قانداق قىلغاندا UKIJ نىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

بۇ سەھىپىگە UKIJ ئەزالىرى ۋە UKIJ غا ئەزا تور بەتلەر تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە تەتقىقات ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار قويۇلىدۇ.
Muhammad
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:32 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Muhammad » جۈمە يانۋار 04, 2008 2:01 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك،

ئالدى بىلەن UKIJ نىڭ ئىشلىرىغا بىر مەزگىل ۋاقىت ئاجرىتالماي قالغانلىقىمدىن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن. ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم.

يۇقىرىقىدا كۆپچىلىك پىكىر بەرگەن تېمىلارغا بولغان قاراشلىرىم تۆۋەندىكىدەك.

1. مىنىڭچە رەئىس بېكىتىش زۆرۈر. بىر گۇرۈپ كىشىلەر مۇدىرىيەت شەكلىدە باشقۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەقدىردىمۇ، باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەشتە ئۈنۈملۈك بولىشى قىيىن. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇزۇن مەزگىل بۇ شەكىلدە ياخشى ئىش بىجىرگىلى بولمايدۇ.

2. رەئىس نامزاتىغا مەن ۋارىس ئەپەندىنى كۆرسىتىمەن. گەرچە باشقا ياخشى نامزاتلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، UKIJ نىڭ ھازىرقى بىر قەدەر چۇۋالچاق ھالىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنىلا كۆپچىلىككە تونۇش بولغان ۋە بۇ ئىشنى ئىلگىرى قىلىپ باققان كىشى قىلسا ياخشىراق دەپ ئويلۇدۇم.

3. دائىمىي ئەزالارنى تەشكىللەشتە مەن ئالدىنقى يىلى ساننى كۆپەيتمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئىدىم. ھازىرمۇ شۇ پىكىرىمدا تۇرىمەن. مىنىڭچە دائىمى ئەزالارنىڭ سانى (رەئىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 7 ئەتراپىدا بولسا نورمال دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت مەسئۇلىيەت ئايرىش ۋە تەشكىللەشتە ئۈنۈملۈك بولۇش.

سالام بىلەن،

مۇھەممەد ئابدۇللا



Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » شەنبە يانۋار 05, 2008 9:49 am

سالام قېرىنداشلار
نەۋرۇز ئەپەندى ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ ~نەۋرۇز ئەپەندىنىڭ مونۇ گەپلىرى ھەقىقەتەن توغرا دىيىلدى
«خەنزۇلاردىكىدەك «بېكەت باشلىقلىرى سورىنىدەك» مۇنبەر بولۇپ قالدى. مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقاندا فونت بىرلىكلىكى مەسىلىسىدە ئۇيۇشالىدۇق. تەرجىمە بىرلىشىپ تۈر ئېچىشتا تارقىلىپ ئۆز بېكەتلىرىمىزدە ئىش ئېلىپ باردۇق. نىمەچۈن؟ بىز بىرلىشەلمەيدىغان مىللەتمۇ؟ ياق تۈپتىن ئۇنداق ئەمەس! بىز بۇ يەرگە فونتنى دەپ بىرلەشكەنغۇ؟ ئەمدىكى گەپ ئىقتىسادىي گەۋدە بولالمىغانلىقىمىزدا. 863 تەتقىقات ئورنى مۇئاش بەرگەچكە بىر توپ ئادەم ئىشلەيدۇ....بولمىسا ھەممىسى جان قايغۇسدا بولاتتى. ھازىرقى ئەزالىرىمىزمۇ ئۆز بېكەت غېمى ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بولماقتا. جەمىيىتىمىز مەۋھۇم جەمئىيەت. بولغاندىمۇ خەقئارالىق جەمئىيەت. بۇ ئالدىنقى مەسىلە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى بىرلەشمىگىنى بولسۇن. قايسى بىر دوۋلەتكە تىزىملانمىغىنىدەك. بۇ مەۋھۇم جەمئىيەت ھىچقايسى دۆۋلەتكە تەۋە ئەمەس. لېكىن، بوشلۇقىمىز قەيەردە بولسا شۇ دۆۋلەتنىڭ ياكى شۇ شىركەتنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەمئىيەت دۇنيادىكى كومپىيۇتېر ھەۋەسكارى سانالغان ئۇيغۇرلارنىڭ رىشتىنى بىر - بىرىگە باغلايدۇ. ھۆشۇر مۇئەللىمنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ ئورۇنلۇق.»

============
مەن كىچىككىنە بىر تەكلىپ بەرمەكچى ~~مەنچە رەئىسنى ۋەتەن ئىچىدىكى دائىمي ئەزالاردىن سايلىساق دىگەن ئۈمىدتىمەن ~~ ~ يىقىندا بىرسى ماڭا ئۇ ك ئى ج نىڭ ھەقىقى بىر دۆلەت تىزىمىدىكى جەمىئىيەتنىڭ ئەمەسلىكىنى ھەمدە بۇ سورۇندا نۇرغۇن ۋەتەن سىرتىدىكى دوسلارنىڭ تولىمۇ «ئەركىن» پىكىر قىلىدىغانلىقىنى شۇڭلاشقا ئازراق گاڭگىراش بىلەن بۇ بىكەتكە كىرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىيتتى ~~~~مەن چۈشەندۈردۇم ~ئۇ ك ئى ج دا ھىچقانداق «ئەركىن پىكىر» لەر قىلىنمىدى ھەممىسى ئاساسەن دىگۈدەك كەسپى نەرسىلەر ~ ئۇ يەنىلا قورقىدىكەن `

ئويلاپ قالدىم~دىمىسىمۇ شۇ گەرچە ئاسەن دىگۈدەك كەسپى نەرسىلەر سۆزلەنگەن بولسىمۇ لىكىن ۋەتەن ئىچىدە بىر ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسەت سەل ئۆزگىچىراق «نازۇك» دىسەكمۇ بولىدۇ ~!~~بۇنى تەپسىلى سۆزلىمىسەممۇ كۆپچىلىككە (بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى) بەش قولدەك ئايان !
مىنىڭ رەئىسنى ۋەتەن ئىچىدىن بولسۇن دىيىشىمدىكى سەۋەبنىڭ بىرسى يۇقارقىدەك يەنە بىر كىچىك سەۋەب ئەگەر رەئىس ۋەتەن ئىچىدىن (شىنجاڭ ئىچىدىن) بولسا قەرەللىك ھالدا يۈز تۇرانە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ مەسىللەر يۈز تۇرانە مۇزاكىرە قىلىنسا~خىزمەت ئۈنۈمدرلىقىدا ياخشىلىنىش بولامدىكى دىمەكچى!
يەنە كىلىپ ئۆتكەنكى قىتىملىق «2007-يىللىق ھەمكارلىق يىغىنى» دەك يىغىلىشلارنى UKIJ نامىدىن ياكى ھىچ بولمىغاندا ھەمكارلىشىپ بولسىمۇ ئۆتكۈزۈپ رادىئو-تىلىۋىزىيەدە رايۇنىمىزدا ئىسمى «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ » بولغان خەلقىمىز كومپىيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان جەمىيەتنى خاس توردىكى كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغىلا ئەمەس يەنە ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىغىمۇ تونۇتۇش كىرەك دەپ قارايمەن ~ بۇ ئىسنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا چەتئەلدىن رەئىس سايلانسا يەنىلا تەسكە توختايدىغاندەك قىلىدۇ ~
بۇ يىل ھەمكارلىق يىغىنىنىڭ2008-يىللىق پائالىيتىنىڭ بولدىغان بولمايدىغانلىقىنى مەن بىر نىمە دىيەلمەيمەن . لىكىن شۇنداق يىغىن يەنە بىر نۆۋەت ئىچىلىپ قالساﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰبۇ ئىشنىڭ بىرەر بىشىغا بولسىمۇ دەسسىمىسە، 2008-يىللق ئۇ ك ئى ج خىزمىتىنىڭ يەنە قانداق بولدىغانلىقىغا نۇرۇغۇن كىشىلەر گۇمانلىق نەزىرىدە قارىشى مومكىن !!!
شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ تىمىدىن پايدىلىنىپ بۇ قىتىم سايلىنىدىغان رەئىس ياكى رەھبەرلىك گۇرپىسىنىڭ 2008-يىللىق پىلانىنىڭ باش بۇنىغا «2008-يىللىق ھەمكارلىق» يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا مۇشۇنىڭغا قانداق تەسىر كۆرسىتىش توغرىسىدا يىزىپ قويسىكەن ~ دىمەكچىمەنكى ~~~ جەمئىيتىمىزنى باشقىلار تونۇسۇن !
=================
يەنە بىر تەلىپىم : جەمىئيتىمىز تەسىر كۆرسىتىش ئورنى ئاساسەن دىگۈدەك جۇڭگودىكى شىنجاڭ رايۇنى بولغاچقا جەمئىيتىمىز نىزامنامىسىنىڭ خەنزۇچە نۇسخسىمۇ چىقىرىپ قويۇلسا پىيىمىزدە يۈرگەن تور موللىلىرىمۇ جەمىيتىمىزنىڭ قانداق جەمىيەتلىكىنى بىلىپ قالسۇن~



مەزكۈر تىمىغا گەرچە ئۇستازلاردەك بىلىم قۇرۇلمام بولمىسىمۇ پىكىر يىزىپ باقتىم ~خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن .

سالام بىلەن :
ئۆمەرجان تۇرسۇن قاسىم .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Omar14 ، ۋاقتى: 2008-1-5 16:59 [/i]]

TwoSak
يازمىلار: 26
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 10:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان TwoSak » شەنبە يانۋار 05, 2008 11:10 am

1 . ئىلگىركى يازمىللىرىمدا ئىيىتقىنىمدەك رەئىس سايلاش ئىشىنى مۇھىم دەپ قارايمەن . باش رەئىسلىككە ۋارىس جانباز ئەپەندىنى ، مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىنى نامزاتلىققا كورسىتىمەن . ۋارىس جانباز ئەپەندى ئەزالار تەرىپىدىن ئورتاق ئىتىراپقا ئىرىشكەن باشلامچىمىز ، تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىگە كەلسەك قانۇن كەسپىنى ئوقۇغان بىر كىشىنىڭكى كومپيۇتېر ساھەسىدە تىرىشىپ - تىرمىشىپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كىلىشى ئادەمنى خىلىلا قايىل قىلىدۇ . مەيلى قايسى تەرەپتىن تەھلىل قىلىلى ، ئەگەر تۇرسۇنجان ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىكنى ئوتىسە ukij نىڭ بازارلىشىشى ۋە ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى پايدىلىق شەرت - شارائىتلار بىلەن تەمىن ئىتىلىدۇ دەپ ئويلايمەن .
2 . ukij نى تىزىملىتىش ئىشىنى دەرھاللا كۈن - تەرتىپكە قويغىدەك شەرت - شارائىتلار ھازىرلانمىغان بولساقمۇ ، ئەمما ukij نى تىزىملىتىش ئىشىنى بىر چەتكە چورۇپ قويۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن . ئىقتىساتنىڭكى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئارىمىزدىن دولەتمەن ، مىللەت سۇيەر ، ساخاۋەتچى كىشىلەر بارغانسىرى كوپىيىپ چىقىشى مۇمكىن . ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسى بىزنى قوللاپ قويماسمۇ ؟ توغرا ukij ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قالساقمۇ ، ھىچكىم بىزنى ئۇنداق قىلمىدىڭ ، مۇنداق قىلمىدىڭ دەپ ئارتۇق تەلەپ قۇيىۋالمايدۇ . ئەمما ھەر قانداق ئىشتا يىراقنى كوزلىگەنگە يەتمەيدۇ . ukij تىزىمغا ئالدۇرۇلسا خۇددىي سەمەت ئەپەندى ئىيىتقاندەك ئىقتىساد ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشكىلى ، تىخىمۇ كوپ مۇتەخەسىسلەرنى ukij ئوپچورىسىگە ئۇيۇشتۇرغىلى ، كارخانىلارنىڭكى تەتقىقات مەبلىغىنى كىرگۇزگىلى ، ukij نامىدا ژورنال چىقىرىپ ئىلىمى ماقالىلەرنى بىۋاستە ئىلان قىلغىلى ، ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرغىلى ، ئوز رايۇنىمىزدىكى IT كەسپىنىڭكى مەلۇم فۇنكىسيىلىك رولىنى ئوتىگىلى ، ئەڭ مۇھىمى ياشلارغا تىخىمۇ ياخشى ئۇلگە بولغىلى بولىدۇ . ئەگەر شۇنداق بىر ياردەم قىلغۇچى چىقىپ قالغۇدەك بولسا ئاۋال بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىزغا ، ئاندىن كەلگۇسىدىكى تەرەققىيات پىلانىمىزغا ، ئاندىن قالسا ئوزىگە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىغا قارىشى مۇمكىن . ئەگەر بۇ ئىشتا ئوزىمىزنىڭمۇ قىزغىنلىقى بولمىسا ئۇ چاغدا باشقىلار كوزىنىڭ قىرىنىمۇ سىلىپ قويمايدۇ .
3 . باشقا ئەزا تور پونكىتلىرىنىڭكى نادىر ماقالىلىرىنى ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئەھۋال ئاستىدا ukij غا چاپلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار . ئەگەردە مۇشۇنداق بولغاندا ukij نىڭ زىيارەت سانى ئىشىشى مۇمكىن ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ukij نىڭ شوھرىتى ھەرگىزمۇ ئاشمايدۇ . مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنىڭكى خاراكتىرىنى سەل ئوزگەرتىپ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ھەر قايسى تور پونكىتلىرىدا ئېلان قىلىغان نادىر تىمىلارنى يىغىپ بىرلەشمە ئېلىكترونلۇق ژورنال چىقارساق دىگەن ئۇمىتتىمەن .
4 . ھەر قايسى ئەزا تور پونكىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ukij تەشكىللەش ، ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوتەش كىرەك دەپ ئويلايمەن .
5 . ھازىرغا كەلگۇچە دائىمىي ئەزالار ئوزىنىڭكى نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىرەر قۇر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئوتكەن بولسىمۇ ، ئەمما قانداق يۇمشاق دىتال قۇراللىرىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقى ، قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت كەسپىي خاسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى . يۇمشاق دېتال لاھىيلەش ئىشىدا كود يىزىش تىلى ناھايىتى مۇھىم . ھازىرغا كەلگۇچە بارلىققا كەلگەن كومپىيۇتېر تىللىرى ناھايىتى كوپ بولسىمۇ ، ھەر قايسىنىڭكى ئوزىگە خاس ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىمۇ ، ئاجىز تەرەپلىرىمۇ مەۋجۇت . مەلۇم بىر خىل تىلنى ئىگەللىگەن ئادەمنىڭكى يەنە بىر خىل تىلنى ئۇگەنمىكى پەقەتلا ئۇگىنىپ باقمىغان ئادەمگە قارىغاندا ئاسانغا چۇشسىمۇ لىكىن ئۇگىنىش جەريانى ئادەمنى خىلىلا ھالسىرتىپ قويىدۇ . تۈر ئىشلەشگە قۇلايلىق بولسۇن ئۇچۇن بارلىق ئەزالار ئوزىنىڭكى كەسپىي خاسلىقىنى ئاشكارا قىلسا .
مەلۇم بىر تۈرنى ئىشلەشتە ئاۋال قايسى خىل قۇرالدا ئىشلەش ئىشى بىكىتىلگەندىن كىيىن ، ھەر قايسى ئەزا تور پونكىتلىرىدا خادىم تەكلىپ قىلساق . ئىككىنچى قەدەمدە ھەقسىز تارقىتىش ياكى بازار ئىچىش ئاساسىدا ھەقلىق تارقىتىشنى بىكىتسەك ( ھەقلىق دەپ بىكىتىلگەن يۇمشاق دېتاللارغا خىرىدار چاقىرساق بولىدۇ ، بۇنىڭغا ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى ئەڭ ياخشى نامزات بولالايدۇ ) . ئۈچىنچى قەدەمدە شۇ خىل قۇرالدا ئورتاق ئىش قىلالايدىغان ۋە ۋاقىت چىقىرالايدىغان ئادەملەرنى سىتاتىستىكىلاپ چىقساق . مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا مەخپىيەتلىكى ، ئىش تەقسىماتى ، باشقا جەھەتلەردىكى ئىشلار توغۇرلۇق بەلگىلىمە بەلگىلىسەك . بۇ ئاساستا ئورتاق گورۇپپا تەشكىللەپ ukij تور پونكىتىدا ئىلىپ بارساق ، نەتىجىسى چىققاندا ھەقسىز بىكىتىلگەن بولسا تۈرگە قاتناشقا تور پونكىتلىرى ۋە كىشىلەرنىڭكى تىزىملىكى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا تۈرگە قاتناشقان تور پونكىتلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلساق ، ھەقلىق دەپ بىكىتىلگەن تۈرلەرگە ھەمكارلىشىپ بازار ئاچساق .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: TwoSak ، ۋاقتى: 2008-1-5 17:21 [/i]]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە يانۋار 06, 2008 11:35 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
بۇ تىمىغا كيىنرەك ئىشتىراك قىلىپ قالغىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن...
كەچۈرۈڭلار..
TwoSak ئەپەندىمنىڭ :
[quote]باش رەئىسلىككە ۋارىس جانباز ئەپەندىنى ، مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىنى نامزاتلىققا كورسىتىمەن [/quote]
دىگىنىنى قوللايمەن.
UyghurDiv تور بىكىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.
يېڭى يىلمۇ كىرىپ قالدى، قىلىدىغان ئىشلارنى ۋاختىدا ئەمىللەشتۈرسەك.
ئۇندىن باشقا يۇقارقى باشقا تور بىكەتلەردىكى نادىر تېخنىكىلىق ماقالىلەر بىلەن UKIJ نامىدا ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەش پىكرىنى تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق دەپ قارىدىم.

مىنىڭچە، ھەر بىرەيلەن ئۈزى بىلىدىغان يۇمشاق دىتال ياكى سىستىمىدىن ھەر ھەپتىدە پەقەت بولمىغاندا 2 ھەپتىدە بى رپارچە بولسىمۇ ماقالە يىزىپ قويسا.... بىرەر ئابزاس ياكى بى رنەچچە بەت يۇمشاق دىتال ياكى سىسىتىما ھەققىدىكى ماقالە بولسا. ياكى باشقا تىللاردىكى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئەكەلسىمۇ بۇلاتتى... پەقەت 20 مىنۇتچە ۋاقىت كىتەر....
كىچىككىنە ۋاختىمىزنى ئاجراتساق ھازىرقى مەسىلە چۇقۇم ھەل بۇلۇپ كىتىدۇ...

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە يانۋار 06, 2008 9:50 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تورداشلارنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىرىي جاۋابلىرىغا كۆپ رەھمەت. ئوتتۇرىغا قويۇلغان چارە ۋە پىكىرلەرگە كۆز قارىشىم مۇنداق:

1. ئەزالار ئارخىپى: ئارخىپ تۇرغۇزۇشتىكى مەقسەت UKIJ نىڭ تەشكىللىك ئاساستا قۇرۇلغان جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش، شۇنداقلا دائىمىي ئەزالارنىڭ «مەۋھۇم ئادەملەر» ئەمەس بەلكى رىيال تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش. شۇنداق قىلىشتا ھەرگىزمۇ «نام-ئابروي قوغلىشىش» ياكى «باشقىلارنى كۆككە كۆتۈرۈش» ... كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس. شۇڭا مەن بارلىق ئەزالارنىڭ ئارخىپىنى تولۇقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەمدە ئارخىپ تۇرغۇزۇشقا مەسئۇل بولغانلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى سورايمەن.

2. رەئىس سايلاش: بۇ ئىش توغرىسىدا بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم مەسلىھەتلەشكەن ئىدۇق. Omar14 ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغاندەك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ رەئىسنى ۋەتەن ئىچىدىن سايلاشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ۋەتەن ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرالايدىغان رەئىس كاندىداتى چىقمىغان ئىدى. شەخسەن مەن يەنىلا Omar14 ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، رەئىسنى ۋەتەن ئىچىدىن سايلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا UKIJ نى چۈشەنمەيلا ئۆچمەنلىك قىلىپ «گۆرگە ئىتتىرىش» نى ئويلايدىغان بەزى كىشىلەردىن ساقلانغىلى بولىشى مۇمكىن. ئەمما رەئىس سايلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ «سۈيى يوق ئۆستەڭگە مىراب» بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ «ئەسكەر» لىرى ئېنىق بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن. مەسىلەن: رەئىس پەقەت ماكرو جەھەتتىن يېتەكلەشكە ھەم ئەزالارغا ۋەزىپە تاپشۇرۇش ... قا مەسئۇل بولىشى؛ ئەڭ مۇھىمى ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى ھەقىقىي خالايدىغان (يەنى بۇيرۇقنى بىجا كەلتۈرۈدىغان) ئادەم بولىشى كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرغىچە ھەر خىل سەۋەبلەردىن شۇنداقلار كەمچىل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە شۇلار ئېنىق بولسا، رەئىس بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغانلارمۇ چىقىشى مۇمكىن...

ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نېمىنى قىلالايدىغانلىقىمىز ۋە رەئىس تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشقا تەييار ياكى ئەمەسلىكىمىز توغرىسىدا سەمىمىي ئىپادە بىلدۈرسەك. مېنىڭ قانچە ئادەم چىقىدىغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم بار.

3. تىزىملىتىش: تىزىملاش شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنداش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. مەن تىزىملىتىشقا قارشى تۇرمايمەن، ئەمما شەخسەن مەن ياردەم قىلالمايمەن. بۇ توغرىلىق نۇرغۇن مەسلىھەت بەرگۈچىلەر بولسىمۇ ئەمەلىي ھەركەتكە كەلگەنلەر چىقمىدى. قايسىڭلار شۇنداق قىلىشنى ئۈستىڭلارغا ئالىسلەر؟

4. تۈر ئىشلەش: بۇ توغرىلىق UyghurDev ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى پىكىرلىرىنى تولىمۇ قۇۋۋەتلەيمەن:

[quote] ھەمكارلىقتىكى تۈرلېرىمىزنى بىرلا تور بىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەش تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسرەك. «بىزدە ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيەت كام» دەپ بىر قانچە يىل قاخشىدۇق. ئەمدى بۇنداق تۈرلەر «كۆپ» بولۇپ كېتىپ كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەيۋاتىمىز. مېنىڭچە بىرەر مۇنبەردە بىر ئىككى يازما يېزىپ، ئىنكاس قالدۇرۇش دىگەندەك شەكىللەر بىلەن بىر تۈرنىڭ ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيىتىگە شارائىت ھازىرلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تۈر باشقۇرۇش، ۋەزىپە تەقسىملەش، پىلانلاش، تۈر ھۈججەتلېرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئوبىكتىپ شارائىتلار ھازىرلانغان بىكەتتىن بىرەرنى تاللاپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيتى تولۇق تۈردىن بىرنى ئاۋال رەسمى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. بىز تاللىغان بىكەتنىڭ نەمونىلىق ئورنى تىكلەنسە ھازىرقى تارقاق ھالەتتە ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن.
ھەمكارلىقتىكى تۈرلېرىمىزنى بىرلا تور بىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەش تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسرەك. «بىزدە ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيەت كام» دەپ بىر قانچە يىل قاخشىدۇق. ئەمدى بۇنداق تۈرلەر «كۆپ» بولۇپ كېتىپ كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەيۋاتىمىز. مېنىڭچە بىرەر مۇنبەردە بىر ئىككى يازما يېزىپ، ئىنكاس قالدۇرۇش دىگەندەك شەكىللەر بىلەن بىر تۈرنىڭ ھەمكارلىقتىكى ئىجادىيىتىگە شارائىت ھازىرلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تۈر باشقۇرۇش، ۋەزىپە تەقسىملەش، پىلانلاش، تۈر ھۈججەتلېرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئوبىكتىپ شارائىتلار ھازىرلانغان بىكەتتىن بىرەرنى تاللاپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيتى تولۇق تۈردىن بىرنى ئاۋال رەسمى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. بىز تاللىغان بىكەتنىڭ نەمونىلىق ئورنى تىكلەنسە ھازىرقى تارقاق ھالەتتە ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن.
5. بىزدە ھازىر كەم بولىۋاتقان نەرسە كۆلەملەشكەن مۇتەخەسىسلەر قوشۇنىغا ئىگە تېخنىكا ۋە تەجىربە ئالماشتۇرۇش سورۇنى ۋە پائالىيىتى. ئۆز-ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇشنىڭ تېخنىكا ئۈگۈنۈشتىكى مۇھىم رولىنى ھەرقاندىقىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. شۇڭا بۇ ئىشقا قەتئى توغرا پوزىتسىيە تۇتۇپ، مەيلى مۇتەخەسىسلېرىمىز بولسۇن ياكى يېڭى ئۈگەنچىلېرىمىز بولسۇن «مېنىڭ قانچلىك نەرسە بىلىدىغىنىمنى باشقىلار بايقاپ قالارمۇ ....» دىگەندەك بىمەنە خىياللاردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆز بىلىمىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز كېرەك. ھازىر ئۆز ئىدىيىمىزنى ئۆزىمىز ئازاد قىلمىساق بولمايدىغان يېرىگە بېرىپ يەتتى. ئەمدى يەنە قاتمال ئىدىيىدە «مەن بىلگىنىمنى نىمە دەپ ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن» دەپ ئويلاپ يۈرسەك «قۇرۇت» ياكى «پاقا» بولۇپ قالىۋېرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ تېخى باشقىلاردىن «مەخپى» ساقلىغۇدەك ھېچقانچە تېخنىكىمىزمۇ يوق (قۇرۇپ كەتسۇن، «ئۇيغۇرنىڭ كومپىيوتېر تېخنىكا تەرەققىياتى جۇڭگودا ئىككىنچى» دىگەندەك خىياللار).
[/quote]

ھەممىمىزگە مەلۇم، مۇنبەرنى ئاساسىي باشقۇرۇش قورالى قىلغان ئاساستا تۈر ئىشلەش توغرا تاللاش ئەمەس. sourceforge، codeplex لەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ مەخسۇس تۈر باشقۇرۇش قوراللىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە SVN, CVS ... دېگەندەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى، Microsoft, IBM, Interl ... قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرمۇ sourceforge، codeplex لەردە كودى ئوچۇق تۈرلەرنى تورداشلار بىلەن بىللە ئىشلىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەن بىلىدىغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈر باشقۇرۇش قوراللىرىدىن بىر قەدەر ئۈنۈملىك پايدىلانغان بېكەت [url]http://www.uyghurdev.net.[/url] بۇ جەھەتتە يەنە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

مېنىڭچە، ھەمكارلىقتىكى تۈرلىرىمىزنى بىرلا تور بىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەش ئەمەلىيەتكە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان قىيىن ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىم ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭ تور بېكەتكە يىغىلايلى» دېگەندەك «قايناق تور بېكەت» قۇرۇشنى قوغلىشىدىغان شوئارلاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك. بولمىسا ھازىرقىدەك چۇۋالچاق ھالەتتە كېتىۋېرىمىز (ئەلبەتتە، ھازىرغىچە نۇرغۇن تۈرلەرنى ئىشلەپ نەتىجە قولغا كەلتۈرگەن تور بېكەتلەرنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن).

شەخسەن مەن، ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىساد يېتەرسىز بولغان بۈگۈنكى كۈندە، تۈر ئىشلەشنى بىرلا تور بېكەتكە مەركەزلەشتۈرۈش تەكلىپىمدە چىڭ تۇرىمەن. ئۇ بېكەت UKIJ بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا قايسى بېكەتتە يىغىلىمىز؟ بۇنى ھازىرغىچە ئاممىۋىي تۈر تەسىس قىلغان كەسپچانلىقى كۈچلۈك تور بېكەتلەرنى (مەسىلەن: بىلىك، يۇلغۇن، ئىنتىل، UyghurDev, Anatilim, XJProgfan, Uyghur VB, Uyghur.cn, XXX ...) مەلۇم بىر بېكەتتە كوللېكتىپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تاللاپ چىقساق بولىدۇ. رىقابەتتە شاللىنىپ قالغان تور بېكەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈر تەسىس قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. تەپسىلىي شەرتلەرنى داۋاملىق ئويلىشايلى. تاللىنىش رىقابىتىگە قاتنىشىدىغان بېكەتلەر تىزىملىكى ۋە بېلەت تاشلاش ۋاقىت چېكىنى بارلىق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىپ بېكىتسەك بولىدۇ.

5. بېكىتىمىز مەزمۇنى: بېكىتىمىزنىڭ قىممىتى ھەرگىز كىرگەن ئەزالارنىڭ سانى ۋە يازمىلارنىڭ سانى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. «ياۋۇز» ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى پىكىرلىرىگە قوشۇلىمەن:

[quote]ئەزا تور بەتلەردىكى UKIJ خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان، سىناقتىن ئۆتكەن نادىر تېمىلارنى UKIJ بېتىدە قويۇش پىكرى ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر، گەرچە بىر قىسىم تورداشلار UKIJ نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تور بېتىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا بىلىك ئىنتىل قاتارلىق ئەزا تور بەتلەردىكى UKIJ خارەكتېرىگە ماس كېلىدىغان تېمىلارنى يۆتكەش كېلىشنى ئويلىشىپ UKIJ بېتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتساق بولىدۇ.[/quote]

تاللانغان تېمىلار ئەلبەتتە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەم پايدىلىنىشچانلىقى بار تېما بولىشى كېرەك. ئەزا تور بېكەتلەردىكى ياخشى تېمىلارنىڭ UKIJ غا تاللىنىشى ئەزا تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق ياكى «خىرىس» قىلمايدۇ. چۈنكى UKIJ ھەممىمىزگە ئورتاق تەۋە.

ئەگەر كۆپچىلىك مۇۋاپىق دەپ قارىسا ھەم يېتەرلىك كۈچ بولسا، ھەر ئايدا ياكى ھەر ئىككى ئايدا تاللانغان تېمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا تور ژۇرنىلى چىقارساقمۇ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە [url]http://www.xjprgfan.com[/url] نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ تەجرىبىسى بار. xjprgfan.com بىلەن ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟

6. دائىمىي ئەزالار: مۇھەممەد ئەپەندىم مۇنداق دەپ يازغان:

[quote]دائىمىي ئەزالارنى تەشكىللەشتە مەن ئالدىنقى يىلى ساننى كۆپەيتمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئىدىم. ھازىرمۇ شۇ پىكىرىمدا تۇرىمەن. مىنىڭچە دائىمى ئەزالارنىڭ سانى (رەئىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 7 ئەتراپىدا بولسا نورمال دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت مەسئۇلىيەت ئايرىش ۋە تەشكىللەشتە ئۈنۈملۈك بولۇش.[/quote]

[url]http://www.ukij.org/eza[/url] دىكى دائىمىي ئەزالار تىزىملىكىدە تۆۋەندىكى 25 كىشى بار.

[quote]
ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلان
ئابدۇخەبەر ئابلاجان
ئابدۇرېشىت ئېلى
ئابدۇقادىر (لوپ)
ئابدۇقادىر ئابلىز
ئابدۇۋاھىت سەمەت نەۋرۇز
ئابلەت ئۆمەر (ئەلفا)
ئابلەتجان ئىنتىل
ئارسلان ئابدۇرازىق بىلىك
پەرھات (k)
تۇرسۇنجان سۇلتان
سەمەت مەمتىمىن (Tilchin)
غەيرەت توختى كەنجى
غېنى ئابلا
مەمەتجان (akillar)
مەخمۇتجان (ئوبراز)
مەمتىمىن مەتروزى ئەليار
مۇھەممەت چاۋار
مۇھەممەد ئابدۇللا
مۇھەممەد ئەردەم
ھەسەنجان ئىسمايىل پىنھان
ئۆمەرجان ئۇچقۇن
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز
ياسىن ئىمىن
يۈسۈپ نەزەر (TwoSak)

(ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى )[/quote]

ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە دائىمىي ئەزا بولغاندىن كېيىن بىرمۇ تېما يازمىغانلار خېلى باركەن. ۋاقىت ۋە باشقا سەۋەبلەردىن UKIJ غا كىرەلمىگەن دائىمىي ئەزالارنى [url]http://www.ukij.org/html/nizam.htm[/url] دىكى نىزامنامىنىڭ 2-بۆلىمىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن قىسقارتىشقا قوشىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەزالار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرالايدىغان ھەم ۋەزىپە ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلارنى «دائىمىي ئەزا» لىققا قوشۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.

بۇ تېمىغا UKIJ غا ئەزا ياكى ئەزا بولمىغان، ھەتتا UKIJ غا ئۆچ ھەر قانداق كىشى تەنقىدىي تەكلىپ پىكىر بەرسە بولىدۇ.

بۇ پىكىرلەردىن باشقا تور بېكەتتىكى تورداشلارنىڭمۇ خەۋەر تېپىشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن، تەشۋىقات بۆلىمىدىكى ئەزالارنىڭ بۇ تېما ۋە جاۋاب تېمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە يانۋار 07, 2008 7:38 am

UyghurDevئەپەندىنىڭ ۋاقتى قىس بولسا كىرەك، لىكىن ياخشى تەكلىپلەرنى بىرىپتۇ، ھەم دائىم ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. :handshake


[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]TwoSak[/i] ، ۋاقتى: 2008-1-5 17:10 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1154&ptid=229][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
1 . ئىلگىركى يازمىللىرىمدا ئىيىتقىنىمدەك رەئىس سايلاش ئىشىنى مۇھىم دەپ قارايمەن . باش رەئىسلىككە ۋارىس جانباز ئەپەندىنى ، مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىنى نامزاتلىققا كورسىتىمەن . ۋارىس جانباز ئەپەندى ئەزالار تەرىپىدىن ئورتاق ئىتىراپقا ئىرىشكەن باشلامچىمىز ، تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىگە كەلسەك قانۇن كەسپىنى ئوقۇغان بىر كىشىنىڭكى كومپيۇتېر ساھەسىدە تىرىشىپ - تىرمىشىپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كىلىشى ئادەمنى خىلىلا قايىل قىلىدۇ . مەيلى قايسى تەرەپتىن تەھلىل قىلىلى ، ئەگەر تۇرسۇنجان ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىكنى ئوتىسە ukij نىڭ بازارلىشىشى ۋە ئالپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى پايدىلىق شەرت - شارائىتلار بىلەن تەمىن ئىتىلىدۇ دەپ ئويلايمەن . [/quote]
مەن TwoSakئەپەندىنىڭ يۇقاردىكى پىكىرىنى قوللايمەن.

تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىنىڭ شىركىتى بىلەن UKIJ ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئوتتەك ئىشەنچىم بار. (ئۆز خەلقى ئۈچۈن كۆيگەنلەر- ئۆز خەلقى تەرىپىدىن يۈكسەكلىككە ئىرىشەلىسە، ئاندىن شەخسىي مەنپەتىمۇ ئۆزلىكىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. بۇ يەردىكى شەخسىي مەنپەئەت يامان سۆزگە قارىتلغان ئەمەس.)
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]TwoSak[/i] ، ۋاقتى: 2008-1-5 17:10 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1154&ptid=229][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
2. ukij نى تىزىملىتىش ئىشىنى دەرھاللا كۈن - تەرتىپكە قويغىدەك شەرت - شارائىتلار ھازىرلانمىغان بولساقمۇ ، ئەمما ukij نى تىزىملىتىش ئىشىنى بىر چەتكە چورۇپ قويۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن . ئىقتىساتنىڭكى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئارىمىزدىن دولەتمەن ، مىللەت سۇيەر ، ساخاۋەتچى كىشىلەر بارغانسىرى كوپىيىپ چىقىشى مۇمكىن . ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسى بىزنى قوللاپ قويماسمۇ ؟ توغرا ukij ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قالساقمۇ ، ھىچكىم بىزنى ئۇنداق قىلمىدىڭ ، مۇنداق قىلمىدىڭ دەپ ئارتۇق تەلەپ قۇيىۋالمايدۇ . ئەمما ھەر قانداق ئىشتا يىراقنى كوزلىگەنگە يەتمەيدۇ . ukij تىزىمغا ئالدۇرۇلسا خۇددىي سەمەت ئەپەندى ئىيىتقاندەك ئىقتىساد ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشكىلى ، تىخىمۇ كوپ مۇتەخەسىسلەرنى ukij ئوپچورىسىگە ئۇيۇشتۇرغىلى ، كارخانىلارنىڭكى تەتقىقات مەبلىغىنى كىرگۇزگىلى ، ukij نامىدا ژورنال چىقىرىپ ئىلىمى ماقالىلەرنى بىۋاستە ئىلان قىلغىلى ، ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرغىلى ، ئوز رايۇنىمىزدىكى IT كەسپىنىڭكى مەلۇم فۇنكىسيىلىك رولىنى ئوتىگىلى ، ئەڭ مۇھىمى ياشلارغا تىخىمۇ ياخشى ئۇلگە بولغىلى بولىدۇ . ئەگەر شۇنداق بىر ياردەم قىلغۇچى چىقىپ قالغۇدەك بولسا ئاۋال بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىزغا ، ئاندىن كەلگۇسىدىكى تەرەققىيات پىلانىمىزغا ، ئاندىن قالسا ئوزىگە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىغا قارىشى مۇمكىن . ئەگەر بۇ ئىشتا ئوزىمىزنىڭمۇ قىزغىنلىقى بولمىسا ئۇ چاغدا باشقىلار كوزىنىڭ قىرىنىمۇ سىلىپ قويمايدۇ . [/quote]

[size=4]TwoSak ئەپەندىنىڭ يۇقاردىكى يازمىدىكى ئىنكاسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.[/size]

دائىمىي ئەزالار سانىنى كىمەيتىشنى ئويلىشىش ھەقىقەتەن زۆرۈر.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە يانۋار 07, 2008 7:43 am

توغرا، يەنە بىر ئىش UKIJ يېڭى رەئىس، يېڭى يىللىق پىلان، خۇلاسە ئىشلىرىنى بۇندىن بۇرۇن نەۋرۇز ۋاقتىغا توغىرلاپ كىلىۋاتقان، شۇڭا يېڭى رەئىس ۋە ئىشلار خۇلاسىسى داۋاملىق شۇ ۋاقىتقا توغرا كەلسە. (ھازىرمۇ شۇ ۋاقىتقا توغرا كىلىدۇ.):victory:

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » چارشەنبە يانۋار 09, 2008 4:34 pm

مەن ئالدىنقى قېتىممۇ بىر قېتىم ئوتتۇرغا قويغان ، چۇقۇم بىرەيلەن باش بۇلۇپ يىتەكلەش زۈرۈر . ۋەزىپە تەقسىملەش ، يىتەكلەش ، خۇلاسىلەش ۋە باشقا ۋاھاكازالار ......... چۇقۇم رەئىس باش بۇلۇپ مەيدانغا چىقارسا ، (گەرچە تازا جىق يۈكنى يۈكلەپ قويساقمۇ)
رەئىس نامىزاتىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بىلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق رايغا قۇيۇپ كۆرسەتسەكمۇ بولىدۇ . ھەرقايسى بىكەتلەردە مەخسۇس تۈر تەسسىس قىلىپ رايغا قۇيۇپ ukij نىڭ رەئىس سايلىمىنى يولغا قۇيۇپ چۈشكەن نامىزات ۋە بىلەت سانىنى ئۆز ۋاختىدا ukij گە مەلۇم قىلساق .. بۇمۇ تەشۋىقاتنىڭ بىرقىسمى .

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە يانۋار 30, 2008 6:35 pm

مېنىڭ تورغا كىرىشكە پۇرسەت چىقىرالمىغىنىمغا يېرىم يىللارچە بولۇپ قاپتىكەن، ھازىر مۇشۇ تىمىنى كۆرىۋاتقىنىمدا مۇسىبەت ئىچىدە ئىدىم(1- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچە ۋاقتى كەچ سائەت 11:00دە دادام ئالەمدىن ئۆتتى، ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن، ئامىن!) تەكلىپ ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلۇپ سۈكۈت قىلغىم كەلمىدى.

مېنىڭچە جەمىيەتنىڭ مەقسەت نىشانى ئېنىق، بايرىقى رۇشەن، شۇڭا نۇرغۇن دوستلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان، خۇدۇكسىرايدىغان ئادەمگە كۆمۈرنى قارا دېسىڭىز، قارنى ئاق دېسىڭىز ئوخشاشلا خۇدۇكسىرەپلا ياشايدۇ، خەخنىڭ نېمە دەپ قىلىشىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان بىز ئەرەپ چۆچىكىدىكى «جۇھا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى» بولمىغاندىكىن، نىشاننى بويلاپ مېڭىۋەرسەك.
كەسپىي ئىشلاردا پىكىر قىلىشقا ئەمەس، ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايمەن، ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئاز تولا پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقاي:
رەئىسنىڭ تەۋەلىكىنىڭ قانداق بولىشى مەلۇم ئەبزەللىككە تەسىرى باردەك كۆرۈنسىمۇ، رەئىس بولغۇچىنىڭ ئىقتىدارى، ئىمكانىيىتى، مەسئۇلىيىتى، پەزىلىتى نۇقتىسىدىن ئۇ ئەبزەللىك ھىچنېمىگە ئەرزىمەسلىكى مۇمكىن، مېنىڭچە ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلىشى لازىملىقىنى، نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بىلگەن بىر ئادەم قەيەردە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالغان بولسا.
مېنىڭچە بۇ نامزاتقا ئەڭ مۇۋاپىق ئادەم يەنىلا ۋارىس ئەپەندم.
TwoSak ئەپەندىمنىڭ 23. قەۋەتتىكى مۇئاۋىن رەئىس ھەققىدىكى تەكلىۋى ئويلۇشۇپ كۆرۈلسە.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » پەيشەنبە يانۋار 31, 2008 9:16 am

كېچىكىپرەك بۇ تېمىنى كۆرگىنىمدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن ؛ كۆپچىلىكنىڭ ؛ نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن جەمىيەتكە دائىمى ئەزا بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان ، بۇرۇنقىدەك دائىم ئىشتىراك قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى ؛ UKIJ غا رەئىس سايلاشقا مەن ۋارىس ئەپەندىنى ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دەپ قارايمەن ؛
مېنىڭچە دائىمى ئەزالارنى قىسقارتىش ئورۇنلۇق تەكلىپ ئىكەن ؛ مەن بۇ پىكىرنى قوللايمەن ؛ ھەمدە ئۆزەمنىڭ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن ، UKIJ نى يوقلاپ تۇرالمىغىنىمدىن ناھايىتى خىجىلمەن ؛
UKIJ نى جەمىيىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش مېنىچڭە مۇھىم مەسىلە ، UKIJ جەمىيەتتە مەلۇم ئورۇنغا ، ھەمدە ئېتىراپ قىلىشقا ئىگە بولىشى كېرەك ؛ قولى ئوچۇق كارخانىچىلاردىن كېرەكلىك ئىقتىسادنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن ؛ مېنىڭچە ئىئانە توپلاش ئارقىلىق بۇنچە كۆپ مەبلەغنى يىغىش سەل قىيىنغا توختايدۇ ،نىشاننى چوڭراق شەخىس ئورۇنلارغا قاراتساق بولىدۇ ؛ ئارمان ، ئىىلاس ياكى ھەرقايسى كومپىيۇتېر ۋە تور شىركەتلىرى دىن ئىئانە توپلاش ياكى مەبلەغ چاقىرىش شەخىسلەردىن ئىئانە توپلىغاندىن تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ دەپ قارايمەن ؛

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار