ئۇيغۇر php تورى ئەزالىق ئىلتىماسى

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر جەمىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئويلىغان شىركەت، شەخس ۋە توربەتلەرنىڭ ئىلتىماسى مۇشۇ يەرگە يېزىلىدۇ، ياكى قويۇلىدۇ.
oghuz
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 05, 2007 7:31 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇر php تورى ئەزالىق ئىلتىماسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuz » سەيشەنبە ماي 06, 2008 2:17 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمئىيىتى باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالىرى!
مەن ئۇيغۇر php تورى باشقۇرغۇچىسى ئوغۇز (ئەركىن رەھمىتۇللا شېھىت) بولىمەن.
بۈگۈن مەن شەخىس ۋە بىكەت نامىدىن ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن بۇ ئىلتىماسنى يوللىدىم ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات ياكى تېخنىكا جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

بىكەت ئادرىسى: [url]http://www.uyphp.com[/url]
بىكەت تۇغى: [img]http://uyphp.com/logo.gif[/img]



heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » سەيشەنبە ماي 06, 2008 3:00 am

ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمئىيىتى كەلگەنلىكىڭىزگە مەرھابالار بولسۇن، قېنى دائىمىي ئەزالار بىر قاراپ چىقسۇن.
مەن شەخسىي نامىم بىلەن قوشۇلىمەن !!!:victory:

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » سەيشەنبە ماي 06, 2008 3:29 am

بىكەت خەت نۇسخسى ئۆلچەملىك ئۇنىكودى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، ساغلام مەزمۇن ۋە قانۇنغا زىت بولمىغان تەرەپلەرنى كۈزىتىپ تۇرۇپ ، ئىملا خاتالىقىغا قارىتا مۇۋاپىق تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلسا ، UKIJ غا ئەزا بولۇشنى ئۆزەمنىڭ سالاھىيتىم بىلەن قوللايمەن .

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ماي 06, 2008 7:22 am

خاسلىققا ئىگە ئىكەن، php ھەۋەسكارلىرى، ھاجەتمەنلىرگە ئەسقاتقۇدەك توربەت بولۇپ قالغۇسى.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » سەيشەنبە ماي 06, 2008 3:38 pm

مەنمۇ قوشۇلىمەن.
بولسا [url]http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=306&page=1#pid1409[/url]
مەزمۇننىڭ كەينىگە 2008 -يىللىق خىزمەت پىلانىڭىزنى يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئۆزىڭىزنى ئەزا دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.
مەندە باشقۇرۇش پارولى بولمىغاچ بېكەت تۇغىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىپ بېرەلمەيمەن. بېكەت باشلىقلىرى ۋاقتى بولسا تۇغلارنى تۇزەپ قويسا بوپيىكەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-5-6 21:43 [/i]]

Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » چارشەنبە ماي 07, 2008 4:00 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمىي جەمئىيىتى باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالىرى!
مەنمۇ ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنىمەن. ئويلىشىپ باقساڭلار!
مېنىڭ ھازىرچە ئۆزۈم قۇرغان تور بېتىم يوق، لېكىن بىلىك، ئىنتىل،ئورخۇن،UKIJ، ئىزدىنىش قاتارلىق
توربەتلەردە داۋاملىق زىيارەتتە بولۇپ تۇرىمەن.
مەن ھازىرچە قىلايدىغان ئىشلار Unicode نى تەشۋىق قىلش ۋە ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش
دېگەندەكلەر باشقا نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋاتىمەن. تېخى قولۇمدىن ئىش چىققۇدەك بولمىدى.
ئەگەر لايىق كۆرسەڭلار ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن:
جەۋلانىي(ئەسقەر ئابدۇراھمان)

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » چارشەنبە ماي 07, 2008 6:30 am

جەۋلانىي ئەپەندىنىڭ تەكشىلىكتىكى لايىھىلەش ئىشلىرىدا ئېپى بارلىقىدىن خەۋەردارمەن . ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىپ . جەمىيىتمىزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىدا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » چارشەنبە ماي 07, 2008 8:08 am

ukij نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى سورايمىز .
بىكىتىڭىزنىڭ تۇغى باش بەتكە ئۇلانما قىلىندى .

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە ماي 07, 2008 6:04 pm

جەۋلانىي(ئەسقەر ئابدۇراھمان) ئەپەندى؛ قىلىمەن دىسەك ئۇيغۇرچۈن ئىش بەكمۇ كۆپ بۇ يەردىكىلەرنى بىرى بۇنى قىل دىمىسىمۇ(مۇئاش بەرمىگەندىن كېيىن) ئۆزى بىلىپ قىلىدىغان ئىش بولسا ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. مېنى بىرى بۇنى قىل دىمىدى دەپ (:P قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قالماڭ) ئاغرىنىپ قالماڭ. بېكەتتە تەشۋىق ئىشلىرى، رەسىم تۇغ ئىشلەش ئىشلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. ياكى ئۆزىڭىز بىر لاھىيە تۈزەپ ئىجرا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە تەستىقلاش بار. نىزامنامىگە قاراڭ.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار