[ئۇقتۇرۇش] UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، مۇراجەت ۋە چاقىرىقلىرى، دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىلىدىغان ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرىشى قاتارلىقلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Admin
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

[ئۇقتۇرۇش] UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Admin » دۈيشەنبە فېۋرال 21, 2011 12:00 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] دىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ پائالىيەت تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى:

1. خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە [url]http://unicode.org[/url] بەلگىلىگەن كود جەدۋىلىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەر بولماسلىق (UKIJ Tughra ۋە UKIJ Orxun بىلەن باشلانغان فونتلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛
2. 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى نامى، شەكلى ۋە غولىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مەسىلە بايقالغان ھەرپ-بەلگىلەرنىلا تۈزىتىش؛
3. خەت نۇسخىلىرى ياسىغۇچىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىش، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قىسمىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇرۇنقى پېتىچە ساقلاپ قېلىش؛
4. كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى («ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا، ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق ([url=http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=446&extra=page%3D1]ماۋۇ يەردىكى ئۇقتۇرۇشقا قاراڭ[/url])؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى بىلەن 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا (تەپسىلاتى ئۈچۈن [url=http://ug.wikipedia.org/wiki/%DA%BE%D8%A7%D8%B2%D9%89%D8%B1%D9%82%D9%89_%D8%B2%D8%A7%D9%85%D8%A7%D9%86_%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1_%D9%8A%DB%90%D8%B2%D9%89%D9%82%D9%89]بۇ يەرگە قاراڭ[/url]) خەت نۇسخىلىرىدا «ھ» نىڭ 2 خىل شەكلىنىلا ئىشلىش؛
5. خەت نۇسخىلىرىنى تۈرگە بۆلۈش، خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ سانىنى تەۋە بولغان تۈر ۋە ئىشلىتىلىش ئىھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛
6. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە بايقالسا مۇدىرىيەتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش.

بۇندىن كېيىنكى خەت نۇسخىلىرىغا ئائىت ئىشلار مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

1. تۈزىتىلگەن خەت نۇسخىلىرى 2011-يىل 21-مايغىچە [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دا سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى. مەسىلە بايقالسا تۈزىتىلىدۇ. 2011-يىل 22-مايدىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلىپ 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
2. UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئۈچۈن مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان بولغاچقا، ھەر قانداق كىشى [url]http://code.google.com/p/ukijorgfonts[/url] دىكى تۈرگە قاتنىشىپ سەرخىللاشتۇرۇش ئېلىپ بارسا، يېڭى خەت نۇسخىلىرىنى قوشسا بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دە تارقىتىلىدۇ.
3. UKIJ خەت نۇسخىلىرى بۇندىن كېيىن خەلقئارالىق LGPL ئىجازەتنامىسى ([url]http://www.gnu.org/licenses/lgpl.html[/url]) بىلەن تارقىتىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ھەر قانداق كىشى بۇ خەت نۇسخىسىلىرى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋەياكى ھەقسىز مەھسۇلاتلىرغا قوشۇپ تارقاتسا بولىىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4. تور بېكەت مەزمۇنلىرىنىڭ ئىشەنچلىك، ئۆلچەملىك ۋە كۆپرەك ئومۇمىيلاشقان دەپ قارالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ خالىغان بىرى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى» تەۋسىيە قىلىنىپ ئۇنىڭغا دەسلەپكى قەدەمدەUKIJ Tuz Tom ، ALKATIP Tor (ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ)، UKK TZA1 (ش ئۇ ئا ر تىلكومنىڭ)، Microsoft Uighur دىن ئىبارەت تۆت خەت نۇسخا نامى قوشۇلدى. تور بېكەت قۇرغۇچىلار يۇقىرىدىكى خەت نۇسخا ناملىرىنى ئۆزلىرى خالىغان تەرتىپتە توربەتلەرنىڭCSS ياكى HTML كودىدىكى ئىشلىتىدىغان «font-family» نىڭ قىممىتى قىلىپ بەلگىلەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن CSS ھۆججەت ئىىچىدە:
[code]body
{
font-family: 'UKIJ Tuz Tom', 'ALKATIP Tor', 'UKK TZA1', 'Microsoft Uighur';
direction:rtl;
font-size:12pt;
}[/code]
بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىش كۆرۈپ ھەممىمىزگە تەڭ تەۋە بولغان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشقا ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆلچەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ تارقىتىشتىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئالىيجاناپ كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2011-يىل 21-فېۋرال
[url]http://www.ukij.org[/url]

(بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە فېۋرال 21, 2011 2:50 pm

ئىنتىل سەيناسى «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى» نىڭ چاقىرىقىغا داۋاملىق ئاۋاز قوشىدۇ.
[url]http://www.intil.biz/home/thread-3463-1-1.html[/url]

bahtinur
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە سېنتەبىر 05, 2008 7:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bahtinur » دۈيشەنبە فېۋرال 21, 2011 3:12 pm

قىياس يۇمشاق دېتال باغچىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىندى ، ھەمدە رەسىملىك ئېلان قويۇلدى [url]http://kiyas.biz/soft/[/url]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە فېۋرال 27, 2011 5:22 pm

بۇ نۇسخىدىكى كىچىككىنە مەسىلە دەپ بىر توردىشىمىز QQ دا يوللاپتۇ:
[size=6]ئى[color=red]نت[/color]ىل [/size]
[size=6]ھە[color=red]قق[/color]ىدە
[/size]
چېكىتنىڭ تەڭ ئەمەسلىكى مەسىلىسى .

ئۇنىڭ ئەڭ خوش بولغىنى، بۇ خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلىغاندىن كېيىن QQ دىكى ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يازسا بەك چىرايلىق چىققانلىقى بوپتۇ.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » سەيشەنبە مارت 01, 2011 4:07 pm

يۇقىرىدىكى تەكلىپنى ئويلىشىش كېرەككەن، مەسىلەن ـنـ بىلەن ـتـ نىڭ چېكىتى بىر تۈز سىزىقتا بولسا تېخىمۇ ئۆلچەملىك بولىدۇ. ئەمما، قـ ۋە ـقـ لاردىكى چېكىتلەر ئاشۇ ھەرپنىڭ ئاساسىي غۇلى بولغان ئەگمە شەكلىنىڭ ئىگىز پەشلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلارنى تەڭ قىلىپ قويغاندا يەنە بىر قىسىم كۆرۈنۈشتىكى كەمتۈكلۈك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇنداق دېگىنىم، يەنى قـ ھەرىپىنىڭ بۇ شەكلىدە ئۇنىڭ ئەگمىسى بىر ئاز ئېگىز، ئۈستىدىكى 2 دانە چېكىت ئارىلىقى مۇۋاپىق، ـقـ شەكلىنىڭ ئەگمىسى بىر ئاز تۆۋەن، ئاندىن چېكىتىمۇ (قـ) بۇ شەكىلدىن سەل پاكار، بۇنىڭدا ئالدىنقىسىدىكى غول بىلەن چېكىت ئارىلىقى ئېلىنىپ، كېيىنكىسى (ـقـ) دىكى غول بىلەن چېكىتنىڭ ئارىلىقى بەلگىلەنگەن. ئەگەر، كېيىنكىسىنىڭ (ـقـ) چېكىتىنى ئالدىنقىسىنىڭ (قـ) چېكىتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغاندا، مەن ئېيتقاندەك كۆرۈنۈشتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە غول بىلەن چېكىت ئارىلىقىدىكى بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا قـ ، تـ ، نـ ، لارنىڭ چېكىتلىرىنى بىر تۈز سىزىق بويىچە، ـقـ ، ـتـ ، ـنـ لارنىڭ چېكىتلىرىنى بىر تۈز سىزىق بويىچە ئېلىش توغرىكەن. ئاندىن مۇشۇ قائىدە بويىچە پـ ، يـ ، بـ ؛ ـپـ ، ـيـ ، ـبـ ؛ ـۇ، ـۈ، ـۆ، ـۋ؛ ئـ ، ـئـ ؛ شـ ـشـ ـش ش، ژ ، ـژ، ز، ـز؛ قـ ـقـ ـق ق، فـ ـفـ ـف ف دېگەندەك چېكىت ياكى باشقا بەلگىلەر بىلەن كېلىدىغان ھەرپلەرنى تەڭشەپ چېقىش كېرەكتەك قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى چوقۇم مۇشۇ ئۆلچەمگە چۈشۈرۈش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا باسما خەت نۇسخىلىرى ۋە ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىدا چېكىتلەرنىڭ قويۇلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئاشۇ خەت نۇسخىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە ئاساسەن چېكىتلەرنى تەڭشەش كېرەككەن، بولۇپمۇ بىر قانچە خىل كۆپ ئىشلىتىدىغان باسما خەت نۇسخىلىرىنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ چىقىپ، مۇھىمدىن باشلاپ تۈزىتىلسە، خەت نۇسخىلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رەسمىي تارقىتىلغىچە تۈزىتىلىپ بولىنىدۇ، يەنە كېلىپ بۇنىڭدىنمۇ باشقا تەكلىپ-پىكىرلەرنى كۆزدە تۇتقاندا ئەلۋەتتە.
ئالپ


ئالدىنقى قېتىم كۆتۈرۈلگەن ۋاقتى Admin - ئاينىڭ ۈنى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار