ئورتاق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ھەققىدە

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
uyghun
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 08, 2009 7:33 am
ئالاقىلىشىش:

ئورتاق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ھەققىدە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghun » سەيشەنبە ماي 31, 2011 10:18 am

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ ئككى خل نۇسقىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە،ئېنگىلىزچە ناملىرى
بىر خىل نۇسقىسى :ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىغا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ كونۇپكىدىكى ئورنىنى بىتىش ئارقىلىق ياسالغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ،ھازىر ئومۇملاشقان كىرگۈزگۈچلەر مۇشۇ نۇسقىغا كىرىدۇ. بۇ خىل نۇسقىدىكى كىرگۈزگۈچلەرگە (Uyghur Herp Tekrarliqi Kirgüzgüchi ( Uyghur Typewritter Keyboard دەپ نام قويساق.
يەنە بىرخىلى: ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ كونۇپكىدىكى ئورنىنى لاتىنچە ماس ھەرپلەر بويىچە بىتىش ئارقىلىق ياسالغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ، يەنى ئويغان كىرگۈزگۈچنىڭ خەلقئارا نۇسقىسى مۇشۇ نۇسقىغا كىرىدۇ.بۇ خىل نۇسقىدىكى كىرگۈزگۈچلەرگە (Uyghur Herp Teleppuzi Kirgüzgüchi ( Uyghur Phonetic Keyboard دەپ نام قويساق.بۇ خىل كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھەرپ ئورنىنى ئەستە ساقلاش ئاسان.ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ خەت ئۇرۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.لاتىنچەھەرپلەرنى بىلىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ ئاسانلا ئۆگىنىۋالايدۇ.

Microsoft Keyboard Layout دىن پايدىلىنىپ نەچچە مىنۇتتىلا خالىغانچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغىلى بولىدۇ .مەن ياسىغان ئىدىم،تورغا يوللاشنى بىلەلمىدىم.


[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: uyghun ، ۋاقتى: 2011-6-1 08:12 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: uyghun ، ۋاقتى: 2011-6-1 10:31 [/i]]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئىيۇن 21, 2011 7:42 am

ماۋۇ ئۇيغۇرچە تور دىسكا [url]http://www.kiyas.org[/url]
بۇ يەردە يەنە باشقا ھەقسىزلىرى بار [url]http://www.yolyar.net/html/mail/index.htm[/url]
[email]yolyar@qq.com[/email] غا يوللاپ بىرىڭ بوزلۇققا مەن چىقىراي.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » جۈمە ئاۋغۇست 26, 2011 2:21 am

مەنمۇ ئازراق پىكىر قوشۇپ باقاي.
ئاتالغۇلارنىڭ ئېغىزىمىزغا ياخشى كۆنۈشى ئۈچۈن، ئاتالغۇ چوقۇم ئىخچام بولۇشى كېرەك. سىلەرچە كىرگۈزگۈچ دىگەن ئاتالغۇنى «خەتكرىك» (خەت كىرگۈزىدىغان سېستىما) دىسەك، باشقا سۆزلەرگە قوشۇپ ئىشلەتكەندە، «كىرىك» دەپ سەل ئىچاملاتساق قانداق بولۇر؟
مەسىلەن: Uyghur Typewritter Keyboard نى قىسقارتىپ «ئورۇنچە كىرىك» دىسەك، چۈنكى بۇ كونوپكىلار ھەربلەرنىڭ قۇلايلىق ئورنىغا قارىتا لايىھەلەنگەن.
Uyghur Phonetic Keyboard نى «ئۈنچە كىرىك» دىسەك، چۈنكى بۇ ھەرپلەر ئۈنىنىڭ، يەنى تەلەپپۇزىنىڭ ئورنىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن.
بۇنى يەنىمۇ ئىخچاملاتساق، «o كىرىك» ۋە «ü كىرىك» بولۇپ قالىدىكەن. بۇنداق ئىخچاملاتقاندا، ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ ئۇيغۇرچە جۈملىلەرنىڭ ئارىسىغا ئاسانلا قوشۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
دىئالوگ:
-ئىشلىتىۋاتقىنىڭ قانداق خەتكىرىك؟
-ئوكىرىك
-ئۈكىرىكنى ئىشلەتسەك بولمامدۇ، قۇلايلىق.
-ئۇغۇ شۇ، لېكىن مەن ئوغا كۆنۈپ قاپتىمەن.
-ئۈكىرىكنى لاتىنچە ھەرىپىنى بىلىدىغانلىقى ئادەم ئىشلىتەلەيدۇ.
-ئەمىسە سەن قايسى خەتكىرىكنى ئىشلىتىسەن؟
-مەن ئو، ئۈ ھەر ئىككىسىنى ئىشلىتەلەيمەن.

بۇ سېستىمىلارنى ئەڭ دەسلەپ ياسىغۇچىلار ياكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر قانداق ئىسىم قويۇپ بەرسە، بىز شۇنداق ئاتايمىز. لېكىن بەك ئۇزۇن ئاتالغۇ بولۇپ كەتسە، ئامالسىز خەنزۇچىسىنى ئاتايدىغان گەپ. چۈنكى خەنزۇچىسى ئاددى ۋە ئىخچام. بۇ تەبئىي قانۇنىيەت، ھەم بېشىمىزدىن ئۆتۈلۈپ كېلىۋاتقان ھەقىقەت.

لېكىن، بۇنداق ئىشلارغا مەندەك ئىككى توك-توك كىشىنىڭ چالۋاقىغىنى بىكار-دە!

Uyul
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 02, 2008 4:17 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyul » پەيشەنبە سېنتەبىر 08, 2011 5:10 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]koktash[/i] ، ۋاقتى: 2011-8-26 08:21 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4134&ptid=881][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
سىلەرچە كىرگۈزگۈچ دىگەن ئاتالغۇنى «خەتكرىك» (خەت كىرگۈزىدىغان سېستىما) دىسەك، باشقا سۆزلەرگە قوشۇپ ئىشلەتكەندە، «كىرىك» دەپ سەل ئىچاملاتساق قانداق بولۇر؟... [/quote]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
«كىرىك» دىگەن ئاتالغۇ ھەققىدە ئىزاھات بېرىڭ، نېمىشقا شۇنداق ئاتايمىز؟

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » جۈمە سېنتەبىر 16, 2011 9:29 am

ۋەئەلەيكوم ئەسسالام،
«كىرىك» ئۇيغۇرچە سۆز تومۇرىدىن ياسالغان سۆز بولۇپ، «كىر»دىن ئىبارەت سۆز تومۇرى بىلەن، «ىك»دىن ئىبارەت سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىدىن تەركىب تاپقان. مەسىلەن: كۆن + (ۈ)ك = كۆنۈك، كۆي + (ۈ) ك = كۆنۈك دىگەندەك سۆزلەرنىڭ ياسىلىغىشا ئوخشاش. يەنە سۇنۇق، پۇچۇق، ئۆلۈك قاتارلىق ياسالما سۆزلەرمۇ دەل «كىرىك»نىڭ ياسىلىشىغا ئوخشاش سۆزلەردۇر.

شۇنداق ئاتىشىمىزدىكى سەۋەب:
1- بۇ ساپ ئۇيغۇرچە سۆز، ھەم كۆمپىيۇتېردىكى شۇ خىل ئەھۋالنى ئىپادىلەشكە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ.
2- بۇ سۆز ئىخچام، ئېغىز تىلىدىمۇ ئىشلەتكىلى بولغاچ، ئاسان ئوموملاشتۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئېلخەت، ساندان، ۋىرۇسخور دىگەندەك سۆزلەرگە ئوخشاش.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

# koktash غا يوللانغان جاۋاب

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » جۈمە سېنتەبىر 16, 2011 4:14 pm

سالامنى ئىلىك ئېلىش دېگەندىكى «ىك» بىلەن ئوخشاش دېمەكچىمۇ؟

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » يەكشەنبە سېنتەبىر 18, 2011 1:08 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2011-9-16 22:14 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4168&ptid=881][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
سالامنى ئىلىك ئېلىش دېگەندىكى «ىك» بىلەن ئوخشاش دېمەكچىمۇ؟ [/quote]
بەلكىم شۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن. :handshake :handshake :handshake :lol :lol :lol

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار