كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانى ۋە خۇلاسىسى، ھەر قايسى تۈردىكى خىزمەتلىرىنىڭ پىلانى ۋە دوكلات خۇلاسىلىرى قويۇلىدۇ.
TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » جۈمە دېكابىر 14, 2007 12:31 pm

يىل ئاخىرىمۇ بولۇپ قاپتۇ ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' تور پونكىتى خەۋەرلەر سەھىپىسىنىڭ يېڭى تور پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قىلغان ئازراق خىزمەتلىرى توغرىسىدا خۇلاسە يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىرەر قۇر ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىش قارارىغا كەلدىم . يېڭى تور پونكىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە خەۋەرلەر سەھىپىسىگە يوللانغان خەۋەر سانى 24 پارچە ، خەۋەرلەر توغرىسىدا ئىلىپ بېرىلغان مۇنازىرە 70 پارچە ، ئومۇمى كورۇم سانى 13470 قېتىم . كونا تور پونكىتىغا نىسبەتەن سېلىشتۇرغاندا يوللانغان خەۋەر سانى %82 ئازلاپ كەتكەن . ئاساسىي مەسئۇلىيەت بۇ سەھىپىنىڭكى مەسئۇلى بولغان پىقىردا . مۇشۇ سەۋەپلىك بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرغان مۇدىرىيەتتىن ۋە تۈرداشلاردىن سەمىمىي كەچۇرۇم سورايمەن . ھازىر تەنقىدىي يۇسۇندا سەۋەنلىكلەرنى يەكۈنلەپ ، كەتكۈزۈپ قويغان يەرلەرنى تۇزۇتۇپ مۇندىن كىيىنكى خىزمەت پىلانى توغرىسىدا ئېغىز ئاچىدىغان پەيت كەلدى . خەۋەرلەر سەھىپىسىدىلا ئەمەس بەلكى باشقا سەھىپىلەردىنمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا چېكىنىش زور . بولۇپمۇ دائىمىي ئەزالارنى سايلاپ چىقىلغاندىن كىيىن ئىش تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە تور پونكىتىدىكى تۈرداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش '' دېگەن شوئار ئاستىدا شەكىللەنگەن مۇناسىۋەت تورى ئىدى . ئەسلىدىنلا ھەممە ئوز تاپقىنىنى داستىخان ئىچىدە تۆكۈۋاتقان پەيىتتە دائىمىي ئەزا سايلاش ئىشلىرى ئىلىپ بېرىلىپ ئادەتتىكى ئەزا بىلەن دائىمىي ئەزا ئوتتۇرىسىدا چەك - چېگرا ھاسىل قىلىپ قويدۇق . ئەسلىدە بۇنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى رەئىس دائىمىي ئەزالارنى باشقۇرىدىغان ، دائىمىي ئەزالار ئوز تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى ئەزالارنى يېتەكلەيدىغان ، ئەزالار ئەزا ئەمەسلەرگە تەشۋىق قىلىپ ئەزا بولۇشقا ئۈندەيدىغان كونۇسسىمان باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۈگەتكىلى بولاتتى ، ئەمما تەجرىبىنىڭ يېتەرسىزلىك تۈپەيلى بىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى دىگەندەك يېتەرلىك بولمىدى . بىر قىسىم ئەزالار دائىمىي ئەزا بولالمىغانلىقتىن خۇرسىندى ، دائىمىي ئەزالار ئۆزىنىڭ دائىمىي ئەزا بولغانلىقىدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ قالدى . جەمئىيەت رەئىسىنىڭكى يوق بولىشى جەمئىيەتنى كۆزى يوق تەنگە ئوخشىتىپ ، تەرەققىيات يولىشىنى پەرق ئېتەلمەسلىك دەرىجىسىگە ئەكىلىپ قويدى . مۇشۇنداق جەمئىيەت سىناقلارغا دۇچار بولاۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم دائىمىي ئەزالاردا بوشۇشۇش ، ئارقىغا چېكىنىش ئالامەتلىرى كورۇلۇپ ، جەمئىيەتنى تارقىتىۋېتىش تەكلىپمۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى . دېمەك يىغىپ ئيېتقاندا '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' نىڭ ئىشلىرى پاسسىپ ئورۇنغا چۇشۇپ قالدى . ئەمدى بىز بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلساق بولامدۇ ؟ ياق . مىنىڭ بىلىشىمچە '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى پەن - تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزلىكىدىن ئۇيۇشۇپ چىققان ئاممىۋى جەمئىيەت . ھەر قانداق ئىشنىڭ تەرەققىياتى دولقۇنسىمان ئىلگىرىلەش باسقۇچىدىن مۇستەسنا ئەمەس . ئالدىرىماي ئاقىدىغان ئېقىن سۇ بولساق بولىمىزكى ھەرگىزمۇ ئىقىشتىنمۇ ۋاز كېچىپ توختام سۇ بولۇپ سېسىشقا دۇچار بولماسلىقىمىز زورۇر . بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . پەقەت ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئىلىپ ، تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ، ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىمىزنى ئۆزگەرتسەك ، ئىلگىرىكىدىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تىخىمۇ ئاشۇرساق بىزدە چوقۇم ئۈمىت بار . تۆۋەندە مەن بىر نەچچە تەكلىپنى بېرىپ تۈرداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى :
1 . ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى چوقۇم ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش كېرەك . ھازىر بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولۇپ كىرگەنلەر ئىچىدە يۇقىرىسى دوكتۇردىن تارتىپ كومپيۇتېر ھەۋەسكارى بولغان بىر قاتار كىشىلەر مەۋجۇت . مۇشۇنداق بولۇش سەۋەبىدىن ئەزالارنىڭكى جەمئىيەت كۆزنىكى بولغان بۇ تور پونكىتىگە قىلغان ئەجرى بىلەن ئالغان ئوزىقى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بولماقتا . مىنىڭ قارىشىمچە بىز مۇندىن كىيىن ئەزالار ئوبىكتىۋىنى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراتساق دېگەن ئۇمىتتىمەن . چۈنكى ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مەيلى ئۇنىڭ كەسپى كومپيۇتېرغا ئائىت بولسۇن ياكى باشقا ساھەگە چېتىشلىق بولسۇن چوقۇم كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ئىلىمگە ھاجىتى چۈشمەي قالمايدۇ . كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئوتۇش ، ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئىلمىي ماقالىسى يېزىش قاتارلىقلارنىڭكى كۆپىنچىسى ئۇلارنىڭكى بىشىنى قاتۇرىۋاتقان مۇھىم مەسىللەرنىڭكى بىرسى . ئەمما بىزنىڭ تور پونكىتىمىزدا بۇ جەھەتتىكى يېتەكلەش يوق ، ھەم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ . ۋارس جانباز ئەپەندىنىڭمۇ ئەمگەك نەتىجىسىنى ئوقۇتقۇچىلار تەپ - تارتماستىن ئۆزىنىڭ قىلىپ ئېلان قىلغان يەردە ئوقۇغۇچىلار ماڭىدىغان يولنى تاپمىقى تەس . تور پونكىتىمىزدە مەلۇم جەھەتتە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ نەتىجە قازانغانلار مەۋجۇت . بولسا يولىنى تاپالماي قالغان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەتقىقات تېمىسى بەلگىلەپ بېرىپ ، يېتەكلەش ئىلىپ بارساق . تەتقىقاتتىن نەتىجە چىقسا ئاشۇ ئوقۇغۇچى پايدىلىنىشقا تىگىشلىك يەرلەرگە ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر جەمئىيىتىدە ئاشكارا ئېلان قىلساق . بۇ ئوقۇغۇچىلارغىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن بەلكى جەمئىيىتىمىزنىڭكى ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىشكىمۇ پايدىسى بار .
2 . ياخشى بولغان رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئىگە بولۇش كېرەك . مەلۇم بىر ئۇيۇشمىنىڭكى رەھبەرلىك قاتلىمى قابىل بولسا ، شۇ ئۇيۇشمىنىڭكى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . ھازىر بىزدە دائىمىي ئەزالاردىن تەركىپ تاپقان 25 كىشىلىك يېتەكچى گۇرۇپپا مەۋجۇت . ئەمما بۇ گورۇپپىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئاتامان ياكى بىز تەرىپىمىزدىن سايلىنىپ چىقمىدى ياكى مەلۇم بىرەيلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئوز زىممىمىزغا ئىلىپ يېتەكچى بولۇشنى خالىمىدۇق . ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك سايلامدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ئەزالارنىڭ جەمئىيەت رەئىس رەھبەرلىكىگە بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى مۇجمەل بولدى . جەمئىيەت رەئىسىنى ئوزى خىزمەت قىلىپ ئوزى نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىدىغان نەۋكەرگە ،ئۆزىمىزنى بولساق ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئالقىش ياڭرىتىپ ، رەئىس قىلغان خىزمىتىدىن پەخىرلىنىپ يورۇيدىغان ئاتامانغا ئوخشىتىۋالدۇق . جەمئىيەت رەئىسىنىڭكى خىزمىتىدە بولۇپ پۇتىغا - پۇت ، قولىغا - قول بولغان ئەزالار ناھايىتى ساناقلىق بولدى خالاس .
ئەگەردە بۇ قېتىم سايلام ئۆتكۈزۇپ قالساق رەئىسنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى ۋە ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيەتلىرىنى تەپسىلىي بېكىتكەندىن كىيىن ئاندىن قالغان خىزمەتلەرنى قىلساق ؛ ئەزالار سايلاپ چىقىلغان رەئىسكە '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىى جەمئىيىتى '' نىڭ نىزامنامىسىدا يول قويغان دائىرىدە مۇتلەق بويسۇنساق ؛ دائىمىي ئەزالارنىڭ سانى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا قىسقارتىلسا ؛ دائىمىي ئەزالار ئىچىدە مەلۇم بىر تىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا گۇرۇپپىغا بولۇنۇپ شۇ گۇرۇپپىغا گۇرۇپپا باشلىقى سايلىنىپ چېقىلسا ؛ گۇرۇپپا باشلىقى بىۋاستە رەئىسنىڭ يوليۇرىقىنى قوبۇل قىلسا ۋە دائىمىي ئەزالار قىلغان خىزمەتتىن مەلۇم مۆھلەت بەلگىلەپ ۋاقتى - ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ تۇرسا ؛ دائىمىي ئەزالار ئىچىدىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىپ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرسا .
3 . ئاممىغا ئېھتىياجلىق مەھسۇلات تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىچىش تۈزۈلمىسىنى بىكىتىشىمىز كېرەك . '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقتىدا '' ئويغان كىرگۈزگۈچ '' ، '' يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ '' ، '' UKIJئۇيغۇرچە فونىتلار توپلىمى '' ، '' Uyghuredit '' قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان قۇراللار ئارقىلىق تۈرداشلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ ئىلغار پىكىردىكى ياشلارنىڭكى ئوز - ئارا ھەمسۆھبەتتە بولىدىغان سەھنىسىگە ئايلانغان ئىدى . كېيىنچە بۇ قوراللاردىن باشقا ئەزالار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن تورداشلارغا نەپ يەتكۈدەك ياخشىراق يۇمشاق دېتال چىقىپ باقمىدىم . يېڭى تور پونكىتىنىڭكى '' تەتقىق قىلىنغان تۈرلەر '' ۋە '' كىيىنكى نىشان '' سەھىپىسىگە ھېچقانداق يازما يېزىلمىدى . تەتقىق قىلىندىغان تۈرنىڭكى بولماسلىقى '' ئىلىمى جەمئىيەت '' دەپ ئاتالغان بۇ ئۇيۇشمىمىزغا بىر كاچات سالدى . تەتقىقات تۈرلىرىنىڭكى بىرسى يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى باشقا ھېچقانداق ئىجادىيەتكە ئوخشىمايدىغان ئىجادىيەت تۈرى بولۇپ ، ئۇ كىشىدىن بەلگىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇش ، تەپەككۇرى ئوچۇق بولۇش ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھى بولۇش ، سەۋىرچان بولۇش قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلەرنى قويىدۇ . بازارغا سالغۇدەك بىرەر يۇمشاق دېتال ئىشلەپ چىقىش ئۇچۇن ناھايىتى كوپ زېھنى - قۇۋۋەت ۋە ۋاقىت كېتىدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن تەتقىقات تۈرى بېكىتكەندە ئىجتىمائىي قىممەت بىلەن ئىقتىسادى قىممەتنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ . يەنى يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچىمۇ قىلغان ئەمگىكىگە يارىشا بەلگىلىك ئىقتىسات بىلەن رىغبەتلەندۇرۇلىدىغان ۋە شۇنداقلا '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' نىڭ نام - شوھرىتىمۇ شۇ يۇمشاق دېتال بىلەن بىللە تارقىتىدىغان بىر چامىمدا ئىككى پاختەك سوقىدىغان بىرەر تۈزۈلمىنى ئويلاپ چىقمىساق بولمايدۇ . ئىلگىركى يازمىلاردا '' فوند '' قۇرۇش مەسىلىسى تىلغا ئىلىنغان ئىدى . ئويلاپ باقىدىغان بولساق '' فوند '' قا سېلىنغان مەبلەغ باشقىلارنىڭكى ئىشلىتىلىشگە تاپشۇرۇلۇپ بىرىلىدۇ ، پايدا چىقىش - چىقماسلىق باشقىلارنىڭكى كونتورۇللىقى ئاساسىدا بولىدۇ . شۇ '' فوند '' قا سېلىنغان مەبلەغنى ئۆزىمىزگە سىلىپ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان تەتقىقات تۈرلىرىگە ئىشلەتسەك بولمامدۇ ؟ مەلۇم بىر تۈر ئىشلىنىپ چىققاندىن كىيىن ھازىرقى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ نىسبەتلەشتۈرۈپ پايدا ئىلىش تۈزۈمى بويىچە ساتساق ۋە مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىنى ئوزىمىزنىڭكى تور پونكىتىدا ئىلىپ بارساق مەلۇم جەھەتتە كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ قالاتتۇق . '' فوند '' توغرىسىدىكى مۇنازىرىدە مەن شىركەت ئىچىپ ئىقتىسادىي تۈۋرۈك قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئەگەردە بىز ئاچقان تۈرلەرنىڭكى سانى كۆپەيسە شەرت - شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ھامان شىركەت قۇرساقمۇ ھەرگىز زىيان تارتمايمىز . شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېتەرلىك مەبلەغ توپلىيالىساق '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' نى قانۇنىي ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشىمۇ مەلۇم جەھەتتىن رېئاللىققا ئايلانغان بولاتتى . ئەلۋەتتە بۇ باسقۇچلارنى بېسىپ ئوتۇش ئۇچۇن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە توغرا كېلىدۇ .
4 . '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' نىڭ رايون چەكلىمىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاش كىرەك . بىزدە ئۇيغۇر دىسە تەڭرى تىغىنىڭكى جەنۇپ - شىمالىدا ياشاۋاتقان مىللىتىمىزنىڭكى ئەزالىرىغا كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ . ئەمما كوپ ۋاقىتلاردا چەتئەلدىكى قىرىنداشلىرىمىزنى دىگەندەك كوز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ بولالمايمىز . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە نوپۇسى خىلىلا زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلار قەۋمى ياشاۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭمۇ مىللەت تەۋەلىكىمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر . ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىدۇ . ئىنتېرنېت تورى ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزنى بىر كورپۇس ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ بىر - بىرىمىز بىلەن سالام - سائەتتىن باشقا ئالاقە قىلمايدىغان خوشنىلىرىمىزغا قارىغاندا تىخىمۇ يىقىن قىلىۋىتەلەيدۇ . ئەگەردە تەشۋىقاتنى ياخشى ئىلىپ بارالىساق ، ئۇلارنىڭمۇ جەمئىيىتىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ئىشەنچىم كامىل . ئەگەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەزا سانىنى بەلگىلىك ساندا كوپەيتەلىسەك جەمئىيىتىمىزنىڭكى تارماقلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دولەتلەرگىچە كېڭەيتىپ بارالايمىز . ئىگەللىنىشگە قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دولەتلەرنىڭكى ھازىرقى ئۇچۇرلاشتۇرۇش كەسپىنىڭكى سەۋىيىسى شىنجاڭنىڭكى ئارقىسىدا بولسىمۇ لىكىن تەرەققىيات سۇرئىتى ناھايىتى تىز بولماقتا . دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرمۇ مۇشۇ ۋەزىيەتنى كوزدە تۇتۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن بازار ئىچىش پۇرسىتىنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىزمۇ ئورتاق تىل بايلىقىغا ئىگە بولغان ئاشۇ قىرىنداشلاردىن بازار ئۇچۇرى ئىگەللەپ ئىچىشقا بولىدىغان تۈرلەرنىڭكى بار - يوقلىقىنى تىڭتىڭلاپ باقساق زىيان كەتمەيدۇ . ئۇلارمۇ شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا چوقۇم قىزىقىدۇ ۋە بۇ يەردە تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭكى بار - يوقلىقىغا يىقىندىن كوڭۇل بولىدۇ . ئەلۋەتتە تەۋسىيە قىلىنغان رايۇن چەكلىمىكىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۇچۇن ، جەمئىيەت تور پونكىتىنى زور تۈردە ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .
5 . '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' نىڭ ئۇيۇشۇش روھىي سىز ۋە بىزگە ھەمرا . ھەممىگە ئايانكى تىل - يېزىققا ئائىت تىل - يېزىق كومىتېتى ، ئاز - سانلىق مىللەت يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى ئائىت ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلەر مەۋجۇت . مىنىڭ كۆز قارىشىمدا ئۇلارنىڭكى بىر قىسمىدا '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' نى ئوشۇقچە دەپ قارايدىغان يەكلەش پوزىتسىيىسى بار . ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىمىز شۇكى بىز ئوزلىكىمىزدىن ئويۇشقان ئۇيۇشما ، جەمئىيەت شوئارى '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرايلى '' . بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى خەلققە نەپ يەتكۈزۇش . ئەپسۇس مۇشۇنداق بىر جەمئىيەت ئۇزۇندىن بۇيان خالىس ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭكى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئېغىزىغا چىقىپ باقمىدى . ئىلگىرى بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋە قوللىغان شىركەت باشلىقلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر تەرەققىياتى توغرىسىدا زىيارەت قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇشۇنداق تىنىمسىز ، مىننەتسىز ئەمگەك قىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭكى مەۋجۇتلۇقى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىدى . خىلىلا يۇز ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە بۇ جەمئىيەت توغرۇلۇق گەپ ئېچىلسا '' ھىلىقانداق جەمئىيەت ئەمەستۇ ؟ '' دەپ تەشۋىشلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ پېشىنى قېقىشتى .
ئەمەلىيەتتە '' ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى '' نىڭ ئۇيۇشۇش روھىنى ياشلار ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلسا بولىدۇ . ئوز كەسپىگە يارىشا باشقا ساھەدىن پەن - تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيۇشمىلارنى قۇرۇپ چىقىپ ، مىللىتىمىزنىڭكى ئومۇمىي ساپاسىنىڭكى ئىلگىرى كوتۇرۇلۇشىگە تۈرتكە بولسا بولىدۇ . مۇنداق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان پەن - تېخنىكىغا ئائىت ئۇيۇشمىلارنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭكى تۈپكى تەلىپى .
ئاخىرىدا باشقا تۈرداشلارنىڭمۇ پىكىر - تەكلىپلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىشنى ئۈمىت قىلىمەن .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-12-17 11:16 [/i]]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە دېكابىر 14, 2007 6:03 pm

سىز مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئىلمىي ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. تەشەككۈر!!!
[quote]سەمىمىي كەچۇرۇم سورايمەن [/quote]
كەچۈرۈمنى سىزلا ئەمەس ھەممەيلەن سورىسا توغرا بولىدۇ.

1- ukij ھازىر « پۇل بار چاغدا ھاجاخۇن، پۇل يوق چاغدا ھاجى كۆتەك» بولۇپ قالدى.
2- ukij ئەزالىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئېغىر خىزمەتمۇ ئەمەس ، ھەربىر ئەزا ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئادەتتىكى مۇنازىرىگە ئىنكاس يازغاندەك، تېما يوللىغاندەك ئىشنى قىلىپ قويسىمۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولاتتى.
3- ukij بىر تەبىئىي پەيدا بولغان ئىمانى ئەركەك ( ئىمانى دېگەننى تىلغا ئالسا بۇنى دىنغا باغلاپ قورقۇپ كېتىدىغانلار باركەن)، ئەلسۆيەر ئەركەكلەر خالىسانە جەم بولغان جەمىيەت ئىدى . ئەپسۇس..،..
4- مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى بولغان ھەرقانداق ئىشنى خۇددى بىرەر توربەتنىڭ قۇرغۇچىسى چاقىرىق قىلغاندەك ukij نامىدا چاقىرىق قىلىش ھېچقانچە كۈچ كېتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. مۇشۇ ئىشقىمۇ ھە-پە دېگۈچىلەر يوق بولىۋاتىدۇ.
5- ukij نى كۈندە يوقلاۋاتقانلار ئاز ئەمەس، ئەپسۇس ukij روھىغا ماس ئىش قىلىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك.
6- بىز ukij غا نېمىشقا ئەزا بولدۇق؟ نام-شۆھرەت ئۈچۈنمۇ؟ مىللىتىمىزنىڭ كومپيۇتېر تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ؟ مانا مۇشۇ مەسىلىنى ھەممىمىز قايتا ئويلاپ كۆرسەك بولىدۇ، ھەم ئويلىشىمىز كېرەك!!!
7- ukij ھەرگىزمۇ دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىگە زىت كىلىدىغان ياكى شۇنداق ئىش قىلىدىغان تەشكىلات ئەمەس ئىدى ھەم ئۇنداق بولمايدۇ دەپ قارايمەن. بىز قاچانغىچە ئۆزىمىزنى «ئالە بۆبۈش.. » دەپ ئۆزىمىزنىڭ سايىسىدىن قورقۇپ يۈرۈيمىز؟ بىلىمنىڭ ، خالىسلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىيۋىلىكى يوق.
قېنى دوستلار يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ باقىلى ياخشى پىلانلار بولسا دېيىشىپ ھەمدەم بولۇپ مۇنازىرە قىلىپ ئىشلەپ باقىلى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-12-15 00:06 [/i]]

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » شەنبە دېكابىر 15, 2007 4:50 am

شۇنداق بۇ مەسئۇلىيەتنى ھەممىمىز باش ئۈستىمىزگە ئىلىشىمىز كىرەك !
ئىكىساق ئەفەندى سىز ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز ! مەن مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق تەكىتلەش ۋە تەكلىپ بەرمەكچى (گەرچە دائىيمىي ئەزا بولمىساممۇ)
1-تەشۋىقاتنىڭ يىتەرسىز بولىشى يۇقارقى ئىكساق ئەفەندى كۆرسەتكەن مەسىللەرنىڭ سەۋەبى دەپ قاراشقا بولىدۇ !
يەنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش رولىنى ئويناۋاتقان (ukij دىن باشقا) بىلىك ، ئىنتىل قاتارلىق توربەتلىرىمىزنىڭ بەت يۈزىنىڭ نەرىدە ukij نىڭ تور بىكىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىرنەچچە تەشۋىقات بار پەقەت شۇ دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويۇلغان ! مىنىڭ مۇشۇ بىكەتلەر باشلىقلىرىغا شەخسەن يۇقارقى يازمىدىكى intil ئەفەندىنى ئاكتىپ تەشۋىقاتقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !:handshake
تەشۋىق قلايلى ھازېرچە ئىلمىي جەمىيتىمىزنى جەمئىيەتتىكىلەر تونىمىسىمۇ ھىچ بولمىغاندا تور ساھەسىدىكى كەڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى دوستلىرىمىز بولسىمۇ تونۇپukij نى ۋاستە قىلىپ (ukij تەمىنلىگەن سورۇندىن پايدىلىنىپ) ئازراق بولسىمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشسۇن !
2-ئادەتتىكى ئەزالاردىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قوزغىتىش لازىم !
بىكەتتە يوللانغان بەزى تەشۋىق،چاقىرىق ئۇقتۇرۇشلارغا قارىساق ئاساسەن بىكىتىمىزنىڭ دائىيمى ئەزالىرىنىڭلا يازما ئىنكاسلىرىنى كۆرەلەيمىز ! بۇنىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ بۇ تىپىك ھالدا ئەزالاردا (ئادەتتىكى ئەزالاردا) مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ !يەنى چاقىرىققا ئاۋاز قوشمىغانلىق ،قوللىمىغانلىق !بۇنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك ؟! مىنىڭ كىچىىككىنە تەكلىۋىم مۇشۇ چاقرىق تەكلىپ تىمىسىنى بەرگۈچىلەر چاقىرىقنى ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ تەكلىۋىنى ئىلىش تەرەققىسىدە يوللانسا شۇ باھانىدا ئەزالار ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ مەلۇم ئىشنىڭ ھۇجۇتقا چىقىشىغا ئاكتىپ پىكىرلەر توپلانغان بولاتتى !
3-چاقرىق تەشۋىقنى قىلىپ قويۇپ ئەمەلى ئىش باشلايدىغان باشلامچىلار يوق دىيەرلىك !ئەڭ ئاددىسى «يۇمشاق دىتاللارغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە يامىقى ئىشلەش ھەققىدە چاقىرىق» دىگەن تىمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدىم ! ساھران ئەفەندىنىڭ يازمىسىنى كۈتتۈم لىكىن ساھران ئەفەندى خۇددى تىمىنى تولۇق ئوقۇمىغاندەكلا ھىچ قانداق ئىپا بىلدۈرمەپتۇ ! دىمەك بىكىتىمزدە دادىللىق بىلەن خىزمەت قىلدىغانلار يوق دىيەرلىككەن . خىزمەتنى ئۆزلىكىن ئۈستىگە ئىلىش ئەمەس ئىلمى جەمئىيەت مەسئۇللىرى چىقارغان تەكلىپكىمۇ ھىچقانداق ئىپادە بىلدىرمىگەنلىك تىپىكلا مەسئۇلىيەتسىزلىك ھىسابلىنامدۇ قانداق ؟!(گەرچە شۇ تىما مەزمۇنىغا ئاساسەن XP غا چاق چاق قىلغانلارمۇ چىقتى بارىكاللا ! لىكىن ئۇ ھەقىقەتەن كەملىك قىلىدۇ بۇ قوشۇننى كىڭەيتىشىمىز كىرەك )
4-ھەمكارلىق روھى كەمچىل
2007-ھەمكارلىق يىغىنىدىن كىيىن مەن «ھەمكارلىق» دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ھەقىقەتەن چۈشەنگەندىك بولدۇم !
ھەممەيلەن ئۆز ئالدىمىزغا ئىش قىلىۋاتىمىز ! مومكىن بولسا مەلۇم ئىشقا نىسبەتەن ئاۋۋال بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ گۇرۇپقا بىرسىمىز مەسئۇل بولۇپ بىكەتتە ئاشكارا ھەمكارلىشىپ ئىشلەش تەكلىپىنى قويۇپ ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىپلا قالماستىن شۇ ھەمكارلىشىش تۈرىگە نىسبەتەن قولىدا ھىچقانداق تىخىنىكىسى يوق ئەزالارنىمۇ چاقىرىپ قاتناشتۇرۇپ شۇلارغىمۇ توردىلا قىسقا مۇددەتلىك تەربىيلەش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ھەمكارلىق قوشۇنىنى كىڭەيتىش مىنىڭچە ئەڭ ياخشى بولغان ھەمكارلىشىش پىلانى بولالايدۇ دەپ قارايمەن ~
================
مەلۇم ئىش تۇپەيلىدىن جىددى ئىشىم چىقىپ قىلىپ پىكىرىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم ئىشىمنى تۈگىتىپ يازمامنى يەنە باشلايمەن كەچۈرگەيسىلەر

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە دېكابىر 17, 2007 3:59 am

سالام يۈسۈپ نەزەر (TwoSak) ئەپەندى، ياخشىمۇ سىز؟
مەن پىكىرىڭىزنى كۈچلۈك قوللايمەن. قىلىمىز دەيدىكەنمىز نۇرغۇن نۇرغۇن ئاددىي ئىشلار تۇرۇپتۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭمۇ يەنە قەدەم باسقۇچلىرىنىمۇ قىسمەن ھالدا تۈزدۇق ۋە تۈزەلەيمىز.
ئورتاقلىشىدىغان خىلى كۆپ پىكىرلىرىمنى مەن مۇدىرىيەت ئىشخانىسى سەھپىسىگە (ۋە باشقا مەن توغۇرلۇق يازمىلارغا) يازغان ئىدىم، دائىمي ئەزالارنىڭ شۇ يەرگىمۇ قاراپ قويۇشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمەن.

رەئىس سايلاش ئىشى توغۇرىسىدا، «فوند قۇرۇش» ھەققىدىكى تىيمىغا يۈسۈپ نەزەر ئەپەندى يازغان پىكىرلەر ياخشى پىكىرلەر ئىدى.
دائىمىي ئەزالار ئالدىنقى ئايدا كەلگەن زىيارەت ئىلخەتلىرىگە سەل قارىمىساق بولاتتى، بۇنىڭ ئاساسى ـــ UKIJ دائىمىي ئەزالىرىنى ئامما تونۇشى، ئۆز ئارا تونۇشىشى، ( بۇ يەنە شۇ ھەممەيلەننىڭ UKIJگە ئىشەنگەنلىكى، ئۇنى ھەقىقىي قوللىغانلىقى، باشقىچە قاراشتا بولمىغانلىقى قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن ئىدى،) يەنە شۇ ئارقىلىق كىيىنكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، رەئىس سايلاشتا ئويلىشىش، ... ... قاتارلىقلاردا مۇھىم ئىدى، دائىمىي ئەزالار بۇنىڭغا سەل قارىمىسا (كەمتەرلىك قىلمىسا).

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2007-12-17 10:22 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە دېكابىر 17, 2007 7:50 am

1- ئىنتىل سەيناسى >> قولداش [支持] >> [url=http://www.intil.cn/bbs/ShowForum.asp?ForumID=185]UKIJ سەھىپىسى[/url] نى قۇرغان بۇ يىتەرلىك بولمىغان بولسا بەت ئۈستىگە رەسىملىك ئۇلىنىش قوشساق بولىدۇ.
2- ئاڭلىسام .ukij غا ئەزا بولىمەن دەپ ئىلتىماسنىق تەستىقلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلار خېلى كۆپكەن.

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » دۈيشەنبە دېكابىر 17, 2007 9:55 am

ياخشى گەپلەر بولىنىۋىتىپتىغۇ بۇ يەردە.
شۇ، شۇ، مىنىڭچىمۇ ھەممەيلەن، ئادەتتىكى ئەزلارمۇ كۆيۈنسەك، ئاندىن تاما تاما كۆل بولار دىگەن گەپ ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۆزىمىز قىلماي، قاراپ تۇرساق بولمايدۇ-دە.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » سەيشەنبە دېكابىر 25, 2007 10:53 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئىكساق ئەپەندى ئىنتايىن ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ. مەن ھازىرغىچە باشقا تورداشلارمۇ بەرگەن كونا-يېڭى تەكلىپلەرنى خۇلاسىلەپ ئايرىم تېما يازىمەن. ھەم تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار