2010-يىللىق ukij مۇنبىرى نەشىرىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى

مۇنبەرنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلنىدۇ
Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

2010-يىللىق ukij مۇنبىرى نەشىرىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 6:24 pm

[align=center]2010-يىللىق ukij مۇنبىرى نەشىرىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى[/align]
كۆپچىلىك ئالدىنقى ھەپتە مۇنبەرنى يېڭىلاش تەكلىپىنى بېرىپتىكەن... كۆپۈنچە ئەزالار ھازىرقى ھالەتنى ساقلاشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ.
پېقىر تەشۋىقات بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن بېكەتكە كىرىۋاتقان ۋە كىرمەيۋاتقان دائىمىي ئەزالارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپنى سۇنىمەن:

[color=Red] UKIJنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش خىزمىتى[/color]
[color=Red]سەۋەب: [/color] دىيارىمىزدا BBSقۇرۇش خىزمىتى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى كەڭ كۆلەمدە باشلاندى شۇنداقلا قاتتىق چىڭ تۇتىلىۋاتىدۇ. گەرچە رايۇنىمىزىدا بىر قىسىم ئۇششاق بېكەتلەر مۇنبەر قۇرۇۋالغان بولسىمۇ ئەمما قانۇنلۇق ئەمەس... ھامان ئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ.
شۇڭا، UKIJ غا كىرگەن ۋە ئەزا بولغانلارنىڭ شۇنداقلا UKIJنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن مۇنبەر سىستېمىسىنى باشقا بېكەت پىروگىراممىلىرىغا ئۆزگەرتىش.
بۇنىڭ ئۈچۈن تەۋسىيە:
1. [color=Red]نۇرقۇت دۇنياسى ھەمكارلىقى [/color]ئېلان قىلغان Discuz!X 1.0 سىستېمىسىنى ئىشلىتىش. تەپسىلاتىنى [url=http://www.nurqut.com/ud/topic-discuzx1.html]بۇ يەردىن [/url]كۆرۈڭ. بېكەت كۆرۈنىشىنى[url=http://www.nurqut.com/ud/index.php] بۇ يەردىن[/url] كۆرۈڭ.
2. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى تارقاتقان DedeCMS سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى 5.5 ياكى 5.6 گە ئۆزگەرتىش. تەپسىلاتىنى بۇ [url=http://www.xjcfan.com/a/Web/DedeCMS/2010/0717/Uyghurche-DedeCMS.html]يەردىن[/url] كۆرۈڭ. ئۇسلۇبنى بۇ[url=http://www.xjcfan.com/index.html] يەردىن[/url] كۆرۈڭ.

ساندان مەسىلىسى: بۇنى يۇقىرىقى ئىككى چوڭ ھەمكارلىق تور بېكەتلىرى مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارايمەن. ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن مۇھەممەد ئەپەندىم ۋە ئويغان ئەپەندىملەر قاراپ تۇرماس ھەر ھالدا.


ئەلۋەتتە، بەزى تۈرداشلار ئېيتقاندەك بېكەت سىستىمىسىدىن مەزمۇن مۇھىم. ئەمما، ۋەزىيەت ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم. شۇڭا، بۇ ئىشنى ئىمكان بار ۋاقتىدا ئويلاشقان بولساق.

نازارەت ۋە ئىشقا باش بولۇشتا نەۋرۇز ئەپەندىمنى چاقىرساق بولىدۇ. نەۋرۇز ئەپەندىمۇ BBS دەپ بېسىشتىن ئېھتىيات قىلىپ دېرىزىدىن مارىلاپ يۈرگەندەك قىلىدۇ...


بۇ ئىشنى قىلىش مىنىڭ قارىشىمدىن مۇنبەر قۇرۇشنى قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەققەززاسى شۇنداقلا ئېھتىياجنى.
رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنى ئۇيۇشتۇرىمىز ۋە ھەمكارلىققا چاقىرىمىز دەيدىكەنمىز بىخەتەر ۋە ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز كېرەك.

دائىمىي ئەزالارنىڭ ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئىيۇل 23, 2010 6:27 pm

يۇقارقى 2 پىروگىراممىنى تارقاتقان 2 چوڭ ھەمكارلىق تور بىكەتلىرى تامامەن بۇ خىزمەتنى قوللايدۇ.

pengiyar
يازمىلار: 14
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئىيۇل 23, 2010 5:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان pengiyar » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 3:55 am

مەن نۇرقۇت تارقاتقان Discuz!X 1.0 غا ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ھازىرقى سېستىمىسى ۋە Discuz!X 1.0 ئەسلىدىنلا بىر خاراكتىردىكى سېستىما ھەم مەزكۇر مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن Discuz!X 1.0 بەكرەك لايىق دەپ قارايمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 8:21 am

« 2 چوڭ ھەمكارلىق » بۇ قايسى ھەمكارلىق؟

BBS ھەققىدە بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇھىمى سىياسەتكە مۇخالىپ نەرسە بولماسلىق.

DolanliK
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە سېنتەبىر 13, 2007 1:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DolanliK » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 3:16 pm

BBS نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتنى قوللايمەن ، BBS بولغاندىكلا ئاندىن ھەممەيلەن ئورتاق پىكىر قىلالايدۇ . بىكەت سېستىمىسىنىڭ ھەممە ئىھتىياجنى قاندۇرمىغى تەس . مىنىڭچە يەنىلا BBS بولسا مۇۋاپىق ........

DELL
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇل 24, 2010 3:48 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان DELL » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 4:06 pm

UKIJ بىلەن بىلىكنىڭ ئۇسلۇبىغا كۆنۈپ قاپتىمەن. ئۇ توربېكەت بەكلا رەتسىزدەك كۆرۈنىدىكەن.
مېنڭچە UKIJ نىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەممىدىن مۇھىم.:L

rohlan
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە سېنتەبىر 07, 2008 7:14 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان rohlan » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 7:13 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-24 14:21 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2919&ptid=573][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
« 2 چوڭ ھەمكارلىق » بۇ قايسى ھەمكارلىق؟

BBS ھەققىدە بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇھىمى سىياسەتكە مۇخالىپ نەرسە ... [/quote]
ئۇنداقمۇ دەپ كەتكىلى بولماس، مەن 6-ئايدا discuz7.2 نى ئىشلىتىپ ئەسلىدىكى روھلان مۇنبىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە سىز ماڭا قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدىڭىز؟
مېنىڭچە يەنىلا كۆرۈنۈشى مۇنبەرگە ئوخشىمايدىغان، discuz x1 گە ئوخشاش پىروگراممىغا كۆچكەن ئەڭ ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ.
dedecms بولماسمىكن، ئۇنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە بۇ مۇنبەرنى يەنە كونا2 مۇنبەر دەپ ئاتاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى discuz نىڭ ساندانىنى dedecms غا ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ .
ئەگەر discuz x1 گە كۆچىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ھەمدەمدە بولىمەن، چۈنكى مەن بۇ discuz نى 6.1 نەشرىدىن باشلاپ نەشىرنى نورمال ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن .
ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتىدىن: ئادىل
[url]http://bilim.rohlan.biz[/url]

EnQa
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 01, 2008 2:48 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان EnQa » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 8:37 am

Discuz!X 1.0 نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەسلى يازمىلار تەسىرگە ئۇچىراىمايدۇ ھەم مۇنبەر سىياقىنىمۇ تامامەن يوقاتقىلى بولىدۇ.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 8:05 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-24 14:21 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2919&ptid=573][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
« 2 چوڭ ھەمكارلىق » بۇ قايسى ھەمكارلىق؟

BBS ھەققىدە بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇھىمى سىياسەتكە مۇخالىپ نەرسە ... [/quote]

ئەجىبا سىز تور تىزگىنلەنگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ يۇرتىمىزدا يوقمۇ؟ سىزدەك باشلامچى ITتور بىكەت قۇرغۇچىلىرى تۈۋەندىكى تېمىلارنى كۆرمىگەنمىدۇ؟ ئەجىبا...
سىز ھازىر تور دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بىرلەشكەن تور بىكەتلەرنى ۋە زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاق تەشكىل قىلىپ، ئۇيغۇر تور ساھەسىدە چاقنىغان بىكەتلەرنى ساناپ بىرەلەمسىز؟ تۈۋەندىكىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ كۈرۈڭ: ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش پەقەت UKIJدىلا ئەمەسلىكىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز... قوللاش ۋە يىتەكلەش بولمىسا قانداقمۇ تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بۇلىدۇ؟
[url=http://www.xjcfan.com/a/News/Site/2010/0216/104.html]ئالاھىدە ھەمكارلىق: شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى [/url]
[url=http://www.nurqut.com/ud/forum-16-5.html]نۇرقۇت ئەترىتى: مەقسىتىمىز بىر! مەنزىلىمىز بىر! كىلەچەك ئۈچۈن...[/url]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 8:19 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، مۇنبەردىن ھېچكىمنىڭ ئايرىلغۇسى يوق. ھەتتا مىنىڭمۇ.
ئەگەر دائىمىي ئەزالاردىن بىرەرسىمۇ ئىپادە بىلدۈرمىسە مۇشۇ پىتى تۇرىۋەرسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ ئەلۋەتتە.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار