ئۇيغۇرچە XP گە تەشەككۈر بىلدۈرۈش پائالىيىتى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە XP گە تەشەككۈر بىلدۈرۈش پائالىيىتى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » شەنبە ئۆكتەبىر 13, 2007 1:42 pm

[align=center][size=5][color=Blue]ئۇيغۇرچە XP گە تەشەككۈر بىلدۈرۈش پائالىيىتى[/color][/size][/align]

[size=4][color=Blue]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!

شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلقۇت تورىنىڭ قۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقا تۆھپىكار مىھنەتكەشلەرگە، ئۇيغۇر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالچىلىقىدا دەۋر بۆلگۈچ خىزمەت كۆرسىتىپ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى بولغان WindowsXP نى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرجىمە گۇرۇپپىسى، مەنزىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى ، بىلىك ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى تۆھپىكار دوستلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىركىتىمىز 2002 - يىلىدىن باشلاپ بىرىلىكتە ئىزدىنىش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇش، يۇقىرى - يېڭى پەن - تېخنىكا قوللىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل،چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب،يېمەك-ئىچمەك، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى(گاس - گاچىلار ئۈچۈن)، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھە ئۇچۇرلىرى مۇجەسسەملەشىكەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن شىنجاڭ كومپيۇتېرچىلىق تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك «بىلقۇت خەزىنىسى» ناملىق كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى سوۋغا قىلىنىدۇ.
بۇ خىزمەتنى ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلار: ئالىپ (قەيسەر ئابدۇكېرىم)، ساھران ((ئابدۇقادىر)، شەرارى (مۇختەرجان ئەيسا)، يۇلغۇنجان (ئابلەتجان)، بىلگە(تۇرغۇنجان)، ئارغۇ (ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم)، دىلكەش119 (ئابدۇكېرىمجان)، ئىلتەرىش(ئابلەتجان) ، ئەيساقەشقەر(ئەيساجان)، ئەلقۇت(تۇرغۇنجان)، بىخلان(ئالىمجان) ،ياۋۇز (تۇرسۇنجان ھېزىم)، نەۋرۇز (ئابدۇۋاھىت سەمەت)
قاتارلىق بۇ خالىسانە ئەمگەككە قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىز قەشقەر شەھرىدىكىلەر يۇلغۇنجان (ئابلەتجان) بىلەن بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ئاددىي سوۋغىمىزنى تاپشۇرىۋالسا بولىدۇ.
بۇ ئەمگەككە قاتنىشىپ يۇقىرىدا ئىسمى ئېيتىلغان ياكى ئېيتىلماي قالغان دوستلارنىڭ ئىسم - فامىلىسى، ئۆزى تەۋە گۇرۇپپا، تېلېفون نومۇرى، چ چ نومۇر، پوچتا نومۇر قاتارلىق مەھسۇلات يەتكۈزۈپ بېرىش ئادرىسىنى ئىلخەت، چ چ ياكى تېلېفون ئارقىلىق شىركىتىمىزگە ياكى ئىنتىل تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى يۇلغۇنجانغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: بىلقۇت ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى[/color][/size]
0991-2552897
13999285547
Imamja3.163.com
[url]www.bilqut.com[/url]



heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 14, 2007 2:24 am

مانا قوللاش دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ ، ناھايىتى ئىسىل ئىشتىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپسىزلەر !!! ئەمدى بولسىمۇ ئازراق ھاردۇقى چىققاندەك بولار ئەزىمەتلەرنىڭ (ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەنلا پۈتمەيدۇ)

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 16, 2007 11:07 am

ياخشى ئىش بوپتۇ.
بىلقۇت ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى خالس يۇمشاق دىتال ئاچقۇچىلارغا كىچىككىنە بىر ئىلھام بولالىسا، ئەلۋەتتە بىلقۇت ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىمۇ رازىمەنلىك ھىس قىلىدۇ، شۇنداقلا بىلقۇت شىركىتىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى بىلقۇت شىركىتىنىڭ ئۆز شىركەت ئوبرازىغىمۇ ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغۇسى. خەلقنى قوللىغاننى خەلق ئۇنتىمايدۇ، خەلقنى قوللىغاننى خەلقمۇ قوللايدۇ.

--------------------------
ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلىمى جەمئىيتىنىڭمۇ (دائىمىي ئەزالار كىڭىشىپ،)بىلىك ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بۇ XPگە شەرەپ مۇكاپاتى بىرىش ھەققىدە ئويلىنىپ بىقىش تەكلىۋىنى بىرىمەن.

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 18, 2007 10:45 am

شۇ، شۇ، مەنمۇ قوللايمەن.
مەنمۇ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن بۇ ئوقەتنى، سۇرئىتى ھەقىقەتەن باشقا XPلەرگە قارىغاندا تىزكەن، قوزغىلىش سۈرئىتى ھەرقانداق خەنزۇلار تارقاتقان گوست xpدىن پەچەت ئىشلەۋاتىدۇ.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە ئۆكتەبىر 18, 2007 4:52 pm

نۆۋەتتە ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇناسىبەتلىك تېما
[url]http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=26401[/url]
بىلىك-ئىنتىل گۇرۇپپىسىدىكى دوستلارغا ۋاكالىتەن بۇ يەردە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن.
بىلقۇت شىركىتىنىڭ يەنە بىر خالىس ھەركىتى
[تەكلىپ]«بىلقۇت مۇكاپاتى» غا بىلەت تاشلاڭ
[url]http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=26639[/url]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار