يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە سىناش خىزمىتىگە قاتنىشىڭلار!

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ئىيۇن 28, 2010 2:20 am

سالام كۆپچىلىك،
سىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
تەرجىمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇڭلار. بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا بولساڭلار، گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەنگە ئېلخەت ئەۋەتەلەيسىلەر، ھەم بىلمىگەننى سوراپ بىلمىگەنگە ئۆگىتىپ تەرجىمە خىزمىتىگە ھەسسە قوشالايسىلەر.

گۇرۇپپىنىڭ باش بېتى:
[url]https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug[/url]

بۇ ubuntunila تەرجىمە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىغان خىزمەتمۇ ئەمەس. مەن Ubuntu نى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇڭا قاتناشمايمەن دەپ ئويلىساڭلار خاتالاشقان بولىسىلەر. بىزنىڭ تەرجىمىگە Ubuntu نى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇنى توردا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. ھەم ئايرىم تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. يەنە بىر سەۋەبى، تەرجىمىنى شۇ ھامان سىناپ كۆرۈپ تەرجىمە مۇۋاپىق بولدىمۇ بولمىدىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
بۇ يەردە تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمىلەر ھەر ۋاقىت upstream(يۇقىرى ئېقىم) غا يوللىنىپ تۇرىدۇ.(ئۇپسترەام ھەققىدە يۇقىرى ئۇلانمىنىڭ ئاخىرىدا ئازراق چۈشەنچە بار).شۇڭا تەرجىمىنى Ubuntuدىلا ئەمەس، باشقا Linuxلاردىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئىنگلىزچە بىلمەيمەن، ياكى خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلمەيمەن، مەن ھېچ ئىشقا يارىمايدىكەنمەن دەپ ئويلىساڭلار تېخىمۇ خاتالىشىسىلەر. كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلالىساڭلار ھەم ئۇيغۇرچە بىلسەڭلارمۇ بۇ گۇرۇپپىدا سىلەرگە ئىش بار. يەنى تەرجىمە قىلغانلارنىڭ تەرجىمىسى مۇۋاپىق بولدىمۇ بولمىدىمۇ، سىلەر Ubuntu ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىپ، مۇۋاپىق بولمىغان يەرلەر بولسا مەلۇم قىلساڭلارمۇ بولۇۋېرىدۇ. گۇرۇپپىدا ھازىر مۇشۇنداق ئادەم تولىمۇ كەم.

مېنىڭ Ubuntu نى ئورنىتىلغان كومپيۇتېرىم يوق، قاتنىشالمىغۇدەكمەن دەپ ئويلىساڭلار يەنە خاتالاشقان بولىسىلەر. چۈنكى ھازىر مەۋھۇم كومپيۇتېر دەپ بىر نەرسە بار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كومپيۇتېرىغا مۇشۇ خىلدىكى دېتالنى ئورناتساڭلار، Windows نىڭ ئىچىگە Ubuntu، MAC،... ھەممىنى ئورنىتىپ ئىشلىتىپ كۆرەلەيسىلەر.
قىسقىسى سىلەر بۇ ئىشقا قاتنىشىشقا بەل باغلىساڭلارلا سىلەرگە مۇۋاپىق ئىش چىقىدۇ. كوپنىڭ ئەقلى كوپ دەپتىكەن، سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار بىلەن Ubuntu تېخىمۇ تەز سۈرەتتە، تېخىمۇ توغرا ۋە سۈپەتلىك بولۇپ چىقىدۇ.

تەرجىمە گۇرۇپپىسى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى. شۇنداقتىمۇ بىر نەچچەيلەننىڭ كۈچىشى بىلەن ھازىرغىچە بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئالدى بىلەن UKIJ دىمۇ مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھازىر تەرجىمىگە OmegaT دېگەن دېتالنى ئىشلىتىۋاتىمىز، بۇنى دېتال ئارقىلىق ھازىرغىچە تەرجىمە قىلغان تەرجىمىلەرنى، يېڭى تەرجىمىدە ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، ئاتالغۇلار ئامبىرىنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولغاچقا، تەرجىمىنىڭ بىر خىل چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر بۇ دېتالدا بۇرۇنقى تەرجىمىلەردىكى 30 مىڭدەك تەرجىمىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھەم خېلى جىق بولاقلارنى مۇشۇ ئارقىلىق 20%~50% گىچە ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ دېتال ھەققىدە مۇشۇ UKIJ مۇنبىرى ۋە [url]http://kenjisoft.homelinux.com/[/url] غا قاراڭ.
بىر قېرىندىشىمىز OmegaT نىڭ قوللانمىسىنى تاماملىغان ئىدى، مەن شۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ يۇقىرى بەتلەردە ئاددىي ئىشلىتىش ئۇسۇلى بار. بىلمىگەن يەرلەرنى ئۇكىج مۇنبىرىگە يېزىڭلار.

گۇرۇپپىغا قاتنىشىپ بىرەر جۈملىمۇ تەرجىمە قىلماي "غايىب" بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانى، ئاكتىپ ئەزالاردىن جىق. بۇ خىزمەت بىر ئاي ياكى بىر يىلدا تۈگەيدىغان خىزمەت ئەمەس.شۇڭا بۇنىڭغا ئىزچىل قاتنىشىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.


غەيرەت كەنجى

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 12:29 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-6-27 21:17 [url=http://ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2649&ptid=552][img]http://ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

مەن بۇ سېستىمىنى بىرقېتىم قاچىلاپ، بىرقىسىم جايلىرىنى قاملاشتۇرالماي، توغرىسى تىلىنى ئۇقالماي ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم ، ئەمدە مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچىغا مۇۋاپىق كەلگەنلىرى(ئېنگىلىزچىمۇ، خەنزۇچىمۇ، قايسى نەشىرى دېگەندەك)نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى، ئۇيغۇرچە يامىقىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى ۋە ئەسلىسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى، ئۇيغۇرچە يامىقىنى ئورنۇتۇش قايىدىسى توغرىسىدا تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىلسە، بۇ سېستىما بىلەن بىزدەك تونۇشلىقى تۆۋەنلەرمۇ قاچىلاپ، ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەسسىمىزنى قوشساق دەيمەن. [/quote]

مانا ئەمدى بۇ تېمىنى كۆرۈڭ:

VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش

[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586[/url]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 12:32 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-6-27 21:17 [url=http://ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2649&ptid=552][img]http://ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

مەن بۇ سېستىمىنى بىرقېتىم قاچىلاپ، بىرقىسىم جايلىرىنى قاملاشتۇرالماي، توغرىسى تىلىنى ئۇقالماي ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم ، ئەمدە مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچىغا مۇۋاپىق كەلگەنلىرى(ئېنگىلىزچىمۇ، خەنزۇچىمۇ، قايسى نەشىرى دېگەندەك)نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى، ئۇيغۇرچە يامىقىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى ۋە ئەسلىسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى، ئۇيغۇرچە يامىقىنى ئورنۇتۇش قايىدىسى توغرىسىدا تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىلسە، بۇ سېستىما بىلەن بىزدەك تونۇشلىقى تۆۋەنلەرمۇ قاچىلاپ، ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەسسىمىزنى قوشساق دەيمەن. [/quote]

مانا بۇ تېمىنى كۆرۈڭ:

VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش

[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586[/url]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 12:33 pm

بۇ ھەقتە قىيىنچىلىققا يولۇققانلار بۇ تېمىنى كۆرۈڭلار:

VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش

[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار