UKIJ بېتىنى كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ؟

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

UKIJ بېتىنى كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » چارشەنبە ماي 27, 2009 9:55 am

گەپنى ئۇدۇللا دەۋەردىم ، رەنجىمىمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

UKIJ توربېتى نېمىشقا ھازىرقىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ ؟ باشقۇرغۇچىلار قېنى ؟ نېمە قالايمىقان تېمىلا بۇ ؟ يەنە تەگدىكى دوستانە ئۇلىنىشلارمۇ نەچچىسى ئەمەلدىن قاپتۇ ، يەنە نەچچىسى غەلىتىلا بەتلەرگە ئۇلىنىدىكەن . بۇلارنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوقمۇ ياكى باشقۇرۇدىغانلارنىڭ ۋاقتى يەتمەيۋاتامدۇ ؟ ...

قوشۇمچە :
UKIJ قۇرۇلغاندىن باشلاپ بىزنى يىتەكلەپ مېڭىۋاتىدۇ . گەرچە ئاۋات بولمىسىمۇ لېكىن رولى جايىدا بولىۋاتىدۇ . ئورگان ، جەمئىيەت خاراكتىرىدىكى توربەت بولغان ئىكەن مەزمۇن خاسلىققا يۈزلىنىشى ، پەقەت مەخسۇس مەزمۇنلارلا يوللىنىشى زۈرۈر دەپ قارايمەن . چۈنكى نۇپۇزلۇق سورۇن بولغان ئىكەن ، يازمىلار سەرخىل بولۇشى كېرەك . دېمىىسمۇ يازمىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تەتقىقات خاراكتىرىدىكى مەزمۇن بولسىمۇ ، ئاز مىقداردا ئېلان خاراكتىرىدىكى تېمىلار ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ ، ھەم يوللىنىۋاتىدۇ . ياكى باشقۇرغۇچىلار بۇنى رەتلىمىدى . يا بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىز بىلەلمىدۇق .

UKIJ نى تۇپا-چاڭ بېسىپ كەتمىسۇن ، ئۆينى كۈندە سۈپۈرىدىغان گەپ ، باشقۇرغۇچى خادىملار UKIJ تورىنىمۇ ئاز-پاز يىغىشتۇرۇپ قۇيساق ياخشى بولاتتى . ناۋادا يىغىشتۇرىدىغان ئادەم بولمىسا ، مەن ۋەكالىتەن يىغىشتۇرۇپ قويساممۇ بولىدۇ . UKIJ مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابىنى كۈتىمەن .

--------------------------------------------------
ئۆزۈم ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلەي .
مەن نۇرقۇت دۇنياسىدىن بولىمەن ، ئاساسلىقى پروگرامما لاھىيەلەش ۋە تور پروگراممىلىرى تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىمىز . ئىزچىل ھالدا UKIJ نىڭ قارارلىرى ۋە ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىپ كەلدۇق . گەرچە بىزنىڭمۇ UKIJ غا كىرىش ئارزۇيىمىز بولسىمۇ ، ئەمما بىلىمىمىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلتىماس سۇنمىدۇق . باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولمايلى دەپ ئويلىدۇق . بىز ئىزچىل ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز ، ئۆگۈنىۋاتىمىز ، UKIJ نىڭ شەرتلىرىگە چۈشۈپ ، تۆھپە قوشالىغۇدەك بولغاندا ئاندىن ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇشىمىز مۇمكىن ، ھازىر بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ ئويلىدۇق .

-------------------------------------------



gulturk
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە مارت 28, 2009 6:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gulturk » چارشەنبە ماي 27, 2009 2:10 pm

[font=UKIJ Esliye][size=6]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرقۇت ئەپەندىم،[/size] :handshake [/font]

[size=6] [color=Blue]مېنىڭچە سىز تازا سوراشقا تېگىشلىك سوئالنى سوراپسىز! بۇ جەمئىيەتنىڭ تاشلىنىپ قالغىنىدىن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم:( . مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش ھېسىياتتا.[/color] [/size]

tayir
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 4:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tayir » پەيشەنبە ماي 28, 2009 2:29 am

ھەر يىلدا بىرەر پائالىيەت يغىنلار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى . ئۇزۇن بولدى جىملا خەت نۇسقىسىدىن باشقا يېڭىراق بىرەر خەۋەرمۇ يوق .
جەمئيەت مەسئۇللىرىنىڭ ۋاقتى يەتمەيۋاتامدۇ :)

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » جۈمە ماي 29, 2009 11:23 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم nurqut ئەپەندىم،

UKIJ تورىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەمىلىيلىك بىلەن سورىغان سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بولۇپمۇ «UKIJ نى تۇپا-چاڭ بېسىپ كەتمىسۇن» دەپ يېزىشىڭىز جاۋاب يېزىشقا ئالدىراتتى... چۈنكى، مەن ھازىرقى ھالەتنى ئۇنداق دەپ قارىمايمەن، ھەم بۇندىن كېيىن شۇنداق بولۇپ قېلىشىغىمۇ ئىشەنمەيمەن.

سىز سورىغان سوئاللارنى مەنمۇ بۇرۇن سورىغان، ئەمما جاۋاب تاپالمىغان. UKIJ تورى سىز تىلغا ئالغاندەك ئاۋات بولۇپ كەتمىگەندىمۇ كەسپىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئويلىغىنىمىزدەك بولماي قالدى... شەخسەن مەن ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە بۇ خىل ھالەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن خېلى تىرىشىپمۇ باقتىم، ئەمما ئۈنىمى ياخشى بولمىدى. سەۋەب مەندىمۇ ياكى باشقا ئامىللار بارمۇ بىلەلمىدىم. يېقىنقى بىر مىسالنى ئالسام: فونتلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئەمگەك مېۋىسى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان، ھەر خىل ناملاردا فونت ياساپ تارقىتىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بارلىق كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلغانىدىم. ئەمما، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئىجابىي جاۋاب ئالالمىدىم. نەتىجىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. يەنە بىر مىسال: بۇرۇن ھەر بىر ئەزادىن ئۆزلىرىگە «UKIJ ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردىم؟» دېگەن سوئال قويۇش مەزمۇنىدا پىكىر يازسام «UKIJ ماڭا نېمە قىلىپ بەردى؟» دېگەندەك مەزمۇندا قايتۇرما سوئال خاراكتېرلىك جاۋابمۇ كەلگەن. دەرۋەقە، بۇمۇ ياخشى جاۋاب. ئەمما، ياخشىراق ئويلىنىپ قايسىسىنى بۇرۇن قىلىشنى سۈرۈشتۈرسەك بۇ سوئاللار «توخۇ بۇرۇن دۇنياغا كەلگەنمۇ تۇخۇممۇ؟» دېگەن سوئالدەك مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىكەن. مېنىڭ نەزىرىمدە، «UKIJ ماڭا نېمە قىلىپ بەردى؟» دېگەن سوئال ئىنساننىڭ تەبىئىيىتى بولغان شەخسىيەتچىلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ سورالغان، ئاغرىنىشقا بولمايدىغان سوئال. ئەسلىدە، ئەزالار ئۆز ئالدىغا تور بېكەت قۇرۇپ چېچىلىپ كەتمىگەن بولسا، كۈچ بىرلىكتە بولسا نىشانمىزغىمۇ يېتىش قىيىن ئەمەس ئىدى. كىمنىڭ، قايسى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ئىش-ھەرىكەت قىلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.

مېنىڭ نەزىرىمدە UKIJ باغ-ۋارانلىق چوڭ بىر ئائىلە. UKIJ گە تىزىملىتىپ كىرگەن ھەر قانداق ئەزا بۇ ئىللىق ئائىلىنىڭ ئەزاسى؛ UKIJ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقانلار باغۋەنلەر ھەم UKIJ بېغىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرى؛ زىيارەتچىلەر ۋە ئىشلەتكۈچىلەر مېۋىلەرنى تېتىۋاتقانلار؛ UKIJ ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئوغۇرلاپ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلەر ئىلىم-پەنگە خىيانەت قىلغۇچىلار... مېنىڭچە باغۋەنلەر قانچە كۆپەيسە، ئەزالار تازىلىق ۋە سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشسا UKIJ نى تۇپا-چاڭ بېسىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە بولسا، تۇپا-چاڭلىشىپلا كەتمەي بەلكىم «تور باغلاپ» كېتىشىمۇ مۇمكىن.

ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ھەسسە قوشۇش ئارزۇيىڭىز بولسا، رەسمىي ئىپادە بىلدۈرسىڭىز، سىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. پىكىر ۋە پىلانىڭىزنى تەپسىلىيرەك بايان قىلغايسىز.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » جۈمە ئىيۇن 05, 2009 2:36 pm

مۇشۇنداقراق بىر مەزمۇننى ئويلاپ تۇراتتىم ، نۇرقۇت ئەپەندى تىما باشلاپتۇ.
ئويىمچە يۇقىردا ئىيتىلغاندەك بۇ بىر ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر جەمىئيىتى بولغاندىن كىيىن بارلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېرچى يىغىلمىغان تەقدىردىمۇ بۇنداق چۆلدەرەپ قالمىسا بولاتتى. ھىچ بولمىسا «چاڭ توزان چۈشۈپ» قالغۇدەك دەرىجىگە بارمىسا بولاتتى.
بۇنىڭ مەسئۇليىتىنى يالغۇز باشقۇرغۇچىلاردىن سورىساق مەنچە يەنە مۇۋاپىق بولماس(يەنە مۇشۇنداق سۇئال -سوراققا چۈشىۋاتقانلار يەنە مۇشۇ تور ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلار . كۆرمىگەنلەر يەنە كۆرمەيدۇ).ئۇلارمۇ خىلى تىرىشپ باققان . بەش قول تەڭ بولمىغاندەك بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارمۇ ئالدىراش بولۇپ قالغاندۇ.
ئەزالاردىن داۋاملىق بۇ تورغا كىرىپ تۇرىدىغانلار بارغانسىرى ئازلاۋاتىدۇ.
تىخنىكىلىق مەسىلىلەر ماۋۇ تورغايوللانسىمۇ باشقا تورغا كۆچۈرلۈپ شۇ يەردىن جاۋابىنى تىپىپ تۈگەۋاتىدۇ.
ھەممەيلەن سەل ئۇيۇشۇپ بۇنداق ئاممىۋى خاراكتىرلىك تورغىمۇ كۈچ چىقارساق بولاتتى.
ئاددىيسى ماۋۇ تىمىغىلا قارايلى قانچە ئادەم كۆرۈپتۇ ؟؟ قانچە ئىنكاس چۈشۈپتۇ ؟ يوللانغىلى قانچە كۈن بولۇپتۇ؟؟




مەن ئىككى قىتىم باشقۇرغۇچىلارغا ئىچكى خەت ئارقىلىق ئىسىم ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى يازسام بارمىدىمۇ يە ئۇلار كۆرۈپ باقمىدىمۇ بىلمىدىم . ئەمدى ئوچۇقلا يازاي ، مىنىڭ ماۋۇ ئەزالىق نامىمنى Nezeri دەپ ئالماشتۇرۇپ بىرىشكە بولسا مەن بەك خۇرسەم بولاتتىم.

kerim805
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە فېۋرال 24, 2009 6:55 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kerim805 » چارشەنبە ئىيۇن 17, 2009 11:50 am

مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلىپ قالدىم، يېقىنىدىن بېرى ukij كىرىمەنۇ لېكىن يېڭى مەزمۇن يوق قايتىپ چىقىمەن
بۇرۇن فونت توغرىلىق مەزمۇنلار كۆپ يوللىنىپ تۇرتتى، ھازىر ئۇمۇ ئاز قاپتۇ، مەن ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ مۇنبەردىن ئۆلچەملىك فونت ۋە ئۆلچەمسىز فونتلارنى تونۇغان ئىدىم ھەمدە ئۆلچەملىك فونتلارنى ئىشلەتتنىم ھەم دوستلىرىمغا تەشۋىق قىلدىم، مەن Ukij ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەردىم دېگەن تېمىنى كۆرۈپ مەنمۇ ئويلىنىپ باققان، لېكىن ھازىرچە Ukij نىڭ ماڭا قىلغىنى مېنىڭ قىلغىنىمدىن مىڭ ھەسسە كۆپكەن!!!
Ukij يىغىلغان ئەزىمەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقى ۋە تورچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى زور!!!!:victory:

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە ئىيۇن 20, 2009 11:44 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار،
ئويغان ئەپەندىم توغرا ئېيتىپتۇ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ....

KenJiBay
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە فېۋرال 24, 2009 12:10 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان KenJiBay » پەيشەنبە ئىيۇن 25, 2009 8:45 am

بۇرۇن ھەر بىر ئەزادىن ئۆزلىرىگە «UKIJ ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردىم؟» دېگەن سوئال قويۇش مەزمۇنىدا پىكىر يازسام «UKIJ ماڭا نېمە قىلىپ بەردى؟» دېگەندەك مەزمۇندا قايتۇرما سوئال خاراكتېرلىك جاۋابمۇ كەلگەن:@
ماۋۇ گەپكە قورسىقىم كۆپىۋاتىدۇ ،نۇمۇس قىلماي مۇشۇ گەپنى قىلغىلى قانداقمۇ يۇزى چىدىغاندۇ~! توۋا~~
ukij مۇ ئۇ بەدەل پۇلى ، بۇ بەدەل پۇلى دەپ يىققان بولساق بۇنداقمۇ دىمەس بولغىيتى .

karakash
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇل 10, 2007 10:06 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان karakash » دۈيشەنبە فېۋرال 08, 2010 2:37 pm

2009-يىلى -ئاينىڭ 25- كۈندىن كېيىن بۇ تېمىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇلماپتۇ...
ھەقىقەتەن بۇ مۇنبەر مەزكۇر تارىختىن كېيىن پۈتۈنلەي تاشلىنىپ قالدى...قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ قويۇشلىرى، مۇمكىن بولسا تور گرۇپپىسىنى يېڭىدىن تەرتىپ سېلىشلىرى ياخشى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار