UKIJ Tuz Tom نى سىناش تەرتىپلىرى

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە يانۋار 05, 2009 7:02 pm

[size=4]ئالدىنقى قېتىم ۋارىس.ئا.جانباز ئەپەندىم ھ نىڭ ئىككى خىل شەكلى ۋە تۆت خىل شەكلى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىنى ئىنكاس قىلىپتىكەن، مەن بۇ توغرىسىدا «ھ» ھەرپىنىڭ تۆت خىل ياكى ئىككى خىل شەكلى بارلىقىنى تېخىمۇ ئېنىقلىۋېلىش ئۈچۈن، بىر كۈن كىتاب كۆردۈم دېسەممۇ بولىدۇ، بەزى كىتابلاردا «ھ» نىڭ ھەقىقەتەن ئىككى خىل شەكلى بار ئىكەن، يەنە بەزى كىتابلاردا «تۆت» خىل شەكلى بار ئىكەن، ئەڭ ئاخىرى ھوشۇر مۇئەللىمدىن سورىسام، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى يۇنىكودقا يوللانغاندا «ھ» ھەرپىنىڭ تۆت خىل شەكلى بارلىقىنى مۇتەخەسىسلەرمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىكەنتۇق، ھەمدە يۇنىكودقىمۇ تۆت خىل شەكلى بويىچە يوللىنىپتىكەن. مەن كىتابلاردا «ھ» نىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى ۋە يالغۇز شەكلىنىڭ ئىلمەكلىك ئاخىرلىشىدىغانلىرىنى ئۇچراتتىم، چۈنكى مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن نابۇرچىلىق سىستېمىلىرىنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرىدىكى «ھ» نىڭ تۆت خىل شەكلى بار ئىدى. شۇڭا، مەن ئۆزۈم ياسىغان خەت نۇسخىلىرىدا بۇرۇندىن تارتىپلا «ھ» نى تۆت خىل شەكىل بويىچە ياساپ كېلىۋاتقان ئىدىم، بۇ قېتىم ۋارىس ئەپەندىم بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن (بۇرۇنمۇ بىر قېتىم پىكىر بەرگەن ئىدى)، بۇ مەسىلىنىمۇ ئەتراپلىق ئويلۇشۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئالدىنقى كۈنلىرى كىتابلاردىن ئۇچراتقان «ھ» نىڭ قۇيرۇقلۇق شەكىللىرىنى سايىلاپ يوللاپ قوياي دېگەن ئىدىم، ئەمما سايىلاش ئاپپاراتىم بۇزۇلۇپ قالغاچقا ئىمكانىيەت قىلالمىدىم، بۈگۈن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا سايىلىغۇچتىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ، كىتابتا ئۇچراتقان «ھ» نىڭ شەكىللىرىنى يوللاپ قويدۇم.
ھ نىڭ ئاخىرىدىن كېلىدىغان شەكىللىرىنى كىتابلاردىن تاپماقمۇ بەك تەس ئىكەن، بىر كىتابنى ئاختۇرۇپ ئاخىرىغا كەلگىچىمۇ بىرەر بۇنداق ھەرپلەر بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن. شۇڭا، بۇ ھەرپنىڭ ئىلمەكلىك شەكلى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىرى تويۇقسىز پەيدا بولۇپ قالسا، سەل غەلىتىلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. مەن بۇ قېتىم خەت نۇسخىسىنى يېڭىلىغاندا بۇ ھ ھەرپىنىڭ ئاخىرىدىن كېلىدىغان ئىككى خىل شەكلىنىڭ ئىلمىكىنى بىلىنەر-بىلىنمەس ھالەتتە ئوڭشۇدۇم، بۇ ھەرپنى ئالدىنقى قېتىم ياسىغاندا ئۇيغۇر يېزىكىدىكى ـگ، گ نىڭ ئاخىرىدىكى قۇيرۇق قىسمىغا ئوخشاش ئىدى، بۇ قېتىم ئەرەب يېزىقىدىكى ظ، ـظ لارنىڭ ئاخىرلاشقان شەكلىگە ئوخشاتتىم، ھەر بىر خەت شەكلىدە بۇ خىل ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان ھەرپ شەكىللىرىنىڭ ئىلمەكلىرىنىڭ شەكىللىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىلىرى مەن كىتابلاردا ئۇچراتقان ھ نىڭ ئاخىرىدىن ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەكىللىرى:
1) «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 24- بەت، 2002- يىلى 3- ئايدا نەشر قىلىنغان.
[url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/001.jpg[/url]
[img]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/001.jpg[/img]
2) «ئىمپېراتور- تۆمۈرلەڭ» 131- بەت، 2001- يىلى 12- ئايدا نەشر قىلىنغان.
[url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/002.jpg[/url]
[img]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/002.jpg[/img]
3) «ھۇدۇدۇلئالەم» 147- بەت، 2003- يىلى 12- ئايدا نەشر قىلىنغان.
[url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/003.jpg[/url]
[img]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/003.jpg[/img]

رەسىملەرنىڭ پرىسلانمىغان ئۇچۇق شەكلىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.
[url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/resim.rar[/url]

نۇرقۇت ئەپەندىم مۇنداق ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەن، بۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي، بۇمۇ بىر مۇھىم مەسىلە ئىدى.
نەقىل: «خەت نۇسخىسىنى تۈزىتىش زادى قانداق يۇسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ؟ گەرچە باشقا جەھەتتىن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارمىغان بولساممۇ ، ئەمما ھەر قېتىملىق تۈزىتىشتە خەتنىڭ كۆرۈنۈش شەكلىدە كۆرۈنەرلىك پەرق چىقىۋاتىدۇ . بىز كەسىپ ئەھلى بولمىغاندىكىن شۇ كۆرۈش سىزىمىمىزگە تايىنىشتىن باشقا چارە يوقكەن.»
تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈڭ:
[img]Http://www.alpsoft.cn/fonts/resim/004.jpg[/img]
بۇ «سۇنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» دېگەن كىتابتىن سايىلاپ ئالغان بىر بەتتىكى خەت نۇسخىسىنىڭ شەكلى بولۇپ، بۇ خەت نۇسخىسى ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان UKIJ Tuz Tom نىڭ ئەسلىي شەكلى، بۇ خەت نۇسخىسى بۇرۇنقى Dos مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان «خۇاگۇاڭ»، «سەنلى» قاتارلىق نابۇرچىلىق سىستېمىلىرىنىڭ خەت شەكلى بولۇپ، خەت نۇسخىسىنى ئىشلەشتە ئاۋۋال بۇ ھەرپلەرنى چوڭايتىپ بېسىپ چىقىپ، ئاندىن سايىلاپ، ۋىندوۋس مۇھىتىدا فونت ياساش قۇرالى ئىچىگە رەسىملەرنى تارتىپ ئەكىرىمىز، بۇ ۋاقىتتا ئەكىرىلگەن رەسىملەر فونت قۇرالىدا ۋىكتورلۇق خەتكە ئايلىنىدۇ، ئەمما سايىلاپ رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن فونت قورالىغا تارتىپ ئەكىرىلگەن بولغاچقا، بۇ ھالەتتە سايىلاپ ئەكىرىلگەن ھەرپ شەكلىنىڭ قىرلىرى، ئەگمەش جايلىرى ناھايىتى قوپال كۆرۈنىدۇ، شۇڭا بۇلارنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىلىقلاشقا توغرا كېلىدۇ، تۈز كېلىدىغان جايلاردا ئىگىز-پەس بولۇپ قالغان جايلىرى بولسا بىر تۈز سىزىققا ئەكىلىمىز، ئەگرى جايلىرى تولۇق ئەگرى بولماي بىر ئاز قىرلىق بولۇپ قالغان بولسا، بۇنى قولدا يۇمىلاقلاشتۇرۇپ چىقىمىز، مۇشۇ تەرىقىدە ھەممە ھەرپلەرنى بىر قۇردىن تۈزىتىپ چىقىمىز دېگەن گەپ، ھەر قېتىم تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بېشىغا قايتىپ بىر باشتىن قارىسىڭىز، يەنە بىر يەرلىرىنىڭ تۈز ۋە ئەگىم بولمىغانلىقىنى بايقىساق، يەنە سىلىقلاپ چىقىمىز، مۇشۇ تەرىقىدە ئىش تۈگىمەيدۇ، ھەر قېتىم تۈزەتكەندە ئىشقىلىپ ياخشىلىنىپ ماڭىدۇ. بۇ قېتىم بۇ تۇز توم خەت نۇسخىسىنى تۈزەتكەندە مەن باشقىچىرەك يول تۇتتۇم، يەنى بۇرۇن ئۆزۈم سىلىقلىغان تۈز توم خەت نۇسخىسىنى بېسىپ چىقىرىپ، بۇ ھەرپلەرنى بىر ھۆسىنخەتنى چىرايلىق يازىدىغان دوستۇمغا يەنە بىر قېتىم يېزىش قائىدىسى بويىچە يازدۇردۇم، ئامال بار ئوخشاش يېزىشقا تىرىشتى، يېزىلغان خەت شەكلىمۇ ناھايىتى كۆركەم بولدى، ئاندىن بۇنى مەن يەنە قايتا سايىلاپ ئېلىپ، بۇرۇنقىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ، ھەر ئىككىسىدىن ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ بىرىكتۈرۈپ يېڭىدىن بىر خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقتىم، بۇنى تاماملاشقا يېقىن مەن بىر پارسچە تور بېكەتتىن مۇشۇ تۇز توم خەت نۇسخىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان خەت شەكلىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ خەت نۇسخىسى بىلەن ھازىرقى تۇز توم خەت نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ پارسچە خەت نۇسخىسىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەردىنمۇ پايدىلاندىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىم سايىلاپ ياسالغاندىن كېيىنكى سىلىقلاش ۋە تۈزىتىش ئىشلىرىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك پايدىلىنىش مەنبەسىگە ئىگە بولدۇم. شۇڭا، بۇ فونتنى ناھايىتى سىلىق ياساپ چىقىش ئۈچۈن، فونت ئىچىدىكى ئوخشاش شەكىلدىكى ھەرپلەرنى بىر مەنبەدىن تارتىپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللاندىم، شۇڭا بۇ قېتىم ياسالغان فونت بۇرۇنقىلىرىدىن سىلىق ھەم كۆركەم چىقتى، شۇڭلاشقا تورداشلاردا بۇرۇنقىسىغا ئوخشىمايدىكەن دېگەندەك ئىنكاسلارنىڭ كېلىشى تەبىئىي. ئەمدى بۇندىن كېيىن بۇ خەت نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەيمەن، چۈنكى بۇ خەت نۇسخىدىكى ھەرپلەر سىلىقلاشتۇرۇپ ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈلدى، ئەمدى سېلىقلاشتۇرۇشنىڭ ھەمدە ئىگىز-پەس، كەڭ-تارلىقىنى ئۆلچەپ ياساش ئىشلىرى ھەممىسى بۇ قېتىم تاماملاندى، شۇڭلاشقا بۇ بىر فونتنى ياساش ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىپ قالدى، شۇڭا فونتلارنى تۈزىتىپ تاپشۇرۇش ۋاقتىمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك كەينىگە سۈرۈلۈپ قالدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ قېتىم بۇ تۇز توم خەت نۇسخىسىدىن باشقا ھەرقايسى باسما خەت نۇسخىلىرىغىمۇ خېلىدىن بېرى خېلى كۆپ ئەمگەكلەرنى سىڭدۈرۈپ سىلىقلاشتۇرۇپ ۋە تۈزىتىپ چىقتىم، شۇڭا بۇلارمۇ بۇرۇنقىسىغا پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما مەن بۇلارنى باشقا بىر خەت نۇسخىسى دەپ قارىمايمەن. ئەمما، مەن تورداشلارنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ كېتىپ قالغان فونتلارغا باشقا نام بېرىش تەكلىپلىرىنىمۇ چەتكە قاقمايمەن، ھەم بۇ خىل پىكىرلەرنى قوللايمەن، بۇنداق بولغاندا بۇرۇنقى كونا نۇسخىدىكى شەكىللىرى بىلەنمۇ ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭدەك بۇ قېتىم فونتلار تۈزىتىلگەندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچىلەرمۇ تەبىئىي ھالدا بۇرۇنقىسىنى ئىشلەتمەي، ھازىرقى يېڭىلانغان نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن، شۇڭا مەنمۇ بۇ قېتىم ھەممە فونتلارنى تۈزىتىپ چىقىشقا قاتنىشالمايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم، چۈنكى ئالدىنقى قېتىم تۈزىتىلگەن فونتلارنى ياسىغۇچىلار بار، ئۇلار ئۆزلىرى تۈزىتىپ ياساپ چىقىشقا مەسئۇل بولسۇن، مەنمۇ ئۆزۈم ياسىغان فونتلارنى تۈزىتىشكە مەسئۇل بولاي، ئەگەر [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دە ئىسمى ئاتالغان ھەمدە ئۆزى ياسىغان فونتنى تۈزىتىشكە ۋاقتى چىقماي مېنىڭ تۈزىتىپ يوللاپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلسا، بۇنى مەن مەسئۇل بولۇپ شۇ كىشىنىڭ نامىدا تۈزىتىپ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە يوللاپ بەرسەم، ئۆزى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] گە يوللاپ قويسا بولىدۇ.
ھەر قانداق شەيئى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش، فونتلارلىرىمىزمۇ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ماڭدى، بۇ جەرياندا ئاددىي ياساش ئۇسۇلىدىن مۇرەككەپ ياساش ئۇسۇللىرىغىچە، قوپاللىقتىن سىلىقلىققىچە جەريانلار بولدى. شۇڭا، تەبىئىيكى باشتا ياسالغىنى بىلەن ئاخىرىدا ياسالغانلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ۋە بىرقىسىم ئوخشىماسلىقلار كېلىپ چىقىشى تەبىئىي، يەنى چوڭ-كىچىكلىكىدە، ئىگىز-پەسلىكىدە، بەزى ھەرپلەرنىڭ قىسمەن شەكىل ئۆزگۈرۈشلىرىگىچە قەدەر.
بۇ قېتىم مەن فونتنىڭ قېلىپىنى مۇكەممەل ئىشلەپ يوللاپ قويدۇم، باشقا فونتلارنى تۈزىتىشكە قاتنىشىۋاتقان تورداشلارنىڭ بۇ فونت قىلىپىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى مەن بۇ تەرەپتە ياساۋاتقان فونتلار بىلەن باشقا تورداشلارنىڭ تۈزىتىۋاتقان فونتلىرىنىڭ خەت قېلىپى ۋە ئۆلچەملىرىنىڭ بىردەك بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يەردە بۇ گەپنى قىستۇرۇپ قويدۇم.
بۇرۇن بىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىغاندا، فونتتىكى بارلىق ھەرپلەرنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ غول قىسمىغا ماسلاشتۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، ھەممە ھەرپلەرنى بىر نومۇر كىچىكلىتىپ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ماسلاشتۇرغان ئىدۇق، چۈنكى ئۇيغۇرچىدىكى ئەڭ ئىگىز ھەرپ «ڭ» بىلەن ئەڭ پەس ھەرپ «ئې» بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. مېنىڭچە، ئىنگلىزچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ غول قىسمىغا توغرىلاپ كىچىكلىتىپ ياساش خاتا ئىكەن. شۇڭا، بۇ قېتىم مەن تۈزىتىۋاتقان فونتلاردا ئىنگلىزچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن Arial ، Times New Roman ، Tahoma قاتارلىق فونتلاردىكى ئىنگلىزچە ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەرپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئوخشاش ئالدىم، يەنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى باشقا ھەرپ-بەلگىلەرگە ماسلاشتۇردۇم. شۇڭا، بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن فونتلاردا مۇنداق ئىككى ئاددىي مەسىلە سادىر بولمايدۇ. 1) ئۇيغۇرچە ھەرپلەر باشقا سىستېما خەت نۇسخىلىرى بىلەن بىللە كىرگۈزۈلگەندە، يەنى كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپ ھازىرقى فونتىمىزغا، ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەر Arial ، Times New Roman ، Tahoma قاتارلىق فونتلارغا توغرىلانسىمۇ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بىلەن ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەر ئوخشاش نومۇرلۇقتا ۋە بىر تۈز سىزىقتا چىقىدۇ، خەنزۇچە خەتلەر بىلەنمۇ شۇنداق. 2) يېزىق بىرتەرەپ قىلىش قۇراللىرىدا قۇر ئارىلىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ. يەنى بىز Word نى ئېچىپ، ھازىرقى تۈزىتىلىۋاتقان فونتنى تاللىغاندىن كېيىن، باشقا ھېچقانداق يەرگە چېقىلماي (خەت نومۇرى ۋە قۇر ئارىلىقىنى ئالدىن تەڭشىۋالماي) يېزىق كىرگۈزسەك قۇر ئالماشقاندىن كېيىن، قۇر ئارىلىقى كۆڭۈلدىكى قىممەتنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇرۇنقىدەك قۇر ئارىلىقى كېڭىيىپ كېتىدىغان ياكى ئارىسىغا ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە خەت قىستۇرۇلسا قۇر ئارىلىقى چوڭىيىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. دېمەك، مۇشۇ ئىككى ئاددىي مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بۇ قېتىمقى فونت تۈزىتىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك داۋاملاشتى، بۇرۇن ھەل بولماي كەلگەن خېلى كۆپ مەسىلىلەر ھەل بولدى، بەلكىم يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىمۇ بايقىماي قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما مەسىلىلەر كۆپ قالمىدى.
شۇڭا، بۇ قېتىم تۈزىتىلىۋاتقان فونتلار تورداشلاردا يېڭىچە تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىپ قويىشى تەبىئىي، خەت نۇسخىسىنى سىنىغاندا ۋە ئىشلەتكەندە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ سىناپ كۆرۈشۈڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مەسىلىلەرنىڭ تېزراق ھەل بولۇشىغا، يېڭى فونتلارنىڭ تارقىتىلىشىغا پايدىلىق.[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 01:04 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 01:12 [/i]]



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە يانۋار 05, 2009 7:06 pm

[color=Blue][size=4]ئابايتىن بېرى، word تا خەت كىرگۈزۈۋېتىپ مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇم، بۇنىڭغا بۇرۇنمۇ يولۇققان ئىدىم، ئەمما دىققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن، بۈگۈن باشقىچىلا دىققىتىمنى تارتىپ قالدى. يەنى:
مەن 2009- يىلى دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈۋېتىپ تويۇقسىز – (سىزىقنىڭ) ئۇزىراپ قالغانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، شۇڭا بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىدىم. سەۋەبى:
1) بىرىنچى سىناق: 2009- يىلى (بۇنىڭدا 2009 دىن كېيىن بوشلۇق ئۇرمايلا سىزىقچە تارتتىم ئاندىن يەنە بوشلۇق قويۇپ يىلى دېگەن سۆزنى يازدىم، بۇ ۋاقىتتا سىزىق يەنىلا ئۆز پېتىچە تۇرىۋەردى كود نومۇرى 002D)
2) ئىككىنچى سىناق: 2009 – يىلى (بۇنىڭدا 2009 دىن كېيىن بوشلۇق قويۇپ سىزىقچە تارتتىم، ئاندىن يەنە بوشلۇق قويۇپ يىلى دېگەن سۆزنى يازدىم، بۇ ۋاقىتتا سىزىق سەل ئۇزىراپ شەكلى ئۆزگەردى، كود نومۇرىنى كۆرۈپ باقسام 2013 ئىكەن).
بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، يېقىندىن بېرى خەت نۇسخىسى ياساش جەريانىدا، ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆزىنىڭ خەت شەكلى ئىچىدىكى توغرا ئورنى بويىچە ئالدىم، مەسىلەن چېكىت-پەش، سوئال، ئۈندەش بەلگىلىرى، سىزىق، سىزىقچە دېگەندەكلەر، ئاخىرىدا فونت پۈتكۈندىن كېيىن پەقەت بىرلا بەلگە سىزىق (-) نىڭ ئورنىنى سەل پەسكە تارتىپ قويدۇم، بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە ھەرپدە سىزىق كەلگەندە، بۇ سىزىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ غۇل قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر بۇ سىزىقنى پەسكە تارتىپ قويمىسا، ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئۈستىگىرەك توغرا كېلىپ قالىدىكەن. سىزىقچە پەسكە تارتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچىگە ماس كەلگىنى بىلەن ئىنگلىزچە سۆزلەرنى كىرگۈزگەندە ئىنگلىزچە ھەرپلەرنىڭ ئاستىغا كېلىۋېلىپ ماس كەلمەي قالدى، يەنى _ (سىزىقچە 005F) نىڭ ئورنىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا، بۇ يەردە ئىككىسىنىڭ ئورنى ئوخشاپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويدى. مۇھىمى بۇ فونتتا ئۇيغۇرچىنى بىرتەرەپ قىلىشنى كۆزدە تۇتقاچقا ئامال يوق، مۇشۇ بىر – (سىزىق) نى پەسكە تارتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. بۈگۈنكى بۇ ئىش كاللامغا يېڭى بىر خىيالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر بىز سىزىققا – (2013) نى، سىزىقچىگە — (2014) نى ئىشلەتسەك قانداق بولار، مۇشۇ بىر ئىش ھەل بولۇپ كەتسە ياخشى ئىش بولاتتى.
چېكىت (.)، قوش چېكىت (:) قاتارلىقلار ھازىر يېڭى فونت ئىچىدە ئۇيغۇرچە پەش (،)، چېكىتلىك پەش (؛) لەر بىلەن بىر تۇز سىزىققا كەلتۈرۈلۈپ، خەتلەرنىڭ غۇل قىسمى بويىچە داۋام قىلىدۇ. ئەمما مۇشۇ بىر سىزىق (-) نى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ غۇل قىسمىغا توغرىلىسام ئىنگلىزچىگە ماس كەلمەيدىكەن، شۇڭا مۇشۇ بىر سىزىق مەسىلىدە، مېنىڭ مۇنداق پىكرىم بار ئەسلىدىكى – (002D) نىڭ ئورنى ئۆز پېتى تۇرىۋەرسە، سىزىققا (– 2013) نى ئىشلەتسەك قانداق بولار، مەن ئابايقى سىناق بويىچە يېڭى فونت ئىچىدىكى سىزىق (-) نى ئەسلىدىكى ئورنىغا ئېلىپ كېلىپ، كىرگۈزۈلگەن سىزىقنىڭ ئالدى كەينىدە بوشلۇق بار ھالەتتە خەت كىرگۈزسەم بۇلارنىڭ ھەممىسى 2013 (–) گە ئالماشتى، مۇشۇنىڭغا قارىغاندا ئىمكانىيەت بارمىكىن دەپ قارىدىم.
ھازىر فونتلارنىڭ قېلىپىمۇ پۈتۈپ بولدى، مەن ھازىر باشقا فونتلارنى تۈزىتىشكە ۋە راتلەشكە كىرىشتىم، شۇڭا بۇ نۇقتىنى مۇھىم دەپ قارىغاچقا ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويدۇم، شۇڭا تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا، مۇشۇ بىر سىزىق مەسىلىسىدە ئورتاقلىشىپ باقساق دېگەن مەقسەتتە بۇ ئىنكاسنى يېزىپ قويدۇم.[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 01:11 [/i]][/color]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2009-1-6 01:44 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 03:19 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە يانۋار 05, 2009 7:46 pm

ئەسكەرتىش: يۇقارقى ئىنكاستا بەلگە ئورنىغا چىراي ئىپادىسى چىقىۋالغا «چىراي ئىپادىسى»نى تاقاپ قويدۇم، باشقا تەرەپلەرگە چېقىلمىدىم.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە يانۋار 05, 2009 9:18 pm

[color=Black]ئىنتىل ئەپەندىم رەھمەت، ئاباي بۇ ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ، قوش چكىتتىن كېيىن ئىسكوپكىنى ياپسام چىراي ئىپادىسى چىقىپ قالغان ئىدى، مانا مۇنداق[/color] :) [color=Blue]تۈزىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، تۈزىتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت.[/color]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 03:27 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 03:49 [/i]]

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە يانۋار 05, 2009 9:27 pm

[color=DarkGreen][size=5]101- قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنى كۆرۈۋېتىپ، ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئىنگلىزچە ھەرپلەردىن سەل تۇتۇق كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كاللامغا بىر خىيال كېلىپ 102- قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنى كۆك رەڭگە توغرىلاپ تەھرىرلىسەم، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۇچۇق كۆرۈندى. ئالدىنقى قېتىممۇ مۇشۇ كاللامغا كېلىپ قالغان ئىدى، ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، ھازىر تۇيۇقسىزلا كاللامغا كېلىپ قېلىپ، سىناق قىلىپ باقتىم. بەزى تور پروگراممىلىرىدا خەتنىڭ رەڭگىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتى قاپ-قارا رەڭگە توغرىلانماي، سەل تۇتۇق ياكى توق كۈلرەڭ ھالەتتە بولىدىكەن، بۇمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدەك ئەگىم جايلىرى كۆپ بولغان يېزىقلاردا تېخىمۇ تۇتۇقلىشىپ قالىدىكەن. ئەمما قارا رەڭدىن باشقا ئۆزىمىز كۆك، قىزىل، يېشىل رەڭلەرگە ياكى توق قارا رەڭگە [color=Red](قىممىتى قىزىل 0، سېرىق 0، كۆك 0، قارا 100 ھالەتتە تەڭشەلگەن)[/color] توغرىلىساق، ھەممە ھەرپ-بەلگىلەر ئۇچۇق كۆرۈنىدىكەن، بۇ كىچىكلا بىر سىناق خالاس، مۇنداقچە كاللامغا كېلىپ قالغان ئىش، بۇنى ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلىي بىر سىناپ بېقىپ ئاندىن ئايرىم ئىنكاس يازارمەن.[/size][/color]

[color=Black][size=7]خخخ خ، غغغ غ، ئە، ە، ـئە، ـئە، ى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ڭ، ش، د، س.،:؛؟!@#$%&[/size][/color]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 03:28 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 03:31 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 03:32 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2009-1-6 03:39 [/i]]

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » سەيشەنبە يانۋار 06, 2009 8:24 am

ئۇيغۇرچە فونت قايسى ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟
1.ئۇيغۇرچە ھەرپلەر.بۇنىڭدا UKIJئېلان قىلغان ئۆلچەم بويىنچە ئېلىنىشى كېرەك.
2.ئۇيغۇرچە تىنىش بەلگە ۋە قوشۇمچە بەلگىلەر. بۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.بۇنىڭدا بىرەر ئۆلچەم بارمۇ ئۇقمۇدۇم؟ مۈمكىن بولسا مەتبەدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرىنى ئېلىش كېرەك.بولسا ئۇيغۇرسوفت نىڭ ئۆلچىمى بويىنچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.چۈنكى ئۇلار بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەن.
3. ULY ھەرپلىرى مۈڭگۈزلۈك چوقۇم كام بولسا بولمايدۇ.
4.خەلقئارا ترانسىكسىپىيە بەلگىلىرى ساقلاپ قېلىنسا.چۈنكى ئۇيغۇرچە ژورناللار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپىنچە ئۇيغۇرچە ھەققىدىكى تەتقىقاتى مۇشۇ بەلگىلەرگەئېھتىياجلىق.
5.قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاق،قىرغىز لارنىڭ يېزىقىدىكى ئۆزگىچە ھەرپ بەلگىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6.لاتىن ھەرپلىرىمۇ ئويلىشىلىدۇ ئەلۋەتتە.
ئەمدىكى مەسىلە ئۇلارنىڭ سانىدا قالدى. 1-سىدە مەسىلە يوق،بۇ بېكىتىلدى. 2-سىدە ناۋادا ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۆلچىمى قوللىنىلسا ،بۇنىڭدىنمۇ مەسىلە چىقمايدۇ. 3-سىدە ULYدىكى مۈڭگۈزلۈك ھەرپلەرنىڭ سانى ئېنىق،ئۇلارنىڭ چوڭ،كىچىك يېزىلىشىنى ئالساقلا بولۇدۇ.يەنى é É ü Ü ö Ö لارنى ئالساق بولۇدۇ. ناۋادا تىلكومنىڭ بېكىتكىنىدەك بولغىنىدا ä Ä ü Ü ö Ö
بولۇدۇ،بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ سانى جەمىي 8 بولۇدۇ. ئەگەر فرانسوزچە،نېمىسچە،تۈركچەھەرپلەر ئېنىق كۆرۈنسۇن دىسەك،ئۇ ۋاقىتتا قوشۇدىغان ھەرپ كۆپىيىدۇ.ç Ç قاتارىقلارنى قوشۇمىز ئەلۋەتتە.4-سىگە كەلسەك ئۇيغۇرچىنىڭ تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغانلىرىنىلا قوشۇپ قويساق بولۇدۇ.
7. ناۋادا ئالاھىدە ئېھتىياج تۈپەيلىدىن باشقا ھەرپ بەلگىلەرنى قوشۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا ئايرىم قىلىپ فونت ياساپ ئىشلەتسە بولۇدۇ.

ukij tuz tom 2008 فونتىدا لاتىن كېڭەيتىلگەننىڭ ھەرپ سانى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ بولارنى قىسقارتىش كېرەك. بىزگە كېرەكلىكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى چىقىرىۋېتەيلى. زادى قانچىنى ئېلىپ قالىمىز مۇشۇنى بېكىتىۋېلىش كېرەكمۇ قانداق؟.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » سەيشەنبە يانۋار 06, 2009 12:05 pm

فونتتا ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ئاز كۆپلىكىگە ۋە مۇھىم-مۇھىم ئەمەسلىكىگە ئەمدى بەك باش قاتتۇرۇپ كەتمەيلى، ھەرپ بەلگىلەرنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى فونتتىكى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە يېزىقلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا توسالغۇ بولمايدۇ. بۇ فونتتا لاتىنچە مەلۇم بىر مۇرەككەپ ھەرپ كىرگۈزۈلگەن بولسا، كېيىن باشقا فونتلاردا بۇ خىلدىكى ھەرپ بولماي چىقماي قالسا، يەنە قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
ئەسلىدە ھەرپ بەلگىلەر ئاز بولسا، فونتنىمۇ ئاسان ياسىغىلى بولىدۇ، ئەمما مۇنداق بىر ئىشنى كاللىمىزدىن ئۆتكۈزەيلى، بۇ فونتتىكى مەلۇم بەلگىلەرنى بىز مەڭگۈ ئىشلەتمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما يەنە بىرەيلەن بولسا بۇ بەلگىلەرنى كۈندە ئىشلىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئويلاش بىلەن بىرلىكتە يەنە باشقىلارنىڭمۇ خىزمىتىگە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشنى چىقىش قىلساق ياخشى بولامدىكىن.
ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل يېزىق ئىشلەتكەن، يېقىنقى زامانلاردىلا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى (ھازىرقى يېزىقىمىز)، لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىق، سلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ۋە لاتىنچىلاشقان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يېڭى لايىھەسىنى شىنجاڭ رايونىدا ئىشلىتىدىغان كۆپ، سلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئاز بولغاندىمۇ مۇشۇ ئۈچ يېزىقتىكى بارلىق ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق بولۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، قازاقلارمۇ، قىرغىزلارمۇ ئوخشاشلا بىزگە ئوخشاش ئۈچ خىل يېزىقنى تەڭ ۋە ئارىلاش ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، يېقىندا قازاقىستان لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى لاتىنچە ئېلىپبەنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، سلاۋىيان يېزىقىنى يەنىلا ماس قەدەمدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. ئەگەر مۇشۇ ھەرپلەر تولۇق بولغاندا، يېزىقچىلىق قىلىش داۋامىدا فونتلارنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا تولا ئۆزگەرتىشتىن ساقلانغىلى، بىر ماتېرىيالنىڭ خەت نۇسخىسىنى بىرلا فونت بىلەن ئىمكانقەدەر قاندۇرۇشقا بولىدىكەن. ھازىرقى يېڭى فونت قىلىپىغا قوشۇلغان ھەرپ-بەلگىلەر ھەرگىزمۇ ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ، مۇمكىن بولسا تېخىمۇ كۆپ بولسا ياخشى ئىدى، مەنمۇ بەك چوڭ ۋە زىچ بولۇپ كەتمىسۇن دەپ، ئەڭ كۆپ لازىم بولىدۇ، ياكى ئېھتىماللىقى بار دېگەن ھەرپ بەلگىلەرنى كىرگۈزدۈم، مەسىلەن: فونىتىكىلىق بەلگىلەر بولسا تىلشۇناسلىرىمىزغا پايدىلىق، گرېكچە ۋە ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر بولسا ماتېرماتىكىچىلىرىمىزغا، تېبابەتچىلىرىمىزگە، خىمىكلارغا كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدەك ئاساسلىق بولغان فونتنى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن كەسپىي ئىشلەتكۈچىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلىسەك دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ھەممە فونتلىرىمىز مۇشۇنداق كۆپ ھەرپ-بەلگىلىك بولۇپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ھازىرقى فونت قىلىپىغا 2000 دانە ھەرپ بەلگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ خىل فونتتىن مەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 نى ياسىماقچى، قالغان فونتلارغا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە يېزىقلارنى ۋە ئىنگىلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 1000 ئەترەپىدىكى ھەرپ-بەلگە بىلەن كونترول قىلماقچى، مەسىلەن يەنە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان ھۆسىنخەت نۇسخىلىرى نەچچە يۈزلا ھەرپ-بەلگە بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە ھەرپ-بەلگىلەر بىلەنلا چەكلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى شۇ فونتنىڭ يېزىقچىلىقتا ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ ياسىماقچى، كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرناللارغا كۆپ ئىشلتىلىدىغان ئاساسىي فونتلاردا ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق بولسۇن.
بۇ فونتنىڭ ئىچىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى ئويلاشماي، ھازىرقى مۇھىم مەسىلە بولغان ئۇيغۇرچە تېنىش-بەلگىلەرنىڭ ئورنى توغرىسىدا ئاز تولا كاللا قاتتۇرساق ياخشى بولاتتى، مۇشۇ توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارايلى، مەنمۇ فونتلارنى ياساۋېرەي.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » سەيشەنبە يانۋار 06, 2009 2:29 pm

مېنىڭ مەقسىتىم قوشۇلىدىغان ھەرپلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ ،سانىنى ۋە قايسى ھەرپلىكىنى بېكىتىۋېتەيلى.بۇنىڭ بىرلىكى ھەممىدىن مۇھىم.
ئۆزىمىز بېكىتىۋالساق ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ قېلىپ،باشقىلارغا تاڭغاڭلىق بولۇپ قالىدۇ.ھازىر كېڭىشىپ بىرلىككە كەلتۈرۈۋالساق،كېيىن قالايمىقان ئىشلىتىدىغانلارغا،توختا ئۆتكەندە بۇ بىرلىككە ئۆزۈڭ قوشۇلغانتىڭغۇ دىگىلى بولۇدۇ.ئۆزۈمىز بېكىتىۋالساقچۇ؟ ئۇ دىگەن سېنىڭ ما دىگەن مېنىڭ دەيدىغان ئىش چىقىدۇ.بىرلىك يەنىلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ ياكى يەنە بىر قېتىملىق فونت تۈزۈتۈشكە يېشىل چىراق يېقىپ بېرىمىز ياكى ئورۇن قويۇپ قويۇمىز شۇ. مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » سەيشەنبە يانۋار 06, 2009 2:35 pm

بولسا ئۇ ك ى ج بۇ ھەقتىمۇ ئالدىنقى قېتىم سوزۇق تاۋۇشلارنىڭكىنى بېكىتكەندەك بىرەر قارار ماقۇللىسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولاتتى.
تۈرلەرگە بۈلۈپ،ھەرپ سانى، قايسى ھەرپ دىگەنلەرنى ئېنىق بېكىتسە ،باشقا فونتلار شۇ ئۆلچەم بويىنچە بولسا بولاتتى.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » سەيشەنبە يانۋار 06, 2009 5:29 pm

GB 21669-2008 中文标准名称: 信息技术 维吾尔文、哈萨克文、柯尔克孜文编码字符集
دۆلەت ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كودىنى بېكىتىپتۇ. شۇ بويىنچە بولسا بولغۇدەك.
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2008.04.11
ئىجرا ۋاقتى:2008.09.01
标准号: GB 21669-2008 中文标准名称: 信息技术 维吾尔文、哈萨克文、柯尔克孜文编码字符集
ICS: ICS 35.040 英文标准名称: Information technology—Uyghur,Kazak and Kirghiz coded character set
中标分类: L71 发布日期: 2008-4-11
采标情况: 实施日期: 2008-9-1
ئۇنىڭدا قازاقچە ھەمزىنىڭ كودىنى 0674 قىلىپ بېكىتىلىپتۇ.5- بەت 24-قۇردا. يەنە 12-بەتتە.
ئاندىن باشقا ئۇيغۇرچە ھ ئۈچۈن 4 خىل شەكىل ئاپتۇ.قۇيرۇقىنى كۆتۈرمىگەنكەن.6-بەت34-قۇردا.
ئۇندىن باشقا كام بولسا بولمايدىغان لاتىن كېڭەيتىلگەن ھەرپ بەلگىلىرى،ئۇيغۇرچە تىنىش بەلگىلىرى،قاتارلىقلارنىڭ توپلىمى بېرىلىپتۇ.
بۇنىڭ بىلەن فونت ئىشىمىزدىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەش بولۇدىغان بولدى.


چۈشۈرۈش ئادرېسى:[url]http://www.bzjsw.com/ziyuanxiaza[/url] ... 3/105632.html#edown
تىزىملاتسىڭىز چۈشۈرەلەيدىكەنسىز.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار