مانا ئۇيغۇرچە Unicode VB6 تېكستPAD ئارانلا65KB

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
yashar
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە مارت 20, 2009 2:22 pm
ئالاقىلىشىش:

مانا ئۇيغۇرچە Unicode VB6 تېكستPAD ئارانلا65KB

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان yashar » دۈيشەنبە مارت 23, 2009 5:16 am

1. بۈ پروگرامما 6.0 VBدە يېزىلغان بولۇپ ، ئۆلچەملىك 5.1 Unicode ئىشلىتىلگەن. يەنى ئۇيغۇرچە كودلانغان ھەرب - بەلگىلەر ئۇيغۇرسوفت 2008-يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان نۇسخىسىى ئاساسىدا تۈزىلدى . كۆزنەك ، ئىچكى كونۇپكا قاتارلىق كونتروللارنىڭ خەتلىرى UKIJ Tuz Tom نىڭ يېڭىراق نۇسخىسى ئىشلىتىلدى . ھەجمى ئارانلا 65KB بولۇپ ، سىغىمى ئىنتايىن كىچىك .
2. ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ كونترولى ئىشلىتىلمىگەن. ئۇيغۇرچە خەت كىرگۇزگۇچ پروگراممىنىڭ ئۆزىگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
3 .ھۆججەت ئېچىش \باشقا نامدا ساقلاش ۋە ئىزدەش\ ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، بولۇپمۇ ھۆججەتنى ساقلىغاندا ، ئۆلچەملىك يۇنىكود بويىچە ساقلايدۇ. يەنى windows Notepadھۆججىتىدىكى UTF-16,UTF-8,Unicode big Endian ,Ansi شەكلىدە فورماتلايدۇ.
4. بۈ پروگراممىدا ، كۆپ خىل يېزىقنى بىر ۋاقىتتا ئارىلاش بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۈ .ھازىرچە كۆزنەك تىزىملىكى پەقەت ئېنگلىزچە \ خەنزۇچە بولۇپ ، پروگراممىدا سىستېما كاڭقىما تىزىملىكى ئىشلىتىلگەچكە ۋاقتىنچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى. كېيىنكى نۇسخىلىرىغا قالدۇرۇلدى .
5. بۇ يېشىل پروگراممىنى قاچىلاش ھاجەتسىز ، پروگراممىنىڭ ئۆزىنى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ . (ھۆججەت يېڭىلاندى 1.0.1نۇسىخىسى قايتا سىناپ بېقىڭ !!!(

چۈشۈرۈش :[url=http://www.filehat.com/en/file/3643/Newruz-Uyghur-UniPad-1-0-1-rar.html]http://www.filehat.com/en/file/3643/Newruz-Uyghur-UniPad-1-0-1-rar.html[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: yashar ، ۋاقتى: 2009-4-20 15:37 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: yashar ، ۋاقتى: 2009-4-20 15:40 [/i]]



Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » سەيشەنبە مارت 24, 2009 3:06 pm

نورۇزلۇق سوۋغىڭىزغا رەھمەت،:handshake

مەن چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسام، ھۆججەت تاپالمىغانلىق خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى:
[code]
Component 'COMDLG32.OCX' or one of its dependencies not correctly registered: a file is missing or inwald
[/code]

بىر كونترولنى تاپالمىغانلىق ئۇچۇرىمۇ نىمە؟
سىز بىر قاراپ باقسىڭىز.

ھەقىقەتەن كىچىك پروگرامما ئىكەن.
پروگراممىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى، ئاساسلىق ئىقتىدارىنى تەپسىلىيرەك بىر قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، رھمەت.

yashar
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە مارت 20, 2009 2:22 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان yashar » چارشەنبە مارت 25, 2009 4:25 am

ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەخمەت !
'COMDLG32.OCX' بولسا ، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سىستېما دىئالوگ كونترل ھۆججىتى بولۇپ ، ھۆججەت ئېچىش\ساقلاش ، فونت ۋە رەڭلەرنى تەڭشەش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە win2000 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى )ياماقلىق(نۇسخىلىرىدا سىستېما ئۆزى ئېلىپ يۈرۈيدۇ .
ئەگەر بۇ پروگرامما بۇنى تەلەپ قىلسا ، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا بۇ ھۆججەت يوقلىغىنى بىلدۈرۈدى . ئۇنداقتا ،سىز توردىن 'COMDLG32.OCX' نى چۇشۇرۇپ، سىستېمىنىڭ c:\ windows مۇندەرىجە ئاستىدىكى sistem32 نىڭ ئىچىگە قاچىلىسىڭىز بولىدۇ . پروگرامىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى مەزكۇر پروگراممىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتىدە بار. تەكلىپ: سىز پروگراممىنى تەلەپ بويىچە بىر ئىجرا قىلىپ كۆرۈڭ بېقىڭ ! يەنە ھەل بولمىسا ، كېيىنكى نۇسخىسىدا 'COMDLG32.OCX' نىڭ كودىنى پروگراممىنىڭ ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرىۋەتسەممۇ بولىدۇ .

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » پەيشەنبە مارت 26, 2009 6:18 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
1.Windows نىڭ ئىچىدە system32 دەپ بولار؟
2.بۇ پىروگرامما ئۆزىگە ئۆزى مەلۇم خەت نۇسخىسىنى قاچىلىيالمامدۇ؟ قارىسام ئىشلىتىدىغىنى C:\WINDOWS\Fonts نىڭ ئاستىدىكى خەت نۇسخىسىى ئىكەن. تورخانىلاردا ئىشلەتكىلى بولمىغىدەك!( ئۇيغۇر ئېدىتتەك بولسا دېمەكچى!)
3.نىمە ئۈچۈن ساقلاش كود تىپىنى utf16 قىلدىڭىز؟ utf-8 بىلەن نىمە پەرقى بار؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: cukkunt ، ۋاقتى: 2009-3-27 07:05 [/i]]

yashar
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە مارت 20, 2009 2:22 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان yashar » پەيشەنبە مارت 26, 2009 2:49 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .
1 . ئەلۋەتتە Windows نىڭ ئىچىدە system32 بولماي «نەرىدە» بولاتتى ئەمىسە ! ( چاقچاق(:lol
2.بۇ پروگراممىغا ، دەسلەپتە ئۆزىگە ئۆزى مەلۇم خەت نۇسخىسىنى پروگرامما ئىجرا قىلىنىش بىلەن تەڭ ئاپتوماتىك قاچىلاش ئىقتىدارى قوشۇشنى ئويلاشقان ، بۇ سىناق نۇسخىسى بولغاچقا ، يەنە كېلىپ ھۆججەت رەزمىسى ئارانلا 65KB لىق پروگراممىغا 200KB قا يېقىن كېلىدىغان فونتنى پروگراممىنىڭ سۆرەپ يۈرۈشىىدىن «ئىچىم ئاغرىپ»، بۇنى ۋاقتىنچە قوشمىغان .كېيىنكى نۇسخىلىرىدا قوشۇپ قويسام بولىدۇ .
3. ئىككىسىنىڭ خېلى پەرقى بار . يۇنىكود -كودلاش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ
UTF-16BE ، UTF-16LE ، UTF-16، UTF- 8
UTF-32 UTF-32BE ، UTF-32LE لارغا بۆلىنىدۇ . ئادەتتە ، بىز دەپ يۇرگەن يۇنىكود دەل UTF-16 لىق فورماتلاش شەكلى . بۇنىڭغا قىىزىقسىڭىز مەزكۇر توردا يۇنىكودقا خېلى نەرسىلەر بار . يەنە
بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
1 : [url=http://unicode.org/faq/utf_bom.html#gen2]http://unicode.org/faq/utf_bom.html#gen2[/url]
2 :[url=http://zhidao.baidu.com/question/15626866.html]http://zhidao.baidu.com/question/15626866.html[/url]

ئىزاھ * UTF ———— Unicode transformation format

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » جۈمە مارت 27, 2009 1:15 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بولسا بۇ خىل فورماتلاشنىڭ (UTF-16) ئۇيغۇر يېزىقىنى توغرا،ئۇچۇق ئىپادىلەشتىكى ئارتۇقچىلىقىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ بېرىۋېتەمسىز؟ ئاۋۇ ئادرېسلاردىن تازا ئۇچۇق ھىس قىلالمىدىم.
بىزنىڭ تور-بېكەتلىرىمىز ئاساسەن utf-8نى قوللىنىپ ياساۋاتىدۇ. نىمە ئۈچۈن باشقا خىل كودلاش ئۇسۇلىنى قوللانمايدۇ؟
رەھمەت!

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار