قانداق قىلغاندا UKIJ نىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
Abdiweli
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 11, 2007 3:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Abdiweli » سەيشەنبە يانۋار 01, 2008 4:06 pm

رەئىس سايلاش بۇ مۇھىم مەسىلە . يىلاننىڭ بېشى ئۈزۈلسە ، ئۇ گەرچە ھەرقانچە زەھەرلىك بولسىمۇ كىشىگە زەخىم يەتكۈزەلمەيدۇ . ئەگەر بۇ ئىشلارنىڭ بىر بېشى بولمىسا ، كونكىرىت پىلان ، چارە - تەدبىر بولمىسا ، ھەركىم ئۆزدىگىنىگە دەسسەپ ئىشلار راۋان يۈرۈشمەيدۇ . :)



koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » چارشەنبە يانۋار 02, 2008 3:48 am

مەن بۇ توربەتتىكى خەتلەرنى تېخى ئېنىق كۆرۈپ باققىنىم يوق (مەن ئىشلەتكەن ھەممە كومپىيۇتېردا).
بەلكىم تېخنىكىدىكى مەسىلە بولسا كېرەك، لېكىن تېخنىكىسى تۆۋەن تورداشلارنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى شۇنىڭلىق بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىسا بولمايدۇ.

شۇڭا، ئالدى بىلەن، بۇ توربەتنىڭ ھەرقانداق كومپىيۇتېردا ئېنىق كۆرۈنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمەن.
ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، خەتلەر ئېنىق چىقمىغاچقا، بۇ توربەتكە كۆپ كىرمەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بەزى خەۋەرلەرنى بىلىشتىن ۋەياكى پىكىر بېرىشتىن مەھرۇم قالىمەن.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە يانۋار 02, 2008 8:49 am

سالام koktash ياخشىمۇسىز،
مۇنبەر ئۈستى قىسمىدىكى [url=http://www.ukij.org/teshwiq]تەشۋىقاتلار[/url] ئۇلانمىسىنى كۆرۈپ بىقىڭ.
[u]ئۆلچەملىك يۇنىكود خەت نۇسخىسىلىرىنى ئىشلىتىشنى كىڭەيتىش ئۈچۈن[/u] Weftتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، ئوموملاشقان خەت نۇسخىسى UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى بولمىغان كومپىيۇتېردا نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
ھەل قىلىش چارىلىرى يۇقاردىكى بەتتە بار، كۆرۈپ بېقىڭ. ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچ (UKIJ تارقاتقان ھەقسىز خەت نۇسخىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاچىلىۋەتسىڭىزلا ھەممە نورمال بولىدۇ.:handshake

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » پەيشەنبە يانۋار 03, 2008 5:41 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]koktash[/i] ، ۋاقتى: 2008-1-2 09:48 AM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1137&ptid=229][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن بۇ توربەتتىكى خەتلەرنى تېخى ئېنىق كۆرۈپ باققىنىم يوق (مەن ئىشلەتكەن ھەممە كومپىيۇتېردا).
بەلكىم تېخنىكىد ... [/quote]


مەن بۇ دوستىمىزنىڭ پىكىرىگە قوشىلىمەن ~~~ئىلگىرى بىكەتنىڭ باش بىتىدىلا ئەسكەرتىش بىرىلگەن بولۇپ بىلمەيدىغانلارمۇ ~شۇ ئۇلانمىدىن فونت چۈشۈرۈپ مەشغۇلاتنى ئاسانلا بىجىرەتتى ~~~لىكىن ھازېر ھىچقانداق ئەسكەرتىش يوق~~~
شۇڭلاشقا مىنىڭ تەكلىۋىم ~بىكەت باش بىتىدە ئەسكەرتىش بىرىلسە ~~~ياكى بولمايدۇ ~بىزنىڭ نۇرۇغۇن ھەۋەسكارلىرىمىز ئاساسەن دىگۈدەك تورخانىدىن تورغا چىقىدۇ `~ شۇڭلاشقا ~eot ياساپ قويساق ~~بىز ئۇنىكودنى ئوماملاشتۇرىمىز دەپ ~مۇشۇنداق قىلساق ~ھىچ بولمىغاندا تورخانىدىن تورغا چىقىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى فونت چۈشۈرشنى ئاۋارىچىلىق بىلىپ ياكى تىخنىكا يىتىشمەي بىكەتكە كىرمەيدۇ دەپ قارايمەن ~
يەنە بىر كىچچىككىنە پىلانىم ~بىز بىكەتكە 3ئايچە eot ياساپ قويايلى ~ 3 ئايدىن كىيىن بىكەت باش بىتىدە ئەسكەرتىش بىرەيلى ~بۇ خىل ھالەتتە يەنە بىر مەزگل تۇرۇپ ~ئالدىنقى 3ئايدا كىرگەن يىڭى ھەۋەسكارلارمۇ كىىينكى 3ئايلىق مەشۇلاتنى بىجىرەلەيدىغان بولسۇن `~~مۇشۇ تەرەققىدە دەۋرىلەنسۇن ~:time:

UyghurDev
يازمىلار: 6
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 13, 2007 2:20 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان UyghurDev » پەيشەنبە يانۋار 03, 2008 7:33 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ۋارىس ئەپەندىم ۋە باشقا تورداشلارنىڭ «UyghurDev بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى» غا ئىشىنىپ، جەمئىيەت ئىشلېرىغا يىتەكچىلىق قىلىشقا چاقىرغانلىقىغا رەھمەت. UyghurDev بېكىتىنىڭ بىكەت پىروگىراممىسىنى يېزىشتىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بولغان بىكەتنىڭ بارلىق خىزمەتلېرىنى بىر قانچە بىكەت باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلار بىرلىكتە ئىشلەپ كىلىۋاتىمىز (بۇ بىكەت مەلوم بىرىنىڭ شەخسى تور بېكىتى ئەمەس)، بىكەت خىزمەتچىلېرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە باش بولۇشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. بۇنىڭ كونكېرت سەۋەبىنى بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. UyghurDev بېكىتى ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇتقان يولىدا داۋاملىق مېڭىپ، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىسىلا بىزمۇ مەقسىتىمىزگە يەتكەن بولىمىز. ۋارىس ئەپەندىم ۋە باشقا تورداشلارنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن بولساق بىزنى كەچۈرۈشىڭلارنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمىز. لېكىن UyghurDev بېكىتى كومپىيوتېر ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكا تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق بولغان ھەرقانداق چاقىرىققا ھەر ۋاقىت ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ. جەمئىيەتكە باش بولۇش مەسىلىسىدە ئەمدى بىزنى قايتا ئويلاشمىغايسىلەر.
ئەمدى ۋارىس ئەپەندىم ئوتتۇرغا قويغان بىر قانچە مەسىلىگە مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم مۇنداق:
1. رەئىس سايلاش ھەقىقەتەن زۆرۆر. مېنىڭچە يەنىلا دۆلەت سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغىنى مۇۋاپىق. مۇمكىن بولسا دىلشات ھېزىۋۇللا ئەپەندىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىساق. ناۋادا تەجىربىلىك بىرى بولسۇن دىسەك بۇنىڭغا ۋارىس ئەپەندىمدىن باشقا نامزات يوق.
2. جەمئىيەتنى دۆلەت ئىچىدە تىزىملىتىشنىڭ ئىمكانىيتى ئاساسەن يوق دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ ئىشقا ئارتۇقچە باش قاتتۇرماسلىق كېرەك.
3. ئەزا تور بىكەتلەردىكى جەۋھەر تېمىلارنى جەمئىيەتنىڭ تور بىكىتىدە ئېلان قىلىشقا مەن قوشۇلىمەن. بىراق مەزمونى بىكەتنىڭ «كەسپى» لىكىگە ماس كىلەمدۇ يوق بۇنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.
4. ھەمكارلىقتىكى تۈرلېرىمىزنى بىرلا تور بىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەش تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسرەك. «بىزدە ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيەت كام» دەپ بىر قانچە يىل قاخشىدۇق. ئەمدى بۇنداق تۈرلەر «كۆپ» بولۇپ كېتىپ كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەيۋاتىمىز. مېنىڭچە بىرەر مۇنبەردە بىر ئىككى يازما يېزىپ، ئىنكاس قالدۇرۇش دىگەندەك شەكىللەر بىلەن بىر تۈرنىڭ ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيىتىگە شارائىت ھازىرلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تۈر باشقۇرۇش، ۋەزىپە تەقسىملەش، پىلانلاش، تۈر ھۈججەتلېرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئوبىكتىپ شارائىتلار ھازىرلانغان بىكەتتىن بىرەرنى تاللاپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيتى تولۇق تۈردىن بىرنى ئاۋال رەسمى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. بىز تاللىغان بىكەتنىڭ نەمونىلىق ئورنى تىكلەنسە ھازىرقى تارقاق ھالەتتە ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن.
5. بىزدە ھازىر كەم بولىۋاتقان نەرسە كۆلەملەشكەن مۇتەخەسىسلەر قوشۇنىغا ئىگە تېخنىكا ۋە تەجىربە ئالماشتۇرۇش سورۇنى ۋە پائالىيىتى. ئۆز-ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشنىڭ تېخنىكا ئۈگۈنۈشتىكى مۇھىم رولىنى ھەرقاندىقىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. شۇڭا بۇ ئىشقا قەتئى توغرا پوزىتسىيە تۇتۇپ، مەيلى مۇتەخەسىسلېرىمىز بولسۇن ياكى يېڭى ئۈگەنچىلېرىمىز بولسۇن «مېنىڭ قانچلىك نەرسە بىلىدىغىنىمنى باشقىلار بايقاپ قالارمۇ ....» دىگەندەك بىمەنە خىياللاردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆز بىلىمىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز كېرەك. ھازىر ئۆز ئىدىيىمىزنى ئۆزىمىز ئازاد قىلمىساق بولمايدىغان يېرىگە بېرىپ يەتتى. ئەمدى يەنە قاتمال ئىدىيىدە «مەن بىلگىنىمنى نىمە دەپ ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن» دەپ ئويلاپ يۈرسەك «قۇرۇت» ياكى «پاقا» بولۇپ قالىۋېرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ تېخى باشقىلاردىن «مەخپى» ساقلىغۇدەك ھېچقانچە تېخنىكىمىزمۇ يوق (قۇرۇپ كەتسۇن، «ئۇيغۇرنىڭ كومپىيوتېر تېخنىكا تەرەققىياتى جۇڭگودا ئىككىنچى» دىگەندەك خىياللار).
6. ئىديىنى ئازاد قىلىش مەسىلىسدە مۇتەخەسىسلەر يىتەكچى رول ئوينىشى كېرەك. ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن ۋە ھەل قىلغان مەسىلىلېرىمىزدىن قىسقىچە خۇلاسە يېزىپ، توردا باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقانغا بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئازلاپمۇ كەتمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
ئويلىغانلېرىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك، خاتا كەتكەن بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » پەيشەنبە يانۋار 03, 2008 10:25 am

جەمىيەت رەئىسىنى uyghurdev ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغان بولسا، دائىمى ئەزالارنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ئارقىلىق سايلام قىلساقمۇ بولىدۇ،
بولسا دىلشات ھېزىۋۇللا بىلەن ئالاقىلىشىپ باقساق ( ئالىم ئەھەت ئەپەندىم ئادرىسىنى بىلسە كىرەك) .
مۇھەممەت ئەپەندىم، جانباز ئەپەندىم، قاتارلىق ئەپەندىلەر نۆۋەتلىشىپ رەئىس بولسىمۇ بولىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2008-1-3 17:36 [/i]]

Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » پەيشەنبە يانۋار 03, 2008 2:52 pm

1. UKIJ غا رەئىس سايلاش ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى «نىزامنامە» ھەققىدىكى بۇرۇنقى تېمىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئەگەر بىرلا ئادەمنى رەئىس سايلىساق بولمايدۇ دەپ قارالسا 3-5 كىچە ئادەمدىن مۇدىرىيەت تەشكىللەپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلساق، يۇقۇرىدا تورداشلارمۇ ئېيتىپتۇ « باشسىز يىلان ماڭالماس » دەپ، مېنىڭ قارىشىمچىمۇ UKIJ تور بېتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ھازىرقىدەك سۇسلاپ كېتىشىدىمۇ ئاساسلىقى باش بولۇپ يېتەكلەپ ماڭىدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن بولغان. شۇڭا رەئىس سايلاش ياكى مۇدىرىيەت سايلاش زۆرۈر. لېكىن رەئىس سايلاشتا نوپۇزىغا ئەمەس ئەمەلىي پائالىيىتىگە قاراشنى تەشەببۇس قىلىمەن، مەيلى UyghurDev بولسۇن ياكى دىلشات ھېۋزۇللا ئەپەندىم بولسۇن ۋە ياكى باشقا بىرەيلەن بولسۇن، ئەگەر UKIJ ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولسا ئاندىن رەئىس قىلىپ سايلاشنى ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ، ئەگەر بىز رەئىس دەپ سايلاپ قويۇپ، ئۆزى بۇ ئىشنى خالىمىسا ياكى جەمىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتالمايدىغان بولۇپ قالسا ئۇ چاغدا بۇنداق رەئىسنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى.ئەگەر كۆپ قىسىم ئەزالار بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىسا، مەنمۇ قوشۇلىمەن، لېكىن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە قالىمەن.
2. ئەگەر تىزىملىتىش ئىشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق مەۋجۇت بولسا، ئۇنى ۋاقتىنچە قويۇپ قويساق بولىدۇ. كېيىن شارائىت ۋە پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن ئويلاشساقمۇ كېچىكمەيمىز.
3. ئەزا تور بەتلەردىكى UKIJ خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان، سىناقتىن ئۆتكەن نادىر تېمىلارنى UKIJ بېتىدە قويۇش پىكرى ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر، گەرچە bhr قىسىم تورداشلار UKIJ نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تور بېتىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا بىلىك ئىنتىل قاتارلىق ئەزا تور بەتلەردىكى UKIJ خارەكتېرىگە ماس كېلىدىغان تېمىلارنى يۆتكەش كېلىشنى ئويلىشىپ UKIJ بېتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتساق بولىدۇ.
4. « نىزامنامە » دە ئېيتىلغاندەك ھەرقايسى ئەزا تور بېكەتلەر UKIJ نى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، UKIJ نىڭ مەۋجۇتلىقىنى كەڭ تورداشلارغا بىلدۈرۈشنى ئۆزىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى دەپ قارىساق ۋە بۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە ئىسپاتلىساق.
5. Newruz ئەپەندىنىڭ فوند قۇرۇش ھەققىدىكى تەسەۋۇرىنى كۈن تەرتىپكە قويۇپ ھەقىقى بىر مەسلىھەتلىشىپ يولغا قويۇش ياكى قويماسلىقنى بەلگىلىسەك، مۈمكىن بولسا ئېلخەت، تېلېفون قاتارلىقلار ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈپ پىكىر قاتناشتۇرۇشنى ئېيتساق.
6. دائىمى ئەزالارنىڭ ئارخىپى ئىشلەپ ئېلان قىلىش ئىشى ھازىرغىچە ئىشلەنمىدى، شەخسەن ئۆزۈم ئارخىپ ماتېرىيالنى pinhan ئەپەندىگە ئىككى قېتىم ئەۋەتىپ بېرىپ بولدۇم.
7. 2008 - يىلىمۇ كىرىپ بولدى، 2007- يىلى UKIJ نامىدىن ھىچ بىر ئىش قىلىنمىدى، شۇڭا مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە جىددى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئاندىن مۇدىرىيەت 2008 - يىللىق پىلاننى تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە قەدەم باسقۇچلۇق ئىش ئېلىپ بېرىلسا.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Yawuz ، ۋاقتى: 2008-1-3 20:54 [/i]]

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » پەيشەنبە يانۋار 03, 2008 6:59 pm

فوند قۇرۇش ئىشىنىڭ باش ئايىقى بۇ يەردىن كۆرىۋالسىڭىزلار بولىدۇ. بۇ ئىختىيارى ئىش، مەجبۇرىيەت ئەمەس....بەلكى، تەكلىپ لاھىيەسى ئىدى.
يەنىلا قىزغىن ئاۋاز قاتناشتۇرغانلارغا تەشەككۈر!!

[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=187[/url]

[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=237[/url]

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » پەيشەنبە يانۋار 03, 2008 7:19 pm

جوڭگو شىنجاڭدا ئۇيغۇر رايونلۇق 863 تەتقىقات ئورنى بار. ئۇلار كۆپ تىل تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغۇ دەيمەن. جەمىيىتىمىزنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇرچۈن بولسا، دۆۋلەت 863 تەتقىقات ئورنىنىڭ تارمىقى بولۇشىمىزنى خالىشى مۇمكىن. لېكىن بىز شەرىتلەرنى ھازىرلاپ بولالمىدۇق. جەمىيىتىمىزنىڭ ئورنى، مۇقىم خادىمى، مۇقىم مەبلىغى يوق.
خەنزۇلاردىكىدەك «بېكەت باشلىقلىرى سورىنىدەك» مۇنبەر بولۇپ قالدى. مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقاندا فونت بىرلىكلىكى مەسىلىسىدە ئۇيۇشالىدۇق. تەرجىمە بىرلىشىپ تۈر ئېچىشتا تارقىلىپ ئۆز بېكەتلىرىمىزدە ئىش ئېلىپ باردۇق. نىمەچۈن؟ بىز بىرلىشەلمەيدىغان مىللەتمۇ؟ ياق تۈپتىن ئۇنداق ئەمەس! بىز بۇ يەرگە فونتنى دەپ بىرلەشكەنغۇ؟ ئەمدىكى گەپ ئىقتىسادىي گەۋدە بولالمىغانلىقىمىزدا. 863 تەتقىقات ئورنى مۇئاش بەرگەچكە بىر توپ ئادەم ئىشلەيدۇ....بولمىسا ھەممىسى جان قايغۇسدا بولاتتى. ھازىرقى ئەزالىرىمىزمۇ ئۆز بېكەت غېمى ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بولماقتا. جەمىيىتىمىز مەۋھۇم جەمئىيەت. بولغاندىمۇ خەقئارالىق جەمئىيەت. بۇ ئالدىنقى مەسىلە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى بىرلەشمىگىنى بولسۇن. قايسى بىر دوۋلەتكە تىزىملانمىغىنىدەك. بۇ مەۋھۇم جەمئىيەت ھىچقايسى دۆۋلەتكە تەۋە ئەمەس. لېكىن، بوشلۇقىمىز قەيەردە بولسا شۇ دۆۋلەتنىڭ ياكى شۇ شىركەتنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەمئىيەت دۇنيادىكى كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى سانالغان ئۇيغۇرلارنىڭ رىشتىنى بىر - بىرىگە باغلايدۇ. ھۆشۇر مۇئەللىمنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ ئورۇنلۇق.

بىز جەمىيىتىمىزگە سەخسىي نامىمىز بىلەن تىزىملىتىپ ئەزا بولساق بولىدۇ. شىركەت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تۈر مەسئۇللىرى تۈرلەر ئۇستىدە ئەقىلداششاق بولىدۇ. ئىقتىسادىي ئاڭنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئىئانە ۋە ھەقسىز تۆھپىگە تايىنىۋالساقلا بولماس. مەن شەخسەن شەخسىي ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئىشىغا ئانچە قوشۇلمايمەن. خالىغانلا ئاشكارلىسا بولىدۇ. بۇ يەرگە ئۇنۋان، ئەمەل كېرەك ئەمەس. باراۋەرلىك ۋە ئەمىلىي بىلىم شۇنداقلا جاپاغا خۇشتار روھ لازم. «ئوڭ قولۇق قىلغان ياخشى ئىشنى، سول قولۇڭ بىلمىسۇن دىگەن» تەمسىلىمىز بارغۇ؟!

ئادەم كۆرسەتكەندە ئاۋال ئۆزىدىن سوراپ بېقىپ ئاندىن كۆرسەتسەك. مەنچە ۋارىسجان باش تىكلەنگىچە باش بولۇپ تۇرسا....باش تاپالمىساق «زاپاس قوشۇن بولغاندىكىن» رەيىس بولۇپ بەرسىڭىز؟ :handshake :victory: :D

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-1-4 01:29 [/i]]

Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » جۈمە يانۋار 04, 2008 3:34 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]UyghurDev[/i] ، ۋاقتى: 2008-1-3 13:33 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1141&ptid=229][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
4. ھەمكارلىقتىكى تۈرلېرىمىزنى بىرلا تور بىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەش تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسرەك. «بىزدە ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيەت كام» دەپ بىر قانچە يىل قاخشىدۇق. ئەمدى بۇنداق تۈرلەر «كۆپ» بولۇپ كېتىپ كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەيۋاتىمىز. مېنىڭچە بىرەر مۇنبەردە بىر ئىككى يازما يېزىپ، ئىنكاس قالدۇرۇش دىگەندەك شەكىللەر بىلەن بىر تۈرنىڭ ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيىتىگە شارائىت ھازىرلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تۈر باشقۇرۇش، ۋەزىپە تەقسىملەش، پىلانلاش، تۈر ھۈججەتلېرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئوبىكتىپ شارائىتلار ھازىرلانغان بىكەتتىن بىرەرنى تاللاپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيتى تولۇق تۈردىن بىرنى ئاۋال رەسمى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. بىز تاللىغان بىكەتنىڭ نەمونىلىق ئورنى تىكلەنسە ھازىرقى تارقاق ھالەتتە ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن.
5. بىزدە ھازىر كەم بولىۋاتقان نەرسە كۆلەملەشكەن مۇتەخەسىسلەر قوشۇنىغا ئىگە تېخنىكا ۋە تەجىربە ئالماشتۇرۇش سورۇنى ۋە پائالىيىتى. ئۆز-ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشنىڭ تېخنىكا ئۈگۈنۈشتىكى مۇھىم رولىنى ھەرقاندىقىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. شۇڭا بۇ ئىشقا قەتئى توغرا پوزىتسىيە تۇتۇپ، مەيلى مۇتەخەسىسلېرىمىز بولسۇن ياكى يېڭى ئۈگەنچىلېرىمىز بولسۇن «مېنىڭ قانچلىك نەرسە بىلىدىغىنىمنى باشقىلار بايقاپ قالارمۇ ....» دىگەندەك بىمەنە خىياللاردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆز بىلىمىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز كېرەك. ھازىر ئۆز ئىدىيىمىزنى ئۆزىمىز ئازاد قىلمىساق بولمايدىغان يېرىگە بېرىپ يەتتى. ئەمدى يەنە قاتمال ئىدىيىدە «مەن بىلگىنىمنى نىمە دەپ ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن» دەپ ئويلاپ يۈرسەك «قۇرۇت» ياكى «پاقا» بولۇپ قالىۋېرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ تېخى باشقىلاردىن «مەخپى» ساقلىغۇدەك ھېچقانچە تېخنىكىمىزمۇ يوق (قۇرۇپ كەتسۇن، «ئۇيغۇرنىڭ كومپىيوتېر تېخنىكا تەرەققىياتى جۇڭگودا ئىككىنچى» دىگەندەك خىياللار).
6. ئىديىنى ئازاد قىلىش مەسىلىسدە مۇتەخەسىسلەر يىتەكچى رول ئوينىشى كېرەك. ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن ۋە ھەل قىلغان مەسىلىلېرىمىزدىن قىسقىچە خۇلاسە يېزىپ، توردا باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقانغا بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئازلاپمۇ كەتمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. [/quote]
UyghurDev ئەپەندى ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپ بېرىپتۇ. مېنىڭچە ۋارىس ئەپەندى رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالغان بولسا.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار