جەمئىي4 بەتنىڭ 3 - سى

يېزىلغان: سەيشەنبە يانۋار 13, 2009 12:34 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Apple
مەنمۇ كۈلكە نىڭ تەكلىپىگە قوشۇلىمەن.
بولسا بۇقېتىم يېڭىلىغىنىنى قاچىلىغاندا بىزدىنi386دېگەن ھۆججەتنى سورىماي بىۋاستىلا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولامۇ؟
ئاندىن يەنە بىرسى ۋەزىپە ستونىدا 搜狗ۋەGoogleكىرگۈزگۈچلىرىگە ئوخشاشرەسىم چىقىپ تۇرغان بولسا.

يېزىلغان: سەيشەنبە يانۋار 13, 2009 1:26 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Intil
UKIJ ئۇنداق «ئاچچىقى» كېلىدىغان تۆتتال كىشىنىڭ ئەمەس مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرنىڭ.
پەمىمچە، ئويغان ئەپەندىم يېڭى كىرگۈزگۈچنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولدى بۇ چاققا.

يېزىلغان: دۈيشەنبە يانۋار 26, 2009 1:54 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى... مۇشۇ ئويغان كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتمىسەم باشقىسىنى ئىشلىتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ دېسە... :lol قاراپ قالدۇق ئەمسە ئويغان ئەپەندىم...

يېزىلغان: يەكشەنبە مارت 15, 2009 7:08 am
تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan
ukij نىڭ جەمىيەتتىكى رولى ۋە فۇنكىسيىسى سەل ئاجىزلاپ قالدى ، پائالىيەتچانراق بىرەرسى بولسا بولاتتى ، UKIJ نىڭ دائىمي ئەزالىرى ئۈچۈن ئايرىم توپ ئېچىپ پات پات پىكىر ئالماشتۇرۇلسا بولاتتى

يېزىلغان: شەنبە مارت 21, 2009 6:38 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Apple
3-قېتىملىق فونت تۈزىتىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتىمۇ يا؟
بۇ قېتىم تۈزتىلگەن فونتلار قاچانلىققا تارقىتىلىدۇ؟

يېزىلغان: شەنبە مارت 28, 2009 10:45 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان تۇرسۇنجان ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتىم، بۇ پائالىيەتنى ئىمكانقەدەر تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى قايتىدىن جەزىملىدى. بۇ ئىشنىڭ كېچىكىپ كەتكەنلىكى ۋە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولماي قالغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.

يېزىلغان: يەكشەنبە مارت 29, 2009 12:14 pm
تەرىپىدىن يوللانغان nurqut
شۇ ئەمەسمۇ يېڭى يىل كىرىپ 4 ئاي بولدى مانا . تېخى ھېچقانداق سادا يوق . . . بۇنداق كىتىۋەرسە بولمايتتى

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 10, 2009 8:13 am
تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft
فونتلار ئاخىرى رەتلىنىپ بولۇندى، بۇ قېتىم ۋاقىت كۆپ كېتىپ قالدى، كۆپچىلىكتىن ئەپۇ قىلىشنى سورايمەن.
ھازىر مەن يېڭى فونتلارنى مۇنبەردە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان فونتلار بىلەن سېلىشتۇرۇش باسقۇچىغا كەلدىم، سېلىشتۇرۇش دېگەندە، ئوخشاش شەكىلدە قىلىنغانلىرى ياكى تۈزىتىلگەنلىرى ئەسلىدىكى نامى، ئاپتورى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، شۇنداقلا 3- قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى ئەسكەرتىلىدۇ. يەنە، بۇ قېتىم بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان ياكى بۇرۇنقى فونتلارغا ئوخشىمايدىغان بىر قانچە يېڭى فونتلارمۇ بار، بۇلارغىمۇ بىر قىسىم ئىزاھاتلار قوشۇلۇپ تارقىتىلىدۇ.
فونتلارنى سېلىشتۇرۇشقا بىر نەچچە كۈن كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەر قايسى فونتلاردىكى ئۇچۇرلار ھەر خىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنى ياخشى سېلشىتۇرۇش ۋە توغرا-خاتالىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇڭا، يەنە بىر نەچچە كۈن تەخىر قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەڭ كېچىككەندىمۇ، 15-ئاپرېل كۈنىدىن بۇرۇن يېڭى فونتلارنى يوللاپ بولىمەن.

يېزىلغان: چارشەنبە ئاپرىل 15, 2009 10:39 am
تەرىپىدىن يوللانغان Apple
15.ئاپرېلمۇ بولۇپ قالدى فونتلارنى تەكشۈرۈش تېخى تۈگىمىدىمۇ؟
يەنە قاچانغىچە ساقلايدىغان گەپ ؟تېزراق يوللانسا بولاتتى.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 21, 2009 7:11 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى 22 دانە ھۆسنىخەت نۇسخىسىنى تۈزىتىپ بوپتۇ. قالغان تۈز خەت نۇسخىلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىپ ئالدىمىزدىكى 2-3 كۈن ئىچىدە تورداشلارغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يېزىپتۇ...

تۈزىتىلگەن 22 ھۆسنىخەت نۇسخىلىرىنى [url]http://www.ukij.org/fonts/beta3/UKIJFONTS30.rar[/url] دىن چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مۇشۇ يازمىغا جاۋاب شەكلىدە يوللاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. بۇ فونتلار رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلاشتىن بۇرۇن قانچە كۆپ خاتالىق بايقالسا شۇنچە ياخشى.