XP نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىق شۇنچە ئېغىر گۇناھمۇ؟

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئاۋغۇست 28, 2010 11:48 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]majeed[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-28 15:23 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3670&ptid=804][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ماۋۇ تىمىغا ئىنكاس يازسام كىمۇ ئۆچۈرۈۋەتكەن؟
«تىمىنى ئۆچۈرۈۋېتىلى»دىگەن ئىنكاسنىمۇ ئۆچۈرۈپتۇ دىسە؟ قىززىق ... [/quote]
كەچۈرۈڭ، بۇ تېما 7- قەۋەتتىلا توخـاپ قالسۇن دەپ ئاخىرىدىكى ئىنكاسلارنى مەن ئۆچۈرۈۋەتكەنتىم .
تېمىنىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرمەسلىكتە تېما -ئىنكاسنى ئۆچۈردى دەۋاتقان تېمىنى ئۆچۈرۈپ مۇستەبىتلىك قىلغان بولماي دەپ ئۆچۈرمىگەن.
ئەمما بۇ تېمىنى باشقىلار ئۆچۈرسە كارىم يوق.

ماڭا قارىتا پىكرىڭىز بولسا مەن QQ دا بار. ( بۇ تېمىغا تولا پىكىر قاتناشتۇرغۇم يوق )
358252912



majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » شەنبە ئاۋغۇست 28, 2010 2:50 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]salahiddin[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-28 16:24 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3671&ptid=804][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

ئۇ ئادەمدىن نېمانچە قورقۇسىلەر؟ ماۋۇ ماجىدمۇ تىترەپلا تۇرۇدىكەن [/quote]
مەن بۇ تىمىنى كۆرۈپ UKIJ گە نىمە بولغاندۇ دەپ قالغان ئىدىم .
بىلىك كۇلۇبى ھەممىمىز ياخشى كۆرۈدىغان توربەتلەردىن، بىلىشىمچە UKIJ مۇنبىرىمۇ شۇ بىلىك كۇلۇبىنىڭ ياردىمىدە ( ئەڭ ئاستىغا قاراڭ) مېڭىۋاتىدۇ.
بىلىك كۇلۇبىدا«ھەممە جايدا بىمالال ئىشلەيدىغان» ئۇيغۇر فونتلىرىدىن بىرنەچچىنى پۇلغا ياسىتىش توغرىسىدا گەپ بولۇپ قالدى، بۇ گەپمۇ ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە قوشۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقتىغۇ دەيمەن .
بۇنىڭغا ئەگىشىپ فونتلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى توغرىلىق گەپلەر بولدى
تىمىدا بۈركۈت ئەپەندىم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدا مىسال قىلىپ xpنى تەرجىمە قىلغانلار مايكروسوفتنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئەرزىىيىتىدىن قورقۇشى كىرەك دەپ ئۆتۈپ كەتتى ( پەقەت بىرلا ئىنكاس شۇ )، بۇ پەقەتلا مىسال بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرجىمە قىلغان ئەمگىگە سوغۇق سۇ سەپكەنلىك ئەمەس.
ئەگەر تەرجىمە دېتاللىرىغا سوتتىن ئەرز سۇنۇلۇپ قېلىنسا، مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن نۇرغۇن شىركەرلەر ۋەيران بولۇشى ئېنىق ،بىراق جوڭگۇچىلىقتا بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشەنگەن بىلەن چەتئەللىكلەر بۇنى ئوغرىلىق قىلمىشى دەپلا بىلىدۇ . ئۆزىنى ھەر مۇسۇلمان ،تەقۋادار سانايدىغانلار بۇ ئىشنى ئويلاپ باقمايدۇ، سېستىما دېتاللىرىنى ئوغۇرلىغاننى گۇناھ ، ئىشلىتىشنى ھارام بىلمەمدىكىن ؟
دىمەك بۇ جايدا نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ قالدى.
بىلىك - ئىنتىل گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان xpبىكارغا تارقىتىلغان. ؟؟؟؟؟ دۆلىتىمىزدە نەچچە مىڭ يۈەنلىك سېستىما ھۆججىتى بىكارغا تارقىتىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ . بۇنى تەنقىتلەش كىرەكمۇ يوق؟ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشكىمۇ بولمامدا؟ potoshop، Cool Editقاتارلىق دېتاللارنى ئاشۇ شىركەت پۇلغا ساتىدۇ قېرىنداشلىرىم . بۇنى بىكارغا ئىشلىتىشتىن يۈزىمىز قىزارماستىن يەنە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ پۇلغا سېتىۋاتقانلارمۇ بولدى . بۇنى مەرگىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ كىنوسى چاغلاپ قالغانلار ( دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتللەرگە ئېتىۋار قىلىش يۈزىسىدىن، مەرگىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ فىلىملىرى ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا ، نەشىر ھوقۇقى سۈرۈشتىلمەيدىكەن) دادىللىق بىلەن «مىللەت ئۈچۈن،» دەپ قالقان ياسىدى .
تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئاشۇ ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتساق ( مەيلى پۇلغا ياكى بىكارغا) بولامدۇ دەپ سوراپ بېقىشى كىرەك ئىدى. بىرا ئۇنداق بولغىنى يوق
قىلىۋاتقىنى پەقەت ئوغرى نەشرىنى تەرجىمە قىلىپ ، مەھسۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ( مەسىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ) ھارام مال ئىشلىتىشىگە يان تاياق بولۇۋاتىدۇ .
UBUNTU بولسا، ئوچۇق كودلۇق، ئاشكارا مەنبەلىك ، بىكارلىك سېستىما بولغاچقا، غەيرەت توختى كەنجى باشلىق بەزى ئۇيغۇرلار بۇنى تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ ، سەۋەپ نىمە ، بۇ ھالال مال، بىكارلىك .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: majeed ، ۋاقتى: 2010-8-28 20:52 [/i]]

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » شەنبە ئاۋغۇست 28, 2010 3:07 pm

بۇنداق مەسىلىلەرگە سەل يۇقۇرىدىن تۇرۇپ تەپەككۈر قىلىپ باقايلى .
سېستىما دېتاللرىنى ئەسلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ئەسلى ئىگىسى بولغان مايكىروسوفت ياكى ئالما شىركەتلىرىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇيغۇر تىلى يامىقىنى قۇشۇپ قويۇشنى (تەرجىمىسىنى بىز ئۇيغۇرلار قىلسا)تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، ھەرگىزمۇ بىكارغا سېتىشقا بولمايتتى. بىراق قانداق قىلىمىز، جوڭگۇچىلىق شۇنداق ئىكەن . ھەر يىلى ئوغرى نەشرىدىكى دېتاللارنى تۇتۇۋاتىدۇ، يىغىۋاتىدۇ ...
مىنىڭ بۇ تىمىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭلار دىگىنىم بۇ تىما ukij نىڭ ئۇسلۇبى ۋە مۇنبەر ئەخلاقىغا زىت بىر يوللانما بولۇپ، بولغان گەپ بىلىكتا بولىۋاتسا، ukij دا تىما يوللاپ تىللاپ چۈشسەك ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلمىغان بولىمىز . تىما ئىگىسى نىمە ئۈچۈن بىلىكتە تىما يوللىمايدۇ، قورقۇۋاتقان زادى كىم؟
ئەسلى بۇنداق تۇتامى يوق تىمىلار ukij مۇنبىرىدە پەيدا بولمىسا بولاتتى ( بايا تېخى «دۇربۇندىكى مۇھھەببەت »::lol l دىگەن بىر تىمىنى كۆرۈپ قالدىم).
شۇڭا ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم .
بىزگە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق بەكمۇ مۇھىم.
غەيرەت ، بۈركۈت ئەپەندىملەر تەشەببۇس قىلىۋاتقان ( پۇل چىقىرىپ فونت ياسىتىش، ..دىگەندەك)ئىشلارنى ukij نامىدىن قىلىش كىرەك ئىدى، بىراق ukij ھازىر ئىسمى بار قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى .
شۇڭا ukij دىكىلەر بىلىك كۇلۇبىنىڭ تىمىلىرىغا يېقىندىن كۈچ چىقىرىپ، بايراقدار (ھىچ بولمىغاندا قاتناشقۇچى) رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كىرەك .
بىلىك كۇلۇبى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، بىزukij دىكىلەر نىمە ئىش قىلىپ ئولتۇۇرپتىمىز؟ ئۆزىمىزگە سوئال قۇيايلى .
بەزىلەر ukij دىگەن بىر سۇپا دىيىشى مۈمكىن.، توغرا ، بىراق ئۇنىڭدىكى ئەزالار بۇ جايدا ماۋۇنىڭدەك تىما يوللاششنىڭ ئورنىغا بىلىك، ئىنتىل، قاتارلىق كومپىيوتېر بىلىملىرى بار تور بەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ ، ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىشلىىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئازراق « ھە ھۇ» دىيىشىلى .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: majeed ، ۋاقتى: 2010-8-28 21:17 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار