ULY دىكى é ھەققىدىكى قاراشلىرىم

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
uyghun
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 08, 2009 7:33 am
ئالاقىلىشىش:

ULY دىكى é ھەققىدىكى قاراشلىرىم

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghun » سەيشەنبە ماي 31, 2011 10:23 am

ULYنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق تىل- يېزىق كومۇتىتى تەستىقلاپ، ئېلان قىلغان <ئۇيغۇرچىنى لاتىن يېزىقىدا ئىپادىلەش لاھىيەسىى(ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى)> نۇسقىسىدىكى <ې> نى ë بىلەن ئىپادىلەشكە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۈت . é ھەرىپى بەزى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىلىدا باشقا لاتىنچە ھەرپلەردەك نورمال كۆرۈنمەيدۇ(مەسىلەن يانڧونلاردا،مەن نوكىيادا سىناق قىلغان)،ئەكىسچە ë ئۇنداق ئەمەس. ئۇندىن باشقا é پىنيندىكىe نىڭ 2-تونى éغا ئوخشايدۇ،ئەگەر é دا ئىشلىتىلسە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە يېزىقلانى ئارىلاش بىرتەرەپ قىلىش، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەت تۈزۈش، تىل ئۆگىنىش ULY نى UEY غا ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ULY نىڭ تىل يېزىق كومۇتىتى تەستىقلىغان نۇسقىسى قانۇنى كۈچكە ئىگە.شۇڭا é نىڭ ئورنىغا ë نى قوبۇل قىلىپ ULY نىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرايلى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: uyghun ، ۋاقتى: 2011-6-3 08:00 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: uyghun ، ۋاقتى: 2011-6-3 09:51 [/i]]



Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » يەكشەنبە سېنتەبىر 11, 2011 3:35 pm

ULY دا é نىڭ <ئې> تاۋۇشىنى ئىشپادىلىشىنى بىر ياخشى ئېلىنغان قەدەم دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇ ئۆلچەم بىرلىكى بېكىتىلگەن ۋاقىتلاردا بۇ ھەرپلا ئەمەس يەنە باشقا ھەرپلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرىگىمۇ خېلى كۆپ كىشىلەر كۈنەلمىگەن ئىدى. بولۇپمۇ مۇشۇ مۇڭگۈزى بار é ھەرپ شەكلىنى مەن ئۆزۈممۇ تازا قوللاپ كەتمىگەن ئىدىم، بىراق تەكلىپىمنى ياكى پىكىرىمنى بىۋاسىتە ئىنكاس قىلمىدىم، ئۆلچەم دەپ ئېلان قىلىنغان ئىكەن، شۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىش ئاقىلانىلىق دەپ قارىدىم. كېيىن تىلكوم بۇ لايىھەنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ بۇ ھەرپنىڭ ئورنىغا ë شەكلىنى ئېلىپ ئۆزگەرتىپ رەسمىي ئېلان قىلدى. بىراق نۇرغۇنلىرىمىز بۇرۇنقى لايىھەگە كۈنۈپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ يېڭىلانغان لايىھەدىكى ë ھەرىپىنى قوبۇل قىلالمىدۇق. چۈنكى بۇ ھەرپنى كۇنۇپكىلاردىكى بىرىكمە كۇنۇپكىلار بىلەن كىرگۈزۈشكە توغرا كەلسە ئۈچ كۇنۇپكىنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق é ئىككى ھەرپ بىلەنلا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئەمدى بۇ ھەرپلەرنىڭ خەلقئارادا ۋە بىر قىسىم تىللاردا قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

«e» (ئە) ھەرىپى توغرىسىدا:
بۇ ھەرپ گرېك ھەرپلىرىدىكى Ε ،(Epsilon) ε بىلەن ئوخشاش. سام تىللىرىدا بۇ ھەرپ /h/ (hê) (ھە) تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، باشقا تىللاردا ئاساسەن /e/ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئارىيان تىللىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇ ھەرپ بىر ئاز ئالاھىدە، ئىنگلىز تىلىدىكى ME بىلەن BEE دېگەن سۆزلەردە /:i/ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما BED دېگەن سۆزدە /e/ نىڭ تەلەپپۇزىغا ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ.
بۇ ھەرپ خەلقئارالىق ترانىسكپىتسىيىدە [ɛ] بىلەن ئىپادىلەنگەن، بۇنىڭ تەلەپپۇزى ئۇيغۇرچىدىكى <ئە> تاۋۇشىغا يېقىن. فرانسوز تىلىدا بۇ ھەرپ «ئە» گە يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، تۈرك تىلىدا «ئە» ۋە «ئې» ھەرپلىرىگە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ؛ بۇ ھەرپ يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تاتار لاتىن يېزىقى ۋە باشقۇرت لاتىن يېزىقى، پارس يېزىقىنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان كۇرت لاتىن يېزىقلىرىدا ئومۇمەن «ئە» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

«é» (ئې) توغرىسىدا:
É é (ئورغۇ بەلگىسى بار e) ھەرىپى ھۇنگىرىيە، ئىسلاندىيە، چېخ، سىلوۋاك، تۈرك (تۈرك تىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دىئالىكىت رايونلىرىدا ئازراق شىۋىلەر پەرقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردىكى خەلقلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش <ئە> ۋە <ئې> لار ئېنىق ئايرىلغان)، كۇرت، تاتار، باشقۇرت، ئۇيغۇر قاتارلىق يېزىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

uyghun
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 08, 2009 7:33 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghun » يەكشەنبە ئۆكتەبىر 23, 2011 2:20 am

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ شۇنچە كۆپ چۈشەنچىلېرنى بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
سىز بۇ توغۇرلۇق خىلى ئىزنىنىپسىز،لېكىن بەزىلىرى ھىسسىي بولۇپ قاپتۇ.مېن ئۆگەنگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرتىلىدىكى «ې[e]»تاۋۇشى ئورقۇن ئاناساي يېزىقى دەۋىردىلا مەۋقۈت بولۇپ، مەخسۇس بەلگە بىلەن ئىپادىلىگەن.ھازىر بۇ تاۋۇش <ئە[ɛ]>،<ئې[e]>ۋە <ئى[i]> لارغا ئۆزگىرىپ كەتكەن،مەسىلەن:ئېل(ئەل)،بېل(بەل)،بېش(بەش).ئۇنىڭدىن ناشقا ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس باشقا تۈركىي تىللاردىمۇ <ئە[ɛ]> نىڭ <ئې[e]> غا ئاجىز لىشىش بار ،مەسىلەن،كەل-كېل،كەس-كېس ،بەش،بېش.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » دۈيشەنبە ئۆكتەبىر 24, 2011 6:45 am

ياخشىمۇسىز uyghun، ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقى ئىشلىتىلىۋاتقان دەۋرلەردە <ئې> تاۋۇشى مەۋجۇد ئىدى _ دېگىنىڭىز چوڭ بىر خاتالىق، چۈنكى بۇ دەۋرلەردە، ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئى، ئى (قاتتىق ئى) لاردىن ئىبارەت سوزۇق تاۋۇشلىرى مەۋجۇد بولغان، يېزىقتا ئا بىلەن ئە ئېنىق پەرقلەنگەن، ئو بىلەن ئۆ، ئۇ بىلەن ئۈ يېزىقتا پەرقلەندۈرۈلمىگەن. سىز دەۋاتقان <ئې> تاۋۇشى ئەمەلىيەتتە ئى تاۋۇشىنىڭ قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان يەنە بىر ۋارىيانتى، بۇ ھازىرقى تۈرك، تاتار تىللىرىدىكى نوقتىسىز ئى بىلەن باراۋەر تاۋۇش ئىدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېغىز تىلىدا بۇ تاۋۇش مەۋجۇد، ئەمما مەنا پەرقلەندۈرۈش رولى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇستەقىل تاۋۇش ھېسابلانمىغان. <ئې> تاۋۇشى بولسا 14-15 ئەسرلەردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا شەكىللىنىشكە ۋە ئۆزلىشىشكە باشلىغان، بۇ تاۋۇش كۆپىنچە باشقا قېرىنداش خەلىقلەر ۋە چەتئەل تىللىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆزلەردە ۋە كېيىنكى ئانا سۆزلەردىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر تىلىدا ئورقۇن دەۋرىدىنلا باشلاپ <ئې> بار ئىدى دېگەن كۆز قاراشنى بىر قىسىم ياۋروپا، روسسىيە، تۈركىيە ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان، چۈنكى بۇ كۆز قاراشنى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنى قىپچاق تىلى ۋە ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇشنى كۆزلىگەن. بىزگە شۇنىسى ئېنىقكى تۈركىي تىللار دىۋانى، قۇتادقۇبىلىگ كىتابلىرى يېزىلغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ <ئې> تاۋۇشى يوق ئىدى، شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەۋجۇد بولمىغان.

uyghun
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 08, 2009 7:33 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghun » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 25, 2011 3:21 am

ئالدىنقى ئىنكاسنىڭ داۋامى،
ياخشىمۇ سىز ئالپ سوفت ، ئۇيغۇر تىلىمۇ قەدىمقى تۇركى تىلىنىڭ داۋامى ،ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلى قەدىمقى تۇركى تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە تاۋۇشلىرىنى ئەڭ كۆپ ساقلاپ قاغان تىل ، قەدىمقى تۇركى تىلىدا بار چەم باشقا قەدىمقى تۇركى تىلىلاردا بار بولغان<ې> تاۋۇشنى ئۇيغۇر تىلىدا كېيىن شەكىللەندى دەيمىز. سىز ماقالىڭىزدا <چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا (ڭ) تاۋۇشى <نگ ياكى نك> دەپ ئىككى ھەرپنىڭ بىرىكمىسىدىن بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بولغاچقا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ماڭا، ساڭا، قىلسىڭىز، ئەتسىڭىز دېگەندەك سۆزلەر تۈرك تىلىدا بەنگە، سەنگە دېگەندەك شەكىللەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن>دەپسىز،ئۇنداق ئەمەس ماڭا،ساڭا دېگەن سۆزلەر تۈركچىدە ن<بانا،سانا> دېيىلىدۇ. ئسلىدە بۇ سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى كىشىلىك ئالماش <مەن،سەن> گە بېرىش كېلىش قوشۇمچىسى <گە>نىڭ قوشۇلىشى بىلېن ھاسىل بولغان<مەنگە،سەنگە>دۇر،ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلىدا بۇ ئىككى سۆز ھازىرقىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.باشقا تىللاردا ئەسلىسى ساقلانغان..سىز يەنە<ە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا ك بىلەن گ، ش بىلەن س، د بىلەن ت لارمۇ پەرقلەندۈرۈلمىگەن> دەپسىز ئەرەپ ئېلىببەسىدە «س،ش،د،ت»ھەرپلىرى با تۇرسا نېمىشقا پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ.ئلۋەتتە ئۇ ىەرپلەر ئېنىق ئيرىلغان،سىز دەۋاتقان ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بولسا قەدىمقى تۇركى تىلى تەرەققىيات جەريانىدا ئۈچ چوڭ يۆنىلىش بويچە تەرەققى قىغان. بىرى ئۇيغۇرتىلى گۇرۇپپىسى ،تاۋۇشلار ئاساسەن قەدىمقى تۇۇرقىنى ساقلاپ قالغان.يەنە بىرى تۈرك تىلى تەۋە بولغان گۇرۇپپا،.يەنە بىرى تۈرك تىلى تەۋە بولغان گۇرۇپپا، بۇ ەۇرۇپپىدا قەدىمقى تۇركى ب، ت،ك، تاۋۇشلىرى بۇ تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق جۈپتى بولغان <پ،د،گ،>تاۋۇشلىرىغا ئۆزگەرگەن. يەنە بىرى قازاق تىلى تەۋە بولغان گۇرۇپپا ، بۇ ەۇرۇپپىدا قەدىمقى تۇركى< ش،ي >تاۋۇشلىرى <س،ق>تاۋۇشلىرىغا ئۆزگەرگەن.تۈرك تىلىغا دائىر مىسال:ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسى، ئىشلىتىلىش دائىرىسى، تۈرك تىلىدىكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن تۈرك تىلىنىڭ فونېتىكىسىدا باش ھەرپى ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكلەر بار. ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «ت» بىلەن باشلانغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «د» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، دىل (تىل)، داماق (تاماق)، داغ (تاغ)، دىكەن (تىكەن)، دۇيماق (تۇيماق)، دۇمان (تۇمان)، دىلىم (تىلىم)... دېگەندەك. «ك» ھەرپى «گ» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، گۈن (كۈن)، گۈندۈز (كۈندۈز)، گۆڭۈل (كۆڭۈل)، گۆز (كۆز)، گەزمەك (كەزمەك)... دېگەندەك. «م» ھەرپى «ب» ھەرپى بىلەن، «ب» ھەرپى «ب» ھەرپى «پ» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، بەن (مەن)، بۇز (مۇز)، بىن (مىڭ)، پارماق (بارماق) ... دېگەندەك. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «پ» بىلەن باشلانغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ب» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، بۇت (پۇت)، باچاق (پاچاق)، باتقاق (پاتقاق)، بۈتۈن (پۈتۈن)، بالتا (پالتا)... دېگەندەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى «ي» ھەرپى تۈركچە «ئى» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىپ (يىپ)، ئىپەك (يىپەك)، ئىراق (يىراق) ... دېگەنگە ئوخشاش.يەنە بىر نۇقتا، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ق، غ، ڭ» تاۋۇشلىرى تۈرك تىلىدا «ك، گ، ن» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

uyghun
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 08, 2009 7:33 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghun » سەيشەنبە ئۆكتەبىر 25, 2011 3:38 am

ئالدىنقى ئىنكاسنىڭ داۋامى،(ئادىنقىسىدا ئىملا خالىقى كۆرۈلۈپ قاپتۇ،كەچۈرىسىلەر)
ياخشىمۇ سىز ئالپ سوفت ، ئۇيغۇر تىلىمۇ قەدىمقى تۇركى تىلىنىڭ داۋامى ،ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلى قەدىمقى تۇركى تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە تاۋۇشلىرىنى ئەڭ كۆپ ساقلاپ قالغان تىل ، قەدىمقى تۇركى تىلىدا ھەم باشقا تۇركى تىلىلاردا بار بولغان<ې> تاۋۇشنىنى نىمىشقا ئۇيغۇر تىلىدا كېيىن شەكىللەندى دەيمىز. سىز ماقالىڭىزدا <چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا (ڭ) تاۋۇشى <نگ ياكى نك> دەپ ئىككى ھەرپنىڭ بىرىكمىسىدىن بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بولغاچقا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ماڭا، ساڭا، قىلسىڭىز، ئەتسىڭىز دېگەندەك سۆزلەر تۈرك تىلىدا بەنگە، سەنگە دېگەندەك شەكىللەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن>دەپسىز،ئۇنداق ئەمەس ماڭا،ساڭا دېگەن سۆزلەر تۈركچىدە ن<بانا،سانا> دېيىلىدۇ. ئسلىدە بۇ سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى كىشىلىك ئالماش <مەن،سەن> گە بېرىش كېلىش قوشۇمچىسى <گە>نىڭ قوشۇلىشى بىلېن ھاسىل بولغان<مەنگە،سەنگە>دۇر،ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلىدا بۇ ئىككى سۆز ھازىرقىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.باشقا تىللاردا ئەسلىسى ساقلانغان. .سىز يەنە< قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا ك بىلەن گ، ش بىلەن س، د بىلەن ت لارمۇ پەرقلەندۈرۈلمىگەن> دەپسىز ئەرەپ ئېلىببەسىدە «س،ش،د،ت» ھەرپلىرى بار تۇرسا نېمىشقا پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ ھەرپلەر ئېنىق ئيرىلغان،سىز دەۋاتقان ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى بولسا قەدىمقى تۇركى تىلى تەرەققىيات جەريانىدا ئۈچ چوڭ يۆنىلىش بويچە تەرەققى قىغان. بىرى ئۇيغۇرتىلى گۇرۇپپىسى ،تاۋۇشلار ئاساسەن قەدىمقى تۇۇرقىنى ساقلاپ قالغان.يەنە بىرى تۈرك تىلى تەۋە بولغان گۇرۇپپا، بۇ ەۇرۇپپىدا قەدىمقى تۇركى تىلىدىلى< ب، ت،ك> تاۋۇشلىرى بۇ تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق جۈپتى بولغان <پ،د،گ،>تاۋۇشلىرىغا ئۆزگەرگەن. يەنە بىرى قازاق تىلى تەۋە بولغان گۇرۇپپا ، بۇ ەۇرۇپپىدا قەدىمقى تۇركى تىلىدىلى< ش،ي >تاۋۇشلىرى <س،ق>تاۋۇشلىرىغا ئۆزگەرگەن .تۈرك تىلىغا دائىر مىسال:ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسى، ئىشلىتىلىش دائىرىسى، تۈرك تىلىدىكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن تۈرك تىلىنىڭ فونېتىكىسىدا باش ھەرپى ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكلەر بار. ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «ت» بىلەن باشلانغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «د» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، دىل (تىل)، داماق (تاماق)، داغ (تاغ)، دىكەن (تىكەن)، دۇيماق (تۇيماق)، دۇمان (تۇمان)، دىلىم (تىلىم)... دېگەندەك. «ك» ھەرپى «گ» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، گۈن (كۈن)، گۈندۈز (كۈندۈز)، گۆڭۈل (كۆڭۈل)، گۆز (كۆز)، گەزمەك (كەزمەك)... دېگەندەك. «م» ھەرپى «ب» ھەرپى بىلەن، «ب» ھەرپى «ب» ھەرپى «پ» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، بەن (مەن)، بۇز (مۇز)، بىن (مىڭ)، پارماق (بارماق) ... دېگەندەك. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش «پ» بىلەن باشلانغان سۆزلەر تۈرك تىلىدا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش «ب» بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، بۇت (پۇت)، باچاق (پاچاق)، باتقاق (پاتقاق)، بۈتۈن (پۈتۈن)، بالتا (پالتا)... دېگەندەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى «ي» ھەرپى تۈركچە «ئى» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىپ (يىپ)، ئىپەك (يىپەك)، ئىراق (يىراق) ... دېگەنگە ئوخشاش.يەنە بىر نۇقتا، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ق، غ، ڭ» تاۋۇشلىرى تۈرك تىلىدا «ك، گ، ن» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار