جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم تور بېكىتىنىڭ ئەزالىق ئىلتىما

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 30, 2007 5:23 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم تورىدىن كۈلكە0997 بولىمەن ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيتىگە ئەزا بولۇشنى ئۈمۈدقىلىمەن . شۇڭا دائىمىي ھەيئەت ئەزالارنىڭ مېنىڭ تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئىسىم : يۈسۈپجان تۇرسۇن
كەسپىم : كومپىيۇتېر تور تېخنىكىسى
خىزمەت ئورنۇم : شىنجاڭ ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىدە
[url]http://www.uytarjima.cn[/url]تور بېكىتىمىزدە ھەر ۋاقىت يېڭى ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ .
مېنىڭ بۇ ئىلتىماسىمنى ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن : كۈلكە0997

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kulke0997 ، ۋاقتى: 2007-12-3 12:03 [/i]]

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 30, 2007 5:56 am
تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur
ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن، شەخسەن مەن سىزلەرنى UKIJ غا قارشى ئالىمەن، ئەمما UKIJ نىڭ 2-1 نىزامىغا يەنى توربەتنىڭ لاتىن يېزىقى قىسمى چوقۇم ئۆلچەملىك ULY دا يېزىلىشى كېرەك دېگەن تۈرگە توربېتىڭلار چۈشمەي قالىدىكەن، بولسا شۇ يەرنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇپ باققان بولساڭلا!!! رەھمەت!!!

مەسىلەن: quxurux ئەمەس chushurush بولسا توغرا بولاتتى!!! ئاندىن ئىملا مەسىلىسى !!!

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 30, 2007 6:09 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
ھە بۇنى ئوڭشىساق بولىدۇ . تور بەت ياسىغان دوستىمىز شۇنداق ئېلىپ قويۇپتىكەن . ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتسەك بولدۇ . قېنى يەنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

مۇھىمى<ۋاقىتنى بېكەت قۇرۇشقا ئەمەس تەرجىمە سۈپى

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 30, 2007 6:11 am
تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil
ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىمىز ئوبدان راۋاج تېپىپ قالدى،30 فىلىم تەرجىمە قىلنىپ بولدى ھەم ئېلان قىلىندى.بىراق بۇ توغرىسىدا مەخسۇس بېكەت يەنى مۇكەممەل بېكەت تېخى يوق دەپ ئويلايمەن....
ئەڭ مۇھىمى بېكەت ئەمەس ، تېخىمۇ نادىر سۈپەتلىك فىلىمنى 《ئىنتىل》《بىلىك 》تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىش دەپلا ئويلايمەن، خالاس
گۇرۇپپىىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز بەك كۈچەۋاتىدۇ جۇمۇ،ئاپرىن سىلەرگە! كۈلكىجان0997:lol

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 30, 2007 7:31 am
تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k
UKIJ سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
heqteyur ئىيتقاندەك، تور بەتلىرىڭىزدىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا دىققەت قىلسىڭىز، ھەمدە UKIJ نىزامنامىسى بويىچە ئىش كۆرسىڭىزلا بولىدۇ.
------------------------------------------
كۈلكە : ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىغا خىلى كۈچەۋاتىسلەر، ھەم مەنمۇ خىلى كۆپ قىسىم نەتىجىڭىزلەرنىمۇ كۆرۈپ تۇرىمەن. شەخسەن مەن سىلەرنى كۆپ قوللايمەن بۇرادەرلەر. :handshake ھەمكارلىقىڭلار داۋاملىق ياشنىسۇن.

يېزىلغان: جۈمە نويابىر 30, 2007 8:11 am
تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997
رەھمەت دوستلار ، ئەردەۋىل ئەپەندىم دېگەندەك تور بېكەتنىڭ ئىشىغا كەلسەك ، بىز بوشلۇقنى مەخسۇس تەرجىمە فىلىم چىقىرىپ ئېلان قىلىشقا ئالغان ، كېيىن قارىساق چۈشۈردىغان يەر شۇ بوشلۇق بولغاچقا چۈشۈرگەنلەر مۇشۇنداق تور بېكەت بار ئوخشايدۇ دەپ كىرىپ قالسا ، ئۇ تور بېكەت ئېچىلمىسا بولمايدىكەن .، شۇڭا بىز ئويلىشىپ (ئەردەۋىل ئەپەندىم بىلەن ) بىلىك ۋە ئىنتىلدا مۇشۇنداق بىر تور بېكەتنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە تور بېكەت ياسىيالايدىغانلارنىڭ ياساپ بېرىشى توغرىسدا تېما يوللىغان ، شۇ چاغدا ئىنتىل سەيناسىدىن مۇڭلان ئۆزى ياساپ بەرگەن ، ئەگەر تور بېكەتنىڭ شۇ يېرى بولماپتۇ دېسەڭلار مەيلى ، لېكىن چوقۇم ئۆزگەرتىشكە تىرىشىمىز خاتالىقلارنى ، بىزمۇ ھىچقانداق پايدا مەنپەئەت كۆزلىمىگەن ئاساستا تەرجىمەفىلىم ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمىز ، شۇڭا مەنمۇ بىر كىشلىك كۈچۈمنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيتىگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاي دېگەن ئۈمۈددە بۇ تېمىنى يوللىغان ،

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: kulke0997 ، ۋاقتى: 2007-11-30 15:56 [/i]]