ئۇ ك ى ج فوندى قۇرۇشقا قانداق قارايسىز؟

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇ ك ى ج فوندى قۇرۇشقا قانداق قارايسىز؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە نويابىر 14, 2007 1:02 pm

ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزۇش، تار دائىرىلىك قاتمالقنى بۇزۇش. نەچچە يىل تەشۋىق قىلىپمۇ 32 ھەرپنى بىرلىككە تولۇق كەلتۇرەلمىگەن ئىقتىدارسىزلىقىمىزغا دۇنياۋى نەزەردە(ئۇيغۇرغا ماس كەلگەن يىپەك يولى تەپەككۇرىدە) تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. قىزغىن قوللاپ ئاۋاز بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
1.پاي، فوند، زايوم، پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سېلىش. جوڭگو ۋە چەتئەلدە مەبلەغ سېلىش. پايدا ئىچىدىن 1% تۇتىۋېلىپ ئۇيغۇر يۇمتال مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ تەرەقىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش. 0.5% باشقۇرغىچىغا بېرىش. دۇنيانىڭ قەيىرىدە قولايلىق بولسا ئۇ ك ى ج شۇ دۆۋلەت، رايۇندا ئەنگە ئالدۇرۇپ مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.
2.يۇمشاق دېتال قۇرلىشىغا مەبلەغ سېلىش.
3.دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالاردىن فوند مەبلىغى يىغىپ يىلدا ھەر بىر ئەزا ۋە فوند ئىگىلىرىگە تەقسىمات قىلىش. كىمنىڭ فوند مەبلىغى كۆپ بولسا شۇ تەبىيلا ئاتامان بولۇش. پەقەت تەتقىقات تۇرىگىلا ئاقىللارنى قويۇش. تېخنىكلارنى رەخپەرلىك ئورنىغا قويۇشتەك ئۇ ك ى ج نىڭ كۈلكىلىك ئەنئەنىۋى ھالىىتىنى ئۆزگەرتىش. يېڭى چىقىش يولىمىزدۇر.

داۋامىنى قىزىقساڭلار يازىمەن. «رومانتىك تەپەككۇرىمىزنى» «سىرلىق تەكتىماكاندىن» ھالقىتىپ دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى!!!

مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمىدىن: ئا س نەۋرۈز

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2007-11-14 19:14 [/i]]



heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » پەيشەنبە نويابىر 15, 2007 8:43 am

ناھايىتى ياخشى تەكلىپ، ئەمما مۇشۇ تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىشچانلىقىنى بولۇپمۇ جۇڭگودا ئېلىپ بېرىشچانلىقى قانچىلىك مۇشۇلارنى ئويلاشمايدۇ بولمايدۇ، يەنە كېلىپ مۇشۇ ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇشى مۇمكىن !!!!

TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » جۈمە نويابىر 16, 2007 12:03 pm

يۇقىرىقى پىلاننى ئاڭلاپ مىنىڭ نىرۋىللىرىم غىدىقلىنىپ كەتتى . مەنمۇ ئازراق بولسىمۇ ئوز تەسەۋۇرۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي . بىزگە ھازىر ئىقتىسات ھەقىقەتەن كېرەك . مىنىڭ تەسەۋۇرۇمدا مۇمكىن بولسا بىرەر شىركەت قۇرۇپ ، شۇ شىركەتنى ئىقتىسادىي تۇۋرۇك قىلساق . بۇ تور پونكىتىدە ئختىساس ئىگىسى خىلىلا كوپ . پەقەت شىركەت قۇرۇۋالساقلا ئوز ئارا ھەمكارلىشىپ خەلققە ئىھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا گەپ كەتمەيدۇ . شىركەت ئىچىشتا تۇۋەندىكى باسقۇچلارنى بىسىپ ئوتۇشگە توغرا كىلىدۇ ( توۋەندىكى ماتېرىيالنىڭ بىر قىسىمى توردىن ئىلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان ، خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا تورداشلارنىڭ تۈزىتىش بىرىشىنى ئۇمىت قىلىمەن ) :
1 . پايچىك ئۆلچىمىگە ماس كىلىدىغان ئادەم سانى بولۇش : 1 ئادەمدىن تارتىپ 50 ئادەمگىچە ( دائىمىي ئەزالار ۋە مەبلەغ سالغۇچى باشقا ئەزالارنى سەپەرۋەر قىلساق قانچىلىك بولار ؟ ) ؛
2 . پايچىك سالغان مەبلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇش : بىر ئادەم ئاچقان بولسا 100 مىڭ يۈەن ، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ئاچقان بولسا 30 مىڭ يۈەن ( ئەگەردە مەبلەغ سالغۇچى قانچە كوپ بولسا شۇنچە ياخشى ، دولەت سىرتىدىكىلەر دولەت ئىچىدىكى ئىشەنچىلىك ئادەمگە ھاۋالە قىلسا ، بىر ۋىلايەت ياكى ناھىيىدە بىرەر ئىشەنچىلىك ئادەم باش بولۇپ ئوز رايۇنىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ۋاكالەتچىسى بولسا ، پايدا ئالساق تەڭ نىسبەتتە ئۇلەشتۇرۇپ بەرسە ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ ئەھۋالى ۋە شىركەت پەسىللىك ۋە يىللىق ئەھۋالى مەركۈز توردا شۇ كىشىگە قارىتا ئىچىۋىتىلسە ) ؛
ئەگەردە شىركەت ئاچماقچى بولسا بىزگە ماس كىلىدىغىنى مەبلەغ سانى 30 مىڭ يۇەن بولغان ، ئادەم سانى كوپرەك بولغان ئادەتتىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
3 . شىركەت ئىسمى بولۇش ؛
شىركەت ئىسمىنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك . شىركەت نامى ئۆزگىچە ، ئاسان ئەستا قالىدىغان بولىشى كېرەك . ھازىر مىللىي شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاتالغۇسىدىكى ئىشلىتىش نىسبىتى كۆپرەك ، كىشىگە بەدىئىي زوق بېرىدىغان ئىسىملارنى تاللاپ شىركەت نامى قوللانماقتا .
شىركەت ئىسمىنى يەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش كېرەك . يەرلىك سودا - سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ بىر پارچە « كارخانا ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش جەدۋىلى » (企业(字号)名称预先核准申请表) نى ئىلىپ ، قويماقچى بولغان شىركەت ئىسمى تولدۇرۇلىدۇ . سودا - سانائەت ئىچكى قىسىمدىكى توردىن ئىزدەش ئارقىلىق قويۇلماقچى بولغان شىركەت نامى باشقا شىركەت نامى بىلەن ئوخشاش چىقمىسا ، « كارخانا ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى » (企业(字号)名称预先核准通知书 ) بېرىلىدۇ ؛
4 . شىركەت تۇرۇشلۇق ئورۇن بولۇش ؛
ئەگەردە شىركەت ئورنىنى ئىجارىگە ئېلىنسا ئىجارىگە ئالغۇچى بىلەن توختاملىشىش ۋە ئوي ئىجارىگە بەرگۈچىدىن ئوي خېتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىش . توختام تۇزۇپ بولغاندىن كىيىن سودا - سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ ئىجارە ھەققىنىڭ مىڭدىن بىرى بويىچە ماركا بىجى سېتىۋېلىش . مەسىلەن : ئوي ئىجارىسى ئون مىڭ يۈەن بولسا 10 يۈەنلىك ماركا بىجى سېتىۋېلىش كېرەك . ماركا بېجىنى توختامنىڭ باش بېتىگە چاپلاش ، كىيىن ئوي توختامنامىسى كېرەك قىلىدىغان ئەھۋال بولسىلا ، ماركا بىجى چاپلانغان توختام كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىشلىتىش .
6 . شىركەتنىڭ ئوز ئالدىغان نىزامنامىسى بولۇش ؛
سودا - سانائەت تور پونكىتلىرىدىن « شىركەت نىزامنامىسى » نىڭ ئۈلگە نۇسخىسىنى چۇشۇرۋىلىپ ، ئوز ئەھۋالىغا ئاساسەن شىركەت نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ . نىزامنامنىڭ ئاستىغا پايچىكلار قول قويىدۇ .
7 . شەخسىي تامغا ئويدۇرۇش :
بىرەر تامغا ئويىدىغان ئورۇنغا بېرىپ قانۇنىي ئىگىنىڭ چاسە شەكىللىك شەخسىي تامغىسىنى (私人章) ئويدۇرۇمىز .
8 . بىرەر بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنى بىلە ئالاقىلىشىپ ، « بانكا سۇرۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈش خىتى » (银行询征函) ئالىمىز . ( چوقۇم ئەسلى نۇسخىسى بولىشى ، بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىشى كېرەك ) .
9 . بانكىغا بېرىپ مەبلەغ تەكشۈرۈش ۋاقىتلىق ھېساباتى ئاچقۇزۇپ ، پۇل قويۇپ مەبلەغ تەكشۈرۈشتىن ئوتۇش ؛
بارلىق پايچىكلار ئوزى مەبلەغ سالماقچى بولغان پۇل ياكى بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىدىن چىقىرىپ بەرگەن مال - مۇلۇك ئىسپاتى ، شىركەت نىزامنامىسى ، سودا سانائەت ئورنى تارقاتقان « كارخانا ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى » (企业(字号)名称预先核准通知书 ) ، قانۇنى ئىگىنىڭ شەخسىي تامغىسى ۋە كىملىكى ، مەبلەغ تەكشۈرتۈش ھەققى ، « بانكا سۇرۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈش خىتى » (银行询征函) ئىلىپ بانكىغا بىرىپ مەبلەغ تەكشۈرۈش ۋاقىتلىق ھېساباتىنى ئاچقۇزىمىز . ھېسابات ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ، ھەر قايسى پايچىكلار ئوزى مەبلەغ سالماقچى بولغان پۇلنى شىركەت ھېساباتىغا قويىدۇ . بانكا ھەر بىر پايچىككە پۇل تاپشۇرغانلىق تالونى بىرىپ ، « بانكا سۇرۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈش خىتى » (银行询征函) تامغا ئۇرۇپ بېرىدۇ . دىققەت : شىركەت ئىچىش توغرىسىدىكى قانۇنلاردا ، '' شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتتا مەبلەغ سالغۇچىلار پۇل شەكلىدە مەبلەغ سالسىمۇ ، ماددىي بويۇم ( مەسىلەن ، ماشىنا ) ، ئوي - مۇلۇك ، ئەقلىي مۇلۇك قاتارلىقلارنى مەبلەغ قىلىپ سالسىمۇ بولىدۇ '' دىيىلگەن . ئەگەردە سىزنىڭ ماددىي بويۇمىڭىز ياكى ئوي - مۇلكىڭىز ئارقىلىق مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىز بوغالتىرلار ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ شۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى باھالاتقۇزغاندىن كىيىن ئەمەلىي قىممەت بويىچە مەبلەغ سالسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن مال - مۇلۇكنى باھالاتقۇزۇش سەل ئاۋارىچىلىق . مەيلى قانداق شەكىلدە مەبلەغ سېلىنسۇن چوقۇم شىركەت ئىچىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ سوممىسىغا يېتىشى كېرەك .
10 . مەبلەغ تەكشۈرتۈش دوكلاتىنى بېجىرىش : بانكا چىقىرىپ بەرگەن پايچىك پۇل تاپشۇرۇش تالونى ، « بانكا سۇرۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈش خىتى » (银行询征函) ، شىركەت نىزامنامىسى ، « كارخانا ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى » (企业(字号)名称预先核准通知书 ) ، ئوي ئىجارە ئىلىش توختامنامىسى ، ئىجارىگە ئىلىنغان ئۆينىڭ ئوي - مۇلۇك خىتى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلىپ بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىدا مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى بېجىرىمىز .
11 . شىركەتنى تىزىملىتىش :
سودا سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ شىركەت ئېچىشقا كېرەكلىك بولىدىغان تىزىملاش ئىلتىماس جەدۋىلى ، پايچىك تىزىملىكى ، مۇدىرىيەت دىرېكتورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەھۋالى ، قانۇنى ئېگىنى تىزىملىتىش جەدۋىلى ، بېكىتىلگەن ۋاكالەتچى ياكى ھاۋالە قىلىغان ۋاكالەتچى تىزىملاش جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ئىلىپ تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن « كارخانا ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى » (企业(字号)名称预先核准通知书 ) ، شىركەت نىزامى ، ئوي ئىجارە توختامى ، ئوي - مۇلۇك خىتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلارنى سودا - سانائەت ئىدارىسىگە تاپشۇرىمىز . تەخمىنە ئۈچ خىزمەت كۈنىدىن كىيىن تىجارەت گۇۋاھنامىسى ( 营业执照 ) نى ئالغىلى بولىدۇ .
12 . تىجارەت گۇۋاھنامىسى ( 营业执照 ) گە ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بېكىتكەن تامغا ئويۇش ئورنىغا بېرىپ شىركەت تامغىسى ، مالىيە تامغىسى قاتارلىقلارنى ئويىمىز . كىيىنكى رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە شىركەت تامغىسى ۋە مالىيە تامغىسى كېرەك بولىدۇ .
13 . كارخانا تەشكىلى ئاپپارات ۋاكالەت نومۇر ئىسپاتى ( 企业组织机构代码证 ) نى بېجىرىش : تىجارەت كىنىشكە گۇۋاھنامىسىنى ئىلىپ تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسىگە بېرىپ تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇر ئىسپاتىنى بېجىرىمىز ، بۇ ئىسپاتنى ئىلىپ ئۇچۇن تەخمىنەن يىرىم ئاي ۋاقىت كېتىدۇ ، تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ئاۋۋال ئالدىن قوبۇل قىلىنغان ۋاكالەت نومۇر ئىسپات ھۆججىتى (预先受理代码证明文件) نى بېرىدۇ ، بۇ ھۆججەتكە ئاساسەن كىيىنكى باجغا تىزىملىتىش ، شىركەت ئاساسى ھېساباتىنى ئاچقۇزۇش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگىلى بولىدۇ .
14 . بانكىغا بېرىپ شىركەت ھېساباتىنى ئاچقۇزۇش : تىجارەت گۇۋاھنامىسى ، تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇر ئىسپاتىغا ئاساسەن ، بانكىغا بېرىپ ئاساسىي ھېساباتنى ئاچقۇزىمىز . ئەڭ ياخشىسى بانكىنىڭ مەبلەغ تەكشۈرتكەن ۋاقىتتىكى ئورۇنغا بېرىپ بېجىرگەن ياخشى ، بولمىسا 100 يۈەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ھەققىنى ئارتۇق تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئاساسىي ھېساباتنى ئاچقان ۋاقىتتا نۇرغۇن ئەسلىي نۇسخىدىكى ھۆججەتلەرگە تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ، شۇڭا بۇ رەسمىيەتنى بېجىرگەن ۋاقىتتا شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنىڭكى ھەممىسىنى تولۇق قىلىپ ئەكەلگەن ياخشى ، بولمىسا ئالدى - ئارقىغا كوپ قاترايدىغان ئىشلار چىقىدۇ . بۇلار بولسا تىجارەت گۇۋاھنامىسنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ، كىملىك ئىسپاتى ، تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇر ئىسپاتى ، شىركەت تامغىسى ، مالىيە تامغىسى ، قانۇنى ئىگە تامغىسى قاتارلىقلار . ئاساسىي ھېساباتىنى ئاچقۇزغان ۋاقىتتا مەخپىيلەشتۈرگۈچ ( 密码器 ) سېتىۋالىمىز ، شىركەت ئىش باشلىغاندىن كىيىن چىقارغان بارلىق تالۇنلارغا مەخپىيلەشتۈرگۈچ ئارقىلىق مەخپىي نومۇر سېلىنىدۇ .
15 . باجغا تىزىملىتىش :
تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرگەندىن كىيىن 30 كۈن ئىچىدە يەرلىك باج ئورنىغا بېرىپ باج تىزىملىتىش ئىسپاتىنى ئىلىش ئىلتىماسىنى بېجىرىمىز . ئادەتتە شىركەت چوقۇم ئىككى خىل باجغا تىزىملىتىش ئىلىپ بىرىش كېرەك . يەنى دۆلەتلىك باج بىلەن يەرلىك باج . ئۇلارنىڭ ھەققى 40 يۈەندىن جەمئى 80 يۈەن. باجغا تىزىملاتقان ۋاقتىمىزدا چوقۇم بىر بوغالتىر يېنىمىزدا بولىشى كېرەك ، چۈنكى باج ئورۇنلىرى تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە شىركەت بوغالتىرىنىڭ بوغالتىرلىق كىنىشكىسى ۋە كىملىكىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . دەسلەپكى ئىش باشلىغان ۋاقىتتا قوشۇمچە ئىشلەپ تۇرىدىغان بوغالتىردىن بىرنى ياللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ .
16 . تالۇن سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش :
ئەگەردە ئاچماقچى بولغان شىركەت مەھسۇلات ساتىدىغان شىركەت بولسا ، دۆلەتلىك باجغا بېرىپ تالۇن ئىلتىماس قىلىمىز ، ئەگەردە مۇلازىمەت خاراكتېرلىق شىركەت بولسا يەرلىك باجغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىمىز ؛
_____________________________________________________________
يۇقىرى رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كىيىن تىجارەتنى باشلىسىڭىز بولىدۇ . ھەر ئاينىڭ بەلگىلەن ۋاقىتتا باج ئورۇنلىرىغا باج ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇرىمىز ، ھېچقانداق سودا قىلماي باج تاپشۇرۇش توغرا كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ چوقۇم باج ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ تۇرىمىز . بولمىسا جەرىمانە يەيدىغان ئىشلار چىقىدۇ .
دەسلەپتە شىركەت ئاچقانلار كوڭۇل بولىدىغان ئىشلار :
1 . شىركەتتە چوقۇم مۇكەممەل بولغان مالىيە تۈزىمى بولىشى كېرەك . ئەگەردە شىركەت باشلىقىنىڭ بۇغالتىرلىقتىن خەۋىرى بولمىسا بوغالتىر ياللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ . ئەگەردە كەسپىي ئىشلار كوپ ئەمەس ، بوغالتىرلىق خىزمەت مىقدارى ئاز ئەھۋالدا ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرىدىغان بۇغالتىردىن بىرنى ھەر ئايدا شىركەتكە ياردەملىشىپ ھىسابات بوغۇشۇپ بىرىشگە تەكلىپ قىلساق بولىدۇ . ھەر ئايدا ئۇلارنىڭ ئىش كۈنى ئىككى ئۈچ كۈن بولىشى مۇمكىن شۇڭا ئەھۋالغا قاراپ 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ھەق بەرسەك بولىدۇ .
2 . كارخانا تاپشۇرىدىغان باج :
تىجارەت بىجى : مەھسۇلات ساتىدىغان شىركەتلەر كەسكەن تاللۇننىڭ %4 بويىچە باج تاپشۇرىدۇ ؛ مۇلازىمەت خاراكتېرلىق شىركەتلەر بولسا كەسكەن تالۇننىڭ % 5 بويىچە تىجارەت باج تاپشۇرىدۇ . تاپاۋەت بىجى : كارخانىنىڭ ساپ پايدىسىنىڭ % 18 دىن % 33 تاپاۋەت بىجى تاپشۇرۇلىدۇ . كىچىك شىركەتلەرنىڭ پايدىسى كوپ ئەمەس ئادەتتە % 18 ئۆپچورىسە بولىدۇ. كارخانىغا نىسبەتەن ئىلىپ ئيېتقاندا ھىسابات ناھايىتى مۇھىم ، ئەگەردە ھىساباتتا پايدا كوپ بولسا تاپشۇرىدىغان باجمۇ كوپ بولىدۇ ، شۇڭا ئادەتتە مەھسۇلات سېتىۋالغاندا ، تاماق يېگەندە ، ئايروپىلان ماشىنىغا ئولتۇرغاندا تالونلارنى ئىلىپ قىلىپ كارخانىنىڭ ئايلانما مەبلىغى قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ . تىجارەت بىجى بىلەن تاپاۋەت بىجىنىڭ پەرقى بولسا تىجارەت بىجى بولسا مەيلى پۇل تاپىلى ياكى پۇل تاپمايلى پەقەت سودا قىلىپ تالۇن كەسسەكلا باج ئىلىنىدۇ . تاپاۋەت بىجى بولسا پايدىغا ئاساسەن ئىلىنىدۇ . پايدا بولسا تىجارەت پۇلىدىن ھەرخىل تەننەرخى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىنكى ئىشىپ قالغان پۇل . پەقەت پۇل تاپقان ۋاقىتتا ئاندىن تاپاۋەت بىجى ئىلىنىدۇ . گەرچە بۇ ئىككىسىدىن باشقا يەن ئالىدىغان باجلار بولسىمۇ ، لېكىن مىقدارى ئاز دېگىدەك ، ئاساسلىقى يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ، بولۇپمۇ تاپاۋەت بىجىنىڭ مىقدارى كۆپرەك .
---------------------------------------------------
تەپسىلي ئەھۋاللارنى دائىمىي ئەزالار مەسلەتلىشىپ قىلساق بولىدۇ

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2007-11-17 14:59 [/i]]

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » شەنبە نويابىر 17, 2007 5:08 am

TwoSak نىڭ گىپىنى قوللايمەن. ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ جۇمۇ~~~~~`


نەۋرۇز بەك مۇبالىغىلاشتۇرۋەتكەندەك قىلىدۇ~~~~:)

tee520
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 3:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tee520 » شەنبە نويابىر 17, 2007 5:09 am

« 32 ھەرپنى بىرلىككە تولۇق كەلتۇرەلمىگەن ئىقتىدارسىزلىقىمىزغا » ئەمەس « 32 ھەرپنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرەلمىگەن ئىقتىدارسىزلىقىمىزغا » دېسەك تىلىمىزنى قوغدىغان بولىمىز . مېنىڭچە مۇشۇنداق ئانا تىلىنى توغرا يازالماسلىقمۇ ئىقتىدارسىزلىق .
ئۇ ك ئى ج دىن گۇمانلىنىمەن ، ئەزالارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تەكلىپلىرى پات-پات يوللىنىپ تۇرىدىكەن ، بىراق ئۇ ك ئى ج دىن بىرەرمۇ مۇناسىۋەتلىك ئاتامان چىقىپ جاۋاپ بەرمەيدىكەن ، يەنە شۇ بىر ئىككى تورداشنىڭ ئىنكاسى بىلەن چۆكۈپ كېتىدىكەن . ئارقا سوپىدا مەسلىھەت قىلىۋاتقان بولساڭلارمۇ ياكى ئالدىراش بولساڭلارمۇ مۇشۇ تورغا مەسئۇل بىرەر كىشىنى تەيىنلىسەڭلار . ۋاقتى ۋاقتىدا بىزگىمۇ قاراپ قويسا . بىز سىلەرنىڭ كەمتەر ، دوستانە بولۇشىڭلارغا مۇھتاج .
رەھمەت !

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە نويابىر 18, 2007 4:17 am

TwoSak ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرى تۇلىمۇ ئەتراپلىق بوپتۇ...
نەۋرۇز ئەپەندىمگە رەھمەت. ھىلىمۇ باركەنسىز نەۋرۇزكا!
ھايىت-پايىت دىگۈچە يىل ئاخىرى كىلىپ قالدى. UKIJ نىڭ مالىيىسى UKIJ نىڭ تور بىكەت بوشلىقىنى داۋاملىق سېتىۋېلىشقا يىتەمدۇ يەتمەمدۇ بۇ توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بىرىۋەتسىڭىز. شۇنداقلا بارلىق ئەزالارنىڭ UKIJ نىڭ مۇنبىرىدىكى بەت ئىچىدىكى گوگىل ئېلانىنى بىر ئىككى قېتىمدىن چىكىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر.

TwoSak ئەپەندىمنىڭ ئاخىرقى ئىنكاسىنى مەن قوللايمەن.
بۇ تور بىكەتكە كومپىيۇتىردىن خەۋرى بار كۆپ كىشىلەر كىرىدۇ. گەرچە ئەزا بولمىسىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ تۇرىدۇ. گەپ ئىلمىي ئىشلارنىڭ قول تۇتۇپ ئىشلەنمىگەنلىكى ۋە ئەزالارنىڭ ئاكتىپ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بىكەتتىكى ئەمگەكلەر توختاپ قېلىۋاتىدۇ.

نەرۋۇرزكامنىڭ دىگىنى بۇيىنچە قىلساقمۇ بۇلىدۇ. ئەمما، شۇ پايغا ۋە فونىدقا سالىدىغان نەق مەبلەغ نى قانداق توپلاش مەسىلىسى بار. ئەگەر شۇنداق بۇلۇپ قالسىغۇ ھەرھالدا ياخشى بوپ قالاتتى... بانكىدا تۇنۇشلىرى بارلار شەخسىي نامىدىن 1~3 يىللىق بىرەر يۈزمىڭ يۈەن قەرىز ئالغىلى بولسا ياخشى بۇلاتتى. ئەمما كىم ئۇنداق قىلىشنى خالايدۇ؟ قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ شارائىتى چەكلىك. قىلالايدىغانلارنىڭ UKIJ نى چۈشۈنىشى ياكى باشقا تەرەپتىكى چۈشۈنىشى چەكلىك.... مەبلەغ مەسىلىسى.
ئەمەلىيەتتە شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغمۇ كەتمەيدۇ. 3 مىڭ يۈەنگە 200~500 مىڭ يۈەن مەبلىغى بار شىركەت نامىدا رەسمىيەت بىرىجىرىپ بىرىدىغان ۋاكالەتچىلەر كۆپ. ئەمما شىركەتنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ كىتىدۇ. بۇنىمۇ ئويلاشساق بۇلىدۇ.
مىنىڭچە چۇقۇم ياخشى ئۇسۇللارنى ۋە چارىلەرنى ئويلاپ تاپالايمىز. UKIJ نىڭ رۇلىنى ھەقىقىي جاررىي قىلدۇرالىشىمىزغا ئىشىنىمەن.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » يەكشەنبە نويابىر 18, 2007 6:57 am

مېنىڭچە تولۇق بىر پىكىرىگە كېلىش (يەنە تېلكوم ۋە ش ج كۈتۈپخانىسىدا بىرلىككە كەلگەننى بىرلىككە كەلتۇرۇشكە قارىتىلىشى كېرەك) بىلەن بىرلىك پىكىرىگە تولۇق كېلىش(ukij تەشۋىق قىلىۋاتقان بىرلىككە تولۇق كەلتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ) پەرقلىنىدىغۇ دەيمەن. بىزدە ئىلگىرى كېيىن بىرلىككە كەلگەن بىرقانچە لاھىيە بار. تولۇق بىرلىككە كېلىش دىسەم قايسىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؟ ئاشۇ نەچچە خىل بىرلىكنى، نەچچە خىل ئورۇننى تولۇق بىرلىككە كەل دىسەك ئۇنامدۇ؟

مەن دىمەكچى بولغىنىم فوند. شىركەتنىڭ ئىشى باشقا گەپ بولسا ئايرىم تېمىدا دىيىشسەك بولىدۇ.
بەرگەن پىكرىڭلارغا تەشەككۈر.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە نويابىر 18, 2007 4:38 pm

1- « 32 ھەرپنى بىرلىككە تولۇق كەلتۇرەلمىگەن ئىقتىدارسىزلىقىمىزغا » دېگەن گەپ توغرا ئىيتىلغان. چۈنكى بىزنىڭ ئۇيغۇر نامىدىكى خەت نۇسقىمىزمۇ يوق.
2- UKIJ نىڭ مالىيىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلماڭلار ، ھازىر كىملەر مەسئۇل بولسا شۇ كىشى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلسۇن( كوپچىلىك ئىشىنىپ سايلىغاندىكىن)


3- كۆپ قىسىملار قوشۇلسا مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلىمەن ئەمما مەبلەغنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى ئېنىق بولغان تۈرگە سېلىشىمىز كېرەك.


UKIJ مۇنبىرى » چاقىرىق » [url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=192][چاقىرىق]بىرFONT ياسىسىڭىز 50 يۈەن مۇكاپات !!! [/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-11-18 23:29 [/i]]

tee520
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 28, 2007 3:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tee520 » دۈيشەنبە نويابىر 19, 2007 9:21 am

« 32 ھەرپنى بىرلىككە تولۇق كەلتۇرەلمىگەن ئىقتىدارسىزلىقىمىزغا » بۇ يەردە ئېيتىلغىنى قانداقتۇر خەت نوسخىسى ( نوسقا ئەمەس نوسخا )نىڭ گىپى ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ گېپى . ئىملاغا دىققەت قىلايلى . سۆزلەرنى قالايمىغان باغلاپ يېزىشمۇ تىلغا قىلىنغان ھاقارەت .

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » دۈيشەنبە نويابىر 19, 2007 9:42 am

2006 -يىللىق ئىئانە ئەھۋالىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭ. 2007 -يىللىقنى يىل توشقاندا ئېلان قىلاي.
[url]http://www.ukij.org/2006/iane[/url]

مەبلەغ چەتئەلدىكى فونت، پاي بازىرىغا كۆپرەك سېلىنىدۇ. يەنى گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە دەك مۇھىم ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە...
فونتمۇ چەتئەل قانۇنىغا ئاساسەن سىرتتىن ماكانلىشىپ تىزىمغا ئېلىنىدۇ. ۋەتەندە بولسا، تور بانكىسى ئارقىلىق پاي بازىرى ۋە فونتقا مەبلەغ سېلىنىدۇ. چەتئەلدىن بىزگە ئىشلەپ بېرىدىغان ئىشەنچىلىك ئادەمنى تەكلىپ قىلساق ۋەتەندىن مەن ۋە كۆپ يىل پاي ۋە فونت ئوينىغان ئادەم بىللە ئىشلەپ پايدا يارىتىلىدۇ. فونتقا قاتناشقان ئادەم سانى، پۇل سانى دەسلەپتە قاتتىق كونتىرول قىلىنىدۇ.
بۇ ھەم پۇل تاپقىلى بولىدىغان ھەم جەمىيىتىمىزگە توھپە قوشىدىغان ئىش.
تەشۋىق ۋاقتى يىل ئاخىرىغىچە....ئىنچىكە مەخپىيەتلىكى كۈچلۇك گەپلەرنى ئايرىم دىيىشەيلى....

خالىغانلار بۇ تۇرگە قاتناششا بولىدۇ. بۇ سىناق مەزگىلى، تەشۋىق مەزگىلى...
مەن ئاتاپ ھازىرچە 1000 سومنى [url]http://fundf10.eastmoney.com/jjjz_163402.html[/url] گە2007-11-13 1.2434 سالدىم. فونت سانى 800 بولدى. ئەگەر.....

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار