قانداق قىلغاندا UKIJ نىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » شەنبە ماي 03, 2008 10:11 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

جەمئىيىتىمىز تور بېكىتىنىڭ يېڭى بوشلۇققا كۆچۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزىبىر بىنورماللىقلار كۆرۈلگەندىن بۇيان ئەزا تور بېكەتلەردە UKIJ توغرىسىدىكى نۇرغۇن پىكىرلەر بوپتۇ. پىكىرلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، UKIJ نۇرغۇن ئەزالار ۋە تورداشلارنىڭ ئېسىدە بارىكەن. پىكىرلەر مەيلى تەنقىدىي پىكىر بولسۇن ياكى ئىجابىي پىكىرلەر بولسۇن مەن ھەممىسىنى ياقتۇرۇپ ئوقىدىم. ھەر قايسى تور بېكەتلەردىكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ، تورداشلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەنقىدىي پىكىرلەرنى چەكلەپ قويماسلىقىنى سورايمەن.

بەزى UKIJ ئەزالىرىنى UKIJ نى «ئۇلار» دەپ ئاتاپتۇ. ئەپسۇس، «بىز» دەپ ئاتاڭلار دەپ كۆندۈرۈپ بولالمىدۇق.

UKIJ مەسلىھەت ۋە پىكىر بەرگۈچىلەرگە مۇھتاج بولۇپلا قالماي، بېرىلگەن پىكىر ۋە مەسلىھەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلارغىمۇ ئىھتىياجلىق. بۇرۇنمۇ نۇرغۇن تورداشلار ۋە بەزى ئەزالار تىزىملىتىش توغرىلىق ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەرگەن ھەم تىزىملىتىشقا ياردەم قىلماقچى بولغان. ئەمما ھازىرغىچە نەتىجىسىنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتىمىز... بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلار بولسا مەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايمەن.

UKIJ رەئىسىنى ۋەتەن ئىچىدىن سايلايلى دەپ پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغان بولساقمۇ، ۋەتەن ئىچىدىن «مەن رەئىس بولاي!» دەيدىغان بىرەر ئادەم چىقمىدى. ئۆز رازىلىقى بىلەن رەئىس كاندىداتى چىقمىسا مەجبۇرىي ھالدا «سىز رەئىس بولۇڭ» دەپ سايلاش دانالىق ئەمەس.

بىرلىكتە تۈر ئىشلەيلى دەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، تەشكىللىنىشنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئىلگىرلەش بولمىدى. خۇشاللىنارلىقى، ئەزا تور بېكەتلەر ئۆز ئالدىغا تۈرلەرنى تەسىس قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. ھەر قايسى ئەزا تور بېكەتلەر ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۆز تور بەتلىرىگە قويغاندىن سىرت [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دېگەندەك ئورۇنغىمۇ قويۇشنى تەۋسىيە قىلساقمۇ ئۇ ئىشىمىز تولۇق ئەمەلگە ئاشمىدى... دېگەندەك يەنە دېسەك يەنە كونا گەپلەر. بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا يۇقىرىدىكى يازمامدا تەپسىلىي توختالغانىدىم، جاۋابىنى داۋاملىق ساقلاۋاتىمەن.



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ماي 04, 2008 3:51 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
مەن ئويغان ئەپەندىمنىڭ يۇقارقى ئىنكاسىدىكى [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دىگەن نام ئاستىغا مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن، ئۆلچەملىك بوپتۇ دەپ قارىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دىتال بولسۇن ياكى تور قۇراللىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان باشقا تىلدىكى قۇراللار بولسۇن يۇقارقىدەك نام ئاستىدىن ئۇرۇن ۋە ئىسىم بىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
دائىمىي ئەزالارنىڭ پىكىربىرىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
ئەگەر بۇلىدۇ دەپ قارالسا تەشۋىقات بۆلىمى ھەرقايسى تور بىكەتلەردىكى شۇ تۈردىكى يۇمشاق دىتالنى تەييارلىغۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ تەكلىپ بىرىپ باقسا دەپ قارايمەن.
-تەشۋىقات بۆلىمى.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە ماي 05, 2008 5:32 pm

بىز بۇرۇنلا UKIJ ئەزالىرى ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللارغا [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دېگەن مۇندەرىجە ئاستىدىن لازىملىق بوشلۇق بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەزالارنى ئۆز نەتىجىلىرىنى (بارلىق تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئەمەس)[color=Red] UKIJ تور بېكىتىگىمۇ [/color]قويۇشقا چاقىرىق قىلغان. بۇ ئىش ئۈچۈن ھەر بىر دائىمىي ئەزانىڭ قايتىدىن ماقۇللىقىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مەن ئىشلىگەن يۇمشاق دېتاللار ۋە قوراللارنى [url]http://www.ukij.org/oyghan[/url] نىڭ ئاستىغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن. باشقا ئەزالارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Eltekin ئەپەندى، خالىسىڭىز، سىز بۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇپ باشقا ئەزالارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرسىڭىز ...

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » سەيشەنبە ماي 06, 2008 9:20 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
UKIJ نىڭ ھالىتىنى ياخشىلاش، رولىنى كۈچەيتىش مەسىلىسى ھەممىمىز ئويلىنىشقا، ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە.
كۆپچىلىك بۇ مەسلە توغرىسىدا مەزكۇر تېما ئاستىدا ئۆز قاراشلىرنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ، مەنمۇ گەرچە كۆپ پىكىر قاتناشتۇرمىغان بولساممۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شەخسەن مەنمۇ رەئىس تۈزىمىنىڭ يولغا قويۇلۇپ ئىشلارنىڭ رەتكە چۈشۈشىنى، UKIJ خىزمەتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇندىن كېيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسەمنى قوشۇمەن.
ئەزا تەستىقلاش تۈزىمنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ دائىمىي ئەزالارنى قىسقارتىش ئەمەس، بەلكى يېڭى ئاكتىپ ئەزالارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق كۈچنى زورايتىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.
ئويغان ئەپەندى ئېيتقاندەك، [url]http://ukij.org/xxx[/url] شەكلىدىكى ئەزالار تور بەتلىرىنى ئېچىپ، ھەربىر دائىمىي ئەزانىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشىغا بېرىلسە ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىغىلى، شۇ ئاساستا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەن بورۇن مۇشۇنداق بىر تارماق شەخسىي تور بەت ئېچىپ ئۆزۈم قىزىقىدىغان ھەم قىلالايدىغان دائىرىدە ئىش قىلاي دەپ ئويلىغان، لېكىن قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قالدىم.
ئەگەر تېخنىكا جەھەتتە چوڭ قىيىنچىلىق بولمىسا، ھەر بىر دائىمىي ئەزا ئۆز بوشلۇقىنى تولۇق
باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنسا، مۇستەقىل تور بېكەتلىرىدەك خالىغانچە ھۆججەت يوللىيالايدىغان، تەھرىرلىيەلەيدىغان بولسا، UKIJ باش بېتى پەقەت مۇشۇ ئەزالار تور بېتىدىكى ياخشى تېما ۋە مەزمۇنلارنى ئۇلىنىشلار بىلەنلا تەمىنلەيدىغان بولسا ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بولاتتى. بۇ پەقەت مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم، كونكرېت قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەجرىبىلىكلەر كۆرسىتىپ بەرسە بولىدۇ.
ئۇندىن سىرت، بۇ يەردە كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مۇھىمى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. ھەر بىرەيلەندە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىنىق پىلان بولسىلا ئىشلار چۇقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ [url]http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=306&page=1#pid1409[/url]
ئاستىدا ئۆز پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا تەسىيە قىلىمەن.

.mehman
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە فېۋرال 14, 2008 6:01 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان .mehman » چارشەنبە ئۆكتەبىر 22, 2008 11:22 am

مانا بىرمۇنچە ئىنكاسلارنى يازسام مۇنبەرگە مۇنداق كۈرۈندى :
سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ياكى دەلىلەش خېتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇڭا يوللىغىلى بولمايدۇ.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار