ئەزالىق ئىلتىماسى

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر جەمىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئويلىغان شىركەت، شەخس ۋە توربەتلەرنىڭ ئىلتىماسى مۇشۇ يەرگە يېزىلىدۇ، ياكى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
aldanish
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 10, 2008 5:55 am
ئالاقىلىشىش:

ئەزالىق ئىلتىماسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان aldanish » شەنبە ماي 10, 2008 11:36 am

[size=5][align=center]ئىلتىماس[/align][/size]

[size=4]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتى:[/size]

[size=4] مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ۋە ئېلىكترون تېخنىكىسى جەھەتتە بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ، ئۈگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى.
مېنىڭ بۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتىگە بەكمۇ ئەزا بولغۇم بار. مېنىڭ ھازىرچە شەخسىي تور بىكىتىم ياكى تىلغا ئالغۇدەك بىرەر نەتىجەم يوق. پەقەت كومپىيۇتېر تەجرىبەم ۋە تەبئىي پەن ، چەتئەل تىلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزۈمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن. مەن ھازىر ئىلكترون ئېنژىنىرلىقى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدە ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئوقۇۋاتىمەن. يەنە بىر - ئىككى يىلدا چوقۇم ياراملىق بىر ئۇيغۇر بولۇشۇمغا ئىشەنچىم ئېشىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا مەن بۇنى ساقلاپ ئولتۇرماي ، مۇشۇ ئىلتىماسنى يازدىم، ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىپ ، ئۆز مەسئۇلىيتىمنى بۇرۇنراق ئادا قىلغاچ تۇراي دەيمەن. ھازىرچە ھىچ بولمىغاندا مۇناسىۋەتلىك ئۈگىنىش ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىيەلەيمەن. مەيلى كومپىيۇتېرجەھەتتە بولسۇن ياكى ئېنگىلىزتىلى ۋە ياكى ئېلىكترون -قاتتىق دىتال جەھەتتە بولسۇن ، قولۇمدىن كىلىشىچە ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمەن. شۇڭا ھەرقايسىڭىزلارنىڭ مېنىمۇ ئويلىشىپ قويىشىڭىزلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
[/size]

[size=4] ھۆرمەت بىلەن:
ئەلدانىش(ئابدۇرەشىد) يازدىم.
2008-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى.نەنجىڭ.[/size]



Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » شەنبە ماي 10, 2008 5:09 pm

سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!!!
ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتى سىزگە ئوخشاش ياشلارنىڭ كۈچ چىقىرىشىغا مۇھتاج!!!

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » يەكشەنبە ماي 11, 2008 7:44 am

مۇشۇنداق ئەزمەتلەرنىڭ بىرلىشىش ، ئۆملىششى زۈرۈر ! ukij نىڭ دائىمىي ئەزاسى بۇلۇش تەكلىپى بېرىمەن . :handshake

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار