يېزىلغان: شەنبە ماي 03, 2008 10:11 am
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
جەمئىيىتىمىز تور بېكىتىنىڭ يېڭى بوشلۇققا كۆچۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزىبىر بىنورماللىقلار كۆرۈلگەندىن بۇيان ئەزا تور بېكەتلەردە UKIJ توغرىسىدىكى نۇرغۇن پىكىرلەر بوپتۇ. پىكىرلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، UKIJ نۇرغۇن ئەزالار ۋە تورداشلارنىڭ ئېسىدە بارىكەن. پىكىرلەر مەيلى تەنقىدىي پىكىر بولسۇن ياكى ئىجابىي پىكىرلەر بولسۇن مەن ھەممىسىنى ياقتۇرۇپ ئوقىدىم. ھەر قايسى تور بېكەتلەردىكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ، تورداشلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەنقىدىي پىكىرلەرنى چەكلەپ قويماسلىقىنى سورايمەن.
بەزى UKIJ ئەزالىرىنى UKIJ نى «ئۇلار» دەپ ئاتاپتۇ. ئەپسۇس، «بىز» دەپ ئاتاڭلار دەپ كۆندۈرۈپ بولالمىدۇق.
UKIJ مەسلىھەت ۋە پىكىر بەرگۈچىلەرگە مۇھتاج بولۇپلا قالماي، بېرىلگەن پىكىر ۋە مەسلىھەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلارغىمۇ ئىھتىياجلىق. بۇرۇنمۇ نۇرغۇن تورداشلار ۋە بەزى ئەزالار تىزىملىتىش توغرىلىق ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەرگەن ھەم تىزىملىتىشقا ياردەم قىلماقچى بولغان. ئەمما ھازىرغىچە نەتىجىسىنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتىمىز... بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلار بولسا مەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايمەن.
UKIJ رەئىسىنى ۋەتەن ئىچىدىن سايلايلى دەپ پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغان بولساقمۇ، ۋەتەن ئىچىدىن «مەن رەئىس بولاي!» دەيدىغان بىرەر ئادەم چىقمىدى. ئۆز رازىلىقى بىلەن رەئىس كاندىداتى چىقمىسا مەجبۇرىي ھالدا «سىز رەئىس بولۇڭ» دەپ سايلاش دانالىق ئەمەس.
بىرلىكتە تۈر ئىشلەيلى دەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، تەشكىللىنىشنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئىلگىرلەش بولمىدى. خۇشاللىنارلىقى، ئەزا تور بېكەتلەر ئۆز ئالدىغا تۈرلەرنى تەسىس قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. ھەر قايسى ئەزا تور بېكەتلەر ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۆز تور بەتلىرىگە قويغاندىن سىرت [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دېگەندەك ئورۇنغىمۇ قويۇشنى تەۋسىيە قىلساقمۇ ئۇ ئىشىمىز تولۇق ئەمەلگە ئاشمىدى... دېگەندەك يەنە دېسەك يەنە كونا گەپلەر. بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا يۇقىرىدىكى يازمامدا تەپسىلىي توختالغانىدىم، جاۋابىنى داۋاملىق ساقلاۋاتىمەن.