پېتىشمايۋاتقان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
teshnayi
يازمىلار: 21
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە مارت 21, 2009 1:27 pm
ئالاقىلىشىش:

پېتىشمايۋاتقان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان teshnayi » يەكشەنبە مارت 22, 2009 8:12 am

پېتىشمايۋاتقان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر

مەن خىزمەت ئېھتىياجىم بويىچە، كومپىيۇتېرغا (1) «ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ» ، (2) «ukij ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ » ، (3) «ukk ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ» ( بۇ يەردىكى ukk ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولسا شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىشلەپ تارقاتقان بىر خىل ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ) ،(4) «ئەلپىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ» ، (5) « ئىلىكيۇرت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ»، (6) «خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ» قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلاپ ئىشلىتىشىم كېرەك.
1 - مەسىلە: ھازىر قولۇمدا ئالدىنقى 4 خىل كىرگۈزگۈچلەر بار. كېيىنكى 2 خىل كىرگۈزگۈچنى تاپالمىدىم. مۈمكىن بولسا ، بۇلارنى تېپىشىپ بەرگەن بولساڭلار.
2 - مەسىلە: (مەن ھەل قىلالمىغان ئېغىر قىيىنچىلىق ) مەن ئالدىنقى 3 خىل كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كەينىدىن ئەلپىدانى قاچىلىسام، ئۇ قاچىلاغلىق تۇرغان ئەلكاتىپ بىلەن ukk نى چىقىرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن بارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ukk نى قاچىلىدىم، كەينىدىن ئەلپىدانى قاچىلىدىم. بۇ چاغدا كېيىن قاچىلانغان ئەلپىدا ئاۋال قاچىلانغان ukk نى چىقىرىۋەتتى. يەنە كەينىدىن ukk نى قاچىلىسام، ئوخشاشلا كېيىن قاچىلانغىنى ئاۋال قاچىلانغىنىنى چىقىرىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر بىرى - يەنە بىرىنى يەكلەپ پەقەتلا تۇرغۇزمايۋاتىدۇ.
ھازىر كومپىيۇتېرىمدا ئالدىنقى 3 خىل كىرگۈزگۈچلەر قاچىلاغلىق. ئەمدى، بۇلار يوقاپ كەتمىگەن شەرت ئاستىدا، ئەلپىدانى قاچىلاش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر نىمىشقا بىر – بىرىنى يەكلەپ پاتقۇزمايدۇ؟
نىمىشقا بىر قانچە خىل كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتمەكچى بوپقالدىڭ؟ دەمسىز.
مەن كۆرىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەلكاتىپتا ئۇرۇلغان، بەزىلىرى ukij دا ئۇرۇلغان، بەزىلىرى ئەلپىدا بويىچە ئۇرۇلغان، يەنە بەزىلىرى ukk دا ئۇرۇلغان. ماقالىلەرنى كومپىيۇتېردا ئاچقاندا، يوقارقى ناملاردىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى بىر – بىرىنى تونۇماسلىق سەۋەپلىك ، ماقالىلەرنى تەھرىرلەش تەس بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ، ئەشۇ بىر قانچە خىل كىرگۈزگۈچلەرنى تەڭ قاچىلاپ ئىشلىتىش زۆرۈر بوپ قالدى. مۇشۇ زۆرۈرىيەت بىلەن يولۇققان يوقارقى قىيىنچىلىق ئۈچۈن، سىلەردىن ياردەم سوراۋاتقىنىم.
3 – مەسىلە: بىز خەنزۇچە خەت يازغاندا، 微软拼音输入法 ، 搜狗拼音输入法 ،智能ABC输入法 ،全拼输入法 قاتارلىق ئۇسۇللار بويىچە خەت كىرگۈزىمىز. بۇنىڭدا بىز قايسى خىل ئۇسۇلدا كىرگۈزىشىمىزدىن قەتئىنەزەر، خەتلەر بىر – بىرىنى تونۇيدۇ، يەكلىمەيدۇ. ھەم، قايسى ئۇسۇلنى قاچىلىشىمىزدىن قەتئەنەزەر، ھەر قايسى ئۇسۇللار بىر – بىرىنى قوللايدۇ، يەكلىمەيدۇ.
ئەمدى ئۇيغۇرچىدىچۇ؟ يوقارقى 2 – مەسىلىدە دەپ ئۆتكىنىمدەك، ھەر قايسى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر بىر – بىرىنى قوللىمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر خىل ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردە ئۇرۇلغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىمۇ بىر – بىرىنى قوللىمايدىكەن، تونۇمايدىكەن. كونكىرت ئېيتقاندا، مەسىلەن: مەن ھازىر بىر ماقالىنى WORD دا ئاچتىم، بۇ ماقالە ئەلپىدا خەت نۇسخىسىدا ئۇرۇلغانكەن، مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا ئەلپىدا كىرگۈزگۈچ يوق، شۇڭا بۇ ماقالىنى ئوقۇش ۋە تەھرىرلەش مۈمكىن بولمايدۇ. بۇنداق مىساللارنى نۇرغۇن كەلتۈرۈش مۈمكىن. بۇ خىل ئەھۋال يالغۇز مەنلا يولۇققان مەسىلە بولماستىن، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتى ئوخشاشلا يولۇقىۋاتقان مەسىلە. خەنزۇچىدا، كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ھەر خىل بولسىمۇ، خەتلەر بىرىنى تونۇيدىكەن، ئۇيغۇرچىدا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ھەر خىل بولسىمۇ، خەنزۇچىغا ئوخشاش، خەتلەر بىر – بىرىنى تونۇمايدىكەن، نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟
بىز نىمىشقا بىرلىككە كېلەلمەيمىز؟

يوقارقى 2 - مەسىلىنىڭ جاۋابىغا بەكرەك تەشنامەن.
ئۇستازلارغا ۋە دوسلىرىمغا رەخمەت.



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » سەيشەنبە مارت 24, 2009 3:27 pm

مەن بىلىدىغانلىرىم بويىچە سىزگە جاۋاب بىرىپ باقاي-ھە.

1-سۇئالىڭىزغا:
ئىلكىيۇرت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى يوللاپ قويدۇم، شۇمۇ ئەمەسمۇ بىلمىدىم، سىناپ بىقىڭ، (يۇنىكدولۇق ئەمەس، ئىشلىتىتىشىڭىزگە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، يوللانمىدى، :$ ...)، خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولسا كىڭەيتىلگەن رايۇندىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈلىدىغان ئاسما كىرگۈزگۈچ ئۇنى پەقەت رەسىم دىتاللىرىغا، مەسىلەن: Photoshop دىگەندەكلەرگە ئىشلىتىمىز. ئۇنى ئاسان تاپالايسىز. (ھازىرقى كومپىيۇتېرىمدا يوق ئىكەن، خىيالنىڭ باش بىتىدىن تاپالايسىز.)
2-سۇئالىڭىزغا:
بۇنىڭ ئىشى ئىنتايىن ئاسان، سىز ئاۋۋال ئەلپىدا كىرگۈزگۈچنى ئاندىن، ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ، ئاندىن UKK فونتلىرىنى، ئەلكاتىپ 5.0نىڭ فونتلىرىنى فونت ھۆججەت قىسقۇچىغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ.
ئەرەپچە كىرگۈزۈش تۈرى ئىچىگە يۇقارقى قاچىلىغان ئەلپىدا كىرگۈزگۈچى بىلەن ئويغاننىڭ ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قىتىڭ، ئاندىن يىزىق تەھرىرلىگەندە، ئەلپىدا فونتلىرىدىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى تەھرىرىلىگەندە ئەلپىدا كىرگۈزگۈچىگە توغۇرلاپ خەت ئۇرۇڭ؛ UKK,UKIJ, ۋە ئەلكاتىپ5.0نىڭ فونتلىرى بىلەن ئۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتكەندە ئويغان كىرگۈزگۈچى قاچىلىغان ئۆلچەملىك يۇنىكودلۇق كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللاپ قويۇپ تەھرىرلەش ئىلىپ بىرىڭ. (مەن مائارىپتىكى كۆپ كىشىلەرگە شۇنداق تەڭشەپ بەرگەن، بۇ مەشغۇلاتنى مۇشۇنداق ھەل قىلغان.)
3-سۇئالىڭىزغا:
بۇ مەسىلىنى مەن يۇنىكود ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرەي دىسەممۇ، لىكىن، خەنزۇچە بىلەن سىلىشتۇرالمىدىم، ئۇلار بىردىنبىر كود ئۇقىمىدىن ئۆتمىگەنمىدۇ؟

teshnayi
يازمىلار: 21
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە مارت 21, 2009 1:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان teshnayi » پەيشەنبە مارت 26, 2009 1:34 pm

[size=4]2 - سۇئالنىڭ جاۋابىنى سىناپ كۆردۈم.
يېڭى مەسىلە: ئە ھەرىپى ئۇلانمايدىكەنغۇ؟ [/size]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار