ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم تور بېكىتىنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر جەمىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئويلىغان شىركەت، شەخس ۋە توربەتلەرنىڭ ئىلتىماسى مۇشۇ يەرگە يېزىلىدۇ، ياكى قويۇلىدۇ.
kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم تور بېكىتىنىڭ ئەزالىق ئىلتىما

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » جۈمە نويابىر 30, 2007 5:23 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم تورىدىن كۈلكە0997 بولىمەن ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيتىگە ئەزا بولۇشنى ئۈمۈدقىلىمەن . شۇڭا دائىمىي ھەيئەت ئەزالارنىڭ مېنىڭ تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئىسىم : يۈسۈپجان تۇرسۇن
كەسپىم : كومپىيۇتېر تور تېخنىكىسى
خىزمەت ئورنۇم : شىنجاڭ ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىدە
[url]http://www.uytarjima.cn[/url]تور بېكىتىمىزدە ھەر ۋاقىت يېڭى ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ .
مېنىڭ بۇ ئىلتىماسىمنى ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن : كۈلكە0997

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kulke0997 ، ۋاقتى: 2007-12-3 12:03 [/i]]



heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » جۈمە نويابىر 30, 2007 5:56 am

ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن، شەخسەن مەن سىزلەرنى UKIJ غا قارشى ئالىمەن، ئەمما UKIJ نىڭ 2-1 نىزامىغا يەنى توربەتنىڭ لاتىن يېزىقى قىسمى چوقۇم ئۆلچەملىك ULY دا يېزىلىشى كېرەك دېگەن تۈرگە توربېتىڭلار چۈشمەي قالىدىكەن، بولسا شۇ يەرنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇپ باققان بولساڭلا!!! رەھمەت!!!

مەسىلەن: quxurux ئەمەس chushurush بولسا توغرا بولاتتى!!! ئاندىن ئىملا مەسىلىسى !!!

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » جۈمە نويابىر 30, 2007 6:09 am

ھە بۇنى ئوڭشىساق بولىدۇ . تور بەت ياسىغان دوستىمىز شۇنداق ئېلىپ قويۇپتىكەن . ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتسەك بولدۇ . قېنى يەنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

مۇھىمى<ۋاقىتنى بېكەت قۇرۇشقا ئەمەس تەرجىمە سۈپى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » جۈمە نويابىر 30, 2007 6:11 am

ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىمىز ئوبدان راۋاج تېپىپ قالدى،30 فىلىم تەرجىمە قىلنىپ بولدى ھەم ئېلان قىلىندى.بىراق بۇ توغرىسىدا مەخسۇس بېكەت يەنى مۇكەممەل بېكەت تېخى يوق دەپ ئويلايمەن....
ئەڭ مۇھىمى بېكەت ئەمەس ، تېخىمۇ نادىر سۈپەتلىك فىلىمنى 《ئىنتىل》《بىلىك 》تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىش دەپلا ئويلايمەن، خالاس
گۇرۇپپىىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز بەك كۈچەۋاتىدۇ جۇمۇ،ئاپرىن سىلەرگە! كۈلكىجان0997:lol

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە نويابىر 30, 2007 7:31 am

UKIJ سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
heqteyur ئىيتقاندەك، تور بەتلىرىڭىزدىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا دىققەت قىلسىڭىز، ھەمدە UKIJ نىزامنامىسى بويىچە ئىش كۆرسىڭىزلا بولىدۇ.
------------------------------------------
كۈلكە : ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىغا خىلى كۈچەۋاتىسلەر، ھەم مەنمۇ خىلى كۆپ قىسىم نەتىجىڭىزلەرنىمۇ كۆرۈپ تۇرىمەن. شەخسەن مەن سىلەرنى كۆپ قوللايمەن بۇرادەرلەر. :handshake ھەمكارلىقىڭلار داۋاملىق ياشنىسۇن.

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » جۈمە نويابىر 30, 2007 8:11 am

رەھمەت دوستلار ، ئەردەۋىل ئەپەندىم دېگەندەك تور بېكەتنىڭ ئىشىغا كەلسەك ، بىز بوشلۇقنى مەخسۇس تەرجىمە فىلىم چىقىرىپ ئېلان قىلىشقا ئالغان ، كېيىن قارىساق چۈشۈردىغان يەر شۇ بوشلۇق بولغاچقا چۈشۈرگەنلەر مۇشۇنداق تور بېكەت بار ئوخشايدۇ دەپ كىرىپ قالسا ، ئۇ تور بېكەت ئېچىلمىسا بولمايدىكەن .، شۇڭا بىز ئويلىشىپ (ئەردەۋىل ئەپەندىم بىلەن ) بىلىك ۋە ئىنتىلدا مۇشۇنداق بىر تور بېكەتنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە تور بېكەت ياسىيالايدىغانلارنىڭ ياساپ بېرىشى توغرىسدا تېما يوللىغان ، شۇ چاغدا ئىنتىل سەيناسىدىن مۇڭلان ئۆزى ياساپ بەرگەن ، ئەگەر تور بېكەتنىڭ شۇ يېرى بولماپتۇ دېسەڭلار مەيلى ، لېكىن چوقۇم ئۆزگەرتىشكە تىرىشىمىز خاتالىقلارنى ، بىزمۇ ھىچقانداق پايدا مەنپەئەت كۆزلىمىگەن ئاساستا تەرجىمەفىلىم ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمىز ، شۇڭا مەنمۇ بىر كىشلىك كۈچۈمنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيتىگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاي دېگەن ئۈمۈددە بۇ تېمىنى يوللىغان ،

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kulke0997 ، ۋاقتى: 2007-11-30 15:56 [/i]]

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار