[ئۇقتۇرۇش] سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك شەكىللىرى توغرىسىدا

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
Admin

[ئۇقتۇرۇش] سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك شەكىللىرى ت

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Admin » شەنبە دېكابىر 06, 2008 5:13 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

جەمئىيىتىمىزنىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزەش چاقىرىقى ([url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=431[/url]) ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=436[/url] دىكى تېمىدا تۆۋەندىكى ئۈچ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر بولدى:

1) خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن كود Unicode نىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى(«ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسى؛

2) Unicode قا كىرگۈزۈلمىگەن «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) دىن ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرىگە ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىپ (خالىغانچە) كود ئورنى بېكىتىپ ئۇلارنى بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسى؛

3) كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى.

يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق UKIJ مۇدىرىيىتى تۆۋەندىكىدەك قارارنى چىقاردى:

1. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرىنى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى (تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ) بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا؛ ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن بولغاچقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق قارار قىلىندى.

2. «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپنىڭ قوشما شەكىللىرىUnicode قا كىرگۈزۈلىدىغان ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر ھوقۇقلۇق ئورگان بولغان «Unicode ئىلمىي جەمئىيىتى» ([url]http://www.unicode.org[/url]) تەرىپىدىن [url]http://www.unicode.org/charts/PDF/UFB50.pdf[/url] دىكى كود جەدۋىلىگە قوشۇلمىغاچقا ئۇلارغا ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىپ خالىغانچە كود بېرىش مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. ھەمدە ئۇلارنىمۇ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق قارار قىلىندى.

3. كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپ-بەلگىلەر فونتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاپتوماتىك شەكىل تاللاشتا (باش، ئوتتۇرا، ئاخىر، يالغۇز) ئىشلىتىدىغان بولغاچقا؛ ئۇلارنى ئىشلىتىش ھەر خىل يۇمشاق دېتاللاردا ۋە توردا ئىزدەش، تەھرىرلەش ... قاتارلىق مەشغۇلاتلاردا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا ئاساسى رايوننى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپ-بەلگىلەرنى بىۋاستە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەمما ئاساسى رايوننى قوللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچە تېكىستنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەرنى ئىشلىتىش خاتا دەپ قارالمايدۇ.

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقىرىدىكى قارارغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇندىن كېيىن ياسايدىغان فونتلىرىغا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرىنى قوشماي، بۇندىن كېيىن تارقاتماقچى بولغان يۇمشاق دېتاللىرىدا 2004 -يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىنى (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ) ئاساس قىلغان ھالدا ئاساسى رايون ھەرپلىرىنى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىشىنى سورايمىز.

[img]http://www.ukij.org/fonts/images/2004-1-17_Birlikke_Kelgen_Uyghurche_Herpler_Kod_Jedwili.gif[/img]

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2008-يىل 6-دېكابىر

(بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)



nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » يەكشەنبە دېكابىر 07, 2008 2:37 am

بۇ قارارنىڭ چۈشكىنى بەك ياخشى بولدى . ھېلىمۇ خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ھەرپلەرنىڭ مەسىلىسى .. ..

بۇ قارار ئىنتىل سەيناسى ۋە نۇرقۇت دۇنياسىغا يوللىنىپ ، مەزكۇر تېما تەۋسىيە قىلىندى

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » دۈيشەنبە دېكابىر 08, 2008 8:58 am

ناھايتى ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ.بۇ كۈننى ساقلىغىلى ئۇزۇن بولغان،رەھمەت.:victory: :handshake :handshake :handshake

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە دېكابىر 08, 2008 2:01 pm

يادىمدادا تەۋسىيە قىلىندى [url]http://www.yadimda.com/viewthread.php?tid=2382[/url]

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە دېكابىر 15, 2008 5:03 am

مۇشۇ تېمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھېيت مەزگىلىدە، مەن UKIJ Tuz Tom نىڭ بىر قانچە كۈنلەر ئاۋۋال يوللانغان سىناق نۇسخىلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىم ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايون ھەرپلىرىنى ئايرىپ جەدۋەللىدىم، ھەمدە 18 دانە قوشما ھەرپنى چىقىرىۋەتتىم. شۇنىڭدەك، ئالدىنقى ۋاقىتلاردا تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ تۈزىتىلدى.

سىناق خەت نۇسخىسىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ!

[url]Http://www.alpsoft.cn/fonts/ukijtut1215.ttf[/url]

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » دۈيشەنبە دېكابىر 15, 2008 8:05 am

ئەتە يوللايمەن دەپ قۇيۇپ ئەمدى يوللىدىڭىز ھە ؟ بەك ئالدىراشچىلىقتا ھېيتنى تۈگىتەلمەي قاپسىزدە؟ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » چارشەنبە دېكابىر 17, 2008 10:47 am

سىناققا قاتنىشىۋاتقان تورداشلار جاپا تارتىدىغان بولدۇڭلار، رەھمەت.


ئالدىنقى قېتىم كۆتۈرۈلگەن ۋاقتى Admin - ئاينىڭ ۈنى.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار