UKIJ نىڭ بىر خەت نۇسخىسى نورمال ئەمەس

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
misran807
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە فېۋرال 25, 2008 7:32 am
ئالاقىلىشىش:

UKIJ نىڭ بىر خەت نۇسخىسى نورمال ئەمەس

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان misran807 » دۈيشەنبە فېۋرال 25, 2008 7:44 am

مەن بۈگۈن كومپىيۇتېرىمدىكى سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ ئىلگىرى چۈشۈرۈپ قويغان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاي دىسەم تاپالماي توردىن چۈشىرەي دەپ مەزكۇر توردىن چۈشۈرگەن ئىدىم لېكىن چۈشۈرۈپ بولۇپ قارىسام تور بەتتە بار خەت نۇسخىسى 60 خىل لېكىن مەن چۈشۈرگىنىم 59 نىمە سەۋەبلىگىنى بىلەلمەي ئىزدىسەم UKIJ Eslia Bold نامىدىكى خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىمۇ UKIJ Eslia بولۇپ قاپتۇ شۇڭا نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىپتۇ، UKIJ Eslia Bold خەت نۇسخىسى UKIJ Eslia بىلەن ئوخشاش لېكىن غولى توم چىرايلىق خەت نۇسخىسى ئىدى ھازىىر مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا دەل ئاشۇ غولى كەڭ چىرايلىق بولغان UKIJ Eslia Bold خەت نۇسخىسى كەم بولۇپ قالدى شۇڭا بەت ئىگىسىنىڭ بۇنى تەكشۈرۈپ توغۇرلاپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن مەجبۇرى ھالدا UKIJ Eslia Bold دىگەن خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرسەم خەت نۇسخىسى ئىچىدىكى ئىسمى UKIJ Eslia بولۇپ كۆرۈندى لېكىن ئۇمۇ نورمال ئەمەس . ماڭا ئاشۇ UKIJ Eslia Bold بەكمۇ لازىم ئىدى...



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » چارشەنبە فېۋرال 27, 2008 8:09 am

مەن ھازىر چۈشۈرۈپ، شۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنى ئىچىپ قاراپ باقسام، توغرا ئىكەن. ئالماشقاندەك ئەمەس.
سىز قايتا بىر سىناپ باقسىڭىز.
60خىل خەت نۇسخىسى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتكەندە تەھرىرلەش مۇھىتلىرىدا، مەسىلەن: Word, Execel قاتارلىقلاردا خەت نۇسخىسىنى تاللايدىغان يەردە پەقەت 48خىل خەت نۇسخىسى كۆرۈنىدۇ.
[url=http://www.ukij.org/fonts/]UKIJ فونتلىرى[/url] بىتىدىكى ئوڭ تەرەپ بىرىنجى ئىستوندا سۇس ھالەتتە رەت سانلىرى بار، شۇ سانلار ھەقىقىي ھالدا تەھرىرلەش مۇھىتلىرىدا كۆرۈنىدىغان فونت سانى ھىسابلىنىدۇ، يەنى 43خىل. شۇ سۇس رەت تەرتىۋىنىڭ ئىچىدە ئىككى خەت نۇسخىسى بولغانلىرى يۇقارقى تەھرىرلەش ھالەتلىرىدە بىرلا خەت نۇسخىسى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. يەنى بارلىق خەت نۇسخىلىرىنىڭ Bold خەت نۇسخىلىرى كۆرۈنمەيدۇ، Bold يەنى توملىتىلغان ھالەت شەكلى بولۇپ، سىز ئىشلەتكەندە شۇ ماس خەت نۇسخىسىغا توغۇرلىغاندىن كىيىن، تەھرىرلەش كۆزنەكلىرىدىكى خەت شەكلىنىڭ توملىتىلغان بۇيرۇقى بولغان [img]http://www.ukij.org/munber/images/common/bb_bold.gif[/img] كونۇپكىسىنى بىر باسسىڭىز ئاندىن Bold خەت نۇسخىسى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
بۇ خىل چارە، كۆپ خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئاسانلاشتۇرۇشتا رولى بەك چوڭ.

سىز Esliyeخەت نۇسخىسىنىڭ ئىككى ھالەت خەت نۇسخىسى، يەنى UKIJ Esliye بىلەن ئۇنىڭ توملىتىلغان ھالىتى UKIJ Esliye (Bold نى چۈشۈرگەندىكىن كىيىن، ئەسلىدىكى كونا نەشىرىدىكى UKIJ Esliye نۇسخىسىنى ئۆچۈرۋەتكەندىن كىيىن، چۈشۈرگەن بۇ ئىككى فونتنى فونتلار مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ، كومپىيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن، Word مۇھىتىدا، مەلۇم ئابزاس خەتنى UKIJ Esliye غا توغىرلاپ، ئاندىن ئۈستىدىكى توملىتىش بەلگىسىنى بىسىپ كۆرۈپ بىقىڭ، ئاندىن سىز Bold ھالىتىگە ئىرىشەلەيسىز. :victory:

bahadirboy
يازمىلار: 9
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە يانۋار 12, 2008 6:45 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bahadirboy » پەيشەنبە فېۋرال 28, 2008 3:31 pm

ukijنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى بىراقلا ۋۈشۈرىدىغان قىلىپ يوللاپ قويغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار