UKIJ Tuz Tom نى سىناش تەرتىپلىرى

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » يەكشەنبە نويابىر 30, 2008 5:17 am

مېنىڭ پىكرىم مۇنداق:
1) فونتتىن FBD1 بىلەن FBD2 نى چىقىرىۋېتىشكە قوشۇلىمەن، DB65/2190-2005 گە قوشۇلغان بولسا، بەلكىم ئۆز ۋاقتىدا كەم قېلىپ، كېيىن يەنە ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، دېمەك ھازىر يۇنىكود بۇ ھەرپلەرنى تەستىقلىمايدۇ دېگەن گەپ، ئەگەر تەستىقلىماي قالسا، بۇ ھەرپنى زورمۇ-زور قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مېنىڭ بۇ ئىككى ھەرپنى DB65/2190-2005 دىكى ئۆلچەم بىلەن فونتقا قوشۇپ قويغانلىقىم، بىر قىسىم ئورۇنلار فونت تەكشۈرگەندە ۋە ئۆلچەملىك ۋە ئۆلچەمسىزلىكىنى بېكىتكەندە پەقەت DB65/2190-2005 مۇشۇ جەدۋەلگىلا سېلىشتۇرىدۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن بىردەك بولسا ئۆلچەملىك ھېسابلىنىدۇ، بىردەك بولمىسا ئۆلچەمسىز دەپ قارىلىدۇ.
بۇنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئىككى خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:
بىرىنچىسى، پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاش.
ئىككىنچىسى، ھەرپ شەكلىنى ساقلاپ قېلىپ، كود نومۇرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، قۇرۇق جەدۋەلدە قالدۇرۇش، ھەمدە Volt تىن ئۆتكۈزگەندىمۇ ئۇلىنىشىنى بەرمەسلىك.
2) يەنە 18 دانە قوشما ھەرىپىمىزنىڭ ئىشىدا، مېنىڭ قارىشىم بۇنى فونتتا ساقلاپ قالساق، چۈنكى بۇ يۇنىكود ئورگىنىنىڭ بېكىتكەن كود جەۋدىلىدىمۇ بار، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن يەرلىك ئۆلچەم DB65/2190-2005 دىمۇ بار، بۇنى چېقىرىۋەتكەندىن ساقلاپ قالساق چېقىرىۋەتكەندىن ياخشى بولامدىكىن دەپ قارايمەن، بەرىبىر بىز ئاساسىي رايوننى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بۇنىڭ بىزگە چوڭ تەسىرى يوق، ھەتتا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. پەقەت فونت ياسىغاندا ئاۋارىچىلىقنى ئاشۇرىدۇ، :L . يەنە بۇ ھەرپلەرنى فونتتا ساقلاپ قېلىپ، Volt تىن ئۇلىنىشىنى بەرمىسەك قانداق بولات، غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىم مۇشۇنداق تەكلىپ بېرىپتىكەن، ئەگەر بۇ ھەرپلەرگە ئۇلىنىشنى بەرمىسەك، فونت تەكشۈرگۈچىلەر بۇ ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشىدا مەسىلە باركەن دېسە، يەنە نېمە دەرمىز.
يۇنىكود ئورگىنىنىڭ ئەڭ يېڭى كود جەدۋىلى 5.0 نۇسخىسى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى DB65/2190-2005 نىمۇ كۆزدە تۇتۇپ، بۇ 18 دانە قوشما ھەرپنى ساقلاپ قالايلى. بۇرۇن بۇ قوشما ھەرپلىرىنى ئىشلەتمەيلى دېگەن ۋاقىتلاردا، بەزىلەر ئاساسىي رايوننى ئىشلەتسە، يەنە بەزىلەر كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلىتىپ ئىككى خىل كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، مۇشۇ قالايمىغانچىلىقتا كېڭەيتىلگەن رايوندىن كىرگۈزۈلگەن قوشما ھەرپ، يەنە بىر كېڭەيتىلگەن رايونىغا قوشما ھەرپ ئورۇنلاشتۇرمىغان فونتقا تەڭشەلگەندە، كاتەك كۆرۈنۈۋالىدىغان ئىش بولغان. شۇ سەۋەبتىن كېڭەيتىلگەن رايونلاردىكى قوشما ھەرپلەرنى ئىشلەتمەسلىك تەسەببۇس قىلىنغان، ئەمما بۇنداق بولۇشى ئۈچۈن ھەممە فونتلار ۋە يېزىق كىرگۈزگۈچلەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، ھازىر يەنە بىر قىسىم يېڭىچە يېزىق كىرگۈزگۈچلەرمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى، سوزۇق تاۋۇشلاردىكى بۇ قوشما ھەرپلەردىن «ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» لەرنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كىرگۈزۈلىۋاتىدۇ، بۇنداق كىرگۈزگۈچلەردە كىرگۈزۈلگەن بۇ ھەرپلەر، كېڭەيتىلگەن رايوندا بۇ قوشما ھەرپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان فونتلارغا توغرىلىغاندا كۆرۈنمەي قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ھازىرقى ۋاقىتتا UKK نىڭ فونتلىرىدىكى كود ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەڭ توغرا دەپ قارىلىدۇ، بۇ فونتلاردىمۇ 20 خىل قوشما ھەرپ تولۇق كىرگۈزۈلگەن. بىز بۇ قېتىم بۇنىڭدىكى FBD1 بىلەن FBD2 نى ئېلىۋېتىپ، قالغان قوشما ھەرپلەرنى ساقلاپ قالايلى، ئاساسىي رايوننى ئىشلىتىپ كىرگۈزۈلىدىغان كىرگۈزگۈلەردە بۇ قوشما ھەرپلەرنىڭ رولى چوڭ ئەمەس، فونتقىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلىتىدىغان يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئورنىنى مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك سوزۇق تاۋۇشلاردىكى بۇ قوشما ھەرپلەردىن «ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» لەرنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كىرگۈزۈدىغان يېڭىچە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى يېزىق كىرگۈزچۈشلەر ئالدى، بۇنىڭدا قوشما ھەرپلەر بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كېڭەيتىلگەن رايوندىن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ، ياكى ئا نى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن، ئاساسىي رايوندىكى ئ بىلەن ا بىرلا ۋاقىتتا يوللىنىدۇ، دېمەك بۇمۇ ئىككى خىل شەكىللىك. مېنىڭ بۇ پىكىرلىرىمنى تورداشلار ئويلىشىپ باقسا، يەرلىك ئۆلچەمدە مەسىلە بار ياكى يوق دەپ ئولتۇرماي، يەنىلا يۇنىكود ئورگىنىنىڭ ئۆلچىمىنى ئاساس قىلايلى، يەنى بۇ جەدۋەلدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەر كودى قانداق بېرىلگەن بولسا، بىزمۇ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرايلى.
3) «ھ» مەسىلىسىدە ئويغان ئەپەندىن يەنە سەل ئىككىلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، مەندە يېڭى ئېلىپبە كىتابى بار ئىدى، ھازىر تاپالماي قالدىم، بۇ ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلى بىلەن ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلىدە ئازراق سوزۇلۇپ، سەل قۇيرۇق ھاسىل قىلىنىدىكەن، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بىلەن باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلىدە قۇيرۇق يوق، UKK نىڭ ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ئىشلىگەن فونتلىرىدىمۇ شۇنداق ئىكەن، مەن كىتابقا ئىشەنمەي يەنە فونتلارغىمۇ قاراپ باقسام، يېڭىدىن ياسالغان فونتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىپتۇ، سىز يوللىغان ئېلىپبە جەدۋىلىدە ئىككى خىل شەكلى بار ئىكەن، مەن پايدىلانغان ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ۋە كىتاب يېزىقلىرى (بېيدا فاڭجېن، خۇاگۇاڭ، فېيتىڭ، چاۋجي) دىمۇ بۇ ھ ھەرىنىڭ ئىلمىكى بار، شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بۇنداق تۆت خىل شەكىلگە ئىگە بولۇشى بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملاشقان بىر خىل شەكىل ئىكەن، بەزى ئېلىپبەلەردە ئىككى خىل ئېلىنىپ قېلىنىشى، بىرسى ئېلىپبەنىڭ خەتلىرى قولدا ھۆسىنخەت قىلىپ يېزىلغان، يەنە بىرى ئىشلەتكەن فونتتا ھ نىڭ تۆت خىل شەكلى تولۇق ئەمەس، مەيلى كىتابلاردا ياكى باشقا ماتېرىياللاردا ھ نىڭ شەكىللىرى تۆت خىل ياكى ئىككى خىل ئېلىنغان بولسۇن، ھەتتاكى يۇنىكود جەدۋىلىدىمۇ ئۇيغۇرچىدىكى ھ نىڭ تۆت خىل شەكلى بېرىلگەن، «ھ» بىلەن «ـھ» نىڭ قۇيرۇقى بار، «ـھـ» بىلەن «ھـ» نىڭ ئالدى كەينى كېسىۋېتىلگەن تۈز سىزىق شەكلىدە كەلگەن ئىكەن. مەن ھازار «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» دېگەن كىتابنىڭ 481- بېتىدىكى «بەرەھشاھ» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ھ مۇ قۇيرۇقلۇق ھ شەكلىدە ئىكەن، دېمەك بۇ خەت نۇسخىسىدىمۇ ھ نىڭ تۆت خىل شەكلى بار دېگەنلىك. كىتابلاردىن بۇنداق ئاخىرقى ھەرپى ھ دىن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنى تاپماق تەس ئىكەن، شۇڭا مۇشۇ بىرلا سۆزنى مىسالغا كۆرۈپ باقتىم، رەسىملىك يوللاي دېسەم، سايىلاتقۇ بولمىغاچقا رەسىملىك يوللىيالماي قالدىم.



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » يەكشەنبە نويابىر 30, 2008 8:38 am

چىراق تۈۋى قاراڭغۇ دېگەندەك، « ـئىـ » ۋە « ـئېـ » لار مۇنداق سۆزلەردە ئۇچرايدىكەن: «شېئىر، نىئېر، پېئىل» دېگەندەك سۆزلەردە كېلىدىكەن. بۇ يەردە، ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش سۆزدە ئارقىمۇ-ئارقا كەلمەيدۇ دېگەندەك، ئىككى سوزۇق تاۋۇش بىر يەرگە كېلىپ قالسا «ئـ» بىلەن ئايرىلىدىكەن، بۇ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى ئايرىش بەلگىسىگە ئوخشامدۇ قانداق، مەسىلەن: She'ir ، Ni'er ، Pe'il دېگەندەك.
يەنە:
رىئايە Ri'aye
تەبىئەت Tebi'et
ئاپئاق Ap'aq
ئالپئەر alp'er

قوشما ھەرپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا بەلگىلىك رولى بولىشى مۇمكىن، مەن بىر مىسالنى سىناپ باقتىم، مەسىلەن سۆزلەر ئىچىدىن ئىككى سوزۇق تاۋۇش بىريەردە كۆرۈلگەندە «ئـ» (ھەمزە) ئايرىش بەلگىسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ماتېرىياللارنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرغاندا، مۇشۇ قائىدە بويىچە ئايرىشقا بولىدىكەن، مەسىلەن: «ئاپئاق» دېگەن سۆزنى كود نومۇرلىرى بويىچە ئايرىساق «ئا FBEA، پ 067E، ﯫ FBEB، ق 0642» بولىدۇ، ئاندىن بۇنى مۇشۇ قائىدە بويىچە لاتىنچە ھەرپلەرگە ئالماشتۇرغاندا «ئا FBEA نى a غا، پ 067E نى p غا، ﯫ FBEB نى a' غا، ق 0642 نى q غا» ئايلاندۇرساق، ap'aq بولىدىكەن. مەن مۇشۇ سىناقنى ئېلىپ باردىم، بۇنىڭ مەلۇم جەھەتتىن پايدىلىق تەرەپلىرى بارمۇ-قانداق؟
ئەگەر بىز قوشما ھەرپلەرنى ئىشلەتمەي «ئاپئاق» دېگەن سۆزنى پارچىلىساق، مۇنداق بولىدۇ.
ئاپئاق = «ئ 0626، ا 0627، پ 067E، ئ 0626، ا 0627، ق 0642» بولىدۇ، بۇنى لاتىنچە ھەرپلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئاۋۋال بىز «ئ» ھەمزىگە ئورۇن بەرمەيمىز، ھەم بۇنى مەلۇم بىر بەلگىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قاراپ ئۆزگەرتمەيمىز. بۇنداق بولغاندا بۇ سۆز لاتىنچىگە ئايلاندۇرغاندا apaq بولىدۇ.
بۇ بىر سىناق، دەلىل ئەمەس. ھازىرقى لاتىنچە ئىملا تەرتىپىدە، بىر قىسىم سۆزلەردىكى ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن سوزۇق تاۋۇشلار ئوتتۇرىسىغا ئايرىش بەلگىسى قويۇلمايدۇ، يەنى alper ، apaq ، tebiet ، ziraet ، riaye ، radio ، Aile دېگەندەك.

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » يەكشەنبە نويابىر 30, 2008 12:25 pm

[quote]فونتقىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلىتىدىغان يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئورنىنى مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك سوزۇق تاۋۇشلاردىكى بۇ قوشما ھەرپلەردىن «ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» لەرنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كىرگۈزىدىغان يېڭىچە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى يېزىق كىرگۈزگۈچلەر ئالدى، بۇنىڭدا قوشما ھەرپلەر بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كېڭەيتىلگەن رايوندىن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ، ياكى ئا نى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن، ئاساسىي رايوندىكى ئ بىلەن ا بىرلا ۋاقىتتا يوللىنىدۇ، دېمەك بۇمۇ ئىككى خىل شەكىللىك.[/quote]

مەن بۇنداق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەگەر مۇشۇنداق كىرگۈزگۈچلەر بار بولسا بۇ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەن. مەن ئەسلى كېڭەيتىلگەن رايوندىكى 18 قوشما ھەرپنى پەقەت VOLT تا ئۇلىنىش جەدۋىلىنى ياسىغاندا ئىشلىتىدۇ دەپلا ئويلاپتىمەن. بىۋاسىتە كىرگۈزگەندە ئىشلىتىدىغاننى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. دېمەك بۇ 18 ھەرپ ساقلىنىپ قالسا، ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەرگە يەنە قانات ياپىدىغان ئىشلار UKIJ نىڭ فونتلىرىدا ساقلىنىپ قالغۇدەك. شۇڭا مەن ئالدىنقى قېتىمقى يازمامدىكى پىكرىمنى ئىنكار قىلىمەن. يەنى لا دىن باشقا 18 دانە قوشما ھەرپنى UKIJ نىڭ فونتلىرىغا قوشماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ 18 دانە قوشما ھەرپنى ئۇنتۇپ كېتەيلى. فونتقا كىرگۈزمەيلى. كۆپچىلىك نېمە دەيدىكىن؟

[quote]قوشما ھەرپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا بەلگىلىك رولى بۆلىشى مۇمكىن، مەن بىر مىسالنى سىناپ باقتىم، مەسىلەن سۆزلەر ئىچىدىن ئىككى سوزۇق تاۋۇش بىر يەردە كۆرۈلگەندە «ئ» (ھەمزە) ئايرىش بەلگىسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ماتېرىياللارنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرغاندا، مۇشۇ قائىدە بويىچە ئايرىشقا بولىدىكەن، مەسىلەن: «ئاپئاق» دېگەن سۆزنى كود نومۇرلىرى بويىچە ئايرىساق «ئا FBEA، پ 067E، ﯫ FBEB، ق 0642» بولىدۇ، ئاندىن بۇنى مۇشۇ قائىدە بويىچە لاتىنچە ھەرپلەرگە ئالماشتۇرغاندا «ئا FBEA نى a غا، پ 067E نى p غا، ﯫ FBEB نى a' غا، ق 0642 نى q غا» ئايلاندۇرساق، ap'aq بولىدىكەن. مەن مۇشۇ سىناقنى ئېلىپ باردىم، بۇنىڭ مەلۇم جەھەتتىن پايدىلىق تەرەپلىرى بارمۇ-قانداق؟
ئەگەر بىز قوشما ھەرپلەرنى ئىشلەتمەي «ئاپئاق» دېگەن سۆزنى پارچىلىساق، مۇنداق بولىدۇ.
ئاپئاق = «ئ 0626، ا 0627، پ 067E، ئ 0626، ا 0627، ق 0642» بولىدۇ، بۇنى لاتىنچە ھەرپلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئاۋۋال بىز «ئ» ھەمزىگە ئورۇن بەرمەيمىز، ھەم بۇنى مەلۇم بىر بەلگىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قاراپ ئۆزگەرتمەيمىز. بۇنداق بولغاندا بۇ سۆز لاتىنچىغا ئايلاندۇرغاندا apaq بولىدۇ.[/quote]
بۇ تەس ئەمەس، كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلەتمەيمۇ توغرا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. يەنى سۆزنىڭ بېشىدا كەلگەن «ئ» نى ئايلاندۇرماي، سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلگەن «ئ» نى ' غا ئايلاندۇرساقلا كۆپ قىسىملىرىنى توغرا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

قىسقىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 18 دانە قوشما ھەرپنى فونتتىن چىقىرىۋېتەيلى. چىقىرىۋېتەيلى. بۇ ھەرگىزمۇ UNICODE ۋە يەرلىك ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولمايدۇ. بەلكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
غەيرەت كەنجى

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » يەكشەنبە نويابىر 30, 2008 2:01 pm

مەن يەنە بىر ئىشنى سۆزلەپ ئۆتىمەن دەپ، ئالدىراشچىلىقتا يازمىغان ئىدىم، ھازىر بۇنى سۆزلەپ ئۆتەي.
مەن يەنە مۇنداق ئىشلارغا يولۇققان، بەزىلەر يەنىلا ئاساسىي رايوندىن كىرگۈزۈلىدىغان يېزىق كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىش بىلەن بىرلىكتە كېڭەيتىلگەن رايوندىن پايدىلىنىپ يېزىق كىرگۈزۈدىغان يېزىق كىرگۈزگۈچنىمۇ ئىشلىتىپ قالىدىكەن. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكا كىتابلىرىنى تۈزۈش جەريانىدا، سۆزلەرنىڭ بوغۇملىرىنى پارچىلاش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەرنى ئىشلىتىدىكەن. يەنى، «ئۇيغۇن» دېگەن سۆزنى بوغۇمغا ئايرىغاندا، مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يەنى ئۇيـ ـ ـغۇن، بۇنى مەن «ئۇي» دىن كېيىن بىر سوزۇش بەلگىسى قوشتۇم (0640)، ئاندىن بوش ئورۇن قويۇپ، يەنە بىر سوزۇش بەلگىسىنى باستىم، يەنە بوش ئورۇن قويۇۋېتىپ يەنە بىر سوزۇش بەلگىسىنى باسقاندىن كېيىن «غۇن» نى ئۇلاپ يازدىم، بۇنى بەزىلەر ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدىكەن، شۇڭا بوغۇمغا ئايرىشتا ئاساسەن كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ بوغۇم ئايرىيدىكەن. يەنى، ئۇ (FBF0) ﻳ (FEF3) [بوش ئورۇن] سوزۇش بەلگىسى (0640) ياكى سىزىق (002D) يەنە بىر [بوش ئورۇن] ﻐ (FED0) ﯘ (FBD8) ن (FEE5).
مەن مۇنداق بىر ئىشنى مۇلاھىزە قىلىپ باقتىم. ئەرەبچە بارلىق ئاساسىي ھەرپلەرنىڭ شەكلى يۇنىكود جەدۋىلىدە 0600 دىن 06FF قىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قوشما ھەرپلەر ۋە بىر قىسىم ئەرەبچە ئالاھىدە ھەرپلەر ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونى Arabic Presentation Forms-A نىڭ FB50 دىن FC3F گىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى ئۆزگۈرۈشلىرى Arabic Presentation Forms-B جەدۋىلىدىكى FE70 دىن FEEF گىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەن يەنە سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن Arial ، Times New Roman ، Tahoma لارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ئاساسىي رايون بىلەن ئەرەبچە كېڭەيتىلگەن رايوننىڭ B جەدۋىلىدىكى ھەرپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەرەبچە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى قوشما ھەرپلەرنىڭ بىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلماپتۇ.
ۋىندوۋستا تەمىنلەنگەن ئەرەبچە خەت نۇسخىسى Simplified Arabic دىگەن خەت نۇسخىسىدىمۇ، ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قوشما ھەرپلەر بىردەك كىرگۈزۈلمىگەن. يەنە بىر ئەرەبچە خەت نۇسخىسى Traditional Arabic دېگەن خەت نۇسخىسىدا ئاساسىي ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەردىن باشقا قوشما ھەرپلەردىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرى (ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالماپتۇ) ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن مەن مۇنداقلا بىر ئاددىي ئىشنى ئويلىشىپ قالدىم، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 18 دانە قوشما ھەرپنى ئالغان خەت نۇسخىسىنى بىزمۇ ئەرەبلەرگە ئوخشاش مۇرەككەپ ئۇيغۇر يېزىقى، قوشما ھەرپ ئالمىغانلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر يېزىقى دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ.
ھازىر بۇ مۇلاھىزەمدىن كېيىن، ئۇيغۇرچە فونتلار ئىچىدىكى 18 دانە قوشما ھەرپنى ئېلىش كېرەكمۇ-يوقمۇ دېگەن مەسىلىدە مەنمۇ بىرنېمە دېيەلمەيۋاتىمەن. بۇ ھەرپلەرنى كىرگۈزسەك بۇ خەت نۇسخىمىز مۇرەككەپ يېزىقلىق خەت نۇسخىسى بولۇپ قالىدىكەن، ھەمدە كىرگۈزۈش ۋە يوللاشتا مۇرەككەپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ 18 دانە قوشما ھەرپنى فونت ئىچىدىن ئېلىۋەتسەك بۇ ئىخچاملاشتۇرۇلغان (ئاددىيلاشتۇرۇلغان) خەت نۇسخىسى بولىدۇ، بۇنىڭدا خاتالىق ئاز كۆرۈلىدۇ. ھازىر مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيۋاتىمەن دېگەندە، مۇشۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن توغرا بولامدۇ، كېيىن يەنە «ئاشۇ 18 قوشما ھەرپ قوشۇلماي قاپتۇ ئەمەسمۇ» دېگەن يەنە بىر خىل پىكىر بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. دېمىسىمۇ فونت ياساش جەريانىدا بۇ 18 (20) خىل قوشما ھەرپنى ياساشقا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ قوشما ھەرپلەرنى تولا ياساۋېرىپ مېھرىم چۈشۈپ قالدىمۇ-يا، ھېچ كېچىشكە كۆزۈم ئۇنىمايدا. ;P
ھەر ھالدا، مەن يۇقىرىقىدەك ئاددىي مۇلاھىزە قىلىپ باقتىم، كۆپچىلىكمۇ ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا، ئەگەر ھەقىقەتەن ئېلىۋېتىش توغرا بولسا، ھەم كۆپچىلىك مۇۋاپىق دەپ قارىسا، مېنىڭمۇ ئارتۇقچە پىكرىم يوق.
مەن يۇنىكود جەدۋىلىدىكى ئەرەبچە ئاساسىي رايوندىكى ھەرپلەرنىڭ جەدۋىلى، ھەمدە كېڭەيتىلگەن A ۋە B رايوندىكى ھەرپلەرنىڭ جەدۋىلىنى يوللاپ قويدۇم، چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقارسىلەر.
[url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/arabic.ttf[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2008-11-30 20:05 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە نويابىر 30, 2008 4:11 pm

ئىلمىيلىك دېگەننى مۇشۇ تېمىدىن كۆردۈم، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىرىنىڭ غەرەزسىز پارىڭى دېگەن مۇشۇنداق بولىدىكەندە. (پەزىلىتىڭلاردىن سۆيۈندۈم ھەم تەلىم ئالدىم)
ئۇستازلارنىڭ ئىلمىي مۇلاھىزىسى ناھايىتى سۈپەتلىك داۋاملىشىۋاتىدۇ،
جىنچىراقلار خۇنۇكلىشىپ، ukij نىڭ كەلگۈسى نۇرلىنىۋاتىدۇ.
~~~~~~~~~~
بۇ تېمىنىڭ مۇھىم جايلىرىنى [url]http://www.yadimda.com/thread-2242-1-1.html[/url] غا يوللاۋاتىمەن. ئۇستازلارنىڭ باشقىچە پىكرى بولمىسا داۋاملاشتۇرۇمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە نويابىر 30, 2008 4:46 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Perhat_k[/i] ، ۋاقتى: 2008-11-25 17:45 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2014&ptid=436][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ۋە باشقا مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە، مەنمۇ يېڭى خەت نۇسخىسىغا باشقىچە نام بىرىشنى، ئەسلىدىكى خەت نۇسخىسىنى پەقەت تېخنىكىلىق مەسىللەر ھەل قىلىنىپلا خەت غولىغا قىلچە چىقىلماي يېڭى نەشىرى ئىچىگە يىزىلىپ شۇ نامدا بولسا قانداق بولار، دىگەن تەكلىپنى بىرىمەن. ... [/quote]

باشقا مۇنبەرلەردىكى مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مۇسىم گەپلەرنى نەقىل قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.


[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2008-11-30 08:41 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2050&ptid=436][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
يۇقىرىدىكى پىكىرىنى يېزىپ بولۇپ ئويلاپ باقسام بۇ تېما توغرىلىق پىكىرلىشىۋاتقان ئالىپ ئەپەندى ۋە مەن بىردەك «كۆپچىلىك» قوشۇلسا مەنمۇ قوشۇلىمەن دېگەن مەنىدە پىكىر بايان قىلىپتۇق. خوش، ئۇنداق بولسا بۇ «كۆپچىلىك» كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟ تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار كىملەرنىڭ چىقارغان قارارىغا ھۆرمەت قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا «كۆپچىلىك» پىكىر قىلىپ باقسا...

مېنىڭچە، 2004-يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر تور جامائىتى ئاساسەن UKIJ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن. ئەگەر ئۇيغۇر تور جامائىتى ھازىرمۇ UKIJ دائىمىي ئەزالىرىنى ئەشۇ «كۆپچىلىك» كە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارىسا (بۇنى ھەر قايسى تور بېكەت باشلىقلىرى راي سىناپ بەلگىلىسە بولىدۇ)، پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، UKIJ مۇدىرىيىتىدىكىلەر قارار چىقىرىپ بەلگىلىسۇن. قارارغا ئاساسەن فونتلارنى تۈزەشنى داۋاملاشتۇرايلى. [/quote]

بۇ يەردىكى كۆپچىلىك ئاۋال دەل سىلەر بىرقانچىڭلاردەك ئۇستازلار ئاندىن سىز ئىيتقاندەك تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلارنى كۆرسىتىدۇ.
بەزى سەۋەپلەر ( پاراڭلار) سەۋەپلىك UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ بىر قىمسى توزۇپ كەتتى ياكى ھازىرغىچە بۇ ئىشتىن بىخەۋەر بولىشىمۇ مۇمكىن.
ھېچقىسى يوق، بىز سىلەرگە ئىشىنىمىز (مەسىلەن: «ئويغان»، «ئۇيغۇر ئېدىت»، «يۇلغۇن دىتاللىرى» دەك)، ئاۋال پىكىر بىرلىككە كىلىپ نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقسۇن، ئاندىن تېخىمۇ زور كۆپ ساندىكى قېرىنداشلارنىڭ باھاسى رايىنى ئېلىش بىردەملىكلا ئىش.


[url=http://www.yadimda.com/viewthread.php?tid=1991][size=4][color=Red]ئۇيغۇرۇمدا ئۈمىد بار[/color][/size][/url]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 12:48 pm

[url]http://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=2320[/url]
نەزەرىنىڭ
تۆۋەندىكىسى vista نىڭ ئىكران قوغداش پروگراممىسىغا يىزىلغان خەتلەر .كىرگۈزگۈچ: ئويغان .سىناق ئوبىيىكتى1 .كونا تۈز توم نۇسخا ،2.يىڭى تۈز توم نۇسخا
[img]http://www.intil.cn/munber/attachments/month_0812/20081201_ab3eb10fc91ccf839ebfGDzrCOUVrxYV.jpg[/img]
[img]http://www.intil.cn/munber/attachments/month_0812/20081201_ad9b86c320b8a926bb0ce1kpNGT4eQKF.jpg[/img]

7 پاكىنەكنىڭ
نەزەرى ئەپەندىمنىڭ ئىكران قوغدىغۇچدىكى دىمەكچى بولغىنى قايسى مەسىلىكىن ، ئەگەر ئۇلاشماسلىقتىكى مەسىلىنى دىسە
يۇقارقى ئىكران قوغداشدىكى ئۇلانماسلىقنى يۇلغۇن كىرگۈزگۈچتە كېڭەيتىلگەن رايون ياكى تەتۈر كۆچۈرۈش ئارقىلىق نورمال كۆرسەتكىلى بولىدۇ . (ئاقساقاللىق قىلىپ سۆزلەپ قويدۇم)

مەن ھىس قىلغان بىر مەسىلە ، ukij tuz tom دا ن ھەرىپى سۆز بېشىغا كەلگەندە ، چىشنىڭ ئۈستىدىكى چىكىت دەل چىشنىڭ ئۈستىگە كېلىدىكەن ،
ukij tuz tom yengiدا بولسا ، چىشنىڭ ئۈستىدىكى چىكىت سەل ئىچىگىراق بولۇپ قالىدىكەن . بۇ ئەھۋالدا ماڭا سەل سەت كۆرۈنۈپ قېلىۋاتىدۇ . باشقا تورداشلارغا قانداقكىن ؟ مەسىلەن ئاستىدىكى «نۇرمۇھەممەت» دىكى بىرىنجى ن ھەرىپى~

[img]http://www.elipbe.cn/ukij/ukij001.jpg[/img]

يەنە تىرناق دىگەن سۆزدىكى ت بىلەن ن

[img]http://www.elipbe.cn/ukij/ukij002.jpg[/img]

بۇ مېنىڭ ھازىرچە بايقىغىنىم~



نەزەرىنىڭ
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى :[i]7pakinek[/i] ، ۋاقتى:1-12-2008 16:16 [url=http://www.intil.cn/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=12646&ptid=2320][img]http://www.intil.cn/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
نەزەرى ئەپەندىمنىڭ ئىكران قوغدىغۇچدىكى دىمەكچى بولغىنى قايسى مەسىلىكىن ، ئەگەر ئۇلاشماسلىقتىكى مەسىلىنى دى ... [/quote]
[img]http://www.intil.cn/munber/attachments/month_0812/20081201_85e2e9be0cb75d26398eE9Ne6i8MdVNn.jpg[/img]
مىنىڭ دىگىنىم مۇشۇ كۆزنەك屏幕保护程序 .ئادەتتە XP دىمۇ بۇ ئىقتىدار بار . لىكىن ئازراق پەرق باردۇ.

ئەنقانىڭ
بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ چاپاق كۆرىنىش ھالىتىگە خاتىمە بەرگىلى بولماسمۇ؟
قاراڭ بۇ سىلىقلاش ئېلىپ بېرىلمىغان ھالەت
[img]http://upimg.anamakan.cn/upload/1228126897x-564976267.jpg[/img]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 7:04 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،

كېڭەيتىلگەن رايوندىكى «ئا، ﺋﺎ، ئە، ﺋﻪ، ئو، ﺋﻮ، ئۇ، ﺋﯘ، ئۆ، ﺋﯚ، ئۈ، ﺋﯜ، ﺋﻰ ، ﯒ ، ﺋﻰ، ﺋﻰ، ﺋﯥ ، ﺋﯥ ، ﺋﯥ، ئې» دىن ئىبارەت 20 قوشما ھەرپنى بۇندىن كېيىن فونتلارغا قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسى UKIJ فونتلىرىنى تۈزەش ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويۇۋاتىدۇ... مېنىڭچە بۇ مەسىلە توغرىسىدا UKIJ مۇدىرىيىتىدىكىلەر مۇزاكىرىلىشىپ قارار چىقارسۇن. بۇنداق قىلغاندا كېيىنچە ئەگەر خاتالىق يۈز بەرسە مەسئۇلىيەتنى مۇدىرىيەتتىكى قارار چىقارغانلار ئۈستىگە ئالىدۇ.

تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى مۇدىرىيەت چىقىرىدىغان قارارغا ئاساسەن فونتلارنى داۋاملىق تۈزىتىپ كۆپچىلىكنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنسۇن... بۇ ئىشقا تۇرسۇنجان قانداق قارايدىكىن؟

==================================
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىمكى، بەزى تورداشلار باشقا بېكەتلەردە 2-قېتىملىق فونت تۈزەش ئىشىدا يۈز بەرگەن سەۋەنلىكنى تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىگە يۈكلەپ قويغاندەك مەزمۇندا يازما يېزىپتۇ (تەپسىلاتى توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق كۆرمىدىم). UKIJ مۇدىرىيتى خاتالىقىنى ئىتراپ قىلىپ [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=431[/url] دا چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن:
*****************************
[color=Magenta][size=5]UKIJ فونتلىرىدا ئەشۇ ھەرپلەرنىڭ تەكرار قوشۇلۇپ قېلىشىدا 2-قېتىملىق فونت سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. شۇ سەۋەبتىن، UKIJ بارلىق تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايدۇ. شۇنداقلا، خاتالىقنى بايقىغۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ.[/size][/color]
*****************************
جۈملىدىن، ئەشۇ خاتالىقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بايقالماي ساقلىنىپ قېلىشىدا مەسئۇلىيىتى ئېغىر كىشىلەرنىڭ بىرى مەن. بۇ ۋەجىدىن تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.
==================================

ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، خاتالىق بايقالغانىكەن ئۇنى تۈزىتىش كېرەك، قايتا سادىر قىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنداق قىلىش ئۈچۈن [color=Magenta]پىكىرلەر ئايرىم شەخسلەرگە ئەمەس سىناڭلار دەپ ياساپ بەرگەن فونتلارغا كۆپرەك مەركەزلىشىشى كېرەك[/color].

قىسقىسى، تالانتىڭىز بولسا [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكىلەردىنمۇ ياخشى فونت ياساپ UKIJ گە يوللاپ بېرىڭ. فونت ياساشنى بىلمىسىڭىز فونت سىناشقا ئەستايىدىللىق بىلەن قاتنىشىڭ. قانچە كۆپ خاتالىق تاپالىسىڭىز سىزدىن شۇنچە مىننەتدار بولىمىز... قېنى ئەمىسە، فونت سىناشنى داۋاملاشتۇرۇڭ!

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » سەيشەنبە دېكابىر 02, 2008 4:37 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2008-12-2 01:04 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2060&ptid=436][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى مۇدىرىيەت چىقىرىدىغان قارارغا ئاساسەن فونتلارنى داۋاملىق تۈزىتىپ كۆپچىلىكنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنسۇن... بۇ ئىشقا تۇرسۇنجان قانداق قارايدىكىن؟
[/quote]
مەن ھازىر يېڭى فونتتىن 20 خىل ھەرپنى چىقىرىۋېتىپ فونت ياساش، «ـئىـ»، «ـئېـ» نى چىقىرىۋېتىپ 18 دانە قوشما ھەرپنى ساقلاپ قېلىپ فونت ياساشتا قېيىنچىلىق يوق، بۇنى تېزلا قىلىپ بولالايمەن، ئەمما ھازىر مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى مۇشۇ قوشما ھەرپلەرنى ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ئالماسلىق كېرەكمۇ بىر قارارغا كېلىش كېرەك. قوشما ھەرپلەرنى ئېلىشقا توغرا كەلسە يۇنىكود جەدۋىلىدە بار بولغان 18 دانە قوشما ھەرپنى ساقلاپ قالساق بولىدۇ، ئەگەر قوشمىساق يەنە مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن، ئويلىشىپ بېقىڭلار.
مەن بىر قېسىم يېڭىچە ئىسلاھ قىلىنغان يېزىق كىرگۈزگۈچلەردە بۇ قوشما ھەرپلەرنى مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلدا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
1) قوشما ھەرپ «ئا» (FBEA) نى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كىرگۈزۈش. بۇنىڭدا كېڭەيتىلگەن رايون ئىشلىتىلگەن.
2) قوشما ھەرپ «ئا» نى «ئ» (0626) ۋە «ا» (0627) نى بىرلەشتۈرۈپ «ئا» (FBEA) نى كىرگۈزۈش. بۇنىڭدا ئاساسىي رايون ھەرپلىرىدىن پايدىلىنىپ كېڭەيتىلگەن رايونغا يۆتكەلگەن.
ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىق تەرىپى، قوشما ھەرپلەرنى ئىشلىتىش.
ئۇيغۇر، قازاق يېزىقلىرىدىكى قوشما ھەرپلەر، ئىككى مۇستەقىل تاۋۇشتىن تەشكىل قىلىنمايدۇ، سوزۇق تاۋۇشلارغا ھەمزە قوشۇلۇش ئارقىلىق ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلى شەكىللەندۈرۈلگەن. باشقا تىللاردىكى قوشما ھەرپلەر بولسا ئىككى مۇستەقىل تەلەپپۇز قىلىنىدىغان تاۋۇشتىن تەشكىل قىلىنغاچقا، ئېنىقلا قوشما ھەرپكە كىرىدىكەن. ئالدىنقى كۈنى مەن يوللىغان ئىنكاستا ئەرەبچە يېزىق بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوشما ھەرپلەرنى سېلىشتۇرغان ئىدىم، ھەم ئوخشاش دەپ ئويلىغان. ھازىر ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 18 دانە قوشما ھەرپ (ھەرپلەرنىڭ يالغۇز يېزىلىشى) نى ئېلىۋەتسەك، ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ يالغۇز يېزىلىش شەكىللىرى يوق بولۇپ قالىدۇ دېگەنلىك ئىكەن، ئەمما بۇنى يەنىلا ئاساسىي رايوندىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگەندىلا كاللىمىزدا بىر زىددىيەت كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، ئاساسىي رايون ھەرپلىرىدىن بۇ قوشما ھەرپلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە بولىدىغان بولغاچقا، يەنە ئۇ 18 دانە قوشما ھەرپنى فونت ئىچىگە ئېلىپ قويۇشنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ قارايمىز، بۇ يەرنى ئويلىشىپ بولغاندا، يەنە كاللىمىزغا بۇنى ئالماي قالساق، ناۋادا كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ئۇ 18 دانە قوشما ھەرپنى فونت ئىچىگە قوشۇپ قويمىساق، مۇشۇ ھەرپلەرنى ئىشلىتىپ قالغان ماتېرىياللار، ئەمدىلىكتە 18 دانە قوشما ھەرپ كىرگۈزۈلمىگەن فونتلاردا قانداق مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرار دېگەن يەنە بىر ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. ئەگەر 18 دانە قوشما ھەرپنى كىرگۈزۈپ قويۇشتىن كېيىن قوشما ھەرپلەرنى بىرىكتۈرۈپ كىرگۈزىدىغان يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ چاتاق چىقىرىدۇ دېگىنىمىزمۇ بەلكىم ئارتۇقچە بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى بۇ 18 دانە قوشما ھەرپ يۇنىكود جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلگەن ئۆلچەملىك ھەرپلەر، بۇ ھەرپلەرنى يېزىق كىرگۈزگۈچلەردە ئىشلىتىشنى خاتا دېيەلمەيمىز.
شۇڭا، ئالدىنقى ئىنكاسلاردا غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىم مۇنداق بىر تەكلىپنى بەرگەن ئىدى «بۇ 18 دانە قوشما ھەرپنى فونتتا ساقلاپ قېلىپ، بۇنىڭ ئۇلىنىشلىرىنى بەرمىسەك (پەقەر ھەرپ شەكلى ۋە كود نومۇرىلا ساقلىنىپ قالسا) دېگەن. شۇڭلاشقا، ھازىر مېنىڭ ئويۇمدا مۇنداق قىلساق قانداق بولار، باسما خەت نۇسخىلىرى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەت نۇسخىلىرى بولغاچقا بۇ خىل خەت نۇسخىلىرىغا 18 دانە قوشما ھەرپنى قوشۇپ ئىشلىسەك، ھۆسىنخەت نۇسخىلىرى كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، بۇ خىل خەت نۇسخىلىرىدا 18 دانە قوشما ھەرپلەرنى ئىشلەتمىسەك. ياكى، ھەممىنى بىردەك قىلساقمۇ بولىدۇ.
تورداشلارمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپچە بولۇر دېگەندەك، كۆپرەك ئىزدەنسەك بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
مەن ھازىر ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا قارشى فونتلارنى ياساشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن، يەنى 18 دانە قوشما ھەرپنى قوشايلى ياكى قوشمايلى، ئاخىرقى قارار چىقىرىلغاندىن كېيىنلا، تورداشلارغا يېڭىلانغان سىناق نۇسخىسىنى يوللاپ بېرىمەن.

Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » سەيشەنبە دېكابىر 02, 2008 8:09 am

كېڭەيتىلگەن رايونلاردىكى قوشما ھەرپلەر ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈشتە، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىدا ئىشلىتىلىش ئورنى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەرپلەر يۇنىكود جەدۋىلىدىنمۇ ئورۇن ئالغان، شۇنداق بولغاچقا كېڭەيتىلگەن رايوندىكى 18 دانە قوشما ھەرپ ساقلاپ قېلىنسا دەپ قارايمەن.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار