UKIJ مۇنبىرىگە تەكلىپ

مۇنبەرنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

UKIJ مۇنبىرىگە تەكلىپ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئاپرىل 11, 2007 4:21 pm

ئالدى بىلەن UKIJ يېڭى مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.
UKIJ نىڭ مەنىسىنى دەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت. شۇڭا تەكلىۋىمنى ئۇدۇللا دەي.
1- UKIJ غا يوللىنىدىغان تېمىلارغا قويۇلىدىغان چەك قاتتىق بولىشى كېرەك.
2- UKIJ مۇنبىرى تېما سەرخىللىقىنى ۋە خاسلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەزا ياكى تېما كۆپەيتىشنى قوغلاشماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.
3- UKIJ دىكىلەرنىڭ ئەزا توربەتلەرنى قوللاش ۋە مەدەت بېرىشنى يولغا قويۇشىنى يەنى «تۆۋەنگە چۈشۈپ» تۇرۇشىنى،«يوليورۇق» بىرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
4- ئەزالار ئىسمىنىڭ ئىلمىي گۈزەل بولىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك .
(مەن تەشكىللەش ۋە يىتەكلەشتىلا ئارتۇقچىلىقىم بار بولسىمۇ كومپىيۇتېر بىلىملىرىمنىڭ چولتىلىقى شۇنداقلا بىلىك ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن UKIJ غا تېما يوللاش ۋە ياردەم سوراش ئىىشىنى تۈزۈك قىلالمىغانلىقىمدىن توغرا چۈشىنىشىڭلارنى تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن)

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-4-11 22:30 [/i]]



Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 3:38 pm

ئىنتىل ئەپەندىم بىر نەرسىنى تۇلۇقلاپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ ،،،، UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە بۇرچىنى ئىسدە تۇتۇشى ئۇنى ھوقۇق دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ...........

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » شەنبە ئاپرىل 14, 2007 3:02 pm

مەن بۇ تەكلىپلەرنى قوللايمەن. بىراق
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-11 22:21 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=57&ptid=14][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
3- UKIJ دىكىلەرنىڭ ئەزا توربەتلەرنى قوللاش ۋە مەدەت بېرىشنى يولغا قويۇشىنى يەنى «تۆۋەنگە چۈشۈپ» تۇرۇشىنى،«يوليورۇق» بىرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن [/quote]
بۇ گەپنى چۈشەنمىدىم. UKIJ دىكىلەر دېگەن كىم-كىملەر؟ «تۈۋەنگە » چۈشۈش دېگەن نېمە؟ «يوليۇرۇق» دېگەنچۇ؟

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » شەنبە ئاپرىل 14, 2007 4:45 pm

ئىنتىل ئەپەندىم مىنى يۈزسىز ، ئادەمنى ئايىمايدۇ دەيتتىڭىز ، مەن ياپما قىلىپ دېسەم ئەليار ئەپەندىم ئۇچۇقلا دەۋىتىپتۇ مانا ... بۇنىڭغا باشقىچە پىكرىڭىز بولمىسا UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىقىنى بىر ھوقۇق دەپ چۈشىنۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ............. بۇ بىزنىڭ يەلكىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقنى چۈشەندۈرىدۇ ................... ئاكتىپ بولايلى باللا (مەندىن كىچىك ياكى چوڭ بولساڭلارمۇ باللا دەۋەردىم ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ ئۆزەمدىن چوڭ دادامدەك ئاغنىلرىمنىمۇ باللا دەۋىرىمەن ، بۇنى توغرا چۈشىنىڭلار ، بۇنداق ئاتىسا بىر خىل يېقىن تۇيغۇ بېرىدىغاندەك ھېس قىلىمەن ) UKIJ نىڭ تەرەققىياتى بىر خىل ئاستا بولۇۋاتقاندەكلا تۇيغۇر بېرىۋاتىدۇ ، ھە ھۇ ، مانا ئالە تۈتە دەپلا ئىشقا كىرىشىپ كىتىدىغان قىزغىنلىقنى بىر كۆرگۈم داۋاملاشتۇرغۇم بار ..............

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 3:07 pm

پىلانلىق ئىش قىلايلى ....

مەن [color=Red]« UKIJ مۇنبىرى تېما سەرخىللىقىنى ۋە خاسلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەزا ياكى تېما كۆپەيتىشنى قوغلاشماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. »[/color] بۇ مەسىلىگە مۇنداق كۆز قاراشتا : تېمىلارنى ئەلۋەتتە قاتتىق تاسقاپ ئاندىن ئورۇن بېرىش كېرەك ، بىراق ئەزالارغا ئۇنداق تولا چەك قويىۋېلىش مېنىڭچە ياخشى ئىش ئەمەس ، چۇنكى جەمىيتىمىزنىڭ نىزامنامىسدە ئەزا بولۇش ھەم چىكىنىش توغىرلىق ئالاھىدە ئەركىن بولۇش پىرىنسىپى بەلگىلەنگەن ..

ukij نىڭ نىزامنامىسىدىكى شەرىتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئەزالارنى خوشاللىق بىلەن قانچە كۆپ بولسا شۇنچە قوبۇل قىلىش كېرەككى ، ئۇلارغا بەك تولا كەلسە - كەلمەس چەكلەرنى ھەم شەرىتلەرنى قويۇۋېلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس ... جەمىيتىمىزدە ئەزالار قانچە كۆپ بولسا بىز بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان تۇرلەرمۇ شۇنچە تېز تاماملىنىدۇ ..

بولسا 2007- يىللىق پىلاننى قايتا بىر تۇزەپ چىقساق ، ياكى بۇرۇنقى پىلانلارنى قايتىدىن بىر ئەسلەپ ئۆتسەك ..
بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ،، يەنە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق ...

oyghan ئەپەندى : رەسىمى پۇتمىگەن سەھىپىلەرنىڭ تىزىملىگىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ، مەن photoshop قا بەك ئۇستا بولمىساممۇ ، جەمىيتىمىز ئۇچۇن ئازىراق ئەمگەك قىلىشقا ، ئۆزەمنى سىناپ بېقىشقا تەييار ..

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Polat1971 ، ۋاقتى: 2007-4-15 21:12 [/i]]

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 6:03 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر،

بەزىبىر مۇجىمەل قاراشلارنى تۈگىتىپ مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتايلى... دائىمىي ئەزالار + ئەزالار = UKIJ.

پولات ئەپەندىم، ھازىرچە ئىشلارنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان:

1. يېڭى مۇنبەرنى قاچىلاشقا مەسئۇل كىشىلەر: ئەليار ۋە بىلىك ئەپەندى؛ بۇ ئىش تاماملاندى. ھازىر ئۇلار يەنە ئېلان ئېلىش ۋە دائىمىي ئەزالارغا email ئادرېس تەسىس قىلىش ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ.

2. يېڭى نىزامنامە تۈزۈشكە مەسئۇل كىشى: مەن؛ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۈزۈپ [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=12[/url] گە قويۇپ قويدۇم. ھازىر پىكىر ئېلىنىۋاتىدۇ. تىلچىن ئەپەندى ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈش كىرگۈزۈۋاتىدۇ، باشقىلارنىڭ پىكىر قىلىشىنى ساقلاۋاتىمىز.

3. دائىمىي ئەزالار ئارخىپىنى ئىشلەشكە مەسئۇل كىشى: پىنھان ئەپەندى؛ ھازىر ئىشلىنىۋاتىدۇ، [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=15[/url] غا قاراڭ.

4. باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمىي ئەزالار تۈزۈمىنى تۈزۈشكە مەسئۇل كىشى: ياۋۇز ئەپەندى؛ بۇ خىزمەت باشلانماقچى، [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=10[/url] گە قاراڭ.

5. فونتلار سەھىپىسى: [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دىكى مەزمۇنلار ئۆزگەرمەيدۇ.

6. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۇلانمىسى: [url]http://www.ukij.org/teshwiq/UKY_Heqqide[/url](KonaYeziq).htm گە ئۇلىنىدۇ، مەزمۇن ئۆزگەرمەيدۇ.

7. تەشۋىقاتلار: [url]http://www.ukij.org/teshwiq[/url] غا ئۇلىنىدۇ، مەزمۇننى تەكشۈرۈپ چىقىدىغان ۋە تولۇقلايدىغان ئادەم تېخى چىقمىدى.

8. كونا بېكەت: [url]http://www.ukij.org/uey[/url] گە ئۇلىنىدۇ.

9. باش بەت: ئالفا ئەپەندى [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=8[/url] دىكى لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىزمۇ بىرنى ياساپ چىقىپ كۆرگەزمە قىلىپ باقسىڭىز ياكى پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ.

ھازىرچە ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى يۇقىرىدىكىدەك. بەزى مەسىلىلەرگە ئەمەلىي پىكىرلەرنىڭ بېرىلىشىنىمۇ ساقلاۋاتىمىز...

ھۆرمەت بىلەن،

ۋارىس

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 7:07 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alyar[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-14 21:02 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=85&ptid=14][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن بۇ تەكلىپلەرنى قوللايمەن. بىراق

بۇ گەپنى چۈشەنمىدىم. UKIJ دىكىلەر دېگەن كىم-كىملەر؟ «تۈۋەنگە » چۈشۈش دېگەن ... [/quote]
1- UKIJ دىكىلەر دېگىنىم UKIJ نىڭ ئەزالىرى (بۇ ئىنىقلا گەپ ئىدى)
2- تۆۋەنگە دېگەننىڭ مەنىسى؛ UKIJ بارلىق ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ يېتەكچىسى ،بېشى بولغانىكەن ئۇيغۇر توربەتلىرى ئەلبەتتە تۆۋەن بولىدۇ. تۆۋەنگە چۈشۈش دېگەن UKIJ نىڭ ئەزالىرى UKIJ خىزمەتلىرى، چاقىرىقلىرىنى توربەتلەرگە يوللاپ تۇرسا (تېمىنى چاپلاپ قويسا)، كۆپرەك ئادەمنى خەۋەردار قىلسا دېگەن گەپ.

بۇ يەردە ياپما -پاپما دېېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى پەقەتلا يوق، يۇقارقى گېپىمدىن ئىزاھاتىمدىكىدىن باشقا مەنا چىقمايدۇ دەپ قارايمەن. مەقسىتىمنى بىلدۈرەلمىگەن بولسام ئەپۇ قىلغايسىلەر.

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 5:39 am

ئابلەتجون!!!!!!!
ئۆزلىرىمۇ UKIJ جۇمۇسلا..........بىزغۇ داۋاملىق تۈۋەندە........

مەن قەستەن قېرىشىپ ئۇ گەپنى يېزىپ قويدۇم. سىلىنىڭ گەپلىرىنى« UKIJ دائىمىي ئەزالىرى بىر-بىرىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن تور-بەتلىرىمىزگە كىرىپ تېما-ئىنكاس يېزىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتەيلى» دېسەك مۇۋاپىق بولامدىكىن. چۈنكى، UKIJ مەۋھۇم نەرسە، ئۇ تۈۋەنگە چۈشەلمەيدۇ، يوليۇرۇق بېرەلمەيدۇ.تۈۋەنگە چۈشكىلى ئۇنىمىغان دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىسمىنى ئىنىق ئاتاپ دېسىلە تېخىمۇ ياخشى. چۈنكى ھەممىمىز ئۆز بوپ قالدۇق، توغرا چۈشۈنىۋېرىمىز.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 6:37 am

:lol بولدى ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلمىدىم:handshake

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە ئاپرىل 25, 2007 4:17 pm

مەنۋىستا ئۇسلۇبىدىكى XP نى IE7.0 نى ئىشلىتىۋاتقانتىم ، بايا تۇيۇقسىز بۇ بەتنىڭ ئەزا ماتىرىيالى سولغا ،تەھرىرلەش رايۇنى ئوڭغا ئۆتىۋالدى. مەندىكى مەسىلىمۇ قانداق تەكشۈرۈپ باقساڭلار.
قىززىق ئىشى مۇشۇ 2 - بەت ئېچىلسىلا بەت ئوڭ سول ئالمىشىپ كىتىكەن دىسە :Q

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-4-27 00:29 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار