38 pm

3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتىمۇ يا؟
بۇ قېتىم تۈزتىلگەن فونتلار قاچانلىققا تارقىتىلىدۇ؟

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » شەنبە مارت 28, 2009 10:45 pm

بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان تۇرسۇنجان ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتىم، بۇ پائالىيەتنى ئىمكانقەدەر تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى قايتىدىن جەزىملىدى. بۇ ئىشنىڭ كېچىكىپ كەتكەنلىكى ۋە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولماي قالغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » يەكشەنبە مارت 29, 2009 12:14 pm

شۇ ئەمەسمۇ يېڭى يىل كىرىپ 4 ئاي بولدى مانا . تېخى ھېچقانداق سادا يوق . . . بۇنداق كىتىۋەرسە بولمايتتى

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » جۈمە ئاپرىل 10, 2009 8:13 am

فونتلار ئاخىرى رەتلىنىپ بولۇندى، بۇ قېتىم ۋاقىت كۆپ كېتىپ قالدى، كۆپچىلىكتىن ئەپۇ قىلىشنى سورايمەن.
ھازىر مەن يېڭى فونتلارنى مۇنبەردە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان فونتلار بىلەن سېلىشتۇرۇش باسقۇچىغا كەلدىم، سېلىشتۇرۇش دېگەندە، ئوخشاش شەكىلدە قىلىنغانلىرى ياكى تۈزىتىلگەنلىرى ئەسلىدىكى نامى، ئاپتورى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، شۇنداقلا 3- قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى ئەسكەرتىلىدۇ. يەنە، بۇ قېتىم بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان ياكى بۇرۇنقى فونتلارغا ئوخشىمايدىغان بىر قانچە يېڭى فونتلارمۇ بار، بۇلارغىمۇ بىر قىسىم ئىزاھاتلار قوشۇلۇپ تارقىتىلىدۇ.
فونتلارنى سېلىشتۇرۇشقا بىر نەچچە كۈن كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەر قايسى فونتلاردىكى ئۇچۇرلار ھەر خىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنى ياخشى سېلشىتۇرۇش ۋە توغرا-خاتالىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇڭا، يەنە بىر نەچچە كۈن تەخىر قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەڭ كېچىككەندىمۇ، 15-ئاپرېل كۈنىدىن بۇرۇن يېڭى فونتلارنى يوللاپ بولىمەن.

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » چارشەنبە ئاپرىل 15, 2009 10:39 am

15.ئاپرېلمۇ بولۇپ قالدى فونتلارنى تەكشۈرۈش تېخى تۈگىمىدىمۇ؟
يەنە قاچانغىچە ساقلايدىغان گەپ ؟تېزراق يوللانسا بولاتتى.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » سەيشەنبە ئاپرىل 21, 2009 7:11 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى 22 دانە ھۆسنىخەت نۇسخىسىنى تۈزىتىپ بوپتۇ. قالغان تۈز خەت نۇسخىلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىپ ئالدىمىزدىكى 2-3 كۈن ئىچىدە تورداشلارغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يېزىپتۇ...

تۈزىتىلگەن 22 ھۆسنىخەت نۇسخىلىرىنى [url]http://www.ukij.org/fonts/beta3/UKIJFONTS30.rar[/url] دىن چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مۇشۇ يازمىغا جاۋاب شەكلىدە يوللاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. بۇ فونتلار رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلاشتىن بۇرۇن قانچە كۆپ خاتالىق بايقالسا شۇنچە ياخشى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار