ukijدىن جىددىي ياردەم سورايمەن.

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر جەمىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئويلىغان شىركەت، شەخس ۋە توربەتلەرنىڭ ئىلتىماسى مۇشۇ يەرگە يېزىلىدۇ، ياكى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
shohrat
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە نويابىر 13, 2007 12:09 pm
ئالاقىلىشىش:

ukijدىن جىددىي ياردەم سورايمەن.

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان shohrat » پەيشەنبە دېكابىر 06, 2007 8:01 am

مەن بېيجىڭدا ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى.
بىر ئامېركىلىق پىراففىسور ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتمەكچى ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا دۈشەنبىدىن باشلاپ دەرس بەرمەكچى.
بىراق مەن دەرسنى خەلقئارا تىرانسىفىكسىيەدە ئۆتۈش ياكى ulyدا ئۆتۈش ھەققىدە ئىككىلىنىپ قالدىم.
بۇ ھەقتە تەجرىبىسى بارلار ماڭا ياردەم قىلساڭلار؟



heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » پەيشەنبە دېكابىر 06, 2007 10:34 am

ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتۈش جەھەتتىنغۇ مېنىڭ تەجرىبەم يوق، ئەمما ULY نى ئىشلىتىش پىرىنسىپى يەنى قانداق جايدا ئىشلىتىش دېگەن مەزمۇندا ئېنىق بىكىتىلگەن پىرىنسىپ بار، شۇ بويىچە ئېيتقانداق سىزنىڭ ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى بويىچە ئۆگىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئوقۇتۇشدا ULY ئىشلىتىشنىڭ تېخنىكىلىق ۋە باشقا ULY نى ئىشلىتىشكە زورلايدىغان تەلەپ يوق دەپ قارايمەن، ULY يېزىقى پەقەتلا ئۇيغۇرچىنى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا ئىپادىلەشتە تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق توغۇلغاندا ۋە ياكى ئۇيغۇرتىلىنى چوقۇم لاتىن ھەرىپى بىلەن ئىپادىلەش زۆرۈز بولغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، باشقا ئەھۋالدا بىردەك ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلىدۇ.

Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » پەيشەنبە دېكابىر 06, 2007 3:51 pm

heqteyur ئەپەندىم توغرا مەسلەھەت بېرىپتۇ. ULY پەقەت ياردەمچى رولنى ئۆتەيدۇ.ئەرەپ ھەرىپى ئاساسىدىكى «كونا» يېزق بىلەن ئۆگۈتۈڭ،پەرىزىمچە ئوقۇشنىلا ئۆگەنسە كېرەك،تەس كەلمەيدۇ.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە دېكابىر 07, 2007 2:36 am

قەتئىي (مۇتلەق ھالدا) ئىككىلەنمەي ئۇيغۇر ئەرەب يىزىقىدا ئۆتىسىز ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇرنىڭ يىزىقى ـــ ئۇيغۇر ئەرەب يىزىقى دەپ ئۆتىۋىرىڭ.
ئۇيغۇر يىزىقى (ئەرەب يىزىقى) نى راۋرۇس ئۈگىنىپ بولغان ئادەمگە ئاندىن، ئۇيغۇرلار مۇنداق يىزىقنى مۇنداق ئىھتىياج، مۇنداق شارائىتلاردا قوللىنىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈپ قويساق بولىدۇ، خالاس. دەسلەپ ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 1-2يىل ULYدىن سۆز ئاچماڭ.:handshake

m.erdem
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 3:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem » جۈمە دېكابىر 07, 2007 3:31 am

سالام شۆھرەت ئەپەندى،
مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك خىزمەتكە تۇتۇش قىلغىنىڭىز ياخشى بوپلۇپتۇ، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ULY ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قوشۇمچە يېزىق، ئۇ ھەرگىزمۇ چەتەللىكلەرگە ئۆگىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەس. ئۇ ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ۋە چەتئەلللەردە ئۇيغۇر تىلىنى لاتىنچە ئىپادىلەشتە ئىشلەتكەن ئون نەچچە خىل لاھىيەنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، شۇڭا ئۇلار بۇ يېزىقنى بىلىدۇ(كۆپ قىسىم ھەرپلەرنى). بۇ يېزىق يۇقىردا دوستلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا ئىپادەىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا ياكى لاتىن يېزىقى بىلەن ئىپادىلەش زۆرۈر بولغاندا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقنى بىلمەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىمىزدىن خەۋەرلەندۈرۈش، ئۇچۇر جەھەتتىكى ئالاقىنى قويۇق قىلىش، ئۆز-ئارا ئۆگۈنشكە قولايلىق يارتىشنى مەقسەد قىلغان. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە سىز ئۇ پروفېسورغا ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى ئۆگىتىسىز، ھازىر سىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە دەرسنىULY دا ياكى خەلقارا ترانسكىرىپسىيەدە سۆزلەشنى تاللاش ئىكەن، شۇڭا يۇقىرىدىكى بايانىمدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى چەتەللىكلەرگە ئۇيغۇر تىلى دەرسى سۆزلەشتە يەنىلا خەلقارا ترانسكىرىپسىيە ئاساس قىلىنىشى كېرەك، بۇ ئەڭ ئىلمىي بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى يېزىقتىن ئۇيغۇر تىلىغا بەكرەك قىزىقسا يەنى سۆزلىشىشنىلا ئۆگەنمەكچى بولسا ئۇ كىشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن(چەتەللىكلەر ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ئوڭاي بولىشى ئۈچۈن ئۆزلىرى لاتىن يېزىقىدا ئېلىپبە ئىشلەپ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلەرنى تۈزگەن ئىكەن) ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ULY دىمۇ قوشۇمچە يېزىپ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، سۆزلەرنى ئەستە ساقلىشىغا ئوڭاي بولىدۇ، دەرس سۆزلىگەندە يەنىلا خەلقارا ترانسكىرىپسىيەنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.

بۇلار مېنىڭ قارىشىم ھەم تەكلىپىم.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: m.erdem ، ۋاقتى: 2007-12-7 09:54 [/i]]

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » شەنبە دېكابىر 08, 2007 3:10 pm

خەلقئارا تىرانسىپىكسىيەنى ئۇلار بىلىدۇ. شۇڭا ھەرپلەرنى تونۇتۇش بىلەن ئوقۇلۇش قائىدىسىنى خەلقئارا تىرانسىپىكسىيە بويىچە ئۆگەتكەن تۇزۇك. بىزمۇ خەنزۇچە خەتنىلا ئۆگەنمەي پىنيىننىمۇ ئۆگىنىمىزغۇ؟ خەنزۇلار ئۆزى پىنيىننى تازا بىلمەيدۇ. ئۇيغۇر بولسىغۇ 32 ھەرىپتىن باشلىسىڭىز بولاتتى. ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنسەك تىرانسىپىكسىيە بىزگە كۆپ قولايلىق ئېلىپ كەلگىنىدەك. ئۇ ئەپەندىگىمۇ قولايلىق تۇغدۇرىدۇ. ئۇ ئە ي بىلەن ئۇ ل ي نىڭ مۇناسىۋىتىنى باشتىلا ئۇ كىشى چۈشۈنۋېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرچە ماتىرياللار كۆپى ئۇ ئە ي دا بولغاچقا ئۇ ئە ي نى ئالدىنقى شەرت قىلغىنى تۇزۇك. سۆزلىشىشنىلا ئۆگەنمەك بولسا قايسى سىزگە ئاسان تۇيۇلسا ۋە قايسى ئۇسۇلدا ئاسان ئۇيغۇر تىلىنى ئىگەللىسە شۇ ئۇسۇلدا ئۆگىتىش كېرەك. سىزگە ئامەت تىللەيمەن.

shohrat
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە نويابىر 13, 2007 12:09 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان shohrat » يەكشەنبە دېكابىر 09, 2007 11:12 pm

قىممەتلىك تەكلىپ پىكرىڭلارغا رەھمەت. ئۇ كىشى ئاساسلىق ئادەتتىكى تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئۆگەنمەكچىكەن. يۇترتقا ساياھەتكە بارماقچىكەن. ئامال بار ئاسان ئۇسۇلدا ئۆگىتەي، قايسىسىنى ئاسان ئۆگىنەلىسە شۇنى ئۆگەتسەم بولغىدەك.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار