جەمئىي2 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى سىلاۋيان يېزىقىغا ئايلاندۇرۇش

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 17, 2009 4:24 pm
تەرىپىدىن يوللانغان kurban980710
ئۇيغۇر ئېدىت ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىغا ئايلاندۇرۇش -- بىر زور ۋە مۈشكۈل مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بىزنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقى ياكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنى سىلاۋيان يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىش قورالىغا ئېھتىياجىمىز چۈشىۋاتىدۇ. بىلىدىغانلارنىڭ ئۇچۇر بېرىشىگە مۇھتاجمىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kurban980710 ، ۋاقتى: 2009-4-18 22:54 [/i]]

خەتلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 17, 2009 4:38 pm
تەرىپىدىن يوللانغان kurban980710
ئاڭلىسام بىر قىسىم تورداشلار ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئاپتوماتىك تىزىپ بېرەلەيدىغان بىر يۇمتال ئىشلەپتۇ. بۇنى قەيەردىن سېتىۋالغىلى ياكى تاپقىلى بولىدۇ؟ مەن پەقەت تەسادىپى بىر دوستىمىزنىڭ يازمىسىدىن ۋاستىلىك بولغان ئاشۇنداق بىر ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم. مېنىڭچە بۇ راست بولۇشى مۈمكىن. بىلىدىغانلار تور ئۇلىنىشى ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى چاپلاپ قويساڭلار بولۇپتىكەن. بۇ بىزنىڭ يۈكىمىزنى كۆپ يەڭگىللىتەتتى. رەھمەت.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kurban980710 ، ۋاقتى: 2009-4-18 23:01 [/i]]

يېزىلغان: شەنبە ئاپرىل 18, 2009 6:57 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz
مۇھەممەت ئابدۇللا ئەپەندى تۈزگەن يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچتە مۇشۇ خىل ئىقتىدار بار، ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان UEY، ULY ۋە USY لارنى بىر بىرسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.
[url]http://www.yulghun.com[/url]
مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز.

# kurban980710 غا يوللانغان جاۋاب

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاپرىل 19, 2009 3:56 am
تەرىپىدىن يوللانغان jasaret
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىز مۇشۇ مۇنبېردىكى <ئۇيغۇرچە كودنى ئاپتۇماتىك ئالماشتۇرۇش قورالى>دىگەن تىمىنى كۆرۈڭ ، شۇ قورالدا ئۈچ خىل يىزىقتىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن.
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=498[/url]

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاپرىل 19, 2009 8:27 am
تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem
سالام،

توردا تۇرۇپ بىۋاسىتە ئايلاندۇرماق بولسىڭىز تۆۋەندىكى قورالدىن پايدىلىنىڭ:

[url]http://www.uyghurdictionary.org/tools.asp[/url]

يېزىلغان: يەكشەنبە ئاپرىل 19, 2009 12:20 pm
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
ئۇيغۇرئېدىتتىمۇ ھازىر بۇ ئىقتىدار بار.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 20, 2009 9:13 am
تەرىپىدىن يوللانغان Omar14
ئويغان يېزىق ئايلاندۇرغۇچىسى 2.0
[url]http://bizuyghur.com/oyghan/unicode/Converter20.htm[/url]
.
.
.

يېزىلغان: سەيشەنبە ئاپرىل 21, 2009 1:04 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Muhammad
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك،

توردا ئىشلىتىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مەن تۈزگەن بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور قوراللىرىنى بىر يەرگە جەملەپ قويدۇم:

[url=http://www.yulghun.com/tools]http://www.yulghun.com/tools[/url]

ياكى [url=http://www.yulghun.com/qoral]http://www.yulghun.com/qoral[/url].

ھازىرچە توردا ئىملا تەكشۈرۈش، يېزىق ئالماشتۇرۇش، ۋە ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە تەرتىبلەش (سورتلاش) قاتارلىق ئىقتىدارلار بار.

يېزىق ئالماشتۇرۇش بېتى «لاتىنچە»، «يۇنىكود»، «يۇنىكود كېڭەيتىلگەن رايۇن»، «كونا ئەلكاتىب»، ۋە «سىلاۋىيەنچە» شەكىللىرىدىن «يۇنىكود»، «يۇنىكود كېڭەيتىلگەن رايۇن»، «لاتىنچە»، ۋە «سىلاۋىيانچە» شەكىللىرىگە خالىغان يۆنىلىشتە بىۋاستە ئايلاندۇرۇشنى قوللايدۇ. ئايلاندۇرۇلغان تېكىستلەرنى «تېكىست» شەكلىدىن باشقا «ئون ئالتىلىك» ۋە «ئونلۇق» نۇمۇر بويىچە كۆرسىتىش تاللاشلىرى قوشۇلدى (بۇلارنىڭ ھەرپ نۇمۇرلىرىنى كۆرۈش، Unicode نى ياخشى قوللىمايدىغان تور مۇھىتلىرىدا نۇمۇرلۇق ئىپادىلەش شەكلىنى، يەنى NCR شەكلىنى، ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا پايدىسى بار).

ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە تىزىش بېتىنىڭ سۆز ئايرىپ تىزىش، قۇر بويىچە تىزىش، تەكرار قۇرلارنى ئېلىۋىتىش، تەتۈر تىزىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.

كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەرنى ۋە پىكىرلىرىنى مەلۇم قىلىپ قويىشىنى سورايمەن.

سالام بىلەن،

مۇھەممەد ئابدۇللا

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 24, 2009 5:11 am
تەرىپىدىن يوللانغان tayir
مەنمۇ بىرنى تۈزۈپ باققان 4 يۆلىنىشلىق قىلىپ ، بىراق ھەممە خەتلەرنى بىراقلا ئايلاندۇرۋىتىدىغان بولغاچقا ئېنگىلىزچە ئىسىم يەرناملىرى دىگەندەكلەرگە ئامال تېپىپ بولالماي تاشلاپ قويغان . لازىم دىگەنلەرگە يوللاپ بىرىپ يۈردەم :lol

يېزىلغان: جۈمە ئاپرىل 24, 2009 11:33 am
تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]غەيرەت[/i] ، ۋاقتى: 2009-4-19 18:20 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2434&ptid=511][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئۇيغۇرئېدىتتىمۇ ھازىر بۇ ئىقتىدار بار. [/quote]

سالام غەيرەت ئەپەندى،

مەن UyghurEdit نىڭ يېڭى نۇسقىسىنىمۇ(UyghurEdit Version 3.2) چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، بۇنداق ئىقتىدارى يوققۇ، مەن بايقىماي قالدىممۇ يە، سىز بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز.

ھۆرمەت بىلەن،

مۇھەممەد ئەردەم