UKIJ Tuz Tom نى سىناش تەرتىپلىرى

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » دۈيشەنبە دېكابىر 15, 2008 8:10 am

ئالىپ ئەپەندىمدىن سوراپ باقسام ، بۇ نۇسخىدا تۈزۈتۈلگەن مەسىلە قايسىلار ؟ پەقەت شۇ 18 ھەرپنى چىقىرىپ تاشلاشمۇ ياكى كۆرۈنۈش جەھەتتىن سىلىقلاش ئېلىپ بېرىلدىمۇ ؟



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » سەيشەنبە دېكابىر 16, 2008 6:10 am

ھەممە جەھەتلەردىن يېڭىلاندى، يەنى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى تەمىنلەنگەن سىناق نۇسخىسىدىن كېيىن، مەن خەت نۇسخىسىدىكى 18 دانە قوشما ھەرپنى چىقىرىۋېتىپ ھەمدە ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايون ھەرپلىرىنى ئايرىپ يېڭى فونت قىلىپى ئىشلەپ يەنە 0 دىن باشلاپ Volt تىن ئۆتكۈزدۈم، بۇنداق قىلىشىمدا 18 ھەرپنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يەنە بەزى نۇقسانلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى، شۇڭا بۇ 12- ئاينىڭ 15- كۈنى تارقىتىلغان فونتنى ناھايىتى دىققەت قىلىپ ياساپ چىقتىم، سىلىقلاش جەھەتتىمۇ خېلى ياخشىلاندى. 11- ئاينىڭ 28- كۈنى ئىشلىتىلگەن خەت قېلىپى ئىشلىتىلمىگەچكە بۇ 12- ئاينىڭ 15- كۈنى تارقىتىلغان فونتتا خېلى كۆپ يېڭىلىقلار بار.

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » پەيشەنبە دېكابىر 18, 2008 9:07 am

ئۇيغۇرچە فونتلارنىمۇ خەنزۇچە فونتلارغا ئوخشاش مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قويسىلا ئېكران خاسلىقى دېگەندەك يەردىن تاللىغىلى بولمايدۇ؟بۇ زادى فونتتكى مەسلىمۇ ياكى باشقا مەسلە بارمۇ؟ئەگەر فونتتكى مەسلە بولسا بۇنى ئوڭشاشقا بولامدۇ؟

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » جۈمە دېكابىر 19, 2008 2:40 am

تۇرسۇنجان ئەپەندى ياخشىمۇ سىز،

توردىشىمىز majeed ئېيتقان لا ھەرىپىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايۇندا كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا نورمال ئۇلانماسلىق مەسىلىسىنى ئوڭشاشقا بولارمۇ؟ (سەۋەبى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقساق؟)
(تىل يېزىق كومىتىتىنىڭ، ئەلكاتىپنىڭ فونتلىرىدا نورمال ئۇلىنىدىكەن، بىر سىناپ باقسىڭىز.)

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » شەنبە دېكابىر 20, 2008 3:40 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Computer[/i] ، ۋاقتى: 2008-12-19 08:40 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2132&ptid=436][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
تۇرسۇنجان ئەپەندى ياخشىمۇ سىز،

توردىشىمىز majeed ئېيتقان لا ھەرىپىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايۇندا كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا ... [/quote]
لا قوشما ھەرىپىنىڭ خاتالىقى ئوڭشىلىپتۇ،
بىراق مەنە يەنە بىر خاتالىقنى بايقىدىم:
لاتىنچە ھەرىپلەر يېقىن يېزىلغان سۆزلۈكلەردە چاپلىشىپ قالىدىغان ئەۋھال كۆرۈلدى:
[img]http://p15.freep.cn/p.aspx?u=v20_p15_p_0812201129203191_0.jpg[/img]

سىلەرمۇ سىناپ باقساڭلار:
خەت نۇسخىسىنى كىچىك 5 كە توغرىلاپ، bilik, tfjik قاتارلىق سۆزلەرنى يېزىپ بېقىڭلار:

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » شەنبە دېكابىر 20, 2008 4:24 am

UKIJ TUZ TOM بىلەن UKIJ TUZ TOM YENGI نىڭ لاتىنچە ھەرىپىدىكى سېلىشتۇرۇلما رەسىمىدىن پەرقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
[img]http://p13.freep.cn/p.aspx?u=v20_p13_p_0812201219297867_0.jpg[/img]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » شەنبە دېكابىر 20, 2008 10:53 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مەن يېڭى 15-دېكابىر تۈزىتىلگەن فونتتا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى بايقىدىم:

1. ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە «ھ» نىڭ ئىككى خىللا شەكلى بار. بۇنى مەن موشۇ تېمىغا جاۋاب يازما شەكلىدە يازغان. تۈزىتىلگەن فونتتا «ھ» نىڭ تۆت خىل شەكلى بار دەپ قارىلىپ ئىككى خىل «قۇيرۇقلىق شەكىل» قوشۇلۇپ قاپتۇ.[img]http://www.ukij.org/oyghan/tests/h.png[/img]

مەن [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=436&extra=&page=4[/url] دا بۇ توغرىلىق پىكىر قىلغان. قارىغاندا ئانچە قايىل قىلارلىق بولمىغان ئوخشايدۇ. تۇرسۇنجان «ھ» تۆت خىل شەكلى بار دەپ قارايدىكەن. «ھ» نىڭ زادى قانچە خىل شەكلى بار؟ باشقا تورداشلار پىكىر بەرسەڭلار.

2. ئاستىغا سىزىق سىزىلغان ھالەتتىكى خاتالىق تۈزىتىلمەپتۇ.

3. بەزى ھەرپلەر «ئۆلۈك كود» (يەنى ھەپ شەكلى بار Unicode كودى يوق) ئورۇنلىرىغا تەكرار قوشۇلۇپ قاپتۇ. ئۇ ئۆلۈك كود ئورۇنلىرى ۋە تەكرارلانغان ھەرپلەرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

FontLab تىكى كۆرۈنۈش مۇنداق:
[img]http://www.ukij.org/eza/oyghan/tests/dead_code_fontlab.png[/img]

Font Creator Program دىكى كۆرۈنۈش مۇنداق:
[img]http://www.ukij.org/eza/oyghan/tests/dead_code_font-creator-program.png[/img]

«ۇ» نىڭ كودىنى تەكشۈرسەك ئۇنىڭ كودىنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز:
[img]http://www.ukij.org/eza/oyghan/tests/dead_code_font-creator-program_code.png[/img]

بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنماسلىقى ئۈچۈن، تۇرسۇنجاننىڭ ھەر بىر مەسىلىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ يېزىۋېلىپ تۈزىتىلگەنلىرىگە بەلگە ئۇرۇپ كېلەر قېتىمدا «بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن مەسىلىلەر XXX » دېگەندەك شەكىلدە خۇلاسە قىلىپ يېڭى فونتنى يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھېيتتىن كېيىن فونت سىناش قىزغىنلىقى بىر ئاز سوۋۇپ قالدى. ھەر قايسى ئەزا تور بېكەتلەرنىڭ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ بۇ پائالىيەتنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن. ھازىرقى باسقۇچتا قانچىلىك كۆپ خاتالىق تاپالىساق كېيىن قىلىدىغان پۇشايمەن شۇنچە ئازىيىدۇ.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » يەكشەنبە دېكابىر 21, 2008 5:56 am

ئەسلى دىيىلگەن بۇيىچە بۇ ئۆلچەملىك يېڭى فونتلار يېڭى يىلدا بىز بىلەن يۈز كۈرىشەلەمدۇ ؟ ... ھازىر پەقەت تۈزىتىلىۋاتقىنى مۇشۇ بىلا خەت نۇسخىسىمۇ ؟ نىمىشقا باشقا خەت نۇسخىلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ سۆز يوق ؟

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » يەكشەنبە دېكابىر 21, 2008 5:08 pm

1.ئويغان ئەپەندى دىگەن ھەرپلەرنىڭ ئۇنىكود ئورنى باركەن ،مېنىڭكىدە نورمال كۆرۈندى.
/uniFBD7/uni06C7.fina/uniFBD9/uni06C6.fina/uniFBDB/uni06C8.fina/uniFBDD/uniFBDE/uni06CB.fina/uniFBE0/uni06C5.fina/uniFBE2/uni06C9.fina/uniFBE4/uni06D0.fina/uniFBE6/uniFBE7/uni0649.init/uni0649.medi/uniFBFC/uni06CC.fina/uni06CC.init/uni06CC.medi/uni0651064C/uni0651064D/uni0651064E/uni0651064F/uni06510650/uniFD3E/uniFD3F/allah
2.لېكىن مەسىلە ئالىپ ئەپەندى قوشما ھەرپنى چىقىرىۋەتكەن بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۇلىنىشىنى چىقىۋەتمەپتۇ.
feature liga { # Standard Ligatures
script arab; # Arabic
lookupflag RightToLeft;
sub uni0674 uniFE8D by uni0675;
sub uni0674 uniFEED by uni0676;
sub uni0674 uniFBD7 by uni0677;
sub uni0674 uniFEEF by uni0678;
sub uni0644.init uni0622.fina by uni06440622.isol;
sub uni0644.init uni0623.fina by uni06440623.isol;
sub uni0644.init uni0625.fina by uni06440625.isol;
sub uni0644.init uni0627.fina by uni06440627.isol;
sub uni0644.medi uni0622.fina by uni06440622.fina;
sub uni0644.medi uni0623.fina by uni06440623.fina;
sub uni0644.medi uni0625.fina by uni06440625.fina;
sub uni0644.medi uni0627.fina by uni06440627.fina;
} liga;
بۇ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئۇلۇنىش شەكلى بولۇپ بۇنىڭ ئۇلۇنۇشىغا قوشما ھەرپ ئىشلىتىلگەن، بۇ گەرچە ۋورد تا مەسىلىە ئېلىپ كەلمىسىمۇ،لېكىن فوتو شوپ قاتارلىقلاردا ئاپتوماتىك قوشما ھەرىپنى كۆرسۈتۈدۈ.گەرچە بۇ قوشما ھەرپلەر فونتتىن چىقىرىۋېتىلگىنى بىلەن،بۇ ئۇلۇنۇشنى ساقلاپ قالغاچقا،يەنىلا كودتا مەسىلە كۆرۈلۈدۇ.يەنى شەكىل تاللىنىپ بولۇنغان تېكستنى چاپلىغاندا ئۆزلىگىدىن قوشما ھەرپكە ئۆزگىرىدۇ.بۇ ئاساسىي رايون ئىشلىتىش،كېڭەيتمە رايوننىڭ قوشما ھەرپلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە خىلاپ بولۇپ قالۇدۇ.
بولسا ئالىپ ئەپەندى ئويلىشىپ باقسا.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » يەكشەنبە دېكابىر 21, 2008 5:52 pm

ئويغان ئەپەندى مەن خاتالىشىپتىمەن.راست ئۇنىكود دىگەنگە توغۇرلىسا چىقمايدىكەن،لېكىن باشقىسىدا چىقىدىكەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار