[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئۆزگىرەمدۇ
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئۆزگىرەمدۇ

يېزىلغان: جۈمە ماي 08, 2009 4:21 am
تەرىپىدىن يوللانغان teshnayi
[size=5]تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئۆزگىرەمدۇ؟[/size]

[size=4]مەن ئىشخانىدا ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرنىڭ تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئىلگىرى 100.0Mbps ئىدى. يېقىندىن بۇيان تورنىڭ تېزلىكى بەك ئاستىلاپ كەتتى. مەشغۇلات جەريانىدا ئىختىيارسىز ھالدا تور كارتىسىنىڭ تېزلىك ھالىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، قارىسام، تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى 10.0Mbps تۇرىدۇ. ئارىلىقتا مەن مەشغۇلات سېستىمىسىنى قايتا بىر قېتىم قاچىلىغان ئىدىم.
ئەمدى مېنىڭ گۇمانىم: مەن مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلىغاندا، بىرەر يۇمشاق دېتالنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ياكى بىرەر تەڭشەكنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى يوقارقىدەك ئۆزگىرىپ كەتكەنمىدۇ؟ ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولغان بولسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؟
يەنە بىر گۇمانىم: باشقىلار كومپىيۇتېرىمنىڭ تور كارتىسىنى ئالماشتۇرىۋالغانمىدۇ؟
بۇ ھەقتە ياردەم بېرىدىغانلار بارمۇ؟[/size]

يېزىلغان: جۈمە ماي 08, 2009 6:49 am
تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq
تور كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى مۇۋاپىق ئورنىتىلماي قالغان ئوخشايدۇ.. تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئۆزگەرمەيدۇ، باشقىلارمۇ ئالماشتۇرۋالالمايدۇ، چۈنكى ئادەتتە تور كارتىسى ئاساسىي تاختىغا چاپلىۋېتىلگەن بولىدۇ...

يېزىلغان: يەكشەنبە ماي 10, 2009 2:39 am
تەرىپىدىن يوللانغان gheyret
كومپيۇتېرنىڭ توركارتىسىنىڭ تېزلىكى 10MBPS(سېكۇنتىغا 10 مېگابىت ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ ياكى ئۇزىتىدۇ، تۆۋەندە قىسقارتىپ MB دەپلا ئالىمەن )، 100MB ۋە 1GB دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. ھازىر 100MB لىق توركاتىسى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. 1GB لىقىمۇ يېقىندىن بېرى خېلى ئومۇملىشىۋاتىدۇ.
شۇنىڭغا ماس ھالدا كومپيۇتېرلارنى ئۆزئارا ئۇلايدىغان Router ۋە HUB دېگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكىمۇ 10MB/100MB/1GB ئۈچ خىل بولىدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىنىڭ سۈرئىتى 1GB بولۇپ، بۇ كومپيۇتېر ئۇلانغان Router ياكى HUB نىڭ تېزلىكى 10MB بولسا كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئاپتوماتىك ھالدا 10 MB غا ئۆزگىرىدۇ. يەنى Router ياكى HUB نىڭ تېزلىكىگە ئاساسەن تور كارتىسىنىڭ تېزلىكىمۇ ئۆزگىرىدۇ.

ئەسكەرتىش: تور ئۈسكىنىلىرى(توركارتىسى، Router, HUB )قاتارلىقلارنىڭ چۈشەندۈرىشىگە يېزىلغان، 1000BASE-T/100BASE-TX/10BASE-T دېگەن بەلگىلەر شۇ ئۈسكىنىڭ تزلىكىنى بەلگىلەيدۇ، ئەگەر 10BASE-T دەپلا يېزىىلغان بولسا ئۇنىڭ تېزلىكى 10MBPS دېگەن گەپ.

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 12, 2009 5:56 am
تەرىپىدىن يوللانغان teshnayi
مېنىڭ كومپىيۇتېرىم 交换机 ئارقىلىق تورغا ئۇلانغان، ئانداقتا يوقارقى چۈشەنچە بويىچە، 交换机 دىكى مەسىلە بولسا كېرەك. مەن 交换机 نى تەكشۈرۈپ باقاي.

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 14, 2009 4:10 am
تەرىپىدىن يوللانغان tayir
ئىشخانىدىن تورغا چىققان بولسىڭىز ئىدارىڭىزگە تارتىلغان تور سىمى بىر 交换机 ئارقىلىق كۆپ كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئوخشايسىز . بۇنداق بولغاندا ئىدارىڭىزدىكى باشقا كومپيۇتېرلاردا توردىن ھۆججەت چۈشۈرۈش كۆپ بولسىمۇ تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كىتىدۇ .